يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 993|ئىنكاس: 5

ئولتۇرغاندىكى قىياپىتىگە قاراپ پسىخىك ھالىتىنى چۈشىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:28:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئولتۇرغاندىكى قىياپىتىگە قاراپ پسىخىك ھالىتىنى چۈشىنىش


باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە قولىنى يوتىسىغا قويۇۋالىدىغان كىشىلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇ بىر خىل تەبىئىيلىككە تەۋە ھالەت. ئەمما ئىككى قولىنى قولاشتۇرالمايۋاتقان ياكى قويغىلى يەر تاپالمايۋاتقاندەك كۆرۈنگەن ئەرلەردە تۈرلۈك پسىخىك ئامىللار بولىدۇ. 
ئىككى قولىنىڭ ئالقىنى تۆۋەنگە قىلىپ تىزىغا قويۇپ ئولتۇرغان ئەر سىزگە ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ناۋادا سىز تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ئەر مۇشۇنداق ئولتۇرسا، سىز ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى جىددىيلىكىنى پەسەيتىشكە تىرىشسىڭىز، ئۇنى تەبىئىيرەك ئولتۇرۇشقا، قورۇنماسلىققا دەۋەت قىلىشىڭىز لازىم. 
ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىنى يۇقىرىغا قىلىپ تىزىغا قويۇپ ئولتۇرغان ئەر چوڭقۇر خىيال سۈرىۋاتقان، گاڭگىراپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان ياكى دىققىتى چېچىلىپ كەتكەن بولىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا سىز ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرۇپمۇ، خۇشامەت قىلىپمۇ ياكى گېپىڭىزنىڭ تېمىسنى يۆتكەپمۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە جەلىپ قىلالمايسىز. بۇنداق ئەرنىڭ پسىخىك ھالىتى نورماللاشقۇچە تىنىچلىق، جىمجىتلىققا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. 
ئىككى قولىنىڭ بارماق ئۇچىنى تىزىغا تىرەپ ئولتۇرغان ئەر سىزگە نىسبەتەن مەنسىتمەسلىك پسىخىكىسىنى ئالغان بولىدۇ. ئۇ بۇ خىل ھالەتنى كۈچلۈك نامايەن قىلغاندا، بۇ ئۇنىڭ بىزار بولۇش، غەزەپلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. دىققەت قىلىشىڭىز زۆرۈر.

كېلىش مەنبەسى: تەرمىلەر ژۇرنىلى.
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەركىن ئازادە، يۇمۇر-چاقچاق دىگەننى ياغدۇرۇپ ئولتۇرىمەن.
ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قالسام، ھەممىسى دەششەت ھۆرمىتىمنى قىلىدۇ-دە. يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق پاراڭلاردىن قىلىپ بىرىمەن، ئەركىن-ئازادە، خۇشال-خۇرام ئولتۇرىمىز.
لىكىن ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ئالدىغا كەلسەم ئۇنداق ئەمەس، ئەدەپ بىلەن سۈكۈتتە تۇرىدىغان گەپ

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:18:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارنىڭ يوقمىكەن

Rank: 2

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
2
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:30:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇپالىق ئىسلزادە-مۆتىۋەرلەرنىڭ پەرزەنىتلېرىنى ئاقسۇڭەكلەرچە تەربىيلەش ئۈچۈن چىقارغان"'پەتۋا"'لېرى بۇ.مۇپاسسان،بالزاك،چىخوپلارنىڭ ئەسەرلېرىدە بۇنداق كۆرنۇشتە ئەدەپلىك ئەمىليەتتتە بەدىخەج،چىرىكلەشكەن ئىكەنلىكىنى بەدىيلىك بىلەن ئىپادىلگەن ئەسەرلەرنى تۇلا كۆرۇپ ئانچە ئىشەنمەس بولغانمەن.

Rank: 2

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
2
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:39:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇشۇمچە بىرلا ماتىريالنى سىتاتىستىكا قىىلىپ باقايلى قېنى؛
10نەچچە يىل بۇرۇن چەتئەلدىن كەلگەن بىر مۇخپىر ئېلى دەرياسى بۇيىغا ساياھەتكە بېرىپتۇ.كېتىۋىتىپ قارىسا بىر بۇۋاينىڭ دەريا بۇيىدا شۇنداق چۈشكۈنلەشكەن،روھسىز ھالدا بىشىنى ساڭگىلتىپ سۇغا قاراپ خىياللارغا ئەسىر بۇلۇپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۇپتۇ.بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىياپىتىگە ۋەكىللىك قىلسا كېرەك،دىگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ سۈرەتكە تارتىۋاپتۇ.يۇقۇرى ئېقىننى بۇيلاپ داۋاملىق مىڭىپتۇ.سەل تۇرۇپ بىر قىيقاس-سۈرەندىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىسا بايقى بۇۋاينىڭ ئات ئۇستىدە ئولتۇرۇپ شۇنداق جۇشقۇن،روھى كۈتىرەڭگۈ ھالدا ياش يىگىتلەردەك قىيقاس سىلىپ ئاتلىق چىپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ھەيرانلىقتىن بايقى يەكۈنىنى ئىنكار قىلىشقا مەجىبور بۇلىپتۇ...
تېمىغا دەل چۈشەمدۇ يوق بىلمەيمەن.خۇلاسىسىنى زېھنى ئۆتكۈر دوستلارنىڭ پىكىر خامىنى بىر تەرەپ قىلسۇن.

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 10:06:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنى مۇنداق چۈشەندىم ، توغرىمۇ يوق بىلمەيمەن ، لېكىن توغرا خۇلاسىغا ئەقلى يەتكەن دوستلارنىڭ جاۋابىنى كۈتىمەن !

  مەنچە ئۇ بوۋاي دەريا بويىدا ئۇنداق ئولتۇرغىنى بىلەن ، دەريانىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا كەلگىنىدە ئۆزىنىڭ ھەقىقى جاسارىتىنى نامايەن قىلغان بولۇشى مۈمكىن .

ئۇ تەرەپتە كىم بار ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 05:37 , Processed in 0.051319 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش