يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 331|ئىنكاس: 6

مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىڭىز ئۈچۈن چۇقۇم كۆرۈڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 19:05:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن ئەڭ ياراملىق!»دەڭ.
2.ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
3.قۇياشقا يۈزلىنىڭ شۇندىلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يۇقىلىدۇ.
4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز،ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بۇلۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
5.ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ئادىتىڭىز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،مىجەز-خاراكتىرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
6.ئىرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھىساپلاشماي توختىماي تەر تۆكىۋېرىڭ،بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
7.قىش كەلدى.شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
8.ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ،ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.
9.ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ.(يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ،ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.)
10.ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا،ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ.
11.ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز،ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز.
12. تىرىشىپ ئۆگىنىڭ بىلىملىك بۇلىسىز.تەنقىتتىن قۇرقماڭ، غەيرەتلىك بۇلىسىز.ئويلاپ سۆزلەڭ،ئىناۋەتلىك بولىسىز.بىرسىنى تاللاڭ،خاتىرجەم بولىسىز.
13.دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز.
14.نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس،سىزمۇ نۇر چاچالايسىز.
15.ئەخمەقلەر تىنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ،دانالار روھى ئارقىلىق تىنىنى باشقۇرىدۇ.
16. ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ.
17.خوشاللىق بىر خىل پۇزۇتسىيە،بىر كىشى خوشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چۇقۇم خوشال يۈرەلەيدۇ.
18.خوشال ئۈتۈشنىڭ سىرى:ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.باشقىلارنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ.
19.بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى:ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن يەنى سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىز ئىگە بولامىغان نەرسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ،ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كىلىدۇ.
20.ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ،ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش-بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر.ئېزىپ قېلىش-بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر.
21.ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.
22.بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى-ئىلكىدە بارىنى قەدەرلەش،ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كىتىش.
23.سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز،شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىىلىپ قالىسىز.
24.ئاچكۆزلۈك-ئەڭ ھەقىقى نامراتلىق.قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقى بايلىق.
25.ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازاپنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
26.خۇشاللىقتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەندىلا تېخىمۇ خۇشال بولغىلى بۇلىدۇ.
27.خۇشاللىق ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس،بەلكى ھىساپلاشقانلىرىڭىزنىڭ ئازلىقىدىندۇر.
28.ئادەمنىڭ ھەقىقى قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ.
29.بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزەڭنىڭ خۇي-پەيلىدىن كۆر.
30.مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ،ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كىيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ.
31.مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ،ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن پۇشايمان قىلماڭ.
32.ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ.ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.
33.ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ،ئەمما ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىپ قۇيۇڭ.
34.ھۇرۇنلىق،ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىق ئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ.
35. ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
36.ئۈمۈدلۈك ئادەم ئازاپنى خۇشاللىققا،«دوۋزاق»نى «جەننەت»كە ئايلاندۇرالايدۇ.
37.بارلىق غەلبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلبىنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قۇيۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.
38.خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ،ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىگىدىن ئاغرىنىدۇ.
39.دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى كۈنلەرنى بىكارچىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر.
40.ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ،ئىككىنچى ياشلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز.
41.ئوي-پىكىر ئۈشكىگە ئوخشايدۇ،كۈچنى مەلۇم نوقتىغا مەركەزلەشتۇرگەندىلا ئاندىن تىشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
42.ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
43.ئەگەر تاڭنى مەدھىيلىگەن بولسىڭىز،ئۇنداقتا قاراڭغۇ كېچىنىمۇ قۇچاقلاپ قويۇڭ.
44.ھاياتلىقى مۇھىمى تۇرغان ئۇرنىڭىز ئەمەس،يۈزلەنگەن نىشانىڭىز.
45.ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ،سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگىدىن ۋاز كەچمەڭ.
46.ھاياتلىق بەك قىسقا،بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە ئەتە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن.
47.تالانت بىر پىرسەنت ئىلھام بىلەن99پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر.
48. بىز ئادەملەر بەك ئەخمەق،دائىم ئېرىشكەنلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ئەكىسچە ئېرىشەلمىگەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ يۈرىمىز.
49.ئاۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا،باشقىلار ئاندىن سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ.
50.ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ،ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ


Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:11:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مەنىلىك سۆز-ئىبارلەركەن ،بۇسۆز-ئىبارىلەرنى ئۆزەمگە قىبىلنامە قىلۋالسام بولغۇدەك رەخمەت سىزگە

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 11:20:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش ئەزىزتارىم نىڭ يازمىسى


مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 2

توردا
109 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
267
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 02:37:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل پىكىرلەركەن ............... ھازىرقى مەسىلە ، دىمەككە ئاسان قىلماققا تەس بولىۋاتىدۇ دىسە ..... قىلالاشقا تىرىشىپ باقاي ھەر ھالدا ......

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1288

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:22:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ،ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 2

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 02:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
30.مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ،ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كىيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ.
مۇشۇ سۆزنى ئەمەلگە ئاشۇرسام بولاتتى .........
34.ھۇرۇنلىق،ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىق ئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ.
بۇمۇ ھازىر مەندىكى ئەڭ چوڭ ئەيىپ .....

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 01:05:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە ئۈچۈن غەم يىمەي بۈگۈن ئۈچۈن ياشا.
خۇشال بولساڭمۇ بىر كۈن ئۆتىدۇ، قايغۇ قىلساڭمۇ بىركۈن ئۆتىدۇ. نىمە ئۈچۈن بۈگۈن خۇشال بولمايسەن!

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:31 , Processed in 0.045396 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش