يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Qismet

مائارىپچى، شائىر ئابدۇقادىر ھەسەن(خالىس) ئەپەندى ۋاپات بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:08:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمنىڭ 5 كۈن بۇرۇن ماڭا ئېۋەتكەن شېئىرى:

دادا
ساڭا شېئىر يېزىپ بەرگىم بار
شاد كۈلكەڭنى يەنە كۆرگۈم بار.

دادا
يىراق ئەمەس ئارىمىز ئۇنچە
بارالمايمەن ئەممە بۇ كېچە.
نەپەسلىرىڭ قىسىلغان چاغدا
ھاردۇق يېتىپ يىقىلغان چاغدا
ئاپام، ئاكام ئەنسىز قالغاندا
تۇرالمايمەن يېنىڭدا مەزمۇت
يۆلەپ ئېلىپ سېنى قولۇمدا.
ساڭا قاراپ ئاچقان قۇچىقىم
سېنىڭ ئۈچۈن كۆيگەن يۈرىكىم
قارچۇقۇمدا سىرغىغان يېشىم
ئايلانماقتا بۇندا شېئىرغا.

ئوقۇپ بېرەي دادا ئاڭلىغىن
مەن شېئىر ھەم سەن شائىر بولۇپ
تۆرەلسەمتىم قايتا دۇنياغا.
ئەركىلەيتتىم ساڭا قايتا رەت
ساقىلىڭغا سۈركەيتتىم يۈزۈم
ساڭا قاراپ كۈلەتتى كۆزۈم
سېنى دوراپ سۆزلەيتتى سۆزۈم
ئايلانماقچى بولاتتىم ساڭا.

دادا
تەتە مېڭىپ يىقىلسام قاتتىق
يۆلىگەنتىڭ، قېقىپ توپامنى. (7.4)
غورۇر، ۋىجدان، تىلىكىڭ بىلەن
چوڭ قىلغانتىڭ ئارزۇلاپ مېنى.
تاقاشساممۇ ئېڭەكلىرىڭگە
كۆتۈرگەنتىڭ ئېغىرلىرىمنى.
مانا ئەمدى مەن بىر ئەر بولۇپ
بېقىۋالاي دېگەندە سېنى
قارا تۇپراق باغرىغا كەتتىڭ
قېنى دادا، قېنى سەن قېنى؟

دادا
بۇ شېئىرنى يازغانلىرىمدا
ئوقۇپ بەرمەك بولغانتىم ساڭا.
ئەپسۇس، تەقدىر ئايرىدى بىزنى
مانا ئەمدى قەلەم قولۇمدا.
يۈركىمدە مىڭبىر پۇشايمەن
ئوقۇپ بەردىم كۆز ياشلىرىمغا.
ئاخىرقى رەت كۆرگەندە سېنى
چېتىق ئىكەن ئىكىڭىڭ دادا.
شېئىر ئەمەس، قۇرئان ئوقۇدۇم
قوللىرىڭنى ئېلىپ قولۇمغا.

دادا
ئۆتۈنىمەن كىرگىن چۈشۈمگە
مەن ئايلىنىپ كېتەي شېئىرگە....

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋە 11-ئاينىڭ 11-كۈنى يېزىلدى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:40:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن  aptapliq نىڭ  مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قارىشى ئالىمەن!
شېئىرنى ئوقۇپ يىغلىۋەتتىم، بىر پەرزەنتنىڭ ئۆكۈنۈش، پۇشايمان ئىچىدە يازغان چىن ھېسىياتى ئىكەن، ئاللاھ ئاتىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى كەڭرى قىلغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:40 , Processed in 0.034140 second(s), 12 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش