يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 755 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 879|ئىنكاس: 15

يۇمۇر كەتتى..... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:25:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورغا چىقىش

جىدەلخور تورغا مەستانە بولۇپ قاپتۇ.
سايە ئۇنىڭغا تورغا چىقىشنىڭ زىيىنى ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەر قىپتۇ، بىراق ئۇ گەپ يىمەپتۇ. ئۇ تېخى بىر كۈنى تورغا چىقىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ سايەگە مۇنداق دەپتۇ:
مەن ھەر قېتىم تورغا چىقسام QQ دىكى ئىسىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىمەن، مېنىڭ جىدەلخور ئىكەنلىكىمنى قىزلار ھەرگىز بىلەلمەيدۇ.


توپچى ئەسكەرلەرنىڭ مەشىقى

بىر كۈنى يەتتە قىزلىرىمنىڭ قىزلار قوشۇنى زەمبىرەك ئېتىپ مەشىق قىلىپتۇ، ئۇلار ئاتقان ئىككى پاي ئوق نىشانغا دەل تېگىپتۇ، بىراق ئۈچىنچى پاي ئوق جىدەلخورنىڭ كۆكتاتلىقىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن كوماندىر قىسمەت دەرھال يېقىن بېرىپ قارىسا كۆكتاتلىقتىن ئۈستىبېشى قاپقارا ئىستا بۇلغانغان، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئەرۋاھ چىقىپ يالۋۇرۇپ كېتىپتۇ:
مەن خاتالاشتىم، بىراق بىر تۈپ يېسىۋىلەك ئوغرىلاپ قويغانغىمۇ شۇنچىۋالا قاراملىق قىلامسىلەر؟


ئاڭلاپ قالىدۇ

قىسمەت مەرۋەرى بىلەن بىر ئاشپۇزۇلدا غىزالىنىپتۇ، مەرۋەرى يەۋاتقان مومىسىدىن بىر تال يىپنى تارتىپ چىقىرىپ قىسمەتكە كۆرسىتىپ دەپتۇ:
-كۆردىڭىزمۇ؟ يۈرۈڭ، بۇلار بىلەن دېيىشەيلى.
قىسمەت جىددىيلىشىپ مەرۋەرىگە:
بوشراق گەپ قىل، ئۇلار ئاڭلاپ قالسا يىپنىڭ پۇلىنىمۇ تۆلىتىدۇ،-دەپتۇ.


ئەقىل

سايە؛ تۈنۈگۈن كېچە سىزگە توي قىلىش تەكلىۋى قويۇپ چۈشەپ قاپتىمەن، بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغاندۇ؟
قەھۋە؛ -نېمىدىن دېرەك بېرەتتى، ئۇخلىغان ۋاقتىڭىزدا ئويغاق ۋاقتىڭىزدىن ئەقىللىقراق ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەمدۇ؟

ئېلان

سامسىپەز؛ -بۇ چاچ چىقىرىش دورىڭىز، تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلگەن ئېلاندىكىدەك ئۈنۈملۈكمۇ؟ بىر بوتۇلكا ئالسام پايدىسى بولارمۇ؟
ئايقىز؛ ۋاي بولىدۇ، تېخى ھېچكىم ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ باقمىدى.


چىرايلىق ئانا

ئايدار ئاي-كۈنى تولۇپ قىز پەرزەنىتلىك بوپتۇ، قىزىغا<<چىرايلىق>> دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. يەتتە قىزلىرىمدىكىلەر ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ. ئايداردىن قىزىغا نېمىشقا بۇ ئىسىمنى قويغانلىقىنى سوراپتىكەن، ئايدار مۇنداق دەپتۇ؛
-قىزىم مەكتەپ يېشىغا توشقاندا، مەكتەپكە بارىدۇ. ھەر قېتىم ئاتا-ئانىلار يىغىنلىرىدا، بۇ خانىم كىمنىڭ ئانىسى دەپ سورىسا، باشقىلار <<چىرايلىق>>نىڭ ئانىسى دېيىشسە، ۋاھ، بۇ نېمە دېگەن ياخشى؟!


خاتالىق

ئانار باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى، ئۇ جىددىيلىشىپ كەتسە بەزىدە كېكەچلەپ قالاتتى. بىر كۈنى ئۇ ئىمتىھانغا كومىسسىيىلىك قىلىۋاتقاندا باغرىمنىڭ كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال ۋارقىرىدى؛
-سەن...سەن...سەن...كۆچۈرۈشكە پېتىنىۋاتامسەن، تۇرە ئورنىڭدىن!
ئانارنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئارقا-ئارقىدىن بەش ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.


يول ئىزدەش

جاھاندار يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سەكىنەدىن سوراپتۇ؛
كەچۈرۈڭ خانقىز، ماڭلىيىمدا قانچە ھۈررەك باركەن؟
ئۈچ ھۈررەك باركەن،- قورقۇمسىراپ جاۋاب بېرىپتۇ سەكىنە.
-يەنە بەش ئىستولبىدىن ئۆتسەم ئۆيۈمگە بارغۇدەكمەن،- دەپ مەسىت جاھاندار ئۆز-ئۆزىگە.


كەسىپ ھوزۇرى

كامىران بوكىس سەھنىسىگە يېقىن ئورۇندا، ناھايىتى خۇشال ھالدا چاۋاك چېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.
زەپەر ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىكەن، كامىراندىن سوراپتۇ:
سىز ئۇلارنىڭ مەشقاۋۇلىمۇ؟
ياق مەن چىش دوختۇرى.


كىنو كۆرۈش

ئەركمان ئاكىمىزنىڭ تازا سېمىز ۋاقىتلىرى ئىكەن، بىر كۈنى كىنو كۆرگىلى كىرىپتۇ، مىڭ تەستە ئورنىنى تېپىپ جايلىشىپتۇ. يېنىدا ئولتۇرغان ئىنسان قىستىلىپ قېلىپ تازا ئاچچىقى كېلىپ زەردە بىلەن دەپتۇ؛
-سېمىز بولغاندىكىن ئىككى كىشىلىك بېلەت ئالسىڭىز بولمامتى؟
-كەچۈرۈڭ، ئىككى كىشىلىك بېلەت ئالغان، ئەپسۇس بىرسى ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ ئىكەن...


قاياققا ئۆتىدۇ

بىر كۈنى جىلۋە سىنىپقا چوڭ تاۋۇزدىن بىرنى ئېلىپ كىرىپتۇ، بىراق پىچاقنى ئۇنتۇپ قاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن جىلۋە: ساۋاقداشلار مەن ھازىر پىچاقنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. پىچاقنى ئەكىرگىچە تاۋۇزغا چېقىلماي تۇرۇڭلار دەپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.
لېكىن جىلۋە كىرىپ بولغىچە بۇ قۇلاق كەستىلەر تاۋۇزنى چېقىپ يەپ بولىشىپتۇ.
بۇنى كۆرۈپ جىلۋىنىڭ ئاچچىقى دەھشەت كەپتۇدە: بالىلارغا، تاۋۇز يىگەنلەر ئوڭغا تاۋۇز يىمىگەنلەر سولغا ئۆتۈڭلار دەپ ۋارقىراپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن سەنسىز ئوتتۇردىن چىقىپ مۇئەللىم شاپاق يىگەنلەر قاياققا ئۆتىدۇ دەپتۇ.


چاخچاققا قوشۇلغانلار ھەرگىز خاپا بولۇشمىغايلا.  بەك خاپا بولۇپ يىغلىغىسى كەلگەنلەرگە رۇخسەت. چاخچاققا چىدىيالماي يىغلىۋەتكەنلەرگە يەتتە قىزلىرىم قەلئەسىنىڭ كونا خاملىرىدىن توقۇغان قۇم قەغەز كەبى "يۈزىڭىزنى توختىماي سۈرتسىڭىز تېرىڭىزنى ئاسرايدۇ" ماركىلىق قول ياغلىقىدىن بىر دانە سوۋغا قىلىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:50:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىدەلخور ئۆزىنىڭ يېسىۋىلىكىنى ئۆزى ئوغىرلامدىكەن


قارىغاندا قىسمەتكام ئاتۇشلۇق ئوخشىمامدۇ؟


قەھۋە ھەدىمىزنىڭ كاللىسى ئاپتوماتتەك ئىشلەيدىكەن



ئەمدى راس گەپنى قىلسام، ما چاقچاققا مىنى قوشماي ئىچىم پۇشتى.. شۇنچە پىشقەدەم ئۇكاڭلارنىمۇ قاتارغا ئالماپسىلەر  خەپ... مۇنبەرگە ئەتە بىر كۈن ئىنكاس يازمايمەن.

ئەسكەرتىش: ئىنكاس ئارقىلىق چاقچاق بولسا ھەرگىز قۇبۇل قىلمايمەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:58:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياغاچ قۇلاق، ئىنكاس يازماڭ دىگەن ئىدىمغۇ؟
ئاشۇنداق ئالدىراپ ئىنكاس يېزىۋالسا ئۆزىگە بار نېسىۋىدىن قۇرۇق قالىدۇ. ئاخىرى بار دېگەننى كۆرمىگەنما؟ مۇشۇ ۋاقىتتا ئازراق خىزمىتىم بار بۇنى بىلىسىز شۇ ئىشنى قىلىۋېتىپلا كىرگەن ئىدىم. سىزگە يازماي قۇتۇلغىلى بولاتتىمۇ؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
549 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
836

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 20:29:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شۇنداق ئەقىللىق ئەينا

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 20:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوكىسچىلارنىڭ چىشىنى داۋالايدىكەنمەندە......ھى  ھى  ھى  
رەخمەت سىزگە مېنى ئۇنتۇپ قالماپسىز.......

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:41:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق بۇ يازمىنى 27/9/2010 06:19 PM دە يوللىغان
سامسىپەز؛ -بۇ چاچ چىقىرىش دورىڭىز، تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلگەن ئېلاندىكىدەك ئۈنۈملۈكمۇ؟ بىر بوتۇلكا ئالسام پايدىسى بولارمۇ؟
ئايقىز؛ ۋاي بولىدۇ، تېخى ھېچكىم ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ باقمىدى....


توۋۋا ماۋۇ ئايقىزنى؟  قاسساپ تۇققىنىغا سۆڭەك ساتىدۇ دېگەندەك، ماڭا ئاشۇنداق ساختا دورا ساتامسىز؟؟!

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:22:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىققكەن.   ھى ھى ھى ....    مەنمۇ   خېلى   قىززىق   يۇمۇرلارنى   بىلەتتىم.   تورداشلارنىڭ   ئاڭلىغۇسى  بارمىكىن،  بۇنى  بىلمىدىم؟؟؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:46:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يومورلار بەك قىزىقككەن يامان يىرى مەن يوقكەنمەن

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 01:14:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ قالىدۇ

قىسمەت مەرۋەرى بىلەن بىر ئاشپۇزۇلدا غىزالىنىپتۇ، مەرۋەرى يەۋاتقان مومىسىدىن بىر تال يىپنى تارتىپ چىقىرىپ قىسمەتكە كۆرسىتىپ دەپتۇ:
-كۆردىڭىزمۇ؟ يۈرۈڭ، بۇلار بىلەن دېيىشەيلى.
قىسمەت جىددىيلىشىپ مەرۋەرىگە:
بوشراق گەپ قىل، ئۇلار ئاڭلاپ قالسا يىپنىڭ پۇلىنىمۇ تۆلىتىدۇ،-دەپتۇ.


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئاكىڭىز قاچاندىن بېرى بۇنداق پىخسىق بولۇپ قالغاندۇ ئەمدى، مەن ئەجەپ ھېس قىلماپتىمەن دىسە

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 07:03:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى يۇمۇرلار بىر -بىردىن ئىسل چىقىپتىغۇ......................

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:15 , Processed in 0.066443 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش