يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 734 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 8

سىز ئاتا-ئانىڭىزغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:11:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئاددىي بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بولسىڭىز، ئەگەر سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز تېخى سالامەت بولسا: (مەيلى سىز ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرغان، ياكى تۇرمىغان بولوڭ.)  
ئەگەر بىر كۈنى، ئاشخانا ئۆينىڭ ئىلگىرىكىدەك پاكىز تازىلانمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛   
ئەگەر بىر كۈنى، ئۆيدىكى قازان-قۇمۇشلارنىڭ پاكىز يۇيۇلمىغاندەك تۇرغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئانىڭىزنىڭ قازىنىنىڭ پارقىرىمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتىڭىزنىڭ گۈللۈكىنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئۆيدىكى سەرەمجانلارغا توپا قونۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئانىڭىز ئەتكەن تاماقنىڭ بەك تۇزلۇق ياكى ئوخشىمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛   
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دائىم گاز تۇڭىنى ئېتىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ;
ئەگەر بىر كۈنى، سىز ياشانغان دادىڭىز، ئانىڭىزنىڭ بەزى ئادەتلىرىدە غەيرىلىك بولغانلىقىنى (مەسىلەن، ئۇلار كۈندە يۇيۇنۇشنى خالىماس بولوپ قېلىشىدەك) بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كۆكتات، مىۋىلەرنى ياقتۇرماس بولوپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛  
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ پىششىق قورۇلغان سەينى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛   
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛   
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىز يول ماڭغاندا ھەركىتىنىڭ ئاستىلاپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛  
ئەگەر بىر كۈنى، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز......
ئەگەر راستلا مۇشۇنداق بىر كۈن بولسا، سىزگە دەپ قوياي، ھۇشيار بولوڭكى، ئاتا-ئانىڭىز راستىنلا ياشىنىپ قاپتۇ، تېنى ئاجىزلاپ، باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا مۇھتاج بوپتۇ.  
ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئادەم تېپىپ بولسىمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ، ھەم دائىم بېرىپ يوقلاپ تۇرۇڭ، چوقۇم يوقلاپ تۇرۇڭ، ئۇلار ئۆزىنى تاشلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالمىسۇن.
ھەممە ئادەم قېرىيدۇ، ئاتا ئانىمىز بىزدىن بۇرۇن قېرىدى، بىز ئەمدى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالساق، شۇندىلا ئۇلار سەۋىرچان بولىدۇ، بىزدىن ئاغرىنمايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغان چاغدا، پەرزەنت بولغۇچى ھۇشيار بولوڭكى، ئۇلار ئىھتىمال چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالماس بولوپ قالغاندۇ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالماس بولوپ قالغاندۇ، ئەگەر ھوجرىدا غەيرى پۇراق بولۇپ قالغان بولسا، بەلكىم ئۇلار ئۆزىمۇ سېزەلمىگەندۇ، ئۇنى سېسىقكەن ياكى مەينەتكەن دېمەي تازىلىۋېتىڭ، شۇندىلا ئۇلارنىڭ «غۇرۇرى»نى ساقلىيالايسىز.
ئۇلار يۇيۇنۇشنى خالىمايدىغان بولوپ قالغاندا، ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنى يۇيۇندۇرۇپ قويۇڭ، چۈنكى، ئۇلار ئۆزى يۇيۇنسىمۇ پاكىز يۇيىنالماسلىقى مۇمكىن. بىز غىزالىنىۋاتقان چاغدا ئۇلارغا مۇۋاپىق، ئاسان چاينىيالايدىغان تاماقنى ئېلىپ قويايلى، چۈنكى ئۇلار چاينىيالمىغانلىقى ئۈچۈن يىگۈسى كەلمەيۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.
بىز تۇغۇلغاندىن تارتىپ، سۈت بېرىپ، زاكىلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ، ئاغرىپ قالساق كىرپىك قاقماي بىزنى بېقىپ، بىزگە ياشاشتىكى ئەڭ ئاساسى ئىقتىدارنى ئۈگىتىپ، مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ ئويناتتى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ھەركىتى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. ئەگەر بىركۈنى، ئۇلار راستىنلا ھەركەتلىنەلمىسە، بىز رولىمىزنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشىمىز كىرەكقۇ؟   
پەرزەنت بولغۇچى شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، ئاتا-ئانىڭىزغا قارىغانلىق-كەلگۈسىڭىزگە قارىغانلىق، شۇڭا ۋاپادارلىقنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ «دەرەخ جىم تۇراي دېسىمۇ، شامال جىم تۇرغۇزمايدىغان»ۋاقىتقىچە، «بېقىۋالاي،كۆرىۋالاي دېسەم سەن يوق» دەيدىغان ۋاقىتقىچە ساقلاپ ئولتۇرۇپ، ئاخىرى پۇشايماندا قالماڭ؛  
يۇقىرىقىلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاپ بېقىڭ، سىز ئاتا-ئانىڭىزغا زادى دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟؟؟


Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
367

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپىمىزدىكى دوست -بۇرادەرلىرىمىزگە دىققەت قىلغانچىلىك،ئاتا-ئانىمىز غا دىققەت قىلساق ئۇلارنىڭ بىزدىن نىمىلەرنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز ئەلۋەتتە.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:53:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا- ئانا توغۇرلۇق تېما ئوقۇساملا يىغا تۇتىدۇ، يېنىغا ھازىرلا كەتكۈم كېلىدۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:45:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن ئىشلارغا ۋاقتىدا  دىققەت قىلمايمىز ، كىيىن ئاھ ئۇرۇپ يىغلايمىز  

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:37:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ،بۇلارنى ئويلىسام ئوزۇمگە شۇنداقمۇ نەپرەتلىنىمەن.

Rank: 2

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 02:31:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېىمىنى ئوقۇپ كۆزۇمگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى ،ھەقىقەتەن نۇرغۇن تەرەپلەرگە دىققەت قىلىپ بولالمايدىكەنمىز ،بۇلۇپمۇ بىزدەك ئاتا ئانسىدىن يىراق تۇرۇپ باشقا شەھەردە ياشايدىغان ياشلارغا نىسبەتەن شۇنداقكەن ،ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئاتا -ئانىمىزنىڭ سالامەتلىگىنى ،ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۇشىنى ،خوشال خاتىرجەم ياشىشىنى ئۈمۈت قىلمەن !!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:01:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش neyime نىڭ يازمىسى

مىنىڭچە ،پەرزەنتلىرى خاتىرجەم خوشال تۇرمۇش كەچۈرسە ،ئاتا-ئانىلارمۇ خوشال ھەم خاتىرجەم بولىدۇ.

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:12:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېشىمىزنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ ،ئاتا-ئانىمىزنىڭ كۇندىن -كۇنگە ياشىنىپ قېلۋاتقىنىنى ھىس قىلىمەن ،ئامال يوقتە ۋاقىت چىقسىلا ئۇلارنى يوقلاپ تۇرىمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 01:49:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن دىققەت قىلىپمۇ كەتمەپتىكەنمەن. ئۆتكەندە تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ئاتامغا دىققەت قىلىپ سالدىم. ئۇنىڭ چاچلىرى بۇرۇنقىدىنمۇ شالاڭلاپ خېلى كۆپ چۈشۈپ كېتىپتۇ.ئۇلار راستىنلا ياشىنىپ قاپتۇ. مانا بىزمۇ 30نىڭ قارىسىنى ئالدۇق.
ئەمدى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىكى تىركىشىشلىرىنى توختىتىپ، بىزدەك پەرزەنتلىرىنىڭ غەمخۇرلىقىدىن بەھىر ئالىدىغان ۋاقىتلىرى كەلدى.
ئاغزىمىزدا دەيمىز، تايىنلىق كېلەر يىلى نەۋرەڭلەر بولسا زېرىكمەيسىلەر دەپ تاشلاپ قويۇپ غىرتىلداپ سورۇنغا قاتىرايمىز....
ئادەم نىمىشقا خاتا ئىكەنلكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئىرادە بوشاڭلىق بىلەن ياشاپ كېلىدىغاندۇ؟

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:14 , Processed in 0.047803 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش