يەنە شۇ تاققا تۇققا پاراڭ..
ھەممىسى راس بولغان چىن پاراڭلار.... قېنى مەرھەمەت
باغدىكى ئىشلار
تەتىل مەزگىلىدە يېزىدىكى بوۋامنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدىم.
بوۋامنىڭ ھەر قانداق مىۋە تېپىلىدىغان چوڭ بېغىدىن بىرسى باردە، بوۋام بىلەن باغنى سۇغۇرۋىتەيلى دەپ باغا كىردۇق. باغ ئىشىكىنىڭ يېنىدا پاخپىيىپ كەتكەن يوغان بىر ئانار دەرىخى بەردە، بوۋامدىن سورۇدۇم،
-بوۋا بۇ ئانار شۇنچە چوڭ تۇرسا، قىشتا قانداق كۆمىسىلە؟
قانداق كۆمەتتۇق بالام، كەتمەن ئىشلىتىپ توپىدا كۆمىمىز.
(ھىم، ئەجەپ تېتىدا ما گەپ)
باغنىڭ بىر تەرىپىدە ئىككى ئېتىز قوناق بار ئىكەن. بوۋام مىنى چاقىرغانتى، كەينىدىنلا تاپ بېسىپ كىلىۋاتسام، بوۋام قوناقلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدا مىنىڭ كەلگىنىمنى تۇيمايلا قاپتۇ. دولىسىدىن كەتمەننى چۈشۈرگەنتى، كەتمەننىڭ چۇلدىسى بېشىمغىلا داڭڭىدە تەگدى،
ۋايجان!! دەپ قىردىلا ئولتۇرۇپ قالسام. بوۋام،
-ھوي بۇ يەردە ئولتۇرىسەنغۇ قاچان كەلدىڭ؟ دەيدۇ... ھا ھا ھا ھا
سۆگەت كىسىش
چوڭ ئۆينىڭ ئالدىدا قاتار كەتكەن نۇرغۇن سۆگەتلەر بار.
نەۋرە ئاكام بىلەن بىر قانچە تۈپىنى كەسمەكچى بولۇپ، ھەش-پەش دىگۈچە نەچچە تۈپ يىقىتىپ بولۇپ ئارام ئالايلى دەپ ئولتۇرساق، بوۋام كىلىپ،
ھەي مۇشۇ كۈندىكى لامزەللە بالىلارنىزە، 4 تۈپ سۆگەتنى كىسىپ بولالماي ئولتۇرۇپ كىتىشلىرىنى، مەن ياش ۋاقىتلىرىمدە نەچچە قاتار سۆگەتنى ئارام ئالمايلا كىسىۋىتەتتىم. ئەكىلە مەن بىر تۈپنى كىسىمەن.
بوۋام شۇنداق دەپلا پالتىنى قولىغا ئېلىپ، چۆرۈپلا بىر قانچىنى سېلىپ دېمى سىقىلىپ ھاسراپ كىتىپ، نەۋرە ئاكامغا قاراپ،
ھەي ئەكبەر، يەنىلا سەن كىسىۋەرسەڭ بولغىدەك دەيدۇ...
تەمسىز قوغۇن
نەۋرە ئاكام بىلەن تاماق يەپ كىلەيلى دەپ كەچلىك بازارغا باردۇق. قايتىشىمىزدا بىر قوغۇن تىلىپ ساتىدىغان ئادەم قوغۇنلىرىنى ماختاپ كەتتى،
كىلىڭلار مىھمانلار، بەك تاتلىق قوغۇن، تېتىمىسا پۇل ئالمايمىز! يىسەڭلار تىلىڭلاردا قالىدۇ. شىكەر بىلەن بەسلەشكەن قوغۇن!!
بىرەر تىلىم يەپ باقايلى دەپ يىسەك، ئۇ قوغۇننىڭ پەقەت تەمى يوق، لاۋزا ئىكەندە. يەپ تۇرىشىمىزغا بىر خېرىدار كىلىپ نەۋرە ئاكامدىن سورىدى،
ئۇكام قوغۇننىڭ تەمى قانداقكەن؟ .. نەۋرە ئاكام،
- ئۇنى بىر دىمىسىلە ئاجايىپ تاتلىقكەن، شىكەر بىلەن بەسلەشكەن ئەمەس، شىكەرگە تەسلىم بولغىنى ئىكەن.

يەپ بولۇپ پۇل بەرمەي كەتسىلە بولىۋىرىدىكەن.....
ھا ھا ھا ھا ھا
كالۋا
دوختۇرلۇقتا ئوقۇيدىغان بىر ئاغىنەم يوقلاپ كىرىپتىكەن. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇزىتىپ قويغاندىن كىيىن نەۋرە ئاكام مەندىن سورىدى.
ئۇ ئاغىنەڭ نىمە ئىش قىلىدۇ؟
دوختۇرلۇقتا ئوقۇيدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ دەرىستە خېلى ياخشى ئىدى.
دوختۇرلۇق مەكتىۋىدە ئەمەلى تەجرىبە ئىشلىتەمدىكەن.
ھە ئە ئىشلىتىدىكەن، ئالدىغا جەسەتلەرنى قويۇپ بىرىدىكەن. شۇنى يېرىپ، كىسىپ تەجرىبە قىلىدىكەن.
تازىمۇ دۆت ئىكەندە بۇ ئاغىنەڭ ئەمسە.
قانداق دەيسەن؟
ئەقىللىق بولغان بولسا تەجرىبىگە ئۆلۈك ئادەم ئەمەس، تىرىك ئادەم قويۇپ بەرمەمدۇ.....
چېقىر كۆز
مىنىڭ بىر دوستۇم بادە، چېچى بۈدرە، كۆزى سېرىقراق، كىلىشكەن كەلگەن.
بىر كۈنى ئۇنى چېقىشىپ، ھەي سېرىق ما يەرگە كىلە؟ دىسەم
سېرىق دىمە جۇمۇ، بۇ چاچ بىلەن كۆز ماڭا قالتىس ئەسقاتىدۇ.
مەن دىدىم، قانداق ئەسقاتىدۇ؟
مۇشۇ سېرىق كۆزۈم بىلەن ئامرىكىنىڭ نۇپۇسىغا، ماۋۇ بۈدرە چېچىم بىلەن ئافرىقىنىڭ نۇپۇسىغا ئۆتەلەيمەن..
ۋەيت.... ۋەيت....
كىيىنكى ساندا كۆرشەيلى
