ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دىگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھىس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
6 [2 f9 C/ I' I1 P* D: S
ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دىمەك،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ھار ئىش.
يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پىلەك،9
چېچەكسىز پىلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.
ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى،
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.
ئاسمانغا نەزەر سال يۇلتۇز بىساناق،
ئۈسسۈشمەي ئۆتۈدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى دوستۇم يېتەر ھەممىگە،
ئادەمگە ياراشماس، سۆڭەك تالاشماق.
ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم،
تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياھقا،" {( v! _4 `. `' C( t
ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ ،چېكەرسەن ئەلەم.