يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 417|نەقىل: 5

قىزچاق ،ئۇ سېنىڭ ئاناڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
131 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 09:42:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    ‹‹ئانا›› دېگەن بۇ سۆزنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھەر بىر ئىنسان بالىسى بىلىدۇ. قىزچاق، سەنمۇ ھەم بىلىشىڭ كېرەك.

    ساڭا ھاياتلىق بەخش ئەتكەن، سېنى چوڭ سۆزلىتىۋاتقان، باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان مۇشۇ گۈزەل ياشلىقىڭغا سېنى يەتكۈزگەن دەل شۇ ئاناڭ. قاپقارا قۇندۇزدەك تەبىئىي بۇدىرە چاچ ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ ئىدى. سەندىكى بۈگۈنكى گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ جىسمىدىن تېپىلاتتى. بۈگۈن ئەنە شۇ قارا چاچلار ئۇچتەك ئاقاردى. ئاناڭمۇ ئۆز ۋاقتىدا جىسمىدىن كۈچ – قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياش ئىدى. ئەمما، ئۇ بارلىقىنى ساڭا بەردى، سېنىڭ خۇشاللىقىڭغا تېگىشتى.

    ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، سەندە بۇلارنى بىلگۈدەك بىر سەمىمىي قەلب، ۋاپادار پەرزەنتتە بولۇشقا تېگىشلىك بىر يۈرەك بولسا ئىدى، ئاناڭغا ھازىرقىدەك مۇئامىلە قىلمىغان، ئۇنىڭغا ئازاب ئەمەس، خۇشاللىق بەخش ئەتكەن بولار ئىدىڭ.

    ھەيرانمەن، ئانىسىز ھاياتلىقنى، ئانىسىز تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ قىيىن. ئەمما، سەن بۇلارنى ھېس قىلمامسەن؟ پەقەت شۇ ئانىلارلا بىزگە ئۆز مېھرىبانلىقى بىلەن دۇنيانى تونۇتقان، بىزگە قانداق ياشاشنى ئۆگەتكەن، بىزگە قانداق ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار جىسمىدىكى كۈچ – قۇۋۋەتنى بىزگە بەرگەن، قەلبىدىكى ئىللىق ھارارەت بىلەن قەلبىمىزگە مېھىر – مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، بىزنى مېھىر – مۇھەببەتلىك ئىنسان بولۇشقا، ئادەمدەك ياشاشقا، ھەقىقىي بىر ئايال، كۆيۈمچان، ۋاپادار ئانا بولۇشقا ئۈندىگەن.

    لېكىن قىزچاق، ئاناڭغا تۇتقان مۇئامىلەڭ يۈرىكىمنى مۇزلاتتى. مەن بىر يات ئىنسان تۇرۇقلۇق ئاناڭغا تۇتقان قوپال مۇئامىلەڭدىن يۈرىكىم مۇزلىسا، سېنى توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان ئاناڭنىڭ يۈرىكى نېمە بولۇپ كەتكەندۇر – ھە؟ ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقى كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئۇ چاندۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئانا. يۈرىكى پەرزەنتىنى دەپ لەختە – لەختە قان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا كۈلۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ سەمىمىي يالغان گەپلىرى بىلەن ئۆزىنى ھەم ئۆزگىلەرنى بەزلەيدۇ. سېنى باشقىلارغا يامان كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ! بىلسەڭ، ئۇ سېنىڭ بارلىقىڭ، ئۈمىدىڭ، ھاياتىڭ ئىدى؛ سەن ئۇنىڭ بىردىنبىر كۆڭۈل خۇشاللىقى ئىدىڭ. ئۇ كىشىلەر ئالدىدا ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتقان سەندەك بىر قىزى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى. لېكىن سەن ئالىي بىلىم يۇرتىدا يۈرۈپ ئەقلىڭگە ئەقىل قوشۇلماي، ئەكسىچە ئەقلىڭنى كىر باستىمۇ، ئاناڭنىڭ قىلغانلىرى كۆزۈڭگە سىغماي، ئۇنى كىشىلەر ئالدىدا شۇنداق سەت سىلكىشلىدىڭ. ئۆز ئاناڭغا يات بىروۋلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلدىڭ. ئۇنىڭغا ئىللىق چىراي ئاچمىدىڭ. ئۇ بويىغا يەتكەن سەندەك قىزى تۇرۇپ يەنىلا چېچىنى سۈپۈرگە، قولىنى كۆسەي قىلىپ قازان بېشىدا چۆرگىلىمەكتە. سېنىڭدىن ئازار يەپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، قاش – قاپىقىڭغا قاراپ ئەنسىزلىك ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرمەكتە.

    بىلسەڭ ئىدى، ئۇ سەندىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمايتتى. ئۇ پەقەت ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشنى، كەلگۈسىدىمۇ سېنىڭ گۈزەل تۇرۇشۇڭنى، ئىللىق ئائىلەڭ بولۇشىنى تىلەيتتى. لېكىن قىزچاق، ياخشى خۇلق قىز بالىنىڭ بەختى بولغاچ، سېنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر ئاناڭنى ئەنسىرىتىپ قويدى. ئۇ سېنىڭ خۇي – پەيلىڭ سەۋەبلىك ئۆزى ئازار يېسىمۇ، ئەمما سېنىڭ بەختسىز بولۇپ قېلىشىڭنى خالىمايتتى. ئۇ ئۆزىنى ئەمەس، يەنىلا سېنى، سېنىڭ بەختىڭنى ئويلىماقتا. بىلسەڭ، ئانا دېگەن ئەنە شۇنداق ئىنسان، ئازابنى، قىيىنچىلىقنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، بارچە خۇشاللىق ۋە بەختنى پەررزەنتىگە ھەدىيە قىلىدۇ ھەم شۇنداق قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشىدۇ. چۈنكى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.

ئاپتورى:مۇيەسسەر خېلىل

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى




كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .

Rank: 8Rank: 8

توردا
237 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
642

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلام، بەختىيار ئىنسانلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن، بەختىيار ئانىلار بولۇشى كېرەك.
-گومورو
بىر ئايال ھۆرمەتلىك بولاي دېسە، ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئانا بولسۇن.
-خۇ گو
ئانىسىنى يىغلاتقان كىشى مەرتىۋىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ۋە قانچىلىك داڭلىق شەخس بولسۇن، ئۇ قەبىھ شەرمەندىدۇر.
-ئامچىيوس
ئانىنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ بىر ئىللىق تەبەسسۇم ساقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ تەڭرى ئانىلارغا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببەتتۇر.
-چوڭ ديۇما

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
255
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 03:20:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا دەك مىھرىبان بارمۇ؟  ئانا دەك غەمگۇزار بارمۇ؟
پەزىلەت ئالىمىدە  ئۇ    كەبى نۇرلۇق  گوھەر بارمۇ؟
ھايات قەدرىنى بلگەنلەر  سويەر گۇلباغنى گۇلزارنى؟
ۋىسال تاپسا سىنىڭ بەختىم ئۇنىڭدەك سويۇنەربارمۇ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:01:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ قىزىمنى يالغۇز باققاندىن بېرى ئاپامنىڭ قەدرىگە بەك يېتىۋاتىمەن

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:06:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا دىگەن زۇلپىقار،ئانا دىگەن تىلتۇمار
ئاتا دىگەن مەدەتكار،ئانا دىگەن غەمگۈزار
                         ئاتام ۋاپاتىغا 21يىل بۇلۇپتۇ،شۇ كەمدىن بىرى ھەم ئاتا ھەم ئانا بۇلىۋاتقان ئانام ئۈچۈن نىمە قىلىپ بەردىم مەن................................................







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باتۇرچەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:38  


ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تېمىسى بىر خىل ھەسرەتلىك بولامدۇ نېمە، يۈرىكىم قاتتىق بولۇپ، ئاپامنى سېغىنىپ قالدىم. ھېلىلا يېنىدىن قايتىپ كەلدىم بولمىسا. ئەگەر مۇمكىن بولسا مەڭگۈ دادا بىلەن ئاپىنىڭ يېنىدا تۇرسا كىشى. ئۇلارنى مەڭگۈ تەسۋىرلەپ بولالمايمىز.
  خېلى ۋاقىت ئىلگىرى دوستۇم بىلەن چۆگىلەۋاتساق ئاپام ئۇچراپ قالدى، گەپ ئارىلىقىدا ئاپامنى سەنلەپ گەپ قىلىپتىكەنمەن. كېيىن ئۆتۈپ كېتىپ بولۇپ، دوستۇم ماڭا ئاپىڭىزنى سەن دەيدىكەنسىز ھە، دېگەندە قانچىلىك خىجىل بولغىنىمنى ئۆزۈملا بىلىمەن. ئوغلۇمنى تۇغقاندىن كېيىن ئاپامنىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يەتتىم. ھەمدە چوقۇم ئەمدى چوڭ بولدۇم، سىز دېيىشنى ئۆگىنىۋالاي، دېدىميۇ ئەمما كۆنەلمىدىم. خۇددى ئارىلىقىمىز بىردىنلا يىراقلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ دېيەلمىدىم.:L ئەمما مۇھەببەت بار، ھۆرمەت بار. شۇنداقتىمۇ تېخىمۇ سۆيگىلى، ھۆرمەتلىگىلى، قەدرىنى قىلغىلى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن. ئەمما كۆنەلمىدىم...:(
   ئەمما مېنىڭ ئاپام بىر ئۇلۇغ ئاپا. ھەم ئاپام، ھەم دوستۇم، ھەم سىردىشىم!!! ئاللاھ ئۆمرىنى بەرسۇن! داداممۇ ھەم.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 04:39 , Processed in 1.390076 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش