يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 896|ئىنكاس: 18

قەھۋەنى كۆپ ئىچىش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 09:41:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قەھۋە بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەكتە. لېكىن قەھۋەنىڭ زىيىنى كۆپ بولۇپ، ئۇنى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. قەھۋەنىڭ روھلاندۇرۇش رولى بولسىمۇ، ئاياللار ئۇنى كۆپ ئىچكەندە، ئاياللارغا تۆۋەندىكىدەك يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ:

     1. تۇغماسلىققا  سەۋەب بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللاردا قەھۋە ئىچمەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا تۇغماسلىق ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر قەھۋە ئىچىش ئادىتى بار 104 ئايالنى تەكشۈرۈپ، ئۇلاردىن تەخمىنەن 50 ئايالدا دېگۈدەك تۇغماسلىق كېسىلى بارلىقىنى بايقىغان.

     2. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتىدىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر  يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان 45 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان 858 ئايال ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولمىغان 858 ئايالنى تۆت يىل تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، ھەر كۈنى بەش ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللاردا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتىرى %70 ئېشىپ كېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتىرى قەھۋە ئىچىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدىغانلىقى بايقالغان.

     3. سۆڭەك شالاڭلىشىشقا سەۋەب بولىدۇ. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار 50 ياشتىن 98 ياشقىچە بولغان 980 ئايالنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قەھۋە ئىچىدىغان، لېكىن سۈت ئىچمەيدىغان ئاياللارنىڭ مەيلى يېشى ياكى سېمىزلىكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ يانپاش سۆڭىكى، ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ زىچلىق دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكى، شۇنداقلا سۆڭەك زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىكىمۇ ئۇلارنىڭ قەھۋە ئىچىش ۋاقتىنىڭ ئۇزاق – قىسقىلىقى ۋە ئىچىش مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكى بايقالغان. بۇ، كوففېئىننىڭ بەدەندىكى ئەركىن كالتسىي بىلەن بىرلىشىپ، سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىپ، ئەركىن كالتسىينىڭ ئازىيىپ كېتىشى، پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئىكەن.

     4. ھامىلىدارلارنىڭ قەھۋە ئىچىشى ھامىلىگە پايدىسىز. ئامېرىكا يېمەك – ئىچمەك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى دوكتورلار ھامىلىدار بولغان ئاق چاشقانغا ھەر كۈنى نىسبەت بويىچە ئادەم ئىچىدىغان 12 – 24 ئىستاكان قېنىق قەھۋەنىڭ مىقدارىغا تەڭ كېلىدىغان يېمەكلىكنى بەرگەن. نەتىجىدە ھامىلىدار چاشقان غەيرىي چاشقان تۇغقان. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم.

     5. ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىمى يىغىندى كېسىلى ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ، ھامىلىدارلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇپ، ئاغرىقلاردا ئىششىش، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە سۈيدۈكتە ئاقسىل كۆرۈلۈش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، ئانا – بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھامىلىدار ئاياللار قەھۋەنى كۆپ ئىچسە، تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.   
ئۈرۈمچى گېزىتىدىن ئىلىندى

[ anar بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 09:48  دە تەھرىرلىگەن. ]

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 09:43:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەخسەن ئۆزۈم يىغلىۋېتەي دىدىم بۇنى ئوقۇپ ...شۇ تاپتا  ئىككىنچى ئىستاكان قەھۋەنى ئىچىۋاتقانىدىم

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 09:44:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۈگۈندىن باشلاپ قەھۋە تاشلىدىم، خالايىق ۋاقىپ بوپ قېلىڭلار.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:08:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانار، مېنىڭمۇ سىز بىلەن تەڭ كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى ھەرگىز ھە!...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Coffee بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:08 دە يوللىغان
ئانار، مېنىڭمۇ سىز بىلەن تەڭ كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى ھەرگىز ھە!...

تاڭ جۇمۇ مەن ....يەنە ئۆز سەنىمىمگە دەسسەمدىمكىن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:36:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەرگىز ئىچمەيمەن

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:01:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار............. قەھۋەنى زىيانلىق دېگەندىكىن ئىچمەڭلار.
ماڭا مۇشۇ قەھۋە كۆيۈپ كەتكەن نانلا تېتىيدۇ. بىر قېتىم ئىچكەنچە ئىككىنجى ئېغىزىمغا ئېلىپ باقمىدىم. راسىت گەپ ماۋۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:08:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭىمۇ شۇنداق ئاچچىق قىرتاق تېتىيدۇ .بەزىدە كىچىلىك ئىسمىينىدا ئىشلىگەن چاغلاردا ئارلاپ ئىچىپ سالىمەن .ئەمدى ھەر قانچە ئۇيقۇم كەلسىمۇ قەھۋە ئىچمەيمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:08:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇيقۇمنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئىچىمەن. قەھۋەنىڭ ئاشقازان ياللۇغى قىلىدىغان ئالاھىدىلىكىمۇ بارمىش.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:53:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرگە زىيىنى يوقمىكەن؟
ئەجەپ ئىش، ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئاياللارغا زىيانلىق بولامدىغاندۇ؟
مۇشۇ شىركەت، زاۋۇتلارمۇ دەيمەن، ئاياللارغا پايدىلىق نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ چىقارسا بولمامدىغاندۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 03:36 , Processed in 0.054722 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش