يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 394|ئىنكاس: 17

دېرىزىنى تاقاڭ . . . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:38:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


دېرىزىنى تاقاڭ ! . . .

يانفۇننى ئىتىڭ ! . . .

كاللىڭىزدىكى باش-ئايىغى يوق خىياللارنى چۆرۋېتىپ گىپىمگە قۇلاق سېلىڭ ! . . .

باشقا ئىش يوق. سىزگە ئازراق پاراڭ سېلىپ بىرەي . . . ھاياتلىق كېمىسىدە پالاقشىپ يۈرۈپ كۆرگەن كۈنلىرىمنىڭ خاتىرسىگە ھاياتلىق ھەققىدە پىچىرلاپ بىرەي . . .

ئۇنداقتا مۇزىكىنى تىڭشىغاچ گىپىمگە قۇلاق سېلىڭ ! (مۇزىكا دىققىتىڭىزنى بۆلىۋەتسە توختىتىۋېتىش ئىختىيارلىقى سىزدە)

تۇرمۇش ئىشلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك يۈرۈشمەيۋاتامدۇ ؟ ئارزۇيىڭىز باشقا ئەمما باشقا ئىشلار بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ قېلىۋاتامسىز ؟  تۇرمۇشنىڭ ئېگىز-پەسلىكلىرى بىئارام قىلىپ تۇرامدۇ ؟

مەن سىزگە دەي : ھاياتلىقنىڭ ئۆزىنىڭ تەرتىۋى بار. ئۇ بىزنىڭ قارشى تۇرشىمىز، نارازى بۇلىشىمىز، ھەتتا تىللاپ قارغاشلىرىمىز بىلەن چاتىقى يوق ئۆز يۆلنىشى بويچە ئايلىنىۋىرىدۇ.

ھاياتلىقنى بىر ئېقىن دىسەك بىز شۇ ئېقىنغا چۈشكەن بىر يۇپۇرماق، بەزى دولقۇنلاردا كۆمتۈرۈپ، قايناملارغا شۇڭغۇتسا، بەزى تىپ- تىنىچ كۆللەرگەتاشلاپ قۇياشنىڭ ئېللىق ھارارىتىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. بىز توختىۋېلىشقا، ئارام ئېلىۋېلىشقا، باشقا ياققا بورلىۋېلىشىمىزغا ئىمكان يوق.

ئەمما ئادەمدە قەيسەرلىك دەيدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ ھەربىر ئادەمدە ئوخشىمىغان مىقداردا بۇلىدۇ.  قەيسەر كىشىلەر دولقۇنلارغا يۇلۇققاندا دولقۇننىڭ چۇقۇم ئۆتۈپ كىتىدىغىنىنى بىلىپ جان جەھلى بىلەن تېرشسا، قايناملارغا شۇڭغۇتقاندا ئۇنىڭمۇ ئېلگىرى تىپ-تىنىچ ئاققان كۈنلەرنىڭ بولغىنىنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ قاينامدىن تىزراق ئۆتۈپ كىتىشىنى ساقلايدۇ.

قەيسەر بولمىغان ئادەملەر بولسا ئۇلار تۇمۇشنى كۆزيېشى،قاقشاش، تىل-ئاھانەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ . . .

ئەمما ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كىرەككى . . .  ھەر بىر ئىشنىڭ ۋاقتى-سائىتى بۇلىدۇ. ۋاقتى توشمىغۇچە ئالدىراپ بېشىڭىزنى يېرىۋالسىڭىزمۇ پايدىسى يوق. شۇڭا ئىشلاردا سەۋىرچان بۇلۇشنى بىلىشىڭىز كېرەك !

تۇرمۇشتا قەيسەر بۇلىشىڭىزنى، خۇشاللىق كۈنلەردىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىشىڭىزنى، قايغۇلۇق كۈنلەردە خۇشال كۈنلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق تەسەللى تېپىپ تەبەسسۇم بىلەن ئۆتكۈزىشىڭىزنى تىلەيمەن.

دۇنياغا كەلگەندىمۇ تەنھا كەنمىز، ياشىمىقىمىز، كەتمىكىمىزمۇ تەنھا بۇلىدۇ. تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەملەرگە مۇھتاج بۇلىمىز. نۇرغۇن ئادەملەر بىزگە مۇھتاج بۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىراپىمىزدا قۇيۇق مۇناسىۋەت تورى شەكىللىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرشىمىز، نۇرغۇن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىمىز. ئەمما يەنىلا تەنھامىز. بىز ھاياتلىقنىڭ نۇرغۇن قىيىن نوقتىللىرىدا يالغۇز يۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

بەلكىم سىزنىڭمۇ ئۆزگىلەرگە ئەڭ مۇھتاج بولغان ۋاقىتلاردا ھەمراھ بولغۇدەك بىرە ئادەمنىڭ چىقمىغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغاندۇ. قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي  نىشانسىز كۇچا ئايلانغان، قايسىدۇر بىر ئۇرۇندا جاھانغا چەكچەيگەن پېتى سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭىز بولغاندۇ ؟

شۇنداق بىز ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى سۆيۈشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى بىزگە بىردىن-بىر ھەمراھ بۇلىدىغان ئادەم دەل ئۆزىمىزدۇر.

كىچىكىمىزدىن يۆلەنچۈك بۇلۇپ كەلگەن ئاتا-ئانىمىز بىر ۋاقىتلاردا « ئەمدى مىنىڭ ۋاقتىم توشتى، ساڭا مۇشۇيەرگىچىلا ھەمرا بۇلالايمەن، قالغان ھاياتلىق سەپىرىڭنى ئۆزۈڭ باسقىن» دەيدۇ. كۆزىمىزدىن ياش تۆككەن پېتى تۇپراققا كۆمۈلگىنىگە قاراپ تۇرىمىز.

بىر تۇققانلىرىمىز چوڭ بولغانسىرى ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدا باشقا ئادەملەر پەيدا بۇلۇشقا باشلايدۇ. ئۇ ساڭا كۈلۈمسىرگەن پېتى باشقا بىرەيلەن بىلەن باشقا بىرياققا بۇرىلىپ كىتىدۇ. چىدىمىساڭمۇ ئايرىلماي ئامال يوق.

سەنمۇ بىرى بىلەن قول تۇتۇشىسەن، ئەمما يەنىلا سەن باشقىلارغا ئەڭ مۇھتاج بولغان ۋاقىتلارنى يالغۇز ئۆتكۈزىسەن.

شۇڭا باشقىلارغا بەك بېقىنىۋالما ! ئاتا-ئاناڭ بولغان تەقدىردىمۇ . . . مەلۇم ئارلىق ساقلاپ قوي.

ھاياتلىقتا ئاۋۋال ئۆزۈڭنى سۆي ! ساڭا بىردىن- بىر ھەمراھ بۇلىدىغىنى يەنىلا ئۆزۈڭ ! شۇڭا بۇ ئەزىز ھەمراھنى ئاسرا !


ھەر بىر ئىشتا چۇقۇم چىكىنىش يۇلى قۇيۇپ مېڭىشنى بىلىش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا يېقىلغاندا قۇلۇڭنى تارتىۋالىدىغان ئادەم چىقماي ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ نابۇت قىلىسەن! بارلىق ئۈمۈتنى ئەتىراپتىكىلەرگە باغلاش ھاياتلىقتىكى يەنە بىر خاتالىشىشتۇر. چۈنكى ياراتقۇچىدىن ئۆزگە ھەممىسى ئىشەنچىسىزدۇر، ئەمما ياراتقۇچى بىزنى تەدبىر بىلەن ياشاشقا بۇيرۇيدۇ.

ئادەم كۆزى ئۇچۇق كوردۇر. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھالاكەت يۇلىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ماڭىدۇ، زەھەرنى بىلىپ تۇرۇپ ئىچىدۇ، ئوتنى كۆرۈپ تۇرۇپ قول تىقىدۇ. ئەگەر ھەربىر قەدىمىڭدە رەببىڭگە تەۋەككەل بىلەن ماڭمىساڭ سىنىڭ كۆزۈڭ ئالدىڭدىكى ھاڭنى كۆرمەيدۇ. .ئەتە نىمە ئىش بولىدىغىنىنى بىلمەيسەن، ئىنساندا قاشنىڭ ئاستىدا پارقىراپ تۇرغان كۆزدىن باشقا يەنە بىر كۆز بۇلىشى كىرەك

كۆزۈڭنى يۇم  كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل. . . جالالىدىن رۇمى

بەزى ۋاقىتلاردا ھېچ نەرسىنى كۆرمىسەم، ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمىسامكەن دەيمەن.

زامان ئايلىنىپ بىر يەرگە بارغاندا ئىنسانلار ئارسىدىن ھەقىقەت، ئادالەتنى ياقىلايدىغانلار ساناقلىقلا قېلىپ نەپسانىيەتچىلىك ۋابادەكلا يامىرايدىكەن.

بۇلاۋاتقان ئىشلارنى ۋىجدان تارازىسىغا سالغاندا يۈرۈگۈڭ ئامبۇردا قىسقاندەك مۇجىلىدىكەن.

زاماننىڭ ئاخىرقى بىرتۈركۈم كىشىلەرگە مەرھابا بولسۇنكى ئۇلار زاماننىڭ پىتنە-پاساتلىرىدىن قېچىپ تاغلاراغا چىقىپ كىتىدۇ. يەنە بىرتۈركۈم كىشىلەرگە رەھمەت بولسۇنكى ئۇلار زاماننىڭ پىتنە پاساتلىرىدىن قېچىپمۇ كەتمىگەن، ھەم شۇلارغا بەرداشلىق بىرىپ ئىمانىنى ساقلاپ قالغانلاردۇ.

ئەتىراپىڭىزدىكى مۇھىتتىن رەنجىپ يا ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قاردىر بۇلالماي يا كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرۇشقا بەرداشلىق بىرەلمەي كۆز، قۇلىقىڭىزنى ئىىتپلا تىنىچ يەرئىزدىگەندە يۆلەنگۈدەك بىرتال دەرەخىڭىزنىڭ بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .


ھاياتتا ئۈمۈتتىن نۇرلۇق چىراق يوق. ئىرادىدىن ئىتتىك كەتمەن يوق، جاسارەتتىن مەزمۇت ئاياغ يوق، بەلكىم سىزنىڭ ئەڭ ئامالسىز قېلىۋاتقان ۋاقتىڭىز ئۇڭۇشسىزلىقلارنىڭ ئارخىرقى بىكىتىدۇر. ئاخىرقى بىر قېتىملىق تولغاقتىن ئۈتۈپ كەتسىڭىز بىر قۇياش پارلاپ چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى چوڭ غەلبىلەر قاتتىق ئۇڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەن، ۋاز كەچمىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

دېڭىزنىڭ ئاخىرى يوق. چۈنكى يەرشارىنىڭ 79% سۇدۇر. ئەمما سۇنماس ئىرادە بىلەن دېڭىزنىڭ چېتىنى تېپىپ چىقىش مۇمكىن. سىزنىڭ سۇقۇپ تۇرغان يۈرۈكىڭىز، ھەركەتلىنىپ تۇرغان پۇت-قۇلىڭىز، تەپەككۇردىن توختىمايدىغان كاللىڭىز سىزنى ھەرقانداق نىشانغا يەتكۈزۈدۇ. سىز ئەشۇ بايلىقلار بىلەنلا بولغانكەنسىز سىزنىڭ ئۈمۈتسىزلىنىش ھەققىڭىز يوق. چۈنكى سىزدىكى ساغلام بەدەن بەلكىم ئامىركىنىڭ زۇڭتۇڭىدىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن

لېرىك خىياللار ئادەمنى ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇرىدۇ. رومانتىك خىياللارغا بەنت قىلىدۇ، ھىسياتچانلىق ئادەملەرنى ئاجايىپ ئىلھام،  تۇيغۇلارغا باشلايدۇ. يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسنى بىر ئادەمدە ئازدۇر-كۆپتۇر بۇلۇشقا تىگىشلىك ئېلمىنىتلار دەپ قارايمەن.

رومانتىك بىر ئادەم ئاسمانغا قاراپ جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلاغا قاراپ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلسا، ئۇلار بىلەن مۇڭداشسا رومانتىكىلىق كەمچىل ئادەم جىمجىت تۇرغان يۇلتۇزلاردىن بىئاراملىق، ھەتتا بىزارلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن.

ئادەم ھاياتىدا رىلىستىكى پويىزدەكلا ئۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ ئورمانلىقتىكى تۇلپاردەك ئەركىن چېپىپ بېقىشى، ھاۋادىكى لاچىندەك كائىناتتا تۇسالغۇسىز پەرۋاز قىلىپ بېقىشى كىرەك. ئەنە شۇنداق تەملىك تۇيغۇلارنى ھېس قىلىش ئۈچۈن رومانتىكىلىك، ھېسيات بۇلىشى كىرەك.

ھەممىمىزگە گۈزەل تۇيغۇلارنىڭ ھەمراھ بۇلىشىنى، يەرئاستى ئۆيگە سۇلانغاندىمۇ ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك خۇشال-خۇرام بۇلالىشىمىزنى تىلەيمەن.

تىمىسىز . . . . . . . . .

تۇرمۇشنى سايلىقتىكى بۇرانلىق يول دىسەك مۇھەببەت ئۇ يولدىكى قول چىراق بولماستىن،بەلكى لىپىلداپ يېنىپ تۇرغان شامدۇر.  ئۇ سىزگە يۇرۇقلۇق بېغىشلاپ سىزنى يولدىن ئاداشتۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇنى بۇراندىن، چاڭ-تۇزاندىن قوغدىشىڭىز كىرەك، قولچىراقتەك ئالدىغا چىقىرىپ تۇتۇپ ماڭسىڭىز بىر قەدەم ئالماستىنلا ئۆچۈپ قالىدۇ.

مۇھەببەتكە يۆلنىۋېلىش تۇرمۇشتىكى ئېغىر پاراسەتسىزلىكتۇر.

بىز ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرىدىغان، ياكى ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئۇچۇراتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، پايدىلنىشقا ئالدىرايمىزيۇ ئۇنى قوغداشنى، ئاسراشنى ئويلىمايمىز.

سىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشكىنىڭىز ئالتۇن دەستەككە ئېرىشكىنىڭىز ئەمەس بەلكى بىر ئۇرۇققا ئېرىشكىنىڭىز. ئۇنى قانداق قىلىپ كۆكلىتىپ، چوڭ دەرەخكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ مىۋىسىدىن، سايىسىدىن بەھرىرلىنىشىڭىز ئۇنىڭغا قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرشىڭىزگە، قانچىلىك  قوغدىشىڭىزغا باغلىق.

ھەممىمىز مۇھەببەتكە قارغۇلارچە يۆلنىۋېلىشتىن ساقلىنىپ پىلىلداپ يېنىپ تۇرغان بۇ شامنى ئاخىرغىچە ئۆچۈرۈپ قويماسلىققا، بۇ شامنىڭ ئۇتىنى نۇرغۇن شاملارغا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، تۇرمۇشنى، يۇرۇقلۇققا، ئىللىقلىققا تولدۇرۇشقا تېرشايلى.



يازمىللىرىمنى ئۇقۇپ بۇيەرگە كەلگەندە چارچىغانسىز، بەدىنىڭىز ئەمەس كاللىڭىز چارچىغاندۇ، بەزى گەپلەرنىڭ زادى نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلەلمەي كاللىڭىزنى چايقاپ قويغانچە ئۆتۈپ كەتكەنسىز . ھېچ ۋەقەسى يوق، بەزىللىرىنى دەرھال چۈشەنمەيسىز، بەزىللىرى بولسا تۇرمۇشتا سىزگە ئەسلا يۇلۇقۇپ باقمىغان، شۇڭا چۈشۈنىكسىز. ۋاقتىڭىز چىققاندا قايتا ئۇقۇپ باقسىڭىز بىر نىمىلەرنى ھېس قىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

مەنبە:روھچىن قەلب خاتىرسى

ئادىرسى:http://www.rohqin.com/?p=701

بلوگىمغا قالدۇرغان بىرپارچە ئىنكاسىڭىز بۇنىڭدىن نادىر يازمىلارنى ئۇقۇشىڭىزغا سەۋەپ بۇلىشى مۇمكىن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:50  


مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:24:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھچىن، بۇ قەلب خاتىرىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم، شۇنچىلىك ياقتۇردۇم. بىر جۈملىمۇ يات ئەمەس، بەك يېقىملىق، ئىللىق بىلىندى.
شۇنداق بىز ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى سۆيۈشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى بىزگە بىردىن-بىر ھەمراھ بۇلىدىغان ئادەم دەل ئۆزىمىزدۇر. توغرا، ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنى سۆيۈشنى ئۇنۇتقىنىم يوق.

رومانتىك بىر ئادەم ئاسمانغا قاراپ جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلاغا قاراپ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلسا، ئۇلار بىلەن مۇڭداشسا رومانتىكىلىق كەمچىل ئادەم جىمجىت تۇرغان يۇلتۇزلاردىن بىئاراملىق، ھەتتا بىزارلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن.
راست، ئادەم ھەر ۋاقىت تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىش كېرەك، مەن شۇنداق ياشاشنى ياخشى كۆرىمەن!


بۇ يازمىدىن بەك كۆپ ئىلھام ئالدىم، تولىمۇ ھوزۇرلاندىم!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
170
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:29:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(دەرىزنى  تاقاڭ )  بۇ سوزنىڭ  خىلى ۋەزنى  باكەن..
روھچىن تىنڭز  سالامات  بولسۇن ..ھارمغايسىز...

Rank: 2

توردا
167 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
309
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:36:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ سۇقۇپ تۇرغان يۈرۈكىڭىز، ھەركەتلىنىپ تۇرغان پۇت-قۇلىڭىز، تەپەككۇردىن توختىمايدىغان كاللىڭىز سىزنى ھەرقانداق نىشانغا يەتكۈزۈدۇ.

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 2

توردا
167 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
309
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:38:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىـتى  ياخشى  

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيەرگە قىستۇرغان مۇزىكا بلەن بلوگقا قىستۇرغان مۇزىكا ئوخشىمايدۇ.
بلوگدىكى مۇزىكىنىمۇ تىڭشاپ بېقىڭلا !

باھا سۆز

مەرۋەرى  ۋاي ماقۇل ئۇكام، ئادەمگە ئىككى دىن ئارتۇق قۇلاق كېرەك بولمايدۇ، كەسمەڭ  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:04:02

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:52:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرت شۇنداق سوغۇق ئىكەن، ھازىرلا چوڭ قىزىمنىڭ مەكتىپىدىن كەلگەن بولغاچقا شۇنداق مۇزلاپ كەتكەن ئىدىم، قىززىق مەھمۇت چىيىنى ئوتلىغاچ نەچچە قېتىم ئوقۇۋەتتىم، ئۆزۈمگە تەسىر قىلغان يەرلىرىنى نەقىل ئېلىپ قويماقچىمۇ بولدۇم، لېكىن قاراپ باقسام يازمىنى بىراقلا نەقىل قىلىشقا توغرا كلىدىكەن، شۇڭا يەنىلا ئىنكاسىمنى بايان قىلغۇم كەلدى.
راست گەپ قىلسام، ھاياتلىق ئېتىغا مىنىپ چېپىپ يۈرۈپ ئۈچ مۆچەل يېشىمنى ئۆتكۈزۈپتىمەن، بۇ جەريانىدا راستىنلا ئۆزۈمنى سويۈشنى ئۇنۇتۇپ قالغان چاغلىرىممۇ بولدى، سەۋەبى مەن ئۆزۈمگە ئاجىرىتىشقا تېگىشلىك  ئەشۇ قىسقىغىنە ۋاقتىمدا ماڭا مۇھتاج نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلسەم، ئۇلارنى رازى قىلسام، دۇئاسىنى ئالسام دەپ ئويلاپتىمەن، ئەلۋەتتە مەن ئۆزۈمنى سۆيۈشكە كېرەك  ئەشۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا، جاپاكەش ئاتا- ئانام ئۈچۈن ئازراق خىزمەت قىلۋاتىمەن، ئۇلار باشلىرىمنى سىيلارپ تۇرۇپ بەختىمگە، ئىنسابىمغا، ئۆمۈرۈمگە دۇئالارنى قىلىشتى، ئىنشائاللاھ ئاتا دۇئاسىدا ئەرلا ئەمەس،  ئاياللارمۇ كۆكلەيدىكەن، ئاللاھ نىسىپ قىلسا، ئاتامنىڭ دۇئاسىدا كۆيۈمچان، ۋاپادار ھەمراھقا ئېرىشتىم، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتىم.
ئۆزۈمنى سۆيۈشكە تېگىشلىك شۇ ۋاقتىمنىڭ ئازغىنە قىسمىنى مېنىڭ مېھرىمگە مۇھتاج ئەشۇ پەرىشتىلىرىمگە بەرگەن ئىدىم، ئۇلار مېنى ھازىر ئۆزۈمنى ئۆزۈم سۆيگەندىنمۇ بەك سۆيىدۇ.

ئۆزۈمنى سۆيۈشكە تېگىشلىك بولغان ئەشۇ ۋاقتىمنىڭ ئازراقىنى  ئىڭراپ ياتقان ئەشۇ بىمارلارغا ئاتىۋېدىم،  ئۇلارنىڭ يېڭى ھاياتلىققا تويماي قاراپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، بوشقىنە ئاۋازدا ئېيتقان ‹‹رەھمەت›› سۆزىنى ئاڭلىيالىدىم.
مانا، شۇنداق چاغلارمۇ ئۆتكەن ئىدى، ھەممە ، ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى، مېنى يىغلاتقانلار ئاللاھنىڭ ئادىل جازاسىغا ئۇچراپ قان- قان يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ، مەن بولسام ئوڭ يېنىمغا قاراپمۇ، سول يېنىمغا قاراپمۇ، ئولتۇرۇپمۇ، قوپۇپمۇ ھاياتنىڭ، تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقلىرىغا جۆر بولماقتىمەن، مانا بۇ مېنىڭ قۇربانلىقىم بەدىلىگە كەلگەن بەخت كۈلكىسى، خۇشاللىق كۈلكىسى.
ھازىر مەن بىر ئائىلە ئايالىغا ئايلاندىم، ئۆزۈمنى سۆيىدىغان ۋاقىتلار مانا ئۆزۈمگە كەڭ- كەڭرى قالغان ئىدى.
ئاۋال سۆيۈشنى بىل، ئاندىن سۆيىلىسەن.
ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز سۆيۈڭ، ئەمما شەخسىيەتچى بولماڭ، چۈنكى سىز، بىز سۆيۈشكە مۇھتاج كىشىلەر ئەتتىراپىمىزدا بىزگە قاراپ تۇرۇپتۇ.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:55:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:48
بۇيەرگە قىستۇرغان مۇزىكا بلەن بلوگقا قىستۇرغان مۇزىكا ...

ماۋۇ ئېلاننى كۆرۈڭ، ئوتتۇرلۇققا قىستۇرۇپ

باھا سۆز

روھچىن  راس جۇمۇ كىرىپ ئاڭلاپ بېقىچە بولمىسا يالغان بولسا قۇلۇقۇمنى كىسىپ بىري  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:01:51

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:56:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىچىكىمىزدىن يۆلەنچۈك بۇلۇپ كەلگەن ئاتا-ئانىمىز بىر ۋاقىتلاردا « ئەمدى مىنىڭ ۋاقتىم توشتى، ساڭا مۇشۇيەرگىچىلا ھەمرا بۇلالايمەن، قالغان ھاياتلىق سەپىرىڭنى ئۆزۈڭ باسقىن» دەيدۇ. كۆزىمىزدىن ياش تۆككەن پېتى تۇپراققا كۆمۈلگىنىگە قاراپ تۇرىمىز.

ئاۋال بۇ سىننى كۆرۈپ ئاندىن ئىنكاسنى كۆرۈڭ!


يازمىڭىزنىڭ بۇ قۇرلىرىنى ئوقۇغىنىمدا كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار قۇيۇلۇپ كەتتى، راست گەپ قىلسام ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق يىغلاپ باقمىغىلى، ئەسلىدىمۇ دادامنى سېغىنىپ ئاران تۇراتتىم <بېرىپ كېلەي دېسەم قىسمەت قارىي رۇخسەت بەرمەي شۇ>، ئىچىمنى بوشىتىۋېلىپ يەنە بىر قىسىم كاپىلداشقا ئۆتتۈم.

مۇشۇنداق ئاتا- ئانىلارنىڭ قەدرىنى ھاياتلىقىدا قىلىش توغرىسىدا گەپ بولسا:

مېھمان قىلىپ كۈتىۋال، قۇچاغىدا يېتىۋال،

ھېدىنى راسا پۇرىۋال ئۇلار كەتمەستە.

دېگەن ناخشا ئېسىمگە كېلىدۇ، نىمانچە توغرا ئېيتىلغان گەپلەر ھە بۇ ، ھەقىقەتەن ئاتا- ئانىلىرىمىز بىزگە تۆت كۈنلۈك مېھمان، رەھىمسىز يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىزمۇ پەرزەنتلىرىمىزگە مېھمان بولۇپ قالىمىز، ئەلۋەتتە سىز، بىز ئاتا- ئانىمىزغا قانداق قىلساق، پەرزەنتلىرىمىزدىن شۇنچىلىق ۋاپادارلىققا ئېرىشىمىز. شۇڭا دوستۇم ئاتا- ئانىڭىز ئۈچۈن قانداق ۋاپادارلىقلارنى كۆرسەتتىڭىز؟ ئۇلارنى رازى قىلالىدىڭىزمۇ؟ پەرزەنتلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلالىدىڭىزمۇ يوق؟ ئەگەر سىز ئاتا- ئانىڭىزغا ھەقىقىي پەرزەنت بولالىغان بولسىڭىز، كەلگۈسىدە شۇنىڭ ئەجرىنى ئۆز پەرزەنتلىرىڭىزدىن كۆرۈشكە تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.  بۈگۈن سوغۇق ئۆتۈپ قالدىمۇ سەل قاقشاپ قاپتىمەن دېسە.

ۋاي ۋۇي ھەممە گېپىڭىزگە مۇشۇنداق كاپىلدىغىلى تۇرسام ھېرىپ كەتكۈدەكمەن


Rank: 1

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى
نادىر
0
يازما
39
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشنى سايلىقتىكى بۇرانلىق يول دىسەك مۇھەببەت ئۇ يولدىكى قول چىراق بولماستىن،بەلكى لىپىلداپ يېنىپ تۇرغان شامدۇر.  ئۇ سىزگە يۇرۇقلۇق بېغىشلاپ سىزنى يولدىن ئاداشتۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇنى بۇراندىن، چاڭ-تۇزاندىن قوغدىشىڭىز كىرەك 。
**************************************************************
ماڭا  بۇ  قۇرلار  شۇنداق تەسىر  قىلدى  .  ئادەمنى  چۇڭقۇر  ئويلىنىشقا  ئۈندەيدىغان  ئىسىل قۇرلار  . سىزگە  ئاپىرىن  .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 07:58 , Processed in 0.053273 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش