يىگىت بىلەن قىز ساۋاقداش ئىكەن،
سىنىپتىمۇ ھەم پارتىداش ئىكەن.
ئوقۇپتۇ ئۇلار مەكتەپتە ياخشى،
خىيالى پەقەت ئوقۇشتا ئىكەن.
يىللار قوغلىشىپ ئۆتىۋېرىپتۇ،
قىزبىلەن يىگىت تەڭلا چوڭ بوپتۇ.
قەلىبلىرىدە دوستلۇق ئورنىنى،
مۇھەببەت شۇئان ئىلكىگە ئاپتۇ.
يىگىت كۆڭلىگە قىز تەشنا ئىدى،
يىگىتكە دائىم غەمكىن باقتى.
يىگىتمۇ قىزنى بارى بىلەتتى ،
نېچۈن كۆڭلىنى پىنھان تۇتتى.
كۈنلەر ئۆتتى تۈنلەر ئۇيقىسىز،
قىزنىڭ سۆيگۈسى بەكمۇ غۇبارسىز.
يىگىت كۆڭلى تىخى ئىزھارسىز ،
نە ئۈچۈن يەنە سوئال جاۋابسىز.
يىگىتنى كۈتۈپ قىزچاقمۇ ھاردى،
كۆڭلى يوق ئويلاپ كۆزى ياشلاندى.
بۇندىن بىخەۋەر ئۇ نادان يىگىت،
بۇرۇنقىدەكلا بىپەرۋا يۈردى.
بىر كۈن توساتتىن ئەيلىدى ئىزھار،
قىزغا كۆڭلىنى بىر يىگىت ئاشكار.
كۈتۈپ يىگىتنى ئۈمىدسىزلەنگەن قىز،
يىگىتنى كۆڭلىنى ئەيلىمىدى خار.
مۇھەببەت ئۈچۈن قەدەم قويغاندا،
خەۋەردار بولدى يىگىت بۇنىڭدىن.
تىڭىرقاپ شۇدەم يۈرىكى ئاغدى،
ئۆكۈنۈپتۇ ھەم كېچىككىنىدىن.
نەچچە كېچىلەر ئازاپ ئىچىدە،
قىينالدى بەكمۇ قىزنىڭ ئىشقىدە.
پىنھان كۆڭلى ئىزھارسىز قالدى،
سۆيگۈ گۈللىرى پۇشمان ئىلكىدە.
مۇھەببەتنىڭ پەيتى بولىدۇ،
ۋاقتىدا ئىزھار قىلسا بولىدۇ.
ساقلىغان كۆڭۈل داغدا قالىدۇ،
ھىكايەم تامام ئىبرەت بولىدۇ.