يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1296|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇر تويلىرى قانداقراق ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:59:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر جامائەتىگە تەۋە خەلقتە بۇ خەلقنى جاھان سورۇنىغا باشلىغۇچى ئاتالمىش دەھرىي پاسىبانلار توپى شەكىللەنگەنگە يېرىم يۈز يىل بولدى. بۇ توپ مىللەتنى ئەنئەنە تەقۋالىقىدىن «قۇتۇلدۇرۇپ»، تېخنىكا بىلەن تويۇنغان، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دىنىي ۋە خۇراپىي كەيپىياتىدىن خالىي ئۇچۇر دەۋرىگە باشلاپ كىرمەكتە (دەرۋەقە بۇ توپ ئىچىدە مۇنبەر دۇنياسىدىكىلەر قاتارىدا مەن ھەم مەۋجۇت). بۈگۈنكى زاماندا نىكاھ كاتېگورىيىسىدىكى توي-تۆكۈنلىرىمىز ئاجايىپ بىر يوسۇندا ئاجايىپ غەلىتە قىلىقتا داۋام ئەتمەكتە. بىر-بىر مىسال كەلتۈرۈشمىسەكمۇ ھەممىمىز كۆرۈپ، بىلىپ، قۇلاق يوپۇرۇپ، ئېتىراپ قىلىپ جىممىدە يۈرمەكتىمىز. ئۇزاق قالمىغان كېلەچەكتە مەنمۇ ئوغۇل ئۆيلەش سېپىگە قېتىلىپ، قانداق مالامەتلەرگە ئىشتراك قىلىپ، قانداق ئالامەتلەرگە ساھىب بولىدىغانلىقىمنى ئويلىسام، جاھاندىن ئۈن-تىنسىزلا يۈتكۈم كېلىدۇ. ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ بېقىشىم مۇمكىن، تەلىيىم كەلسە غالىب كېلىپ ئەنئەنىمىزنى تاپالىشىممۇ مۇمكىن، شۇنىڭدەك يەنە ئەنئەنىمىزنىڭ خىرىسىغا قۇل بولۇپ، ئىرادەمگە مۇخالىپ ھالدا بۇ قەدەمنى بېسىشىممۇ مۇمكىن. بۇنى قادىر ئىگەمدىن باشقىسى ھازىر بىلمەيدۇ. بىزنىڭ ئەنئەنە-ئۇدۇملىرىمىز زادى قانداق ئىدى؟ «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ ئېتنىك قوۋمنى شەكىللەندۈرگۈچى خەلق ئۆز تارىخىدا نىكاھ ئادىتى شەكىللەندۈرگەنمۇ؟ بۇ ھەقتە مەن پەقەت 20-يۈزيىلنىڭ 50-يىللىرىدا يۇرتىمىزنىڭ كاشغەرىيە رايونىدا(كاشغەر، ياركەنت، قارغالىق، خوتەن دىيارىدىكى ھەرقايسى يۇرت-ئايماقلار، ئاقسۇ دىيارىدىكى يۇرت-ئايماقلاردا) قەدىمدىن قالغان قوليازما ماتېرىياللارنى يىغىش يەنى بىرەر زاغرا، بىرەر كىيىملىك ماتا، نەچچە كويچەن-موچەنلەرگە سېتىۋېلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغاچ يۇرت كەزگەن بۇزۇرۇگ سۈپەت جەننەت ماكان ھەزرىتى ئىزچى ئەپەندىگە نەچچە يىللار قوشنىدارچىلىق قىلىش داۋامىدا ئول ھەزرەت قولىدا كۆرگەن ماتېرىياللاردىن باشقىسىنى بىلمەيمەن. بۇ ماتېرىياللارنىڭ ھازىرقى چاغدا نەلەردە كۈلى توزۇپ، نەلەردە نەملىشىپ ، نەلەردە ساچقانغا يەم بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بىر قادىر ئاللاھدىن باشقا بەندە بىلمىسە كېرەك. چۈنكى، سەل ئىلگىرىكى زاماندا، يەنى 20-يۈزيىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يۇرتىمىزنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيىسى ئۇنداق ۋەسىقىلەرنى قۇياش نۇرىدىن بەھرىلىنىشكە نېسىب قىلمىدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەم شۇنداق بولماقتا. ھازىر بىز پەقەت ئۇ ۋەسىقىلەرنىڭ پارچە-پۇرات ئۈزۈندىلىرىنى ھەزرىتى ئىزچى ئەپەندىنىڭ تەۋەررۈك قوليازمىلىرىدىنلا بىلەلەيمىز. بۇنى ئەسلىدە ھەزرىتىم «تويلىشىشمۇ ياكى چىرىكلىشىشمۇ؟» سەرلەۋھەلىك تەقرىزىدە نەقىل قىلىپ ئۆتكەن ئىدى، بۇنىڭ مەندە ساقلانغانلىرىنى مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويغان بولساممۇ ھېچبىر ئېتىبارسىز كۆمۈلۈپ قالدى، ئەمدى يەنە «ئەسكى خامان»نى سورىغۇچى غەيۋەتخورنىڭ رولىنى ئېلىپ « ئاتالمىش دەھرىي پاسىبانلار توپى»نىڭ نەزەرلىرىگە ئىتتەرمەكچىمەن. « پۇل-مال، دەپن-دۇنيا، ئابرۇي، نەسەب-مەنسەب، ئىمتىياز ۋە باشقا باھانە-سەۋەبلەر روھى سىڭگەن ۋە ياكى سەۋەبچىلىك تەسىرى بولغان قىز-يىگىت تويى بىزدە ئەزەلدىن ساغلام-پاك (ھالال) توي ھېسابلانغان ئەمەس. ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نۇرغۇن توي-تۆكۈن مىزان-قائىدىلىرىمىزدە، جۈملىدىن نىكاھ-توي «رىسالە»مىزدە بۇ قارىشىمىز مۇنداق دەلىللەنگەن:» دەپ كېلىپ تۆۋەندىكى «نىكاھ رىسالەسى»نىڭ ئۈزۈندىلىرىنى ھوزۇر-ئەتىبارىمىزغا سۇنىدۇ: «... نىكاھدىن مۇددىئا نىكاھى قېتىلغان قىز-يىگىتنىڭ پاك-ھالالەت خۇدايى بەندىچىلىكى ئۈچۈن، ئەبەدىل-ئەبەد جۈپتى ھەمدەملىكى ئۈچۈن، خۇدالىق پەرزەنت ئۈچۈندۇر... نىكاھى قېتىلغان مەزكۇر مۆئىمىنلىرىمىزنىڭ نىكاھ-توي مۇراسىملىرى ئاشكارا ۋە خۇپىيانە تەمەدىن، زورلۇق-ناشايان ئەلەمدىن، كۇفرانە ھەشەم-مالامەتلەردىن، دەپن-دۇنيا ساراسىمەلىرىدىن، نەھى ھارامدىن (قويۇق-سۇيۇق، قاتتىق-يۇمشاق، مەست ۋە بىھوش قىلغۇچى خۇرچ-بۇيۇملاردىن)، قەرزدىن، بىچارىلىك ئەلەملىرىدىن، شەرمى-ھاياسىزلىقتىن ... پۈتۈنلەي خالىي، بەندىلىكتە ساۋابلىقى روشەن ئادەت يوسۇن ... بىلەن تامام بولمىقى شەرتتۇر ...». مانا بۇلارنى كۆرگىنىمىزدە بىزنىڭ «ئۇيغۇر» ئاتلىق بۇ مىللەتنىڭ قەدىمدىكى ئاشۇ تەقۋائىي ھالال زاماندا ھەر قاچان تەكتلەپ تۇرغان مۇشۇنداق ئىزگۈ دالالەتلىرىنى دەھرىي ھاراملىق شەيتانلىرى قاپلاپ كەتكەن زامانىمىزدا تەكتلەشنىڭ تېخىمۇ  زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلمايمىزمۇ؟ يەنە قاراپ باقايلى: «توي-مۇراسىملىرىمىزدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلار توغرىسىدا بۇ ‹رىسالە›دە يەنە تۆۋەندىكى زۆرۈرىيەتلەر قەيت قىلىنغان: ‹... نىكاھى قېتىلغان مەزكۇر ئىككى مۆئىمىننىڭ ھەقدار ھامىيلىرى (ئاتا-ئانا، بىۋاسىتە ھامىيىلىك ئاكا-ئۇكىلىرى) نىڭ خۇدالىق خالىس ھەمدەملىكى، مۇراد-مەقسەت بىرلىكى، شەپقەت-شاپائەت ئېتىبارى مەزكۇر ئىككى مۆئىمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئىقبال ۋە تەقدىرىگە مەنبەدۇر... نىكاھى قېتىلغان مەزكۇرلەرنىڭ دەستۇرخان-سورۇنلىرى، مەسۇمە(قىز) نىڭ تويلۇق ھەققى مېھرى، تويلۇق بوغچا ۋە تويلۇق باراۋەت...لىرى ھامىيلىرى ۋە نىكاھى قېتىلغان ئىككى مۆئىمىننىڭ نەفتانە مال-دۇنيا مادارىغا بىنائەن ھەم شۇلارنىڭ قۇربىتى، رازىلىقى بىلەن زەخىمسىز، زورلۇقسىز ئۆتمىكى خۇدالىق دالالەتتۇر... نىكاھ-توي ئىنسان ئۈچۈندۇر. مال-دۇنيا، مەئىشەت ئۈچۈن بولمىقى دىنىمىزغا ھەم ئۇدۇمىمىزغا مۇخالىپتۇر...». ئەمدىكى ھالىمىز نېمە بولۇۋاتىدۇ؟ سورۇنلاردا، مۇنبەرلىرىمىزدە زاماندىن، دەۋران ساھىبلىرىدىن ئاغرىنىش، قاقشاش ھەقىقەتەن كۆپ ھەم بۇنىڭ مۇئەييەن تارىخىي-ئەمەلىي ئاساسلىرىمۇ بار، ئەمما ئىقتىسادىي ئېكېئولوگىيىمىز زىيادە ئاجىزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى مۇشۇ چاغدا ئۆزىمىز قىلىقلاندۇرۇپ، شاخلىتىپ بېرىۋاتقان يات ئۇدۇملارنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇيمىز ياكى تىلغا ئالغان ، ئەسكە ئالغان تەقدىردىمۇ «ئەلقاتارى»غا سۇندۇرۇپ جىممىدە يات ئۇدۇمنى قوبۇل كۆرۈۋېرىمىز. بۈگۈنكى مۇشۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئەنئەنىچىلىكىمىزنى تەكتلەش تەكتلىگۈچىگە دەشنەم تاش-چالمىلىرىنى ياغدۇرماي قالمايدۇ. يەنە تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى: «... مەسۇمە تەرىپىدىن ئۈچ ھامىي (قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، چوڭ ئاتا-چوڭ ئانىسى، بىۋاسىتە ھامىيلىق يەتكۈزىدىغان بالاغەتلىك چوڭ قېرىنداشلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، يىگىتتىن بىر ھامىي (ئاتا-ئانىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) تويدىن خالىس نېسىۋە ئالماق جايىزدۇر... ئۇنىڭدىن غەيرىلەرنىڭ نەپ ئالمىقى ھارامدۇر... رەئىييەت-پۇقرانىڭ قىزلىق توي بوخچا-بوغۇنچىلىرى قوش قاتتىن لىباس (بىر جۈپتىن باش-ئاياغ ئېغىزمان كىيىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، قوش قەۋەتتىن ئەۋرەت كىيىملىرى (ئىچ كىيىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، زىبۇ زىننەت (بايلار ئالتۇندىن، ئادەتتىكى پۇقرالار كۈمۈشتىن زىرە، بىلەزۈك، ئۈزۈك ئالمىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) لەر بىلەن تەللەنمىكى ئەزەلىي ئۇدۇمدۇر... مەسۇمەنىڭ توي لىباسلىرى ئۆزىنىڭ رازىلىقى بىلەن ھەم لايىق تەل قىلىنمىقى، ھەرىتە (قەرز ئېلىپ تۇرغان) بولماسلىقى تەلەبتۇر... مەھبۇبىنى رازى ۋە مەمنۇن قىلماق، ئەلەمسىز خەۋەر ئالماق، كىيىندۈرمەك مەجبۇرىيەتتۇر... ». بىز بۇ ئۇدۇملىرىمىزنى تولۇقى بىلەن ئادا قىلالىدۇقمۇ؟ قىلالايمىزمۇ؟ بۇ سوئاللارنى قويۇۋاتقىنىمدا دوستۇم ئاپتاپ بۇرادەر يازغان «زامان زورنىڭ» يېزىلىۋاتقان داۋامى « تاماشا كورنىڭ» دېگەن مۇشۇ ئىككى سۆزلۈك ماۋزۇسىنىلا ئويلاپ تۇرۇپتىمەن، ئىچىدىكى مەزمۇن چوقۇم قىزىقارلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. يەنە قاراپ باقايلى: «نىكاھ-توي جەرەستانلىرى (نىكاھ-توي سورۇنلىرى، مۇراسىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) نى بىر چاي، بىر توي، بىر مەشرەپ، بىر سالام، بىر قىچقىرىق، بىر يۈز ئاچقۇ ۋە بىر خاتىمە دۇئا دەستۇرخانى بىلەن تېجەشلىك ۋە قەرزسىزتاماملىماق شەرىئەت ھەم ئەزەلىي ئۇدۇم دالالىتىدۇر. مۇسۇلمان توي فاتىھەلىرىنى ئاچكۆزلۈك، ھەشەمخورلۇق، ھەسەت، بۇزۇپ-چېچىش، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپخورلۇقى بىلەن ئۆتكۈزمەك دەۋزىخى گۇناھىدۇر...» بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ بىزنىڭ نىكاھ-تويلىرىمىزنىڭ ئەھۋالاتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ھەشەمخورلۇقتا ئۇچىغا چىقىپ، ھەتتا يىگىتلىرىمىز ئىسراپخورلۇق بەدىلىگە ھالال جۈپتىنى كوچا-كويلاردا ئاۋام-رەئىيەتكە سازايى ئالەم قىلىش دەرىجىسىگە يەتتى ھەم شۇ ھالال جۈپتىنى بۇنداق قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىدە كۆندۈرۈپ يېڭى«ئۇدۇم» ئىختىرا قىلدى...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 19:29:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مۇشۇ ئۇسسۇلنى كۆرگەچ كۆرەيلى !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:13:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش سۈرەتتىكى بۇ ئوماق يىگىت ئاكىسىنى يوقلاپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟
ئىككەيلەننىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى بەك ئوماق تۇرۇپتىكەن

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:21:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسراپخورلۇقنىڭ يامراپ كېتىشى  ______ئاچارچىلىقنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:24:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسۇل بەك يارىدى ماڭا~
ئۇيغۇر تويلىرى توغرىسىدا دىگەن بۇ تېمىنى ئوقۇپلا مەزمۇنىغا كۆز يۈگۈرتمەي تۇرۇپ كۆز ئالدىمغا نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆزۈم قاتناشقان تويدىكى ھەشەمەتچىلىك بىر- بىرلەپ كېلىشكە باشلىدى.
ئوغۇل تەرەپ قىزنىڭ چوڭ چىيى ئۈچۈن رېستۇراننىڭ ئىككى چوڭ ئۈستىلى توشقىچە كىيىم-كېچەك بۇنىڭ ئىچىدە بېشىدىن ئايىقىغىچە، ئىچىدىن تېشىغىچە نەچچە قۇردىن بار، ئالتۇن جابدۇقىغا كەلسەك، ئاق ئالتۇندىن بىر يۈرۈش زىبۇ-زىننەت، سېرىق ئالتۇندىن بىر يۈرۈش زىبۇ -زىننەت، يېشىل ئالتۇندىن بىر يۈرۈش زىبۇ - زىننەت تەييارلاپتۇ، ئۇنىڭدىن سىرت 30 مىڭ يۈەن نەق پۇل قويدى.
ئەمدى قىز تەرەپكە كەلسەك، يىگىتكە ئوخشاشلا نەچچە قۇردىن كىيىم- كېچەك ۋە بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈك قىلغاندىن سىرت قىزغىمۇ ھەر- بىر پەسىللىك كىيىمدىن نەچچە قۇردىن تەييارلاپتۇ، ئاق، سېرىق، قىزىل ئالتۇنلاردىن بىر يۈرۈشتىن زىبۇ- زىننەت قىلغاندىن باشقا يەنە بىر يۈرۈش قاشتېشى زىبۇ- زىننەت تەييارلاپتۇ.
بىلىشىمچە قىز تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى بىز بىلەن بىر يۇرتلۇق بولۇپ ئادەتتىكى بىر ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىدى، سىڭلىسى بىلەن شۇ تويدا بىردەم ئەسرالىشىپ ئولتۇرۇپ قالدىم، سىڭلىسىنىڭ دىيىشىچە ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇرۇن كاتتا ئەمەل تۇتقانلار بولغاندىن باشقا، ئانىسىنىڭ بىر تۇققان قېرىنداشلىرى چوڭ سودىگەرمىش، شۇ سەۋەپ ئاچىسى بۇ توينى قىلغۇچە پوستىنى سويغان پىيازدەك بولۇپ كېتىپتۇمىش.
مانا بىزنىڭ تويلىرىمىز، مۇشۇنداق سەندىن مەن قالامدىم دەپ دورامچىلىق قىلىشىپ، چوڭچىلىق قىلىشىپ، نۇرغۇن قىز- يىگىتلەرنىڭ توي ئۈچۈن گەندەنگىچە قەرىزگە بوغۇلىشىغا سەۋەپچى بولماقتا. ئەڭ مۇھىم بىر ئىشنى ئۇنۇتۇپتىمەن، ئىككى تەرەپنىڭ چىشى قۇدىلىرى بىر-بىرىگە بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈك سېلىشىپ قويدى تېخى.
مەن شۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئىككى قىزىمغا قاراپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم، خۇدايىم قىزلىرىمنىڭ بەختىنى بەرسۇن~

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس، ھەر بىر تويغا بارسام ( ئەلۋەتتە نىكاھ توي، سۈننەت توي، بۆشۈك تويلار بار) ئىسراپخورلۇقنى كۆرگىنىمدە ھېچنەرسە گېلىمدىن ئۆتمەيدۇ، تامبىلى تىزىدىن ئاشمىغان بىچارە دېھقانلار، ئىشسىز شەھەر ئاھالىلىرى ۋە خانبالىقتا  ئاران-ئاران قورساق تويغۇزۇپ ئوقۇۋاتقان ئوغلۇم ( پراكتىكىسىنى تۈگەتسىلا ئىلاھىم خىزمەت تاپقۇسى ۋە تويغىچە يېگۈسى) ھەم ئۇنىڭدىن ئۆتە نامرات بالىلار ئېسىمگە كېلىۋېلىپ قىينىلىپ كېتىمەن. بىز نېمە بولۇۋاتىمىز؟ تاڭلا ئەتە مەنمۇ شۇنداق ناچار ھەشەمخورلۇقنىڭ ساھىبى بولۇپ قالارمەنمۇ ؟ ئوغلۇمغا دەيمەنكى، كېلىنىم ئىنسابلىق بولسۇن، دەپ ...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن   توي  قىلغۇچە   نىمە  ئىشلار  بولۇپ   كېتەر؟؟

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:51:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ھەشەمەتچىلىك ھازىر بارغانسىرى ئەۋج ئېلىپ يۇقۇملۇق كېسەلدەك يامىراپ كەتتى،  قىز- يىگىتلەر بىر-بىرىنىڭ ئىنساپ دىيانىتىنى ۋە ئەخلاقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا ،قىزلار يىگىتلەرنىڭ خىزمىتىنى، پۇلىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ مەرتىۋىسىنى،ئۆيى ماشىنىسى بار يوقلىغىنى سۈرۈشتۈرسە، ئوغۇللارمۇ تەپ-تارتماي قىزنىڭ خىزمەت ئورنىنى، مۇئاشىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭ مەرتىۋېسىنى سۈرۈشتۈرىدىغان بولۇپ كەتتى.

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 09:07:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ سەۋەپ ھازىرقى ياشلىرىمىز<ھەقىقى مۇھەببەت> چۈشەنمەيدۇ ھەم چۈشىنەلمەيدۇ .

  ھازىرقى يىگىتلەرگە <ئوغلۇم ساڭا ماشىنا ئېلىپ بېرەلەيدىغان قىزنى تونۇشتۇرىمىز ، ھازىرقى سۆيگەن قىزىڭ بىلەن بىرگە بولساڭ ،ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرغىچە ماشىنىلىق بولالمايسەن > دەپ ئىككى ئېغىز سۆزلىسىلا ، ئىش پۈتتى ...ئۇ ئوغۇل شۇ ماشىنىسى بار قىز بىلەن كۆرۈشۈشكە ماڭىدۇ ...قىزلارنى دىمەيلا قوياي . ھەممىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نىمىتى بىلەن ئاتا قىلىنغان پەرزەنتلىرىمىز بار ، ھەر ۋاقىت ئۆزىمىز ھەم ئۇلارغا ئىنساپ تىلەيلى . جاھان تۈزەلسۇن !

ئۇ تەرەپتە كىم بار ؟

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 12:18:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق، نەدە بۇلىتى؟ شۇ  ئۇيغۇر تويلىرى شۇ رىستۇراندا بۇلىۋاتىدۇ... رىستۇران دىگەن شۇ ئاشۇنداق جاي. تېخى نىكاھ نىمۇ شۇ يەردە ئۇقۇشى دىتىمغا 200% سىغمايدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 02:53 , Processed in 0.210189 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش