يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 463|ئىنكاس: 12

ھېيىتلىق ساڭزا سېلىشنى ئۆگىنۋېلىشنىڭ ئۇسۇل جەريانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:18:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك قۇربان ھېيىت كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ، ساڭزا بولسا ھېيىتلىق داستىخانىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان شاھىنشاھ غىزالارنىڭ بىرى .
بىراۋنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كىرگەندە داستىخاندا گۆش بولمىسا مەيلىكى ساڭزا بولمىسا ھەرگىز ئۆيدىن چىققىلى ئۇنىماڭ ، تاكى ئۆي ئىگىسى ئالدىڭىزغا ئوخشىغان بىر دۆۋە ساڭزا ئەكەلمىگۈچە ...
ئەسكەرتىش : ھازىر بازاردا سېتىلۋاتقان تەييار ساڭزىلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ھايۋانات مېيى ئۇندىن باشقا يەنە چىرىشتىن ، قېتىشتىن ساقلايدىغان خۇرۇچلار قوشۇلىدىكەن .
توخۇ ، ئۆردەك نىڭ ئىچىدىن چىققان ۋە كالا يېغىنى قوشۇپ سالغان بازار ساڭزىسىنىڭ تەمى ياخشى بولسىمۇ ئەمما سالامەتلىكىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ ئازراق جاپا چەكسىڭىزمۇ ئۆز ئۆيىڭىزدە تەييارلاپ بېقىڭ !
ساڭزا سېلىشنىڭ جەريانى

چىرايلىق تىزىلغان ساڭزا

خۇرۇچلىرى:
ئاق ئۇن ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئېلىنىدۇ،سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگىرام ،چۈچۈتۈلگەن سۇ يېغى 200گىرام ،پىياز ئىككى باش ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،كاۋۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا ، مۇۋاپىق مىقداردا زەچۈ سېلىۋەتسىڭىز ساڭزا رەڭگى تولىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ .
سېلىش ئۇسۇلى:
1.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ،پىياز بىلەن كاۋۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ ،سۈيى سوۋۇتىلىدۇ، (كاۋۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتىلىدۇ.
2.ئۇنغا سوۋۇتۇلغان پىياز،كاۋۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز ،چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرىلىدۇ،خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 35گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ ،ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىلىدۇ،تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى،تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق.
3.تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۈشۈك ئېچىپ ،خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ، ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمىتىر قىلىپ كالۋىلاپ ،ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغان ئېلىپ 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىلىدۇ.
ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرىۋېلىپ ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا ،بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ ،چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بۇلىدۇ،پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك،ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ،(ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا ،قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ) .
ئالاھىدىلىكى:
شەكلى كۆركەم ،چۈرۈك ھەم مەززىلىك ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ،كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ .
                                                  مەنبە : ئۇيغۇر ئاشپەز مۇنبىرى



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:39:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئۆيدە ساڭزا سالىدىغان ئاياللار يوق دىيەرلىك جۇمۇ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، خۇددى سايە دېگەندەك ئانام بىلەن دادامدىن باشقا ھەممە نەرسىگە ئارمان، ئىخلاس دەپ يۈگرەيمىز.
شۇنداقتىمۇ كۆپ رەھمەت ئەزىزجان مەلىم

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى بايىلا ساۋاغدىشىمنىڭ سېلىپ بەرگەن ھېيتلىق ساڭزىسىنى ئۇستەلگە تىزىپ قۇيۇپ...........................

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 02:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگىنىڭىز بويىچە سېپ باقايچۇ  .....  ساڭزا - قۇژماقسىز ھېيت ھېيتتەك بىلىنمەيدىكەن زادى ....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:13:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ، يېرىم كۈنمۇ دەم ئېلىشىم يوق قېرىنداشلىرىمممممممممممممممم.....ئىدارىدىكى بىرىگە سالغۇزدۇم

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:50:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلىغاندىن تەسكەنغۇ ......   ئارمان تاللا بازىرى بولغان بولسىمۇ مىيەدە ، بىرەر ئىككى ۋازا ساڭزا قۇژماق ئېلىپ تىزىپ قوياردىم ئۈستەلگە ..................

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:24:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەغمەن قېقى سالماق شۇنچە تەسما؟ بىزنىڭ ئۆيدىكى ئىۋۇ ئىككى سائەتتىلا تەييار قىلىپ بولىدۇ بىرەر ۋازا لەغمەن قېقىنى!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:23:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش مەرۋەرى نىڭ يازمىسى

ئەرنىڭ قەھرى بولمىغان ئائىلىدە ھېيىت كۇنلىرىدە ساڭزا سېلىش ئاستا -ئاستا يۇقايدۇ.چۇنكى ئاياللار بەك تۇمۇچان ئەمەسمۇ؟

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 09:40:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز تارىمنىڭ گىپىنىڭ ئاساسى بار جۇمۇ لېۋەنلەر...


خۇشچىراينى ئەسلەپ قالدىم. ھېيت-بايراملاردا قازان بېشىنىڭ بىلىملىرىنى بىرنى قويماي تۆكەتتى مۇنبەرگە. يوقاپ كەتتىغۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 09:42  


ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 3Rank: 3

توردا
116 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:14:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېمىرىنى بەلەن يۇغۇرۇپ ،تەكشى ئېشىپ بەرگىنىم بىلەن ،مۇشۇ پىشۇرۇپ تىزىشنى ھەجەپ سىناپ باقماپتىمەن .

كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 04:09 , Processed in 0.048595 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش