سايىنىڭ سۇئالىغا جااۋب بىرىپپ ئۈتۈپ كىتەي:
سۇئال: تاشقى پىلانت ئادەملىرىنى مەۋجۇد دەپ قارامسىز؟
جاۋاب: نەرىيە جەھەتتىن بار دەپ قاراش مۇمكىن.ئەمەلىيەتنى ئېلىپ ئېيىتقاندا ئىنسانلار ھازغىچە تاشقى پىلاتلاردىن كەلگەن ھېچقانداق ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان. ئامرىكىنىڭ كۆپلىگەن فانتازىيە كىنۇلىرىدا تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنى تامامەن بار دەپ ھىساپلايدۇ.
ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ( ئۇيغۇر ئالىمى، فىزىكشۇناس، دوكتۇر،تەتقىقاتچى ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ئىشلەۋاتقان ئورگان) ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتقان ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ئۆتكەن يىلى بىلىۋال تور بىكىتىدە ئالەم ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارنى يوللغاندا، تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنى ئىزدەش، ئۇچۇر يوللاش ۋە قۇبۇل قىلىش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بىرىلىۋاتقانلىقى ، شۇنداقلا ئالەمگە تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنى ئىزدەش ئۇچار كىمىلىرىنىڭ ئىۋەرتىلىپ تۇردىغانلىقى ھەققىدە بىر تېما يوللىغان. ماتىرياللارۋە گىزىتلەردە ئۇچار تەخسە ۋە ئادىمى ھەققىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلار بار، ئەمما كۈپۈنچىسى ئىشەنچىسىز. بىراق، خاۋكىڭ ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيىسى بۇيىچە ئېلىپ ئېيىتقاندا قارا ئۆڭكۈر ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئۇششاق سەييارىلەر ۋە يەرشارىدىن غايەت زور چوڭلۇقتىكى تۈمەنلىگەن پىلانىتلاردا ھاياتلىق بۇلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، ئاشۇ پىلانىتلارغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن نۇر تىزلىكىدىن تىز ئۇچۇدىغان ئالەم كىمىسى ئارقىلىق نەچچە ئونمىڭ نۇر يىلى ئۇچقاندىن كىيىن ئاندىن ئۇ تەرەپلەردىكى پىلانىتلارغا ئۇچۇپ بېرىش مۇمكىن، ئەنە شۇ يەرلەردە ھاياتلىق بۇلىشى ئىھتىماللىقى بار. بۇ ھەقتە بىلىك كۇلۇبىدا ئىلگىرى بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان [ئالەمنىڭ سىرى-ئالەم ھەققىدە] دەيدىغان ( ئىسمى تازا ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ) ھۆججەتلىك ، ئۇيغۇرچە خەتىلىك فىلىمدە ناھايتى ئىنىق ۋە پاكىتلىق دىيىلگەن.
جادوكۆزدىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىزدىسەم بۇ يەردە بىر ئۇچۇر چىقىپ قالدى.... قىزىق ئۇچۇر ئىكەن. سۇئالىڭىزغا جاۋاب بۇلۇپ قالامدۇ تېخى ھا،،،ھا،،،
http://www.bilik.co/bbs/viewthre ... page%3D1&page=1
سۇئال: مىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟؟؟
ياخشى كۈرۈشنىڭ تۈرى نەچچە خىل. ئەرلەرنىڭ ئەرلەرنى ياخشى كۈرىشىنى كۈپۈنچە ئەھۋالدا ئوخشاش جىنىسلىقلار نىڭ ياخشى كۈرىشى دىيىش مۇمكىن. ئەگەر قەلبىڭىز ئىمانغا مۇستەھكەم يېپىشقان موللام بولسىڭىز مەنمۇ سىزنىڭ ياخشى كۈرىمەن. مۇسۇلمانلار بىر بىرىنى ياخشى كۈرىشى بەرھەقتۇر ۋە كىرەكتۇر. ئەمما بۇ ياخشى كۈرۈش قىزئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى ياخشى كۈرۈش بىلەن ئاسمان-زىمىن پەرىقلىقلىنىدۇ. شۇڭا مەن سىزنىڭ قانداق ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن. شۇڭا شەخسەن سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا جاۋاب بىرەلمەيمەن.
كۈپۈنــــــــچە ئاياللار نىمىشقا يۇتىسىى ياكى پاچىقى ئېچلىپ قالىدىغان كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق ئۈزىنى ئەرلەرگە كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق؟ ( بۇ سۇئالغا ئاياللار ئىلمىي، سەمىمىي جاۋاب بەرسىكەن دەيمەن.) ئەرلەرگە بۇ سۇئالغا جاۋاب بىرىشى ئارتۇقچە.
بۇ تېما ياخشى تېما ئىكەن، مىنىڭچە جاۋاب بەرگەنلەر چاقچاق تەرەقىسىدە جاۋاب بەرگەندىن كىيىن ئاستىغا يەنە سەمىمىيلىك بىلەن، ئىلمىي، ھالدا ئەتراپلىق جاۋاب بەرسىكەن دەيمەن. چۈنكى مۇشۇ سۇئاللار ئارقىلىق " 7قىزدا نىمە ئۈچۈن" دىگەندەك بىرەر كىتاپ پۈتۈپ چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. جىق ئىشلارنى بىلىۋالغىلى بۇلاتتى. خۇددى يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن دەك. ئىلمىي چۈشەندۈرۈشلەر ئارقىلىق جاۋاب بىرىپ باقسىڭىزلار.
[
Yurak-Oghrisi بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:58 دە تەھرىرلىگەن. ]