جۇلالىق بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 13:11 دە يوللىغان 
پۇتبولغا پەقەت قىزىقمايمەن، ۋاسكىتبول دىگەنگە دەھشەت قىزىقىمەن دېسە، ۋاسكىتبولغا ئامراقلىقىمدىن "ۋاسكىتب ...
مەن ۋاسكىتبولغىمۇ دەششەت قىزىقىمەن. توپنى ئالدى تەرىپىمدە ئايلاندۇرۇپ، كەينىمگە ئۆتكۈزۈپ چاچراتمايلا يەنە چاتتىن ئۆتكۈزۈپ ئالدىمغا ئالالايمەن:loveliness: ساق 6 ئايدا بارماقتا پىرقىرىتىش، ھەر خىل ئالداش ماھارەتلىرىنى مەخسۇس ئۆگەنگەن ئىدىم. ئالداش جەھەتتە كوبىدىن قېلىشمايمەن:lol
ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بويۇم بەك پاكار ئىدى (بىر مىتىر 55سانتىر:lol ) ئۇ ۋاقىتلاردا گار تۈۋىگە بارالمايتتىم بويۇم پاكاردە باراي دىسەم:lol ... شۇڭا توپنى يىراقتىنلا ئاتاتتىم، چاقچاق ئەمەس، شۇ ۋاقىتلاردا 3 نۇمۇرلۇق توپ ئاتسام، گەپ يوق 90% چۈشەتتى. مىنىڭ قولۇمغا توپ چۈشسە باشقا بالىلار، (ھوي ئاۋۇ بالىنى توسۇڭلار ئاۋۇ سەنفېنچى دەپ توۋلاپ كىتەتتى:lol ) يامان كۆڭۈللۈك ئۆتكەن كۈنلەر ھە؟
بويۇم پاكار بولسىمۇ شۇ ۋاقىتلاردا سىنىپ كوماندىسىدا كاپىتان، سىنىپتا سىنىپ باشلىقى ئىدىم. بىر تۇققان ھەدەم ئۆگىنىش باشلىقى ئىدى. 3 يىل بىر سىنىپنىڭ بارلىق ھۇقۇقىنى ئاچا-ئىنى ئىككىمىز مونوپىل قىلىۋالغان ئىدۇق:lol
ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئالدىدا ماڭاتتۇق. مۇكاپات سەھنىسىگە چىققاندا، ئامىنە ئاتاۋۇللا، ئابدۇرېھىم ئاتاۋۇللا دەپ ئاڭلىتىدىغان بولسا، ئىككىمىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ مۇكاپات سەھنىسىگە چىقساق، پەستىكى بالىلار،
-قاراڭلار ماۋۇ ئىككىسى بىر قورساق ئاچا-ئىنىلار ئىكەن، دەرسىتە بەك ياخشى، بىرى ئۆگىنىش باشلىقى، بىرى سىنىپ باشلىقى ئىكەن دەپ كىتەتتى. شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۆزۈمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىپ كىتەتتىم:loveliness:
خۇدايىم توۋۋا بىر تىما يېزىۋىتىپتىمەن ئىنكاسىمدا:lol