يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 358|ئىنكاس: 4

بىز يوقىتىۋاتقان ۋە قۇربانلىققا ئايلىنىۋاتقان بالىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
223
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:31:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز يوقىتىۋاتقان تەبىئىيلىكلەر ۋە قۇربانلىققا  ئايلىنىۋاتقان بالىلار
ئەمدىلا ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەن بىر بالىنىڭ چاچ بوياش مەلھىمى قاچىلانغان قۇتىنى كۆتۈرۋېلىپ مەلھەمنى چېچىغا سۈركەپ قۇيۇشنى ئۆتۈنۈشى،لەۋ سۇرۇخىنى سۈرۈپ قوي دەپ غەلۋە قىلىشى،قورساقنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىدىغان كالتە ئىشتاننى دادىسىنىڭ ئەمەس،ئانىسىنىڭ كىيىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلىشى.......كىشلەرنىڭ ھازىر كىچىك بالا قالمىدى دېگەن گېپىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.بالىلارنىڭ كىچىك تۇرۇپلا گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ قايسىنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلدىغانلىقىنى ئېنىق دەپ بېرەلشى ،ئەر-ئاياللارنىڭ تاشقى كىيىمىدىن تارتىپ ئىچ كىيىمىگىچە پەرق ئېتەلىشى،قارىماققا ئۇلارنىڭ ئەقىللىقلىقىنىڭ ئىپادىسىدەك كۆرۈنىدۇ،نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بالىلارنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارىدىن سۆيۈنۈپ .ھازىرقى بالىلار نېمىدېگەن ئەقىللىق دەپ ماختاپ كېتىشىدۇ.ئەمەلىيەتتە ،ئۇلارنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى ،تەبئىي نەرسىلەرگە قارىغاندا سۈنئىي نەرسىلەرگە بەكرەك ئىنتىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتمەيدۇ.
ئويلاپ باقساق ،نۆۋەتتە مەيلى جىسمىمىزدا بولسۇن،مەيلى روھىمىزدا بولسۇن تەبئىيلىك دېگەن تولىمۇ ئاز قاپتۇ،ھەتتا بەزىلىرىمىزدە تەبئىيلىكنىڭ ئاسارىتىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.قىز-ئاياللارنىڭ پەرداز بۇيۇملىرى ئارقىلىق چىرايلىق بولۇشقا بېرىلىپ ،گىرىمسىز تالا-تۈزگە چىقالماسلىقى،سومكىلىرىدىن گىرىم بۇيۇملىرىنى ئايرىماسلىقى،ئاق ئارلاشقا باشلىغان چاچلىرىنى قىزغۇچ ،ساغۇچ ۋە قارا بوياقلاردا بويىشى،تورت-پىچىنە،شاكىلاتلارغا ئامراق بولۇشى،ئەرلەرنىڭ غەم-قايغۇدىن قۇتۇلۇش،ھارغىنلىقنى چىقىرىش ئۈچۈن تاماكا،ھاراق ئارقىلىق ئۆزىنى زەئىپلەشتۈرۈشى ،ئەر-ئاياللارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنىمۇ تەبئىي يۇسۇندا ئەمەس،باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلىشى،ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن بالىلارنى قالقان قىلىپ،گۇۋاھچىلىققا قويۇپ ئۆز-ئارا ئالداشلىرى،ئەر-ئايالنىڭ تالا-تۈزدىكى ،ئىدارىدىكى كىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھىيلە-مىكىر ئويلاپ شان-شەرەپ،ماختاشقا ،نەتىجىگە ئېرىشىش يولىنى تاللىشى،ئۇلارنىڭ بالىلاردا كۆرۈلۋاتقان مەسىللەرنى غەيرىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىشىنىڭ ھەممىسى سۈنئىيلىك ،ساختىلىقتۇر،بۇ خىل مۇھىت ئەلۋەتتە بالىلارغا تەسىر قىلىدۇ.
پورەكلەپ ئېچىلغان ھەقىقىي گۈل بىلەن ھەل بېرىلگەن سۇلياۋ گۈلنى بىر يەرگە قويۇپ بىرىنى تاللا دېسە،كۆپىنچە ھەقىقىي گۈلنى تاللايدۇ،سۇلياۋ گۈلنى تاللايدىغانلارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن .ئەمما ،ھەقىقىي گۈلنىڭ كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان خۇش پۇرىقى بولىدۇ.سۇلياۋ گۈلنىڭ نە پۇرىقى بولسۇن؟
تەبئىي نەرسىلەردە تەبىئەتنىڭ ھىدى بولىدۇ،تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ.تەبىئىي ئىشلارغا ئىنسانىي پەزىلەت سىڭگەن ،ئۇنىڭدا سەمىمىيلىك ،چىنلىق ناخشىسى ياڭرىغان بولىدۇ.
يىيىش ،ئىچىش،گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار ئىشقىدا ئوت بولۇپ يېنىپ تىرىكچىلىك ۋە خىزمەت قىلىش -ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدە بار خۇلقلاردۇر.
دانالار «ئەخلاق ئادەم زىننىتى» دەيدۇ.ئادەمنىڭ تەبئىيلىكى گۈزەللىككە،تەربىيۋىلىككە،قايىل قىلارلىققا ،سۆيۈملۈكلۈككە ئىگە بولغاندىلا ،ئۇ ئادەم ئۈچۈن زىننەت بولىدۇ.بولمىسا نىجاسەتكە ئايلىنىدۇ.ئادەم بۇ دۇنياغا پاكلىق ئىچىدە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.پاكلىق-ئادەمنىڭ گۈزەللكى،سۈيۈملۈكلۈكى،تەبئىيلىكلىكىدۇر.يېشى چوڭ بولغانسېرى بۇ تەبئىيلىكنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن يوقاش-يوقىماسلىقى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەردىن قوبۇل قىلغان نەرسىلىرىگە،ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇش دەرىجىسىگە ،ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش ئېڭىغا باغلىق.
مىسال:ئانىلارنىڭ پەرداز قىلىپ گۈزەل بولۇشقا ئىنتىلىشى يامان ئىش ئەمەس،ئەمما بالىلارنىڭ ئالدىدا تەپ تارتماستىن يۈز-كۆزلىرىگە بوياقلارنى سۈركەپ،باشقىچە كۆرۈنۈشتە بولۇشى،بالىلارنى خاملىيۇنلارچە ئادەم بولۇشقا باشلىماي قالمايدۇ.
دادىلارنىڭ پۇرقىرتىپ تاماكا چېكىشى،قاڭسىق ھاراقلارنى ئىچىپ ،مەسىت -ئەلەس سۆزلىشى بالىلارنى پۇراقلىق ئىچىملىكلەرگە ئىنتىلدۈرمەي قالمايدۇ.
ئەر-ئاياللارنىڭ قاراپ تۇرۇپلا بىر-بىرنى ئالداش قىلمىشلىرى بالىلارنى ئۆزىدىن ئۆتكەن سەۋەنلىكلەرگە ئىگە بولماسلىقتەك مەسئۇليەتسىزلەرچە ئىش تۇتۇشقا ئۈندىمەي قالمايدۇ.
ئىشقىلىپ ،چوڭلاردا كۆرۈلۋاتقان ھەربىر غەيرىيلىك بالىلار ئۈچۈن بىر جەلىپكار چېكىملىكتۇر.
بىزدە «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق» دەيدىغان گەپ بار،ئاتا-ئانىلاردىكى ،ئۇرۇق-تۇغقانلاردىكى ئاتالمىش ئىلمىيلىشىشلار،زامانىۋىلىشسىش،ئۆزگىچىلىشىش.....بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئۆزلۈكسىز ،ئۈنسىز رەۋىشتە سىڭىپ ،ئىش-ھەركىتىدە ئەكىس ئېتىدۇ.بالىلار كەلگۈسىنىڭ سۈزۈك ئاسمىنى. ئەگەر چوڭلار يېقىلغۇ قۇرۇلمىسىغا دىققەت قىلماي ،ئوچاقنىڭ قەيىرىدىن چاتاق چىقىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەي ئىسسىنىشقىلا ئەھمىيەت بەرسە،بۇ ئاسمان ئىس-تۈتەكلەر دەستىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
بىز شۇنداق قارايمىز:سۈنئىي نەرسىلەرنى يەپ ،سۈنئىي ئىشلار بىلەن شوغۇللانغۇچىلار چىن ھېسىياتتىن ،گۈزەل پەزىلەتتىن ،ھەقىقىي بەختتىن ئايرىلىپ قالغۇچى بىچارىلەردۇر ھەمدە ئەۋلادلارنىڭ دۈشمىنىدۇر.
ماشىنىنىڭ پۈتۈنلەي كاردىن چىققىنىغا قارىغاندا،مەلۇم بىر زاپچىسىدىن چىققان چاتاقنى ئوڭلاش ئاسان بولغىنىدەك ،بىز تەبئىيلىكىمىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ سۇلياۋ ئادەملەرگە ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇنراق ئەسلىمىزنى تېپىۋالساق ياخشى بولاتتى!
بىز ھېلىمۇ تەبىئەتكە قايتىساق ،تەبىئەتنى سۆيسەك،تەبئىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولساق،ھېسىياتىمىز ساختىلاشمايدۇ. روھىمىز بۇلغانمايدۇ،ئېتىقادىمىز يىگىلىمەيدۇ. بەلكى ،ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز چېچەكلەيدۇ. ئەۋلادىلىرىمىز چىن تۆمۈر باتۇرغا،سادىر پالۋانغا ،نۇزۇگۇمغا،ئاماننىساخانغا ئايلىنالايدۇ.قىسقىسى،پەرزەنتلەر تەرەققىياتىنىڭ بىھۇدە قۇربانلىقىغا ئايلىنىش ھالاكىتىدىن قۇتۇلالايدۇ!
مەنبە:جۇڭگو مىللەتلىرى (2007 -يىللىق4-سانى) دىن ئېلىندى   

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:42:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز تارىمنىڭ ئىلھامى قاينىغان كۈنكەندە بۈگۈن، مەنغۇ قىزلىرىم ئالدىدا چېچىمنىلا تارايمەن، بەكلا تەبىئىي بولغاچقىمۇ گىرىممۇ قىلىش كەتمەيدۇ

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 10:35:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قىزىمغا گىرىمنى تويغا بارغاندا ،مەندەك چوڭ  بولغاندا  قىلىسز دەپ چۇشەندۇرىمەن ،تويغا بارغاندا پىشانىسىگە لەۋ سۇرۇقىدىن چىكىپ قويىمەن شۇ ،ئۆزىمۇ گىرىمنى چوڭ بولغاندا قىلدۇ دەپ ئويلايدۇ ،لىكىن ھەقىقەتەن مىنىڭ گىرىم قىلغان قىلمىغنىمغا بەك دىققەت قىلىدۇ ...
ھەقىقەتەن قىزلارنى قىزلارغا خاس نازاكەتلىك ،ئەخلاقلىق ،مۇلايىملىق بىلەن ،ئوغۇللارنى قورقماس ،جەسۇر ،يۈرەكلىك قىلپ تەربىيلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن !باللىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئىمان ئىتقاد ئاتا قىلغايسەن ئىلاھىم !

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:53:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنتلەر توغرىلىق سۆز ئېچىشقا پەقەت ئاتا ئانا بولۇش سالاھىيىتىگە نائىل بولالىغانلارلا ھەقلىق.
ئاتا-ئانا بولۇپ باقمىغان بىز قاتارلىقلار پەقەت تىغ ئۇچىنى ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىسىغىلا قارىتىمىز. ئەلۋەتتە شۇنداق بولىشى كېرەك. ئېغى ئۇچۇق ئىشتان كىيىپ يۈرگەن شۇ بالا ئۆزىنىڭ شۇ كۈندە نىمە تاماق يەيدىغان، نىمە كىيىم كىيىدىغانلىقىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەستە.
بىرەر تال تېما ياكى ئىنكاس جەمئىيەت ۋە جەمئىيەت كىشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئەمەس، بەلكى شۇ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بولىشى كېرەك. مەندىن " شىكايەت قىلمىسا، تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە بىلدۈرمىسە جەمئىيەت قانداق ئۆزگىرىدۇ" دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى يېزىپ باققانمۇ؟ مەسىلىنى بايقاشنىڭ ئۆزى پەقەت تەكشۈرۈشنىڭ 20 پىرسەنتى، بۇنىڭدىكى 80 پىرسەنتلىك ئۈنۈملۈك مەزمۇن دەپ مەسلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى دادىل پىكىردە. خۇددى بەدەندىكى ئۆسمىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، بۇ ئۆسمىگە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇق نەزىرىيىلەر بىلەن كۇپايىلەنمەي، دەل مۇشۇ ئۆسمىنى قانداق قىلغاندا يىلتىزىدىن كېسىپ ئېلىۋېتىشكە بولىدىغانلىقىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. مانا بۇ ھەقىقى نەپ بېرىدىغىنى.
خوش. پەرزەنتلەر مەسلىسىنى مانا بايقىدۇق ۋە بايقاۋاتىمىز. قانداق ھەل قىلىمىز؟ نىمە قىلىمىز؟ ياكى نىمىنى قىلمايمىز؟
شۇڭا ئىنكاسىمنىڭ بېشىدا دەيمەنغۇ، "
پەرزەنتلەر توغرىلىق سۆز ئېچىشقا پەقەت ئاتا ئانا بولۇش سالاھىيىتىگە نائىل بولالىغانلارلا ھەقلىق. " . ئۆي تۇتۇپ باقمىغان ياكى پەرزەنت تۇغۇپ تەربىيلەپ باقمىغانلار ئاتا ئانىلارنىڭ ھېسياتىنى ھەقىقى چۈشەنمەيدۇ.
شۇڭا بىز خەتنە توي مۇراسىمىدا بالىسىنىڭ يۈزىنى مايمۇننىڭ ساغرىسىدەك قىزارتىۋەتكەن ، چاچلىرىغا كۆك، ھالرەڭ بۇياقلارنى سېپىپ قويغان ئاتا - ئانىلارنى تەنقىد قىلغىنىمىزدىن، ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىنى تازا كۆڭلىمىزدىكىدەك تەربىيلىۋالغىنىمىز تۈزۈك. ھېچ بولمىغاندا ۋاقىتتىن ئۇتىمىز.
ئىشىنىمەنكى، يۇقارقى تېمىنىڭ ئەسلى ئاپتورىمۇ يۈزدە يۈز پىرسەنتلىك لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولالىشى ناتايىن. بالىسىنىڭ خەتنە تويىدا بەلكىم بالىسىنى ئالا بالداق بويىغاندۇ، ئانچە مۇنچە ھاراق شاراپ، تاماكا ئىسىنى پۇرقىرىتىپ كىرىپ باققاندۇ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ باققاندۇ. تۇرمۇش ئەمەسمۇ. بىزمۇ قىلىۋاتىمىزغۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تۈزىتىۋېلىشتىن باشلىساق تېخىمۇ ياخشىراق بولار.  

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:15:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز تارىمنىڭ يازمىسىمۇ بەك ئېسىل يازما بوپتۇ. شۇڭا دەيمەن، باشقا مۇنبەرلەردە بۇنىڭدەك تېمىلارنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
مېنىڭ شاھزادەممۇ كىچىككىنە تۇرۇپ، ئاپا، گىيىم سۈيىۋېلىڭە، گىيىم سۈيسىڭىز تېخىمۇ چىيايلىق بولىدىكەنسىز، دەيدۇ. بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى، مەن يا ئۆگىتىپ قويمىسام. بەزىدە ئادەم ھەقىقەتەن ئامالسىز قالىدىكەن. ئۆزىڭىزگە شۇنچىلىك قاتتىق تەلەپ قويسىڭىزمۇ كەينىگە يانىدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا بەزىدە بەكلا چارچاش ھېس قىلىمەن مەن. بىزگە ئوخشاش، بۇرۇنقى چاغلارغا ئوخشاش، تەبىئىي تەربىيلەنسە، تەبىئىي چوڭ بولسا قانچە ياخشى بولاتتى دەيمەن.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 03:16 , Processed in 0.070111 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش