يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 770 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1213|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇر تائاملىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:20:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر تائاملىرى

ساۋۇت سوپى

نان



بۈيۈك مەنزىلگە ئاتلانغان ئاشۇ كارۋانغا جاندۇر نان،
ۋەتەن دەپ تاغ_ داۋان ئاشقان زېرەك پالۋانغا قاندۇر نان.

ھاياتلىق نەدە ئىنسانغا ئەگەر  ئايرىلسا شۇ ناندىن،
جىمى مېھنەت،كۈرەشلەردە قورساق ئاچقانغا بالدۇر نان.

ئېغىزلانغان ئىدۇق ناندا،تۇغۇلغان چاغدا دۇنيادا،
زەبەردەست،نەۋقىران قىلدى،بېرىپ نىمجانغا ماغدۇر نان.

ئېتىز،جاڭگاھ ،  ،سەپەرلەردە پولو،لەغمەن،چۆچۈرە نەدە،
گېزى كەلسە كۆمەچ كۈممەك،  پىشارغا تېز تائامدۇر نان.

كېلەر نان ئەسلى سەھرا دىن، بىمىننەت ئاشۇ دېھقاندىن،
ئاايان ھەر كىمگە،ھەر كۈندە يېمەككە مىسلى كاندۇر نان.

پولو



تائام تۈرىدە ئۇيغۇرلار  پولونى<<پادىشاھ>>دەرلەر،
غىزالار سەپ_قاتارىدا جىمىدىن ئەتىۋار دەرلەر.

تولۇن ئايدەك لېگەن بىرلە تىزىلسا داستخانلارغا،
تائاملار باش ئىگىپ<<خوش _ خوش ئەزىزىم مەرھابا !>>دەرلەر.

ئېغىز تەگسە ئەگەر بىر رەت، قوشۇپ پاقلان گۆشى بىرلەر،
ئۇنى ماختاپ خېرىدارى،داۋايى ئىشتىھا دەرلەر.

تېتىپ كۆرسەيەنە مېھمان،كېلىپ مەشرىقۇ_مەغرىپتىن،
لېۋىنى چاك ئېتىپ جەزمەن،<<يېيىشلىك،بىباھا>>دەرلەر.

كاۋاپ



قەدىمىي تائام ئىكەن خاس قەۋمى ئۇيغۇرلاردا كاۋاپ،
شۆھرىتى،نامى ئۇنىڭ رىسالە_دەستۇرلاردا كاۋاپ.

ئۇيغۇرۇم ئەتكەن تائاملارنىڭ شەرەپ مۇنبىرىدە،
ئېلىنار تىلغا چوقۇمكى،نامى باش قۇردا كاۋاپ.

زىق كاۋاپ،قىيما كاۋاپ،قورىما كاۋاپ،دۈملىمە كاۋاپ،
بەك بەلەن،قوينى پۈتۈنلا قىلسا تۇنۇردا كاۋاپ.

<<مەززىلىك ئۇيغۇر كاۋىپى تەنگە قۇۋەت>>دەپتىكەن،
ئەجەبىي سېۋېن ھېدىن *يەپ دەشتى لوپنۇرغا كاۋاپ.

كىم يېسە گەر بۇ كاۋاپتىن<<ھۇششەرە ئۇيغۇر>>دېگەي،
داڭ چىقارغان بېيجىڭ،شاھخەي شەھىرى لاھۇردا كاۋاپ.



سېۋېن ھېدىن_ 1900_يىلنىڭ ئالدى _ كەينىدە لوپنۇر رايۇنىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان شىۋىتسىيىلىك ئارخېئولوگ.

كېلىش مەنبەسى: ئاشپەز مۇنبىرى.


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي جۇلالىق، مەن شۇنداق تېزلىك بىلەن كىرىپتىمەن تېخى، بۇ يەردە ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئىتىلىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمدى بىر ئازراق بولسىمۇ خانىم- قىزلار تورىغا ئوخشىغۇدەك، دەپ. تۈرلىرى بويىچە ساقلىۋېلىپ، ئېتىشنى ئۈگىنەرمەن دەپتىكەنمەن...

بۇمۇ مەيلى، ئېسىل شېئىردىن بىرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.

[ Coffee بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:44  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:41:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Coffee بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:52 دە يوللىغان
ھەي جۇلالىق، مەن شۇنداق تېزلىك بىلەن كىرىپتىمەن تېخى، بۇ يەردە ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئىتىلىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇ ...

قەھۋە ئۇنداق بولسا ھازىرچە مۇراببا ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ تۇرۇڭ ھە !
گۈلقەنت
خۇرۇچلىرى : قىزىلگۈل بەرگىدىن بىر كىلوگرام ، شېكەر ياكى ھەسەلدىن ئىككى كىلوگرام .
ئېتىش ئۇسۇلى : ئالدى بىلەن قىزىلگۈل بەرگىنى پاكىز ئادالاپ ، ئاق يەرلىرىنى قىرقىۋېتىپ ، سوقۇپ قىيما قىلىمىز . ئاندىن قىيمىنىڭ ئۈستىگە شېكەر سېلىپ ،تولۇق ئارلاشتۇرىمىز . شېكەر قىيمىغا سىڭىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز ، قۇرۇق ئەينەك قاچىغا ياكى ساپال قاچىغا ئېلىپ ئاغزىنى ئەينەك ياكى يالتىراق بىلەن يېپىپ ئاپتاپتا قويۇپ ھەپتىدە بىر قېتىم ئارلاشتۇرۇپ قويۇمىز .40 كۈن ئەتراپىدا ئاپتاپتا تۇرغۇزساق گۈلقەنت تەييار بولىدۇ .
تەسىرى : ئاشقازاننىڭ خزمىتىنى ياخشىلايدۇ ، جىگەر ، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ ، ئۆپكە سىلىغا ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ ، بولۇپمۇ ھەسەلدىن ياسىغاننىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى .          (   مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى )

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:25:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر تائاملىرى

تائاملارنى قەدىرلىگەن،سۆيگەن ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى مەڭگۈ باياشات ئىچىدە ئۆتىدۇ.

        ئۇيغۇردا بار ئالەمدە يوق گۆش گىردىلەر،
ئۇيغۇردا بار مانتا،پولۇ،چۆچۈرىلەر.
    ئۇيغۇردا بار تونۇر كاۋاپ ياغ بۆرەكلەر،
      ئۇيغۇردا بار ئېسىل كۆڭۈل ھەم تىلەكلەر.

    تائاملارنىڭ سۇلتانىدۇر ئۇيغۇر تائاملىرى،
          بىزگە شەرەپ ،بىزگە بەخىت ئۇيغۇر تائاملىرى.
خاسىيەت ھەم شىپاسى بار ھەر بىرىنىڭ،
       بىزگە ھۆسىن،گۈزەل خالدۇرئۇيغۇر تائاملىرى.

مەنبە:نەنچاڭدىكى دولان ئاشخانىسىنىڭ تېمىدىن كۆچۈرۋالدىم.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 08:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Coffee بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:52 دە يوللىغان
ھەي جۇلالىق، مەن شۇنداق تېزلىك بىلەن كىرىپتىمەن تېخى، بۇ يەردە ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئىتىلىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇ ...

قەھۋە، خانىم-قىزلىرىمىزغا پايدىسى بولىدىغان ئىش بولسا مەندە تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرغان بەش-ئالتە پارچە كىتاب بار. شۇلارنى مۇنبەرگە يوللاپ قويساممۇ بولىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:17:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

5# جۇلالىق نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش

بولسا شۇنداق قىلىڭە يىڭى كېلىن بولغانلارغا كۆپ پايدىسى بۇلاتتى

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:49:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:10:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق، دەل كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىڭىز!  ئاشۇ كىتاپلىرىڭىزنى مۇنبەرگە ئەكىلڭچۇ قەدىرلىك، شۇنداق دەپ خەت قالدۇرماقچىدىم سىزگە. شۇنداق بىر كىتاپ بويىچە تاماقلارنى تۈر-تۈرى بىلەن ئېتىپ باققۇم بار(يولدۇشۇم بىرنى ئەكىلىپتىكەن، بەزىدە ئارىلاپ شۇ بويىچە ئېتىپ باقىمەن، ئەمما بەك ئاز، ۋاقت يار بەرمەيدىكەن)شۇ باھانە بىلەن يىتىشكەن، لاياقەتلىك ئايال بولۇپ قېلىشىمغا تۈرتكە بولۇپ قالامسىز تېخى.

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:05:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بولسا ئاشۇنداق قىللىڭلار مەنمۇ شۇ باھانىدە تاماق  ئېتىشنى ئېتىشنى ئۆگىنىۋالغىدەكمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:07 , Processed in 0.052530 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش