زىغىر مىيىدا پولو ئوخشايدۇ ، ئۇنى تاپالمىسىڭىز قىچا مىيى ئىشلىتىڭ . پولوغا سېرىق ، قىزىل سەۋزىنى ئارلاشتۇرۇپ توغراڭ . رەڭگى كۆركەم چىقىدۇ ھەم سېرىق سەۋزىنىڭ تاتلىق تەمى چىقىدۇ . ئاۋۋال ماي قىزدۇرۇلۇپ ، ئاندىن گۆشنى سالىمىز . گۆش سارغايغاندىن كېيىن پىياز ۋە تۇز سالىمىز . ئاندىن سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز . مۇنداق بىر گەپ بار : << پولو قورۇشتىن ، شورپا سورۇشتىن ئوخشايدۇ >>
سەۋزە ئېزىلىپ پىشقاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ئازراق قاينىتىمىز، ئوت ئىتتىك بوپ كەتسە پولونىڭ سۈيىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ . ئەتىياز ، قىش پەسىللىرىدە سەۋزىنىڭ تەمى سەل ئۆزگىرىپ قالىدۇ . شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا پولونى دۈملەشتىن ئاۋۋال بىر قوشۇق شىكەر سىلىۋەتسەك ، سەۋزىنىڭ غەيرى تەمىنى يوقىتىدۇ ھەم پولونىڭ پارقىراقلىقىنى ئاشۇرىدۇ .
ئۇف ..... مۇشۇ ئىنكاسنى ئاران يازدىم . بۇ قولمۇ ساقايمىدى يە.....
