يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 734 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 8

ھەقىقىي مۇھەببەت يېنىڭىزدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. ئەر جان-دىل بىلەن ھېلىقى قولنى چىڭ تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قۇيۇپ بەرگۈسى كەلمەي يانچۇقىدىن ئىسىم كارتىسىنى چىقىرىپ ئىككىلەنمەيلا ھېلىقى قولغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئاپتوبۇستىن چۈشكەن چاغدا تۇيۇقسىز بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئەر تەرەپكە ئۇچقانداق كەپتۇ، ئارقىسىدىكى ئايال دەرھال ئەرنى ئىتتىرىۋېتىپتۇ،نەتىجىدە ئايال يۈك ئاپتوموبىلىغا سۇقۇلۇپ جان ئۈزۈپتۇ. ئەر ئېسىنى يېغىپ، ئايالىنىڭ قان ئىچىدە ياتقانلىقى كۆرۈپ ئۇنى قۇچاقلاپتۇ.، دەل شۇ چاغدا ئۇ ئايالىنىڭ نمىنىدۇر چىڭ سىقىمدىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپتۇ. شۇ چاغدىلا ئۇ بايىقى يۇمران، سىلىق قولنىڭ دەل ئايالىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، چۈنكى ئايالىنىڭ سىقىمدىۋالغىنى ئېرىنىڭ ئىسىم كارتىسى ئىكەن.
  ئائىلىنى بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشاتساق، مۇھەببەت، ئىشەنچ دېگەنلەر ئۇنىڭ يىلتىزىدۇر. بۇلار ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقۇچى مەنىۋى بايلىق، يېنىڭىزدىكى ھەقىقىي مۇھەببەت، سىز ئۈچۈن بېرىلگەن قوربانلىقلارنى ھېس قىلالىسىڭىز ھەم ئۇنى قەدىرلىيەلىسىڭىز،ئاندىن ئىللىق ئائىلىڭىزنىڭ، مېھرىبان ،جاپاكەش ئايالىڭىزنىڭ قەدرىگە يېتەلەيسىز.



مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى


Rank: 8Rank: 8

توردا
544 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
831

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:12:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى ئوقۇساملا يۈرىكىم ئاغرىپ كېتىدۇ...

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:55:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى قېتىم ئوقۇغان چېغىمدا كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتكەن ئىدى

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 00:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دەي ؟؟؟؟؟ ئەرنى تىللايمۇ ؟؟؟؟ يەنىلا سۈكۈت

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكاينى ئۇقۇپ سۇيۇملۇك ئايالىمنى ئەسلەپ قالدىم .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:18:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق نومۇسسىز ئەرلەرنى شۇنداق بىر ئۆمۈر ۋىجدان سورىقىغا قويۇش كېرەك !

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:31:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:06
بۇ ھىكاينى ئۇقۇپ سۇيۇملۇك ئايالىمنى ئەسلەپ قالدىم .

سۇكۇت ئىچىدە تۇرۇپمۇ ياكى ؟؟؟؟؟؟؟

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:34:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:18
بۇنداق نومۇسسىز ئەرلەرنى شۇنداق بىر ئۆمۈر ۋىجدان سورى ...

بىز ئاياللار قانداق قىلعاندا ئاندءىن ۋىجدانىنى ئازاپلىعىلى بولار؟؟؟؟؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 01:21:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بۇ ھىكايىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى بار دىيىلسە قانداق بولىشى مۇمكىن.
ئەر بىلەن ئايال ئابتۇبۇسقا چىقىپتۇ. ئابتۇبۇستا ئادەم قىستاڭچىلىقىدىن ئەر بىلەن ئايال ئايرىلىپ تۇرۇپتۇ. ئابتوبۇسنىڭ توختاۋسىز چايقاشلىرىدا ئايال مەزمۇت تۇرۇشنى ئويلاپتۇ. شۇ ۋاقىتتا ئايال كەينىدىن ئوتلۇق بىر تېنىق ئۇرۇلۇپتۇ، مۇستەھكەم كەڭ بىر يەلكە ئايالنىڭ مۈرىسىگە تىرىلىپتۇ. ئايال كەينىگە قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماپتۇ ، ئەمما ئۆزى ئەڭ بىخەتەر ئويلاپتۇ. ھەم كۈلۈمسىرىگىنىچە پورتمالىدىن ئىسىم كارتوچكىسىنى چىقىرىپ كەينىدىكى كەڭرى يەلكىلىك كىشىگە بېرىپتۇ. ئابتۇبۇس بېكەتكە كىرگەندىن كېيىن ئايال ماشىنىدىن چۈشۈپتۇ، تۇيۇقسىز يۇك ماشىنىسى كىلىپ قاپتۇ، ئايالنىڭ يولدىشى ئايالىنى كۈچەپ ئىتتىرىپ يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە چىقىرىپ قويۇپتۇ، ئەمما ئېرىنى يۈك ماشىنىسى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئايال يىغلىغىنىچە ئەرنىڭ جەسىتىگە تاشلىنىپتۇ. شۇ ۋاقىتتا ئەرنىڭ قولى چىڭ يۇمۇلغان ھالدا ئىدى. ئايال ئەرنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپلا ئۆزىنىڭ باشقا بىرىگە بەرگەن ئىسىم كارتوچكىسىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
....
پاھ ھۇي....ئەسلىدە ھىكايە دىگەننى مۇشۇنداق يازىدىكەن دە.
بۇ ۋاپاسىزلىق ئوبرازى ئەرلەرگىلا ئەمەس، ئاياللارغىمۇ سالسا بولىۋېرىدىكەن ئەمەسمۇ. دىمەك، بۇ ھىكايە چىنلىقتىن چەتنىگەن.
ئەر ۋە ئايالنىڭ مېھىر مۇھەببىتىنىڭ پەقەت ئىشەنچ ۋە ساداقەت ئۈستىگىلا قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەر ياكى ئايالنى ۋاپاسىز كۆرسىتىش، مۇشۇنداق توقۇلما پاجىئەلەرنى ئويدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا ئاياللارنى ئەرلىرىگە ئىشەنمەيدىغان روھىي ھالەتنى پەيدا قىلىش زۆرۈرمۇ؟
چەتئەل ئەدەبىياتىدا يېزىلغان مۇنداق بىر ھىكايىنىمۇ يېزىۋېتەي. (يادىمغا قالغىنى بويىچە).
بىر ياشانغان موماي كىچىككىنە قۇتىسىنى بەكمۇ ئەزىزلەپ ساقلايتتى. بىر كۈنى نەۋرىلىرى ئۇنى ئورىشىۋالدى ۋە بۇ قۇتىسىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. موماي كۈلۈمسىرىگىنىچە، بۇ قۇنى ئاچتى. ئۇ قۇتىدا پەقەت بىر تال ئۇزۇن چاچ بار ئىدى. نەۋرىلەر بۇنى نىمىشقا ساقلايدىغانلىقىنى مومىسىدىن سورىدى.
مومىسى ئۇلارغا : ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى مېنىڭمۇ سىلەردەك گۈزەل قىز ۋاقىتلىرىم ئىدى. بىر كۈنى تاغاملارنىڭ ئۆيىگە كېتىپ بېرىپ يولدىن ئېزىپ قالدىم. يېقىن بىر جايدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن چىراق يورۇقىنى كۆرۈپ شۇ يەرگە پاناھلىنىشقا باردىم. ئۇ كۈنى تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى. مەن چىراق يورۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. ئۆيدە مەندىن ئازراقلا چوڭ دىمەتلىك بىر يىگىت مېنى كۈلۈمسىرىگىنىچە كۈتىۋالدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتتىم. ئۇ يىگىت مېنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە پاناھلىنىشىمغا قوشۇلدى ۋە مېنى ئۆيىدە قالدۇرۇپ ئۆزى سىرتتىكى ئېغىلدا قونماقچى بولدى. ئۆزۈم قىز بالا بولغاچقا يەنىلا ئەنسىرەيتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ئىشىكنىڭ ئىلغۇچىمۇ يوق ئىدى. مەن ئىشىكنى مەھكەم يېپىپ قويدۇم ۋە بىر تال چېچىمنى يۇلۇپلا ئىشىكنىڭ ئىچىدىن يۆگەپ قويدۇم. دىمەك، بۇ ئىشىك ئېچىلسىلا يۆگەپ قويغان چاچ ئۈزىلەتتى. شۇنداق قىلىپ بىر كېچە تېنىچ ئۆتۈپ كەتتى. چاچمۇ ئۈزۈلمىگەن ئىشىكمۇ ئېچىلمىغان ئىدى. سەمىمىي، مەسئۇلىيەتچان بۇ يىگىتكە قايىل بولدۇم. كېيىن بىز توي قىلدۇق. ئۇ يىگىت دەل سىلەرنىڭ بوۋاڭلار بولىدۇ.
موماي ھىكايىسىنى تۈگەتتى ....


بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:20 , Processed in 0.059020 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش