يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 11

دەرىزەمنىڭ سىرتىغا يەنە بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويدۇم ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 08:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىزىنىڭ سىرتىغا بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويۇڭ!

       قىش كەلدى. ھاۋا بەكمۇ سوغاق، ئىسسىق ئۆيۈمدە، پارنىڭ ئىسسىقىدا، كالتە يەڭ ئولتۇرغان ۋاقتىمدا، سىرتتىكى نۇرغۇن يايمىچىلارنىڭ بىر كويلۇق ياكى ئىككى كويلۇق نەرسىلەرنى ھارۋىسىغا تىزىپ قويۇپ، كۈندىلىك تىرىكچىلىكى ئۈچۈن، ئۆتكەن كەچكەنلەرگە ئىلتىجالىق بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن. مۇمكىن بولسا، ئېشىنالىسام، شۇ نەرسىلەردىن كۈندە دىگۈدەك سېتىۋالسام، ئۈزەم يىمىسەممۇ، ئېھتىياجلىقلارغا بەرسەم دەپ  ئويلاپ كېتىمەن. بەزىدە ئاپتۇۋۇزدىن چۈشكەن ۋاقتىمدا، ئۈتۈپ كېتىپ بۇلۇپ، يەنە ھەي توختا دىگەن نىدا بىلەن كەينىمگە قايتىپ، بىر كويلۇق ماتاڭ، بىر ئىككى كويلۇق قوناق، نان ، سامسا ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالىمەن، كوچىدىلا مەززە قىلىپ يەپ كېتىمەن.مەن بىرنى ئالسام، باشقىلارمۇ بىرنى ئالسا، شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىتتىكرەك سېتىپ، ئۆيلىرىگە قايتىپ، باللىرى بىلەن جەم بولسا، تۇرمۇش بېسىمى بولمىسا، بۇ نۆلدىن تۆۋەن يىگىرمە ئوتتۇز گىرادۇسلۇق بۇ سوغاقتا، كىممۇ سىرتتا شۇ نەرسىلەرنى ساتىمەن دەپ ئولتۇرسۇن. قايسى بىر يىلى رامىزاندا ئىپتارغا يېقىن بىر جايغا بارىدىغان ئىش چىقتى، ئاپتۇۋۇزدا ئىپتار ۋاقتى بوپ كەتكۈدەك، يانچۇقۇمدا يەيدىغان نەرسە يوق ئىدى، شۇ چاغدا، قارىسام، يىراق بولمىغان بىر جايدا بىر ئاپاش ماتاڭ سېتىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۈچنى ئالدىم، 10 كوي بەرسەم قايتۇرىدىغان پاچە پۇل تاپالمىدى، سورىسام، بۈگۈن بەش كويلۇقمۇ سودا قىلالمىغانتىم، ھەم كېچىكىپرەك چىقىپ قاپتىمەن بازاغا دىدى، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى، ئويلىدىم، ئەگەر مەن شۇ ئاپاش بولغان بولسام، ئۆيدە ماڭا قاراشلىق باللىرىم بولسا، مەن قانداق قىلار بولغىتىم، ھەي تۇرمۇش. ....  بىر يىلى يازدا يۇرتتا ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ئۆيدىن چىقماي  ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان ئىدۇق، دادام بىر چاغدا بىر داس قېتىق كۈتۈرۈپ كىرىپتۇ، ھەممىمىز ھەيران قالدۇق،« دادا نىمانداق جىق ئالدىڭىز، بۈگۈنچە ئىككى -ئۈچ قاچا ئېلىپ، ئەتە يەنە ئالساق بولاتتى ئەمەسمۇ، يېڭىنى يىسەك،...» دىسەم، دادام، « شۇ قارىسام، بىر شۇ ئايال قاپتۇ قېتىق ساتىدىغان، قالغانلار كىتىپ بوپتۇ، ئىككى ئۈچ چىنە ئالسام، قالغانلىرىنى ساتىمەن دەپ يەنە ئىسسىقتا ئولتۇرغۇدەك، شۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ، بۇ ئىسسىقتا ئىتتىك ئۆيىگە كېتىۋالسۇن دەپ، ھەممىنى سېتىۋالدىم، بىر قاچا ئىچىدىغانلار ئىككى قاچىدىن ئىچىپ، جىقراق ئىچەرسىلەر قېتىقنى، ئىسسىق ئاپتاپتا پايدا قىلىدۇ ... » دىگەن ئىدى، كۆڭلۈم شۇنداق بىر ئىللىق سېزىمغا تولغان ئىدى.   
  بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مۇشۇ تىلەمچىلەرگە پۇل بەرمىسە قانداق بولار دەپ ، لېكىن، پۇل بەرمەي ئامال يوقتە، چۈنكى،بىز دىگەن شۇنداق كۆڭلى يۇمشاق، ئاقكۆڭۈل خەق تۇرساق..لېكىن، ئويلاپ قالىمەن، مۇشۇ پۇل بىرىشنى مۇنداق باشقا بىر ھالەتكە ئۆزگەرتىپ باقساق دەپ، مەسىلەن : ئاۋال بىر نان ياكى بىر كويلۇق ماتاڭ ياكى بىر كويلۇق گېزىت ياكى ئىشقىلىپ، بىر كويغا كېلىدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ تاۋىرى، ئاۋال شۇنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن تىلەمچىگە بەرسەك، بۇنداق بولغاندا، شۇ كوچىدا ھالال مېھنىتى بىلەن سودا قىلىۋاتقانلارغا سودا قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىكەنمىز، شۇنداقلا، تىلەمچىمۇ شۇنى يىسە قوسىغى تويىدىكەن، ھەم سودا قىلىدىكەنمىز، ھەم ساۋاب تاپىدىكەنمىز، ھەم پۇل ئوبۇرۇتقىمۇ ياخشى بولىدىكەن، تىلەمچىلەرنى مانچە خۇتۇنى بار، ئۇلار تاپقان پۇلىغا قىمار ئوينايدۇ دەپ ئۇلارغا تاپا تەنىمۇ قىلمايدىكەنمىز. ئىشقىلىپ، كۆپ جەھەتلەردىن پايدىسى بولىدىكەن.سىلەرچە قانداق ؟؟؟؟        بۇرۇن كىتاپلاردا ئاق قۇشقاچلەر ئۈرۈمچىدە قىش ۋاقتىسى قارا قۇشقاچقا ئايلىنىدۇ، ئىس تۈتەكنىڭ دەستىدىن دەيدىغان، دىمىسىمۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بىرى، بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆي-ئۇچاقلىق بۇلۇپ ياشاۋاتقاندىن بىرى شۇنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. كۈندە دىگۈدەك نەچچە قۇشقاچلار نە نەلەردىن ئۇچۇپ كېلىپ، بەزىدە كەپتەرلەرمۇ بار، دەرىزەمنىڭ رىشاتكىسىغا، تۈمۈر توسۇقلارنىڭ ئارىسىدىن كېلىپ قونىدۇ،  چۈنكى، دەرىزەمدە بىر سۇلياۋ تاۋاق قۇيۇلغان، ئۇنىڭغا ئسىمدە بولسىلا، بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويىمەن.
بۇرۇن باشلانغۇچتا تەبىئەت دەرسىدە« قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى» دىگەن ئىدى، سۈيۈملۈك ئوقۇتقۇچىمىز. دىمىسىمۇ قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ئادەمگە ھۇزۇر بىرىدۇ، شۇنداقلا، بۇ قارا قىشتا، قاتتىق سوغاقتا، جاندىن ئۆتىدىغان بۇ قەھرىتان ھاۋادا، قېلىن قار ئاستىدا قۇشلارنىڭ ئۇزۇق تېپىپ يىيىشى بەكمۇ قىيىن، بەكمۇ تەس،  مېنىڭچە بىر پىيالە گۈرۈچ بىر كوي ياكى بەش موچەن،ئۇنىڭدىن ئارتۇق كەلمەس، دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. بىز ئىنسانلار، قۇشلار، ھايۋانلار، دەل دەرەخلەر...ئىشقىلىپ، جاھاندىكى بارلىق نەرسىلەر، كائىناتتىكى پۈتكۈل شەيئىلەر بىر بىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، بىزدە ئاجىزلارنىڭ ھەققى بار، قۇشلارغا كۈيۈنۈش، ھايۋانلارغا كۈيۈنۈشمۇ ئوخشاشلا بىزنى جەننەتكە ئېرىشتۇرىدۇ، بىرەيلەن رىۋايەت قىلۇر: « بىر پاھىشە قۇدۇق بېشىدا ئۇسساپ كەتكەن بىر ئىتنى كۆردى، قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئىتنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇردى، ياراتقۇچى ئۇنىڭ مۇشۇ ياخشى ئىشى ئۈچۈن، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزدى » ، بۇ رىۋايەتتە، بىر تەرەپتىن ياراتقۇچىنىڭ بەكمۇ مېھرىبان، شەپقەتلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا ئۈندەش، پەقەت ئىنسانلارغىلا ئەمەس، ھايۋانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىش،ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنى مەخسەت قىلىدۇ.     
سىز بىنادا ياشاڭ ياكى داچىدا ياشاڭ، ياكى بىنا ئەمەس ئۆيدە ياشاڭ، قۇربىتىڭىز يەتسىلا دەرىزىڭىزنىڭ سىرتىغا بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويۇڭ، قۇشلار شۇ گۈرۈچلەرنى يىگەندە، دەرىزىڭىزنىڭ سىرتىدا ۋىچىر-ۋىچىر سايرىغاندا، سىز شۇ سايراشلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا، كۆڭلىڭىز ۋاللىدە ئېچىلىپ قالىدۇ، ئۆزىڭىزدىن مەمنۇن بوپ قالىسىز، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپمۇ ياخشى ئىش قىلغان ،ساۋابلىق ئىش قىلغان بولىسىز. بۇ ساۋاب سەۋەبلىك، سىز تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارغا، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا، بايلىقلارغا ئېرىشىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس، ئىشلىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن.بەختىيار تۇرمۇش ھەممىمىزگە يار بولسۇن.

مەنبە: ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىم




Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 08:54:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە قىش كەلدى، دەرىزەمنىڭ سىرتىغا ،بىر پەتنۇسقا بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويدۇم،  ھەر قېتىم گۈرۈچىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىنىدىم گۈرۈچتىن يەنە جىقلاپ قويىمەن، قۇشقاچلارنىڭ يىگەنلىكىنى كۆرگىنىمدە ئۇلارنىڭ ئۇچۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ، دەرىزە قېشىغا كەلمەيمەن.  
قۇشقاچلىرىم، قۇسۇغۇڭلار ئاچ قالمىسۇن .....

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:32:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىم...بولىدىغان ئىشكەن، ئەتتىگەندە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تېما ئوقۇغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن.
تېما ئىگىسىگە:  بىر نەچچە يەردە خەت شەكلى تازا نورمال ئەمەستەك تۇرامدۇ قانداق؟

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:01:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزەمنىڭ كومپىيۇتۇرىدىمۇ شۇنداق كۈرىنىۋاتىدۇ، باشقۇرغۇچىلار ئوڭشاپ قويغايسىلەر.
ئوڭشاپ قويدۇم!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 15:59:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
peacelife212

(مەن تىنىچ تۇرمۇش دەيمەن، ئەرۋاھ تىنىچ ھايات دەيدۇ )نىڭ يازمىللىرى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ، بەكمۇ ئەمەلىي. شۇنچىلىك ئىنسان كۆڭلىگە يېقىن، مىللەتكە يېقىن. يازمىلاردىن ئىللىقلىق،  مېھرىبانلىق، كۆيۈنۈش، تۇرمۇشنى سۆيۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. يولدۇشۇم مېنى ئەتىدىن كەچكىچە يەتتە قىز، دەپ ئەيىپلەيدۇ. ئەمما بۇ تىنىچ تۇرمۇشنىڭ يازمىللىرىنى بىر قانچە قېتىم كۆرۈپ بەك قايىل بولۇپ قاپتىكەن ھەم تەسىر قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ھازىر سۆزلىمەس بولدى.

     ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى نۇرغۇنلىغان تۇتقان يولى توغرا ھەم يوللۇقكەن. دېمىسمۇ دەرىزە سىرتىغا گۈرۈچ چېچىپ قويۇش كۆرۈنۈشتە كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىللىقلىقى بەك كۈچلۈك بولىدىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم ھەمدە بالىلىرىمىزغىمۇ ئۈگەتسەك، ئۇلارغا ئاشۇ ئوماق قۇشلارنىڭ قىشلىق يېمى بولىدۇ، داۋاملىق ياشىيالايدۇ. ئادەملەرگە يېقىملىق سايراپ بېرىپ، تۇرمۇشىمىزغا، تەبىئەتكە ھۆسن قوشىدۇ، دەپ چۈشەندۈرسەك ئۇلارغىمۇ تەسىر قىلىپ، تەبىئەتنى سۆيىدىغان، ئۇچار قۇشلارنى قوغدايدىغان بىر خىل قاراش پەيدا بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم. تۇرمۇش دېگەن شۇنداق، كىچىككىنە ئىشلاردىن نۇرغۇن ئىلھاملارنى ئېلىپ، يەنە نۇرغۇن ھېسلارنى ھېس قىلىپ، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالىدىكەنمىز.
  ئويلاپ باقسام تۇرمۇشىمىزدا ئۈلگە ئالىدىغان ئىشلار، ئادەملەر بەك كۆپكەن. يولدۇشۇممۇ دائىم سىرتقا چىقىپ كەتسە ئەكىلىڭ دېگەن نەرسىدىن ئارتۇق بىرمۇنچە نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ كېلىدۇ. ئاچچىقىم كېلىپ ئارتۇق، يېمەيدىغان نەرسىلەرنى سىزلار سېتىۋالىسىز، دەپ ئەيىپلىسەم: بىر بىچارە بوۋاي ياكى موماي، ئايال ۋە ياكى بالا سېتىپ ئولتۇرۇپتىكەن، ئىچىم ئاغرىپ سېتىۋالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىك نەرسىلەر بولغاندىكىن بالىغىمۇ كۆپ پايدىسى بار، دەيدۇ. بوپتىلا دەيمەن. كۆنەپمۇ قالدىم. بىزنىڭ يۇرتتا ئىككى چاقلىق رىكشا بار، ياز كۈنلىرى كۆپىنچە شۇ قاتناش قورالىغا چىقىمىز. خەنزۇ ئايال سۆرىگەن رىكشا بولسا ئۇ ھەرگىز چىقمايدۇ، سىلەر چىقىڭلار،  قاراپ تۇرۇپ ئايال كىشىگە سۆرەتسەم قانداق بولىدۇ، مەن ئىتىك مېڭىپ سىلەرگە يىتىشىپ بولىمەن، دەپ.بۇمۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتكەن ئەسلى، مەيلى قايسىلا مىللەت بولسۇن.
   تۇرمۇشىمىزدا ئۆرنەك قىلىدىغان ئادەم ۋە ئىشلار كۆپ، پەقەت تىنىچ تۇرمۇشقا ئوخشاش ھېس قىلىش-قىلالماسلىق مۇھىم ئىكەن.
    مانا مۇشۇنىڭدەك كۆڭۈلدىكى پاراڭلارنى دېيىشىپ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولغاچقا، بۇ مۇنبەرگە ئادەم بەكلا كۆنۈپ قالىدۇ. مېھرى ئىسسىق ئەمەسمۇ.
   تىنىچ تۇرمۇش، داۋاملىق تۇرمۇش ئۈزۈندىللىرىنى يوللاپ تۇرغايسىز!  




ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:18:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلەندىم .... مەنمۇ دائىم مۇشۇنداق ھىسلاردا يۈرۈيمەن ، ھەر قېتىم سىرتقا چىققىنىمدا كوچىدىكى نامرات تىلەمچىلەرگە ، ياشتا چوڭلارغا ، بالىلارغا قاراپ ئىچىم ئېچىشىدۇ ..... بۇ يۇرتتا ھىچكىم تىلەمچىلىك قىلمايدۇ ، پەقەت خالتىلىق كىچىك قەغەز ياكى يارىلانغاندا چاپلايدىغان چاپلاقنى تۇتىۋېلىپ ئولتۇرىشىدۇ ، ياكى ناخشا ئېيتىپ مۇزىكا چالىدۇ ، بىز شۇ 2-3 موچەنلىك نەرسىدىن بىرنى ئېلىپ بىرەر ئىككى كوي تۇتقىزىپ قويىمىز ، شۇ ئىچ ئاغرىتىش سىزىمىدىنمىكىن ئەزەلدىن قىممەت سېتىلۋالغاندەك تۇيغۇدا بوپ باقمىدىم ....... نەچچە كوينى خەجلەشكە قىيماي پىيادە ماڭسام ماڭىمەنكى  ياشتا چوڭ ئاپاشلارنىڭ داداشلارنىڭ شۇنداق ئولتۇرغىنىنى كۆرسەم ۋاپاسىز بالىلىرىغا لەنەت ئوقىغاچ شۇلاردىن ئۇنى بۇنى سېتىۋېلىپ ئۆتمىسەم كۆڭلۈم قىيمايدۇ .......    بۇ تېمىنى ئوقۇپ شۇنچىلىك سۈيۈندۈم ، دۇنيا مىھرى - مۇھەببەت بىلەن گۈزەل .....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2183

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئۆيگە قايرىلدىغان دوقمۇشتا بىر ئاپاش بار، ئۇ پايپاق، پېتەك، ئوسما قاتارلىق نەرسىلەرنى ساتىدۇ، مەن ھەپتىسىگە تۆت بەش جۈپ پايپاق ئېلىپ دوستلىرىمغا تارقىتىپ تۇرىمەن، يېقىندا ئىككى كۈندە بىر بەش ئون باغلامدىن ئوسمىسىنى ئېلىۋاتىمەن، بەش باغلىمىنى دوستۇمغا ئاپىرىپ بېرىپ قالغىنىنى كۈندە كەچتە قويۇپ يېتىۋاتىمەن، شۇ باھانىدا قاشلىرىممۇ خېلى قارىداپ قالدى
دىمىسىمۇ مۇشۇنداق قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇقلىرىدا بىز ئىسسىق ئۆيلىرىمىزدە ھېچنىمىنى بىلمەيمىز، ئەمما سىرتقا چىقسىڭىز جاھاندارچىلىق ئۈچۈن شۇ سوغۇقلاردا كىم كېلىپ نەرسەمنى ئالاركىن دەپ ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىمىز قەدەمدە بىر ئۇچۇرايدۇ، ئۇلارغا قارىسا ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلىدۇ، لېكىن بەش ئەزايى ساق تۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلۋاتقان، ئوغۇرلۇق قىلۋاتقان، ھېلىقىدەك ‹بازار› لاردا يۈرگەنلەردىنغۇ ۋىجدانى پاك، ھالال پۇل تاپىدۇ، شۇنداقتىمۇ ياشقا چوڭراقلىرىنى كۆرسە ئادەمنىڭ ئىچى ئاغىرىپ قالىدىكەن.
تىنچ تۇرمۇشنىڭ بۇ پىكىرى بەكمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ، قېنى مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپ قانچىمىز ھەركەتكە كېلەلەيدىكەنمىز كۆرۈپ باقايلى!

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:32:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق چوقۇملا چوڭ - چوڭ ئىش قىلىش شەرت ئەمەس، ھەممە ئادەم قولىدىن كېلىشىچە ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلسا، ئىشىنىمەنكى بۇ دۇنيا مېھرى مۇھەببەتكە تولىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
839

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:44:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەب يۈرىكىم ئىسسىق بولدى بۇ تېمىنى ئوقۇپ. مەنمۇ تالادا ساتقان نەرسىلەرنى ئالغىلى ئامراق. ئەمما دېرىزەمنىڭ سىرتىغا گۈرۈچ چېچىشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. سىناپ باقاي....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:33:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىشلار ئۈچۈن پۇل خەجلىسەك  ھەرگىز ئەھمىيەتسىز بولمايدۇ ،  ياشانغانلارنى كۆرسەم نىمىشقىكىن شۇنداق ئچىىچم ئىچىشىپ كىتىدۇ ، ئالدىنقى يىلى ئۈرۈمچىدە 23يىلدىن بۇيان بولمىغان سوغوق بولدى ، تۈكۈرسىڭىز يەرگە چۈشۈپ بولغۇچە قېتىپ قالىدۇ ،ئاغزىدىن چىققان ھورمۇ چىقىپ بولغۇچە ھورغا ئەمەس مۇزغا ئايلانغۇدەكلا سوغ بى كۈنى    شىياۋشىمىندا ماتاڭ سىتىپ ئولتۇرغان 70 ياشلاردىكى  ئاران ماڭىدىغان بىر بوۋاينى كۈرۈپ  ماتاڭ ئالماقچى بولدىم ، ئالغاچ بوۋايدىن سوردىم،  بوۋا ياشىنىپ قاپسىز ئۆيىڭىزدە ئارام ئالىسىڭىز ، بۇ تىجارەتلەرنى باللىرىڭىز قىلسا بولماسمىدى دىسەم ھەي شۇ بالال دەردى بالام دىگەنتى شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كەتتى ، ئالماقچى بولغان بولغىنىم 2تال ئىدى ، ئەمەلىيەتتە ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيمەن ، شۇنداق بولسىمۇ ئالاي دىگەنتىم ھىلىقى گەپنى ئاڭلاپ  ھارۋىدىكى ھەممە ماتاڭنى ئالغۇم كەپ كەتتى  ، لىكىن لىق بىر ھارۋا ماتاڭنى قانداقمۇ قىلىمەن ؟ شۇنىڭ بى لەن 10تال ئېلىپ قايتىپ كەلدىم ، لىكىن مۇشۇ كەمگىچە ئاشۇ بوۋاينى ئىسىمدىن چىقىرالمىدىم ، ئويلاپ باقسام كونسۇل كوچىسى ، دۆڭكۆۋرۈك سەنشىخاڭزىغىچە بولغان ئارلىقتا 20 نەچچە ياشلاردىكى ھىلى ئۇنداق قىيىنچىلىقىم بارتى ،ئانام كىسەلتى بالام ئاغرىقتى ، يەنە بىرنىمەم بىرمىتى دىگەندەك نۇرغۇن ياشلارغا ياردەم قىلىدىكەنمىز ، شۇلارنىڭ نەچچىسى راس نەچىچىسى يالغان ئاللاھ  ئۆزى بىلىدۇ . شۇنداقلارغا ياردەم قىلىشتىن ئاۋال ياشانغانلارغا ، مىيىپ ئاجىزلارغا ياردەم قلساق ،ياشلارمۇ ئۆز يولىنى تېىپىپ ماڭسا قانچە ياخشى بولار ئىدى دەپ كىتىمەن ، بىزنىڭ ئاق كۈڭۈللىكىمىز ،ئىچ ئاغرىتىشىمىز  شۇ ياشلارغا پۇل تىپىشنىڭ ۋاستىسى  ، ئاق نانچى ، تەييار تاپ بۇلۇپ قىلىشقغا سەۋەپچى بۇلۇپ قىلىۋاتقاندەك تۇيىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:34  


بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 01:05 , Processed in 0.055384 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش