يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 713|ئىنكاس: 12

سۈكۈتنىڭ تىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
2
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:16:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1
ھاياتلىق سەپىرىمدە كېتىۋاتقىنىمدا يۈرۈكۈمگە تەككەن قانلىق بىر ھەسرەتتن تىلىم كىكەچ،دىلىم شىكەست بولدى.يۈرۈكۈمگە تەڭكەش خىياللېرىم پارتىلاپ چىقالماي خىلۋەتلەرگە ئىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. نورمال بىر كىشىگە ئاغزى بار تىلى يوق ئىنسانغا ئايلىنىشتىن ئارتۇق ئەلەم بولماس.
ئېغىر مەست-ئەلەس بولغان بىرسى چىن ئاشىقنىڭ سىمۇۋۇلى سەئىدىن،پەرھاد،تاھىر...دىگىنىدە تۇيغۇم قەھ-قەھ ئۇرۇپ كۈلۈپ كەتتى.جىسمىم مەستلىكنىڭ كۈلپەتلېرىنى ئاۋۇ بىچارىدەك تارتىپ باقمىغان بولسىمۇ تۇيغۇ كۈلپەتلېرىم ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىدى."'سەھەردىكى چۈش'" كە ئوخشاش تىلسىماتقا تولغان ئاشىقلىق قىسمىتى ئاپتاپ بۇلۇتلېرىغا يۇشۇرۇنغان تامچە كەبى دىلىم پىنھانىدا سۈكۈتلەرگە چۈممەكتە ئىدى.كۆكتە ئىسىقىلىق تۇرغان ئاينىڭ كۆلگە چۈشكەن شولىسى،يىراقتىكى چوپاننىڭ مىسكىن قۇمۇش نەي ئاۋازى،نەلەردىندۇر ئاڭلىنۋاتقان تاتلىق پىچىرلىشىش،ئوتلۇق سۈيۈشۈشلەر،زەينەپ ئىشقىدا سايراپ ھارغان كاككۈكنىڭ مىسكىن قىياپىتى شەكىللەنگەن تىمتاس گۇگۇمدا دىلىمنىڭ خىلۋەتلېرىدىكى سۈكۈتنىڭ تىلىنى چۈشىنەلەيدىغان كىشى زادى كىمكىنە؟...
                                                                         2

مەن ساڭا غايىبانە بەخىت تىلىيەلەيمەن،ئەمما سەن بولساڭ دەل ئەكسىچە خاتىرجەمسىز كۈن-تۈن ئاتا قىلىسەن.
سۆيگۈ-رەھىمسىز قان چىقارماي جان ئالدىغان قاتىل.مەشۇقسىز ئاشىقلىق سەپىرىدىكى زەربەدىس ئىنساننى يىقىتىپ،قاپقارا چاچلېرىغا قىراۋ باستۇرىدۇ.پورەكلەپ ھۈپپىدە ئىچىلغان قىزىل گۇللەرنى خازانغا ئايلاندۇرۇپ قۇيالايدۇ.تاھىرنىڭ سۇدا ئېقىشى،پەرھادنىڭ تاغنى كىسىشى،غېرىپنىڭ چۆلگە پالىنىشى...
  ئېھ،ئومىقىم!ھاياتلىقتا سىنىڭ جەزىبدار چېھرىڭنى خىيال قىلىشتىن ئارتۇق بەخىت بولمىسا كېرەك.سەن بولساڭ تىنماستىن ئازاپ قۇملېرى بىلەن يۈرۈكۈمنى كۈمۈپ قەبرىگە ئايلاندۇرۇشقا خۇشتارسەن.ئازاپلارنىڭ قېلىن پەردىلېرىدىن سىنىڭ گۈزەل جامالىڭ يالىتتىدە كۆرۈنىدۇ-دە،ئۆزەمنى ئازاپ قۇملېرىدىن دالدىغا ئالىمەن.بۇنىڭ سەۋەپلېرىنى ساڭا ئىپادىلەپ بېرىشكە ئامالسىزمەن.چۈنكى بۇ يۈرۈكۈمدىكى ئاداقى مەخپىيەت.
ئاشىقلىق سازىنى چالغىن،
ھېجران پەدىسىگە ئورىغىن.
پىغانلېرىم ئاچسىمۇ چىچەك،
دىللېرىمنى پىنھان ئەيلىگىن.

ئاشىقلىق بىلەن ۋىسالسىز سۆيگۈمدىن سەمەندەر قىسسەلېرى تۆرىلىدۇ.

                                                                  3

سۆيگۈ بارخانلېرىمنىڭ بۇ تەرپىدە ھېجران بار،سۆيگۈدىن تىزغان گۈل-چەمبىرەكلېرىم ئورامىدا سىنىڭ نەپىس بىر تال چىچىڭ بار.پىغاندا ئۇرغان ئاھلېرىم يالقۇنىدا سىنىڭ ئوتلۇق تىنىقىڭ بار.
دىل كۆزۈڭدە قاراپ باقساڭچۇ؟يۇلتۇزلار ئارسىدا ئايلىنىپ يۇرگەن پىغانلېرىم،ئاي قوچىقىغا بۈلەنگەن مىسكىن خىياللېرىم،چولپان يۇلتۇزدەك يىقىملىق تەبەسسۇمىلېرىڭ سۈكۈتتىكى يۈرۈكۈمدە قېتىپ قالماقتا.
   پىغانلېرىمنىڭ ھاياتلىقتىكى قىسقا كۈنلەرگىلا باغلانغان ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن بولساڭ،فوسفۇردەك كىچىككىنە جىلمىيىپلا يۇقاپ كەتمەس بولغىيتىڭ؟
يۈرەكتىىن سىرغىىپ چۈشۋاتقان قانلېرىمنىڭ بەدەخشان ياقۇتىدەك قىزارغان تۇمارىنى كۆكسىمگە پۈتكىنىمدە يىراقتىن تاماشامنى كۆرگىنىڭ زادى نىمىسى؟
ئېھ،گۈزەلم!سەن باشقىلارنىڭ نەزرىدە زىمىستان كىلىشى بىلەنلا سۇلىشىپ قالدىغان بىر تۈپ گۈلگە ئوخشىساڭمۇ،مىنىڭ نەزرىمدە ئەبەدىي چاقناپ تۇردىغان ھېلال ئايغا ئوخشايدىغانلىقىڭنى نىمىشقا قىياس قىلالمايدىغانسەن؟
سەن پۈتۈن سېھرى-جامالىڭنى،نازلىق قىياپىتىڭنى قەلبىمگە چېچىۋەتكەنسەن،مەن سىنى كۆيلەشكە ئەبەدىل-ئەبەد رازى.

                                                                                  4

سىنىڭ يارقىن سىمايىڭ بىلەن خىيالى مۇڭدىشىپ قەلبىمدە سۆيگۈ پىچىرلايدۇ.
ئۈنسىز تىللېرىم گاچىلاردەك تاۋۇىش چىقىرىدۇ.قەلىب كۆزلېرىم سىنىڭ قەلبىڭگە كىرىشتىكى تۇسالغۇسىز يول خىتى.غۇبارسىز سۆيگۈمدىن پۇرەكلەپ چىچەكلىگەن مىسكىن لىباس قەلبىمنى تىنىمسىز ئوراپ ساڭا بولغان ئىشقىمنى ئىما قىلىدۇ.يۈرۈكۈمدىن سىرغىغان قان-ياشلېرىم لىۋىمگە تەكرار-تەكرار تۇكىلگىندە ھېجران قىيامىنى تىتىپ قالىمەن.
سۆيگۈم گاڭگىرىغان ھالدا ھېجران ئاچىلىدا تۇراتتى.ھېجراننىڭ قەلىبنى بۇزەك ئەتكۈچى تۇمانلېرى ئارسىدا تۇلغانماقتا ئىدىم.پەرۋانىنىڭ ئوتتا كۈيۈشىنى تاماشا قلىپ تۇرغان پەنەر چىراقتەك مىسكىنلىكىم چىكىگە يەتتى.
بۇ ئازاپلېرىمغا تۇتاشقان يول مىنى نەگە ئاپىرار؟

                                                                             5

ئەسلى قىياپىتىنى يالىتتىلا ئاشكارلاپ غايىپ بولغان ئەي سۈيۈملۈك قىز نەدىسەن؟
قۇشلار ھەسرەتلىك ۋىچىرلاشماقتا،كائىنات قىراۋغا ئايلانماقتا.يۈرۈكۈم سۈكۈتكە...

                                                                        6
ساڭا ئاتاپ تىزغان گۇللەر باغرىدا مىنىڭ يۈرۈكۈم مىسكىنلەرچە ئىڭراپ تۇرماقتا.چۆلدىكى بىر تۈپ قاقشال دەرەختەك ۋۇجۇدۇم نۇرانە جامالىڭغا تەشنا.پاراسەتلىكىڭدىن قەھ-قەھ ئۇرۇپ كۈلسەڭمۇ كۈل،ئەمما سۈكۈتتىكى تىلىم ساڭا ھېچنىمە دەپ بېرەلمەيدۇ.سۈكۈت مىنىڭ قەلىپ ئېتزىم.سۆيگۈ تېرىش مىنىڭ ئاداقى نىشانىم.ھېجران بېرىش سىنىڭ ئادىتىڭ!
پاكلانغان يۈرۈكۈمنىڭ سۈكۈتتىكى ئەكىس ساداسى ياڭرىماقتا.ئۆزگىچە بىر كۆي مىنى ياشارتماقتا.سۈكۈتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولساڭ زۇۋانسىز ھالدا بىشىڭنى يەلكەمگە قويغىن.ئۈنسىز ھالدا يىشىڭنى سۈرتۈپ قۇيۇشتىن باشقا تامايىم يوق.
سەھەردىكى چۈشتىن ئۇيغۇنۇپ تىلسىز يۈرۈكۈمنى تىڭشىغان پېتىم تاتلىق جىلمىيىشلېرىڭنى ئەسلەپ قالدىم.سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدەك نەپىس خىياللېرىم قاناتلىنىپ سىنىڭ ھېدىڭ تەرەپكە قاراپ ئۇچماقتا ئىدى.
بۇ قىسمەت ھاياتىمدىكى تىراگىدىيەمۇ ياكى كومىدىيەمۇ؟قېنى جاۋاپ بەرگىنە؟...

مەنبە؛ياشلىق چوقانلىرى

2010-يىلىنىڭ 5-تۇمۇزى

ئەسكەرتىش؛ئاي ناملىرى بىلقۇت كالىندارىدا مۇنداق ئىپادىلنىپتۇ؛
1-ئاي قەھرىتان
2-ئاي ھۇد
3-ئاي نەۋرۇز
4-ئاي ئۈمىد
5-ئاي باھار
6-ئاي سەپەر
7-ئاي چىللە
8-ئاي تۇمۇز
9-ئاي مىزان
10-ئاي ئۇغۇز
11-ئاي ئوغلاق
12-ئاي كۆنەك

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:34:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ساڭا غايىبانە بەخىت تىلىيەلەيمەن،ئەمما سەن بولساڭ دەل ئەكسىچە خاتىرجەمسىز كۈن-تۈن ئاتا قىلىسەن.
بۇ بىر جۈملىنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ قالدىم~!

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 15:19:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماخمۇتجان ئىسلامنىڭ «كاككۇك قونغان تال» ىنى ئوقۇغاندەك بولۇپ قالدىم .

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 17:58:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ كۈيلىرى توختىماي ياڭرايدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
54
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:08:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىرتىپلا ۋىتىدىكەنسەنغۇ ھوي لىرىكا دىگەننى ! ئالامەت ھە !

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:10:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل لىرىكا بوپتۇ شۇنداق ھۇزۇر بىلەن ئۇقۇۋەتتىم

Rank: 2

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
2
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:15:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرۋاھ بىلەن مۇخلىسەنىڭ يۈرىكى جىرىڭلاپلا كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:36:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
totem بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:15 دە يوللىغان
ئەرۋاھ بىلەن مۇخلىسەنىڭ يۈرىكى جىرىڭلاپلا كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟

ئۇنداق ئاسان جىرىڭلاپ كەتمەيدۇ بىزنىڭ يۇرەكلار جۇمۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
835

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:04:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇخلىسە بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:36 دە يوللىغان

ئۇنداق ئاسان جىرىڭلاپ كەتمەيدۇ بىزنىڭ يۇرەكلار جۇمۇ


مۇخلىسەنىڭ يۈرىكىنىڭ رەختى قېلىن، ئۇششاق چەككەنلەرگە جىرىڭلىمايدۇ، ساداقەت بازغىنىدا كۈچەپ ئۇرغاندا ئاندىن كۈمۈش قۇڭغۇراقتەك جارقىن ئاۋاز ئەكىس ئېتىدۇ. (چاقچاق ھە)

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 07:51:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

9# saye نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش

嗯ھەجەپ توغرا تاپتىڭىز مۇشۇ زاماندا بولسا يۇرەك دېگەننى باغۇ قەلەيدىن قىلۋالسام دەيمەن。。。 ھەر قانداق ئىش بۇلۇشتىن قەتتى نەزەر پەقەت --پەقەت جىرىڭ شىمىسا    .......

[ مۇخلىسە بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 08:04  دە تەھرىرلىگەن. ]

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:07 , Processed in 0.055009 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش