يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 766 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 803|ئىنكاس: 9

نەسىردىن ئەپەندى كىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:23:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىردىن ئەپەندى كىم؟

نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تارىخى شەخىس ياكى خەلق ئەدەبىياتىدىكى غايىۋى ئوبراز ئىكەنلىكى توغرىسدا خەلقئارادىكى نۇپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار ئارىسدا ئوخشاشمىغان قاراشلار بولغان ، ھەتتا نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تارقالغان رايونلاردىكى خەلقلەر ئۇنى ئۆز يۇرتىدا ياشىغان دانىشمەن دەپ قاراپ كەلگەن XIX ئەسىرنىڭ 80 -يىللىرىدا تۈركىيىلىك ئالىم مىجىت ھاسان يەرلىك ئارخىپلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ XIII ئەسىردە تۈركىيىدە ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئىپاتلىغان .كونيالىق ئىبىراھىم خاككى يازغان ۋە 1945-يىلى نەشىر قىلىنغان < ئاقشەھىر تارىخى > ناملىق ئەسەردە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تارىخىدىن ئېنىق مەلۇمات بېرىلگەن .1993-يىل 7-ئايىنىڭ 1-كۈندىن 6 -كۇنگىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەخىتى ئەنقەرەدە ئېچلىغان < يىپەك يولى مىللەتلىرى ئارا خەلق ئەدەبىياتى ئىلمىئې كېڭىشى > گە ئېلىمىز ۋەكىلى سۈپتىدە قاتناشقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پرۇفېسۇرى ئابدۇكېرىم راخمان تۈركىيىدىكى ئېلىمىئې پائالىيتىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان :ئىككى قېتىملىق ھاسىلات < ناملىق ماقالىسىدە نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە مەخسۇس توخىتالغان .
  نەسىردىن ئەپەندى تەخمىنەن 1208 -يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىرىدىكى سەرۋىھسار قەلەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان .دادىسى ئابدۇللا ئەپەندى ،ئانىسى سەدىكا خانىم شۇ دەۋرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بولغان .ئۇ دادىسىدىن باشلانغۇچ مەلۇمات ئېلىپ ،سەرۋىھسار مەدىرىسەسىدە ئوقۇغان .ئوقۇش پۈتكۇزگەن مەزگىللىرىدە قازا قىلغان دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ،بىر مەزگىل خورتۇدا ئىمام بولغان .ئۇ ئىلىم ئېلش ئارزۇسى بىلەن مەھمۇد ئىسملىك خوجىغا ئىماملىقىنى ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن ، ئەينى دەۋردە ئاناتولىيىنىڭ ئىلىم ئوچىقى ھېسابلانغان كونيا شەھىرىگە بېرىپ ،مەۋلانا جالالىدىن رۇمى (1207-1274) مەدرىسەسىدە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى ، شائىر ۋە ئالىم سەئىد مەھمۇد ھەيرانىدىن دەرس ئالغان مەدرىسەنى تاماملاپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ،ئاتىكە ئىسملىك قىزغا ئۆيلەنگەن ،ئۇنىڭىدىن تۇغۇلغان پاتىمە ئىسىملىك قىزى 1226-يىلى 8-ئايدا كىسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان .كېيىن يەنە بىر قىز پەرزەنىت كۆرۈپ ،ئۇنىڭغىمۇ پاتىمە دەپ ئىسىم قويغان .شۇ مەزگىللەردە كىر شەھىرىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى ،ئالىم ۋە شائىر ھاجى بەگىتاش (1210-1261) نىڭ تەۋسىيىسى بىلەن نەسىردىن ئەپەندى كونيادىن ئاقشەھىرگە كېلىپ مەدرىسە ئاچقان ، سەئىد مەھمۇد ھەيرانى ئۇنى ئاقشەھىر جامەسىنىڭ مۇدەررىسىلىكىگە تەكلىپ قىلغان .1237 -يىلى باھاردا ئائىلىسى بىلەن ئاقشەھىرگە كۆچۈپ كەلگەن نەسىرىن ئەپەندى شەھەر ھاكىمى سەئىد ئىبراھىم سۇلتان ھەدىيە قىلغان ئۆيدە ئولتۇراقلاشقان .نەسىردىن ئەپەندى كېيىنچە يەنە بىر خوتۇنلۇق بولۇپ ،ئۇنىڭىدىن دۇررى مەلىكە ئىسملىك قىز ، چوڭ ئايالىدىن جالالىدىن ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنىت كۆرگەن ۋە ئىككى ئايالى بىلەن ئىناق ،تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئۆتكەن .ئۇ ھەراخشىمى < قوران كەرىم > ، تەپسىر ،ھەدىس ، <دەدە قۇرقۇت مەسىلىلىرى > ، < كەلىلە -دەمىنە > ، < باتتالنامە > (ھىنىدى مەھەللىرى ) ، ۋەلىد يازغان < مەرىپەتنامە > ، نىزامىلۇلمۈلۈك يازغان <سىياسەتنامە > ، شەيخ سەئىدى يازغان < بوستان > ۋە <گۈلىستان > قاتارلىق مەشھۇر كىتابلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن .ئۇستازى سەئىدى مەھمۇد ھەيرانىدىن ۋە تۈرك شائىرى ئاشىق پاشانىڭ دىلكىشى بابا ئىلياستىن تەلىم ئالغان . بۇش ۋاقىت تاپىسلا ، <گۈدەك مۇنارى مەدرىسە > ، < فەرۇخ شاھ مەدرىسە > ،< ئالتۇن قەلەم مەدرىسە > قاتارلىق ئاقشەھىردىكى ئوتتۇرا ئاناتولىيە بويىچە مەشھۇر مەدرىسەلەرنى زىيارەت قىلغان. ھەتتا ئىلىم ئىزدەپ ،كۆپ كېتىم كونيا شەھىرىگە ئېشەك مىنىپ بارغان .شۇنداق قىلىپ ، ئەينى دەۋردە تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر مۇتەپەككۇر ، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دىنىئې مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئېقىمىغا مەنسۇپ كامىل دىنشۇناس ۋە تەڭداشسىز سۆز سەنەتكارى بولۇپ يېتىلگەن نەسىردىن ئەپەندى سانسىزلىغان لەتىپە -چاقچاق ، شېئىر ۋە باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان .ئۇ تەخمىنەن 1285-يىلى ئاقشەھىردە ئالەمدىن ئۆتۈپ ،ئۇستازى سەئىد مەھمۇد ھەيرانى قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپىنە قىلىنغان . بۇ جاي كېيىنچە ، <خوجا نەسىردىن مازىرى > دەپ ئاتىلىپ ، مازار يېنىغا <خوجا نەسىردىن مەدرىسەسى > تەسىس قىلىنغان .   
  XIV ئەسىردە ئاناتولىيىگە بېسىپ كىرگەن مۇغۇل ھۆكۈمدارى ئەمىر تېمۇر (1336-1405) دەۋردە ئاقشەھىر ئېغىر ۋەيرانچلىققا ئۇچىرىغان ،نۇرغۇن يادىكارلقىلار كۆيدۈرۈۋېتلىگەن .شۇ قاتاردا نەسىردىن ئەپەندىنىئو شېئىر دىۋانلىرى ۋە باشقا قوليازما ئەسەرلىرىمۇ يوقالغان .  
  ئابدۇلھەمىدخان (1876_19090-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان )زامانىدا كونيا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيىسى فايىك بەگ ئاقشەھىرنى ئوراپ تۇرغان سۇلتان تېغىنىڭ باغىرىدىكى باغچە ئوتتۇرىسىغا خوجا نەسىرىدىن مەقبەرسىنى ئەسلىئې شەكلى بويىچە مەرمەردىن ياساپ ، 1905-يىل 7-ئايىنىڭ 12-كۈنى پۈتكۈزگەن . مەقبەرە يېنىدىكى <خوجا نەسىردىن مەدرىسەسى > ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ، ئاقشەھىر مەركىزىگە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئېشەككە مىنىپ تۇرغان مەرمەر ھەيكلى تىكلەنگەن .ھازىر ئىستانبۇل مۇزېيىدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن ساقال -بۇرۇت قويغان ، كىچىككىنە ئېشەككە مىنگە ن قىياپەتتىكى سۈرىتى ؛ ئاقشەھىردىكى <خوجا نەسىردىن مۇزېيې > دا ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر ماددىئې بۇيۇم ۋە خاتىرىلەر بار . ئەنقەرە دۆلەتلىك كۇتۇپخانا ،ئىستانبۇل ئەدرنە تارىخىئې مۇزېئې ۋە بەزى چەت ئەل مۇزېيلىرىدا نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە 500 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىئې كىتاپ ساقلانماقىتا .ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوسمانىيە دەۋردىكى جەم سۇلتاننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەبۇلغازى رۇمى 1480-يىلى يازغان < سالتۇقنامە >دېگەن ئەسەردە ،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ XIII ئەسىردىكى مەشھۇر تۈرك ئالىمى سارى سالتۇق بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقى ،ئۇنىڭ نامى ۋە لەتىپلىرى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان . 
  نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىسمى خوجا نەسىردىن بولۇپ ، < موللا نەسىردىن > ، <نەسىردىن ئەپەندى > دېگەن ئىسمىلا كېينچە ئۇنى ھۆرمەتلەپ قويۇلغان ۋە سىڭىپ كەتكەن . < ئەپەندى > دېگەن سۆز تۈركىچە < مۇئەللىم > ، <ئۇستاز > مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋە نوپۇزلۇق ئەرلەرگە قارىتىلىغان ھۆرمەت نامى .
  نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى ئۇنىڭلا ئەمەس ، بەلكى ئەرەبلەر ئارىسىدا تارقىلىپ ، ئىسلامىيەتتىن كېين تۈركىيگە ئېقىپ كىرگەن ھاجراد ،ئەشاپ ، ئەبۇ نەۋۋاس ،جۇھا ،ھاپىز ئىبراھىم قاتارلىقلارنىڭ قىزىقا رلىق گەپ -سۆزلىرى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ۋە ئۇنىڭ نامىدا ئاتىلىپ ، ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىدىن ئوتتۇرا -يېقىن شەرق ، بالقان يېرىم ئارىلى ،.ئەرەپ ئەللىرى ،ئوتتۇرا ئاسيە ،ھەتتا تارىم ۋادىسى ئەتىراپلىرىغىچە كەڭ تارقالغان .نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى XVI ئەسىردە تۈركىيە يازغۇچىسى ۋە شائىرى رامىن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم يىغىلىپ ۋە تەھىرىرلىنىپ توپلام قىلىنغان . XVII ئەسىردە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان ، XVIII رەسمىئې كىتان بولۇپ شەكىللەنگەن . XIX ئەسىردە < نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى > تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە مىسىرنىڭ قاھىرە شەھەرلىرىدىكى تاش مەتبەئەدە تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان .تۈركىيە ئالىمى ۋىلتائىز بوداق تۈزۈپ ،1909 -يىلى نەشىر قىلىنغان < ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى >غا 392 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن . XX ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغا كەلگەندە ، < ئەپەندى لەتىپلىرى توپلمى > نىڭ ئالىتە خىل نۇسخىسى نەشىر قىلىنىپ ، 445 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن .ئۇنىڭ فىرانسۇزچە نۇسخىسى 1978 -يىلى ئىتسانبۇلدا نەشىر قىلىنغان . ئەنگلىيىدە 1966-يىلى ،1973-يىلى ۋە 1978-يىلى ئۈچ خىل نۇسخىدىكى < ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى >نىڭ تەرجمىسى نەشىر قىلىنغان . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا <نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى > 1936-يىلى تۇنجى قېتىم ،1957-يىلى ،1959-يىلى ۋە 1963-يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان. 1959-يىلى تاشكەنىت <شەرق ھەقىقىتى > نەشىرىياتى ل .ۋ .سولۇيىۋنىڭ < خوجا نەسىردىن ھەققىدە قىسسە > ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغان ، بۇ كىتاپ كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان . ياپونىيىدە < نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى > نىڭ تەرجىمىسى 1965 -يىلى تۇنجى قېتىم ،1977-يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان . دۆلىتىمىزدە 1958-يىلىدىن كېيىن ،نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى ھەر مىللەت تىلىدا تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنغان .ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىغان < نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى > بىر قەدەر تولۇق . جاۋ شىجې ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن ،دۇنخۇئاڭ ئەدەبىيات -سەنەت نەشىرىياتى 1990 -يىلى لەنجۇدا خەنزۇچە نەشىر قىلغان <ئۇيغۇر لەتىپە -چاقچاقلىرىدىن تاللانما > ناملىق توپلامغا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ 217 پارچە لەتىپىسى كىرگۈزۈلگەن .   
  ئۇيغۇر خەلقى يىپەك يولى مەدەنىيتىنىڭ بۈيۈك ئەلچىسى ،دۇنياۋى فولكلۇر قەھىرىمانى ،ھازىر جاۋاپ سۆز سەنەتكارى ،ئۆتكۇر پىكىرلىك ۋە ساغلام ئەقىللىق نەسىردىن ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ قىزىقچىسى دەپ بىلىدۇ . خەلقىمىز ئۆز ئەقىل - پاراستى ،تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى قوشۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز بېيتىپ ،ھەرخىل زامان -ماكان شارائىدە ئۇنىڭ نامىدا تارقىتىپ ،ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن لەتىپلەر 2000 پارچىدىن ئاشىدۇ . چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرىگە ئىگە نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىگە ئىنتايىن باي بولۇپ ،ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا مەڭگۈ ئۆلمەس دۇنياۋى بەدىئې ئوبراز ھېسابلىندۇ .
  
مەنبە :<<ئۇيغۇر كۈلكە چولپانلىرى>>ناملىق كىتاپ
كېلىش مەنبەسى: بلوگباس.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:16:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى ۋاقىتتىكى جاللاتلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى رەھىمسىز قىرغىن قىلىشلىرى، ھازىرقى ئۇيغۇر تىل-يېزىق، ئەدەبىيات  قاھەتچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىققىنىغا باش جىنايەتچى بولۇشى كىرەك.

Rank: 2

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
2
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:22:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بىلىشىمچە مەدەنيەت ئىنقىلابىدا نۇرغۇن كىتاپ-ماتىريال ۋە قول يازمىلار كۈيۈپ كۈلگە ئايلانغان ئىكەنتۇق.يازما مىراس-ئاسارە-ئەتىقىلېرىمىزمۇ  چەتئەلدىن تەكلىماكانغا كەلگەن ئىكىسپىدىيىچىلەر تەرپىدىن ئىلىپ كېتىلگەن ئىكەن.بېرلىن،بېرتانىيە،شىۋىتسارىيە خانلىق موزىيخانىلېرىدىكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلېرى بۇ يەردىكى موزىيخانىلاردىكىگە قارىغاندا تۈرى،سانى كۆپلىكىنى ساياھەت خاتىرلېرىدىن بىلىپ قالدۇق.
سەنسىز نىڭ كۆزدە تۇتماقچى بولغىنى بەلكىم شۇ بولسا كېرەك.
نەسىردىن ئەپەندى زادى ئۆتكەن شەخىسمۇ ياكى كىشىلەر قەلبىدىكى ئويدۇرما شەخىسمۇ؟ناۋادا بۇرۇن ياشىغان كىشى بولسا قەبرىسى نەدە؟يەنە قانداق تەرجىمھاللېرى بار؟قازاق،قىرغىز،ئۇيغۇر،تۈرىك،تاتار...قاتارلىق تۈرىك مىللەتلېرىنىڭ ھەر خىل ۋاريانىتلېرىدىكى لەتىپىلېرى كۆپلەپ ئۇچىرايدۇ.بەلكىم بىزدە نەسىردىن ئەپەندىم تەتقىقاتى بولمىغاچقا بۇ تۇغرىسىدا مۇپەسسەل تۇنۇشىمىز يىتەرلىك بولمىسا كېرەك.بۇ تۇغرىسىدا تۇختۇلۇشمۇ دېسىرتاسىيە ياقىلايدىغان ئىجدىمائىي پەن خادىملېرىغا نىسپەتەن بىر چوڭ تېما!

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:37:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىكا ئۆسمۇرلېرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم

بىز كىچىك چېغىمىزدا ئەدەبىيات دەرسىدە نەسردىن ئەپەندىم ھەققىدىكى لەتىپىلەرنى ئوقۇيتتۇق. ئۇ لەتىپىلەردە ئەپەندىمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئاجىزلارغا يۆلەك بولۇپ ، كۈچلۈكلەرگە دادىل قارشى تۇرۇشتەك قەيسەرانە روھى سۆزلىنەتتى. ئەپەندىم ئىجابىي ئوبراز ، باي بولسا ئۇچىغا چىققان ئاچكۆز، بېخىل سۈپىتىدىكى سەلبىي ئوبراز ئىدى.
ئامېرىكىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە  ئەپەندىمنىڭ قازان ئۆتنە ئېلىشى دېگەن دەرس ئۆتۈلۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەن.
مەزكۇر ئوقۇشلۇقتا ئەپەندىم ھەققىدە مۇنداق ھېكايە بايان قىلىنغان:
ئەپەندىم بىر كۈنى بىر بايدىن قازان ئۆتنە ئالغان ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇ قازاننىڭ ئىچىگە يەنە بىر كىچىك قازاننى سېلىپ بايغا قايتۇرۇپ بەرگەن، باي بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ كىچىك قازاننىڭ قانداق قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى سورىغان :
-سىز پەقەت بىر قازان ئۆتنە ئالغان ئىدىڭىز، ئەمدى قازان ئىككى بولۇپ قاپتىغۇ ؟
ئەپەندىم باينىڭ سوئالىغا ،- سىلى بەرگەن قازان بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغان مەزگىلىدە ماۋۇ كىچىك قازاننى تۇغقان ئىدى. شۇڭا، ئىككىسىنى قوشۇپلا قايتۇرۇپ بېرەي دېدىم ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باي ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇ ئىككى قازاننى ئېلىپ قاپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئەپەندىم بايدىن يەنە چوڭراق قازان بېرىپ تۇرۇشنى سوراپتۇ. بايمۇ ئىككىلەنمەي ئۆيىدىكى ئەڭ چوڭ قازاننى ئاچىقىپ بېرىپتۇ. ئەمما، بۇ قېتىم ئەپەندىم خېلى ئۇزۇنغىچە قازاننى قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن باي تۇرالماي، ئەپەندىمدىن سوراپتۇ :
- قازاننى ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى خېلى بولدى، ھېلىغىچە قايتۇرۇپ بەرمىدىڭىز ؟
- سىلىنىڭ قازانلىرى بۇرناكۈن ئۆلۈپ قالدى.
- نېمە ؟! قازانمۇ ئۆلۈپ قالامدۇ ؟
- قازان تۇغسا بولىدىكەنۇ ، ئۆلۈپ قالسا بولمامدۇ ؟!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان باينىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ، جىلە بولغانچە كېتىپ قاپتۇ.

ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر تېكىستنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ھېكايە ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپتۇ.

ئوقۇغۇچى : قازان دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: قازان ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال.
ئوقۇغۇچى : ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال دېگەن ئائىلىلەرگە خاس بولغان بۇيۇم ، بۇنى خالىغانچە باشقىلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. شۇنداقكەن ئەپەندىم نېمە ئۈچۈن باشقىلاردىن يەنە قازان ئۆتنە ئالىدۇ؟
ئوقۇتقۇچى: چۈنكى ئۇ نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆيىدە مېھمانلارغا يەتكۈدەك ئاش – تاماق تەييار قىلغۇدەك قازىنى يوق. شۇڭا، باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئوقۇغۇچى: ئۇنداقتا باي دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: باي دېگىنىمىز يېزىلاردىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ، يېرى كۆپ ئادەم بولۇپ، كۆپىنچە باشقىلارنى ياللاپ يېرىگە ئىشلەتكۈزىدۇ.
ئوقۇغۇچى: بىز بۇ ھېكايىنى ياقتۇرمىدۇق ۋە بۇ ھېكايىدىكى بۇ ئىككى ئادەمنىمۇ ياقتۇرمىدۇق.ھەر ئىككىلىسى ئالدامچى، ئاچكۆز ئادەملەركەن. بۇنداق تېكىستلەر ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام تەربىيىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇغۇچى: مېنىڭچە بۇ ئەپەندىم دېگىنى قارىماققا ئەقىللىقتەك قىلغىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە بىر ئەخمەق ئىكەن. شۇنىچە ئويلاپ قۇرغان قىلتىقى شۇ بىر كىچىك قازان بەدىلىگە بىر چوڭ قازانغا ئېرىشىش ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا قازان دەڭلار
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭ باشقىلاردىن قازان ئۆتنە ئېلىپ ئىشلەتكۈدەك نامرات ئەھۋالغا قېلىشى بەرھەق ئىكەن. چۈنكى ئۇ ئەجىر قىلماي ئېرىشىشنى خىيال قىلىدىغان، باشقىلارنى ئالداپ كۈن ئېلىشنى بىلىدىغان يارىماس ئىكەن
ئوقۇغۇچى: ئەگەر ئۇ ئۆزىدىكى كىچىك قازاننى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، يەنە ئازراق ئەمگەك قىلىپ پۇل تاپقان بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قازاننى ئالالايتتى. باشقىلارنى ئالداشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ …
ئوقۇتقۇچى : ئېيتقانلىرىڭىلار توغرا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ، ئەمگەكنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك يولى.
ئوقۇغۇچى: يەنە بار، ئۇ ئەمدى باشقىلاردىن بىرنەرسە سورىسا، چوقۇم ھېچكىم ئۇنىڭغا بەرمەيدۇ.
ئوقۇغۇچى: شۇنداق، ئۇ باشقىلاردىن ئالغاننى قايتۇرماي، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالدى.
ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا سىلەر بۇ ھېكايىدىكى بايغا قانداق قارايسىلەر ؟
ئوقۇغۇچى: بۇ باي بەك ئاچكۆز ئىكەن. ئەپەندىم بىرىنچى قېتىم قازان قايتۇرغاندا ھېلىقى كىچىك قازاننىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭدا ئادىمىيلىك خىسلەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن.
ئوقۇغۇچى: شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ پۇلى كۆپ باي بولغاندىن كېيىن نامراتلارنىڭ مۈلۈكىنى ئىگىلىۋالماي ، كۆپرەك خەيرى – ساخاۋەت قىلىشى، فوند تەسىس قىلىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك ئىدى.


ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:51:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى لەتىپىلەردە نەسىردىن ئەپەندىم دىنسىز قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئەسلى نەسىردىن ئەپەندى كامىل مۇسۇلمان ئىدى (بىلگۈچى ئاللاھ) . كېيىنكىلەر ئاللاقانداق لەتىپىلەرنى ئەپەندىم نامىغا باغلاپ، ئەپەندىمنىڭ نامىنى بۇلغاۋاتىدۇ.

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
841

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:01:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندىم ھەققىدە ئەڭ نوپۇزلۇق كىتاب سوۋىت يازغۇچىسى لىئونىد سولۇنۇۋنىڭ <<نەسىردىن ئەپەندىم ھەققىدە قىسسە >> ناملىق يەتتە يۈز نەچچە بەتلىك رومانى. بۇ روماننى يازغۇچى سولۇنۇۋ ئۆزبىكلەر ئېلىدە يىگىرمە يىلدەك تۇرۇپ، تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئىچكى تۇرمۇشىنى پىششىق بىلىپ ئاندىن يازغان. ئۇنىڭدا ئەپەندىم پارچە-پارچە ھالەتتە ئەمەس، بەلكى قان-گۆشتىن تۈزۈلگەن پۈتۈنسۈرۈك بىر ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. مەن بۇ ئەسەرنى يۈز نەچچە قېتىم ئوقۇغاندىمەن. ھازىرقى پىرۇزا ئىجادىيىتىگە كىرىپ قېلىشىمغىمۇ دەل ئاشۇنداق كىتابلار سەۋەبچى. ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:58:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:01 دە يوللىغان
ئەپەندىم ھەققىدە ئەڭ نوپۇزلۇق كىتاب سوۋىت يازغۇچىسى لىئونىد سولۇنۇۋنىڭ  ناملىق يەتتە يۈز نەچچە بەتلىك رومان ...



700 نەچچە بەتلىك روماننى 100 نەچچە قېتىم ئوقۇغان بولسىڭىز راستىنلا سەۋر تاقىتىڭىز ۋە كىتاب ئوقۇش ئىرادىڭىز كۈچلۈك ئىكەن جۇمۇ ئايدارقىز. . .

ئەپەندىمنىڭ ھەقىقى تارىخى شەخىس ياكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئويدۇرما شەخىس ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەتالاشلار ھازىرغىچە بېسىققىنى يوق. ئەپەندىم توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلاردىن ئۇنىڭ ياشىغان ۋاقتىنى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە دىگەن يىلنامىگە پىكىر ئورتاقلىشىدۇ ياكى پىكىر يېقىنلىشىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ 12-ئەسىردە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن دەپ قارايدۇ، ئۆزبەكلەر ئۇنى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆتكەن دەپ قارايدۇ، ئەرەبلەر بولسا ئەپەندىمنى ئىراقنىڭ باغداد شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆتكەن دەپ قارايدۇ، تۈركلەر تۈركىيىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى ئاقشەھەردە ياشىغان دەپ قارايدۇ ھەم ئەپەندىمنىڭ مەقبەرىسىنى تۇرغۇزۇپ، مەقبەرىگە " نەسىردىن خوجا، تۈرك، 1208-يىلى تۇغۇلۇپ، 1284-يىلغىچە ياشىغان، ئىسلام دىنى موللىسى، ئىسلام دىنى ئۇستازى بولغان، مەسىچىتتە ئىماملىق قىلغان، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن باشقىلارغا لەتىپە سۆزلەپ كىشلەرنى كۈلدۈرەتتى" دەپ يېزىلغانىكەن. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرىنى تۈركلەر 16-ئەسىردە يىغىپ " لەتىپىلەر" دەپ كىتاب قىلىپ نەشىر قىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار باركەن.
يۇقۇرىدا توتېم ئېيتقانداك، نەسىرىدىن ئەپەندى توغرىسىدىكى بۇ تەتقىقاتلار راستىنلا كۆپ كۈچ تۇتىدىغان، كەڭ مۇنازىرە قوزغايدىغان، تارىخى ئىزلاردىن ئىزلەيدىغان مۇھىم تېما.

[ saye بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:59  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:00:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كىتابتىمۇ نەسىردىن ئەپەندى ئەسلى قىياپەتتە تەسۋىرلەنمەيدۇ. ئايدار خانقىز مۇۋاپىق تاپسىڭىز يۇقىرىدىكى ۋە مۇشۇ ئىنكاسىمنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر روماننى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىققايسىز.
يەنە بىر گەپ، ئۆزبېكلەر تۈركىي مىللەت، لېكىن تۈرك ئەمەس. ئەپەندىمنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆزبېكىستاندا ئەمەس، بەلكى تۈركىيىدە تۇرۇش بەكرەك مۇناسىپ كېلەمدىكىن دەيمەن.

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:04:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saye بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:58 دە يوللىغان

ئەپەندىمنىڭ ھەقىقى تارىخى شەخىس ياكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئويدۇرما شەخىس ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەتالاشلار ھازىرغىچە بېسىققىنى يوق. ئەپەندىم توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلاردىن ئۇنىڭ ياشىغان ۋاقتىنى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە دىگەن يىلنامىگە پىكىر ئورتاقلىشىدۇ ياكى پىكىر يېقىنلىشىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ 12-ئەسىردە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن دەپ قارايدۇ، ئۆزبەكلەر ئۇنى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆتكەن دەپ قارايدۇ، ئەرەبلەر بولسا ئەپەندىمنى ئىراقنىڭ باغداد شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆتكەن دەپ قارايدۇ، تۈركلەر تۈركىيىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى ئاقشەھەردە ياشىغان دەپ قارايدۇ ھەم ئەپەندىمنىڭ مەقبەرىسىنى تۇرغۇزۇپ، مەقبەرىگە " نەسىردىن خوجا، تۈرك، 1208-يىلى تۇغۇلۇپ، 1284-يىلغىچە ياشىغان، ئىسلام دىنى موللىسى، ئىسلام دىنى ئۇستازى بولغان، مەسىچىتتە ئىماملىق قىلغان، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن باشقىلارغا لەتىپە سۆزلەپ كىشلەرنى كۈلدۈرەتتى" دەپ يېزىلغانىكەن. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرىنى تۈركلەر 16-ئەسىردە يىغىپ " لەتىپىلەر" دەپ كىتاب قىلىپ نەشىر قىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار باركەن.


بەزىلەر ئەپەندىمنى ئەرەبلەردىكى جۇھا بىلەن بىر كىشى، ئەپەندىم ئەرەب دېيىشىدۇ. لېكىن، زور كۆپ ساندىكى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ھەم پېقىرنىڭ ناقىسلىق بىلەن كۆزىتىشىچە، ئەپەندىمنى تۈرك، تۈركىيىدە ياشاپ ئۆتكەن دېيىش بىر قەدەر كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە.

[ Insan بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:07  دە تەھرىرلىگەن. ]

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇرۇن ئەپەندىمنى ئۆزبېكىستاندا ياشاپ ئۆتكەن، كېيىن بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزغىمۇ كەلگەن دەپ ئويلىغانىدىم، يۇقارقى تېما ئارقىلىق ئەپەندىمنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى تېخىمۇ ئىلمىي بولغان ۋە توغرىلىقى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن مەلۇماتلارغا ئېرىشتىم. بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللار بولسا كۆپرەك پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىپ تۇرساق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:31 , Processed in 0.060495 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش