يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1381|ئىنكاس: 17

كۈندە بىر تائام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:44:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



تائاملىرىمىزنىڭ شاھى بولغان پولۇنى ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ يەيمىز، ئىشنىمەنكى مۇنبەردىكى ئىشچان خانىم- قىزلىرىمىزمۇ ئائىلىدە ئۆزگىچە تەملىك پولۇلارنى ئېتەلەيدۇ، ئەمدى مەقسەت ھەر كىمنىڭ پولۇ ئېتىش ئۇسۇلىنى ئاڭلاپ باقساق، شۇ ئارقىلىق ئەڭ ئوخشىغان پولۇنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلىنى بىلمىگەنلەر ئۈگىنىۋالساق دىگەن ئويدىمەن.
قېنى خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ھۆنەرلىرىنى بىر كۆرۈپ باقايلى~!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:02:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ قولىڭىزدىن مۇشۇ تائامنى بىر يىسەم بولاتتى جۇمۇ ...ئويلاپ باقسام شۇنچە يىل بوپتۇ ، قولىڭىزدىن پولو يەپ باقماپتىمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:58:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋزىنىڭ ئورنىغا چامغۇر ياكى لاڭخا ئىشلىتىپ پولۇ ئىتىپ بېقىڭلار ئاجايىپ تەملىك بولىدۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 17:12:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازاندا ئېتىمەن شۇ

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 19:56:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھاھاھا... ئايدار بەكمۇ قىززىق گەپلەرنى قىلىسىز جۇمۇ .تۆۋەندە مەن كىتاپتىن كۆرگەنلىرىمنى دوسلارنىڭ دىققىتىگە سۇناي .
پولو _ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىدىن بىرى بولۇپ ، تەبىئىتى ئىسسىق ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، تائاملار تۈرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تائاملار شاھىدۇر .

پولونىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، « ئۇيغۇر تائاملىرى » ناملىق كىتاپتا 70 خىلدىن ئاشىدۇ دىيىلگەن .

پولو ئادەتتە «داش قازان پولۇرى» ۋە «ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان پولو» دەپ ئايرىلىدۇ.

ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان پولو _ گۆشلۈك پولو، بەتتە پولو، ئەنجان پولوسى دەپ چوڭ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئائىلىلەردە ئاساسەن گۆشلۈك پولو بىر قەدەر ئومۇمىلاشقان بولۇپ، شارائىت ۋە ئېھتىياجغا قاراپ توخو گۆشى، ئۆردەك گۆشى، باچكا گۆشى، پېتىر مانتا، گۆشلۈك قورۇما قاتارلىقلارنى بېسىپ ئەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل پولولار ئايرىم - ئايرىم ھالدا «بەتتە پولو (قورۇما بىلەن ئەتسە)» ، «ئاش مانتا (پېتىر مانتا بېسىلسا)» ، «توخۇ، ئۆردەك، باچكا پولوسى،،،،» دېيىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەردە يۇقارقىدەك گۆشلۈك ۋە گۆشسىز پولولارغا ھەر خىل قوشۇمچىلارنى (بېھى، كىشمىش، ئۈرۈك قېقى، چامغۇر، ياڭيۇ، پالەك، تۇخۇم، قىزىلمۇچ، ئاق نان،،،،،،،، قاتارلىقلار) خالىغانچە سېلىپ ئېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پولونى دۈملەستىن بۇرۇن، يېسۋىلەك (بەسەي)، پىدىگەن (چەيزە)، كۈدە (جۈسەي)،،،، قاتارلىق كۆكتاتلارنى بىللە دۈملەپ ئاش پىشقاندا ئايرىپ ئېلىپ سوۋۇتۇپ، زىرە - قارامۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى، ئاچچىقسۇ، تۇز ئارلاشتۇرۇپ ھەر خىل سوغۇق سەيلەرنى ياسىسىمۇ بولىدۇ.

تۆۋەندە مەن كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئائىلىلەردە دائىم ئېتىلىدىغان پولونىڭ ئېتىش ئۇسۇلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي .

ئالدى بىلەن 2 چىنە گۈرۈچنى (كىچىكرەك چىنە ئۆلچەم قىلىنسۇن ) پاكىز يۇيۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز ، تەخمىنەن 2 كىلوگىرام سەۋزىنى ئادالاپ تەكشى قەلەم قىلىمىز ، پىيازنى يالپاق ، گۆشنى چوڭ چوڭ توغرايمىز .

قازانغا 250 گىرام ئەتراپىدا ماي قۇيۇپ چۈچىگەندە ئوبدان داغلاپ ، ( چوڭراق قوشۇقتا بىر قوشۇق قوي ماي ئارلاشتۇرساق تېخىمۇ ياخشى ) گۆشنى سالىمىز ، گۆش قىزارغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇپ ، ( مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ ) توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز ، سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندە ئازراق پەمىدۇر قىيامى سېلىپ ( پەمىدۇر سالساقمۇ بولىدۇ ) ئارلاشتۇرىۋېتىپ سۇ قۇيۇپ ، ( ئادەتتە بىر چىنە گۈرۈچكە بىر يېرىم چىنە سۇ ئۆلچەم قىلىنىدۇ ، گۈرۈچنىڭ سۇ يىيىش ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشىلىدۇ ) ئوت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ سۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز ، ئاندىن تۇزىنى تەڭشەپ ( تۇزى سەل ئۆتۈپرەك كەلسە ياخشى ) قازاننىڭ قاينىشىنى توختۇتۇپ تۇرۇپ ( سەۋزە ئاستىغا چۆككەندە ) گۈرۈچنى يەڭگىل سالىمىز ، ئوتنى كۈچەيتىپ قازاننى تەكشى قاينىتىپ ، سۈيى تۈگەشكە ئاز قالغاندا ، كاپكىرنى سەۋزىگە يەتكۈزمەي سېلىپ گۈرۈچنى بىر قېتىم ئۆرۈپ ، ئوتتۇراھال ئوتتا 2-3 مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندە ئاشنى قازاننىڭ ئوتتۇرىسىغىراق يىغىپ كويزا سانچىيمىز ، ئۈستىگە سوققان زېرە سېپىپ ، گۆش، بېھې ، كىشمىش ،،،،قاتارلىقلارنى سېلىپ ( قوشۇمچە نەرسىلەر شارائىتقا، ئىھتىياجغا ئاساسەن سېلىنسا بولىدۇ ) دۇملەيمىز ، 10 مىنۇتتىن كىيىن ئوت كۈچىنى تېخىمۇ تۆۋەن ھالەتكە ئەكىلىپ يەنە 20 مىنۇت دەم يىگۈزگەندىن كىيىن ئاچساق ئاش كۆيۈپ كەتمەي ياخشى پىشىدۇ ، پىشقان پولونى گۆشنى ئېلىۋىتىپ تۇرۇپ ياخشى ئارلاشتۇرۇپ تەخسىلەرگە ئۇسسىساق بولىدۇ .

ئالاھىدىلىكى: پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۈۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنىرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈل بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ.

مەنمۇ ئاساسەن شۇنداقراق ئىتىمەن پولۇنى ، ئىشقىلىپ ئۆيدىكىلەر تازا ماختاپ يەيدىغۇ...

[ خۇشچىراي بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:11  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھىچ قانداق تاماق ئىتىشنى بىلمەيمەن.. مۇمكىن بولساقانداق ئىتىش ئۇسۇلىنى يوللاپ قويساڭلار خاتىرەمگە كۇچۈرۋىلىپ يۇرۇتقا بارغاندا ئاپامغا قۇلۇم بىلەن تاماق قىلىپ بەسەم ۋۇجۇن خوشلىقتىن پىشانەمگە سۈيۇپ قويسا نىمە دېگەن ياخشى بۇلاتتى ھە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:14:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇخلىسە بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:00 دە يوللىغان
مەن ھىچ قانداق تاماق ئىتىشنى بىلمەيمەن.. مۇمكىن بولساقانداق ئىتىش ئۇسۇلىنى يوللاپ قويساڭلار خاتىر ...

ئۈگىنىڭ مۇخلىسە ...تاماق ئېتىش بىر ھۈنەر ، قىزلار ئۆگەنمىسە بولمايدۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەندە يەنە ئەنجان پولوسىنى ئىتىش ئۇسۇلىنى تورداشلارنىڭ زىيارىتىگە سۇندۇم .

خۇرۇچى:
   گۆش بىر كىلوگرام ، پىياز بىر تال ،گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام ، زىرە مۇۋاپىق ،سۇ يېغى 500گرام ، چامغۇر بىر كىلوگرام ، بىھى تۆتتىن -بەشكىچە ، تۇز مۇۋاپىق ، سەۋزە بىر كىلوگرام ، ئانار بىر دانە ، قېتىق مۇۋاپىق مىقداردا .
   ئېتىش ئۇسۇلى:
   1.گۆش ، بېھى، سەۋزە ، چامغۇر چاقماق قەنتتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. پىياز يالپاق توغرىلىدۇ.
   2. گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، يېرىم سائەت ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ.
3 . قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ ، پىيازنى،گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن سەۋزىنى سېلىپ ياخشى قورۇپ بولغاندىن كىيىن، تۇز ، سۇ قۇيۇپ چامغۇرنى سېلىپ پەس ئوتتا سىم -سىم قاينىتىپ  تەييارلىنىدۇ.
4 . ئۈستىگە يۇيۇپ چىلاپ قويۇلغان گۈرۈچنى سېلىپ ، قازاننى تەكشى قاينىتىپ ،گۈرۈچنى سۈيى تارتىلغاندا بېھىنى ئاشنىڭ ئۇستىگە تىزىپ دۇملىنىدۇ.
   ئۈستىگە زىرە سېپىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ، لېگەنلەرگە ئۇسسۇپ ، ئۈستىگە ئانار چېچىپ ، قېتىق بىلەن بىرگە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
   ئالاھىدىلىكى:
    ئاشنىڭ رەڭگى بوزرەڭ ،ئانار ئاش ئۈستىدە مارجاندەك پاقىرايدۇ.تەمى مەززىلىك ھەم يىيىشلىك    .
   

   توختى باقىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرى دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:51:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، شۆلگەيلىرىم ئېقىپلا كەتتى ...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:48:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولو يىمىگىلى خېلى كۈنلەر بوپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 00:12 , Processed in 0.081560 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش