يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 734 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 219|ئىنكاس: 5

ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدا (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
722 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 23:06:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

-زامانىۋىلىقنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىمىزغا ئېلىپ كېلىۋاتقان سەلبىي تەسىرى


     تېلېۋېزىيە ۋە قەغەز مەتبۇئاتى ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەخلاق خىرىسى
ھۆرمەتلىك بۇرادىرىمىز ئابدۇرېھىم دۆلەت نەچچە يىل مۇقەددەم «تېلېۋىزور ئەمەس دىلبۇزۇر» دەپ چۇقان سالغان ئىدى.
تېلېۋىزور پىروگراممىلىرى كۈندىن كۈنگە بىزەپلىشىپ كېتىۋاتقان، چوڭ-كىچىكلەر تۇرماق پەردىشەپلىك ئەر-خوتۇنلار بىللە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشكە پېتىنالمايۋاتقان بۈگۈنكى رېئاللىقتا, ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ بۇ قارىشىنى خاتا دېيىشكە پاكىت تاپالمىدىم.
بىر ماددىي بۇيۇم قانداقسىگە دىلنى بۇزىدىغان ئەخلاق كۈشەندىسىگە ئايلىنىپ قالدى؟ بۇ يەردە گەپ يەنىلا ئەخلاقى بۇزۇلغان ئىنسانلاردا. ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالمايدىغان ھەرقانداق نەرسىگە سەل قاراپ كېلىۋاتقان بىز ئەنە شۇنداق ماددىي بۇيۇملارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن پاكىز دىللارغا ھۇجۇم قىلىۋاتىمىز. زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ مەھسۇلىنى «ئەخلاق توغراش ماشىنىسى»غا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىمىز.
راست، «مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ» دېگەندەك، ئۇزۇن مەزگىل ئۇخلاپ ياتقان روھىيىتىمىز ھەرقانداق نەرسىنى ئاق-قارا دېمەي قوبۇل قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەنىدى.

- زەينەپخاچا، نۇرىمانگۈل بارمىدۇ؟ ئۆيگە مېھمان چاقىرغان، قارىشىپ بېرەرمىكىن دېۋىدىم.

- ئوغۇل دوستى تېلېفون قىلىپتىكەن، ھېلى كىرىدۇ، مەن يانلىرىغا چىقارتاي.
.
- ئاداش، ئىچمەيتتىڭغۇ، نېمە بولدى بۈگۈن؟

- مابىتىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم، فىلورە بىلەن ئىككى قېتىم كىنوغا كىرىپ قويۇپتىكەن، كىمدىن ئاڭلىدىكى، كوتۇلداۋېرىدۇ، ئاچچىقىم كېلىپ ئۇرۇپ ساپتىمەن، ھەپتە بولدى قارىمايدىغۇ تاڭ، پىغانىم تۇتۇپ قالدى.
.
- ئاداش، نېمە بولدى، كۆزۈڭ ئىششىپ كېتىپتىغۇ؟

- شۇ…. شۇ ….
- نېمە بولدى دېگىنە بى؟
- ئۆتكەندە ئالدۇرۇۋەتكەن، بۇدا يەنە بويۇمدا قاپتۇ.
- ۋاي شۇنچىلىك ئىشمىتى؟ ئۆيدىكىلەرگە تېلېفون بېرىپ ئاغرىپ قالدىڭ دېسەڭ، ئارتۇقراق سېلىپ بەرسە چۈشۈرۈۋەتسەڭلا بولمىدىمۇ؟
- قانداق بولار؟
- ھېچنېمە بولمايدۇ، ماڭە مەن تېلېفون ئۇرۇشۇپ بېرەي.
.
يۇقىرىقى دىيالوگلار ھەرقايسىمىزنىڭ قۇلاقلىرىغا كىرىپمۇ قالغاندۇ ۋە ياكى بىزنىڭمۇ بېشىمىزدىن ئۆتكەندۇ!
بەزىلەر «كىچىككىنە ئىشلارنى كۆتۈرۈپ چىقىدىكەنسەن» دەيدىغاندۇ بەلكىم.
ئىككى كىشى مەلۇم ئىشلاردا كېلىشەلمەي سوقۇشۇپ كەتسە چوڭ ئىش ئەمەس؛ بىراۋنى ماشىنا سوقۇۋەتسە بۇمۇ ھەم چوڭ ئىش ئەمەس. لېكىن، ئىمانىمىز، ئەخلاقىمىز پېتىقدىلىۋاتىدۇ، ئەجەبا بۇنى كىچىككىنە ئىش دېيىشكە پېتىنىۋاتامسىز؟! زامانلاردىن بېرى ئەخلاق، ئىمان-ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشى بىلەن گۇمران بولغان تالاي سەلتەنەتلەر بىزگە ئىبرەت بولمىغان بولسا ھە؟!
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بېشىدا ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كەلسەم، ئايالىم كايىغىلى تۇرۇپتۇ.
نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرسەم تەپسىلاتى مۇنداق ئىكەن:
ئۈرۈمچى توڭرېن دوختۇرخانىسى نەچچە يىلدىن بېرى دوختۇرخانىسىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ئېلان ژۇرنىلى چىقىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ژۇرنالدا جىنسىيەت ئاساسىي تېما قىلىنغان. يەنە كېلىپ ژۇرنال ماقالىلىرىدىكى جىنسىيەت مەسىلىسى نورمال جىنسىيەت تەربىيەسىدىن ھالقىپ كەتكەن.
قىزلىرىم (چوڭى 11 ياش، كىچىكى 8 ياش) مەكتەپتىن قايتىپ ماشىنا ساقلاۋاتقاندا، بىر كىشى قىزلىرىمغا مۇشۇ ژۇرنالنى تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. ئىش ئۇقمايدىغان نارەسىدىلەر ژۇرنالنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كەپتۇ.
ئايالىم مۇشۇ ئىشقا كايىۋاتقان ئىكەن.
مەن قىزلىرىمدىن ژۇرنالنى ئوقۇدۇڭلارمۇ دەپ سوراشتىن نومۇس قىلدىم. توڭرېن دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئويىغا كەلدىم. لېكىن ژۇرنالنى قىزلىرىمغا توڭرېن دوختۇرخانىسىنىڭ خادىمى بەرگەنلىكىگە ھېچقانداق ئىسپاتىم يوق ئەھۋالدا، بۇ ئىشنىڭ بىھۇدە ئۇرۇنۇش بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ، ئېغىر تىنىپ قويدۇم، خالاس.
قېنى مەن سوراپ باقاي، رايونىمىزدىكى بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدىكى قايسى ئاتا-ئانا پەرزەنت تەربىيەلەش جەريانىدا مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلمىدۇق دېيەلەيدۇ؟ قايسى ئاتا-ئانا مۇشۇ ھەقتە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ باقتى؟
بۇ كىچىك مەسىلە ئەمەس، پەرزەنتلەرنى (بۇ نوقۇل قىز پەرزەنتلەرگە قارىتىلمىغان) ئىپپەتلىك قىلىپ تەربىيەلەش ھەرقانداق ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان تەخىرسىز مەسىلە. سىز كېچە-كۈندۈز پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈپ، ياتسىڭىز ھەم ماڭسىڭىز پەرزەنت تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتۈۋاتسىڭىز، بىراۋلار سىزنىڭ ئەمگەكلىرىڭىزنى يوققا چىقىرىپ، نارەسىدە پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ئىپپەت قارىشىغا ھۇجۇم قىلىۋاتسا، بۇنى كىچىك مەسىلە دېيەلەمسىز؟

جەمئىيەت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەخلاق كىرزىسى
ئۈرۈمچى شەھىرى ياز مەزگىلىدە ناھايىتى چىرايلىق ھۆسن تۈزەپ كېتىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، بەزى قىز-چوكانلىرىمىزمۇ يالىڭاچلىنىشقا باشلايدۇ.
ئىلگىرى خېلى كۆپ يازارمەنلەر قىز-ئاياللارنى سۆكۈپ باقتى، تىللاپ باقتى، يالۋۇرۇپ باقتى. لېكىن، مەسىلە تۈزەلمەي، بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئىش ئەسلى نېگىزىدىن تۇتۇلمىغان.
شۇ قىز-ئاياللار مېنىڭ، سىزنىڭ، ئۇنىڭ قىزى، ئايالى ياكى ھەدە-سىڭلىسى. بىز ئەركەك تۇرۇپ قىز-ئاياللىرىمىزغا ئىگە بولمىدۇق. ھەتتا جايىدا كىيىنگەن ئايالىنى تەنقىدلەپ «نېمىشقا زامانغا لايىق يۈرمەيسەن؟» دەيدىغان، ئايالىنىڭ قاملاشقان بەدىنىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىشتىن پەخىرلىنىدىغان ئاتالمىش «ئەركەكلەر» نى كۆرگەنمەن.
خوش، ھۆرمەتلىك ئەركەك، يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىڭ:
ھەمشىرىلىرىڭىز، ئايالىڭىز ياكى قىزىڭىز نائەقىللىق قىلىپ، ئەخلاق قورغىنىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنى تارتىپ ئەكىرگۈدەك جاسارەت، ئىمان-ئېتىقاد سىزدە بارمۇ؟ ياكى مەن ئۇچراتقان بىر كىشىدەك ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ، جاھالەت پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتۇرۇۋەتمەكچى بولۇۋاتامسىز؟
يەنە سوراي سىزدىن: بىر قىز (ئايال) ئەخلاق لىباسىنى سېلىپ تاشلاپ پاھىشە يولىغا ماڭسا، بۇنىڭدا بىز ئەرلەرنىڭ جاۋابكارلىقى بارمۇ-يوق؟
«ياق، ئۇ خەقنىڭ قىزى، نېمە قىلسا قىلمامدۇ» دەپ ئۆزىڭىزنى چەتكە تارتماقچى بولۇۋاتامسىز؟ شۇ قىزنىڭ سىز بىلەن قان-قېرىنداشلىقى بارلىقىنى، مەھشەرگاھتا سىز، بىز بىلەن بىر سەپتە ماڭىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ھە!؟
بىز مۇشۇ يەردە زۇۋاندازلارچە شىكايەت قىلىۋاتقاندا، يەنە قانداق خىرىسلار بىزگە چىش بىلىپ تۇرۇۋاتقاندۇ؟
ئەينى يىللاردا نامى مەشھۇر بولغان ئىسلام ئالىمى مۇسا جارۇللاھ ھەققىدىكى ھېكايەت بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

ھېكايەت: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا نامى مەشھۇر مۇسا جارۇللاھ ھەزرەتلىرى زىيارەت ئۈچۈن قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ. بۇ كىشى قەشقەرگە كېلىشى بىلەن قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرى ناھايىتى ھەشەم-دەرەم بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. بۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆي-ئۆيلەردە ناھايىتى مول داستىخان ھازىرلاپ مېھمان قىلىش باشلىنىپ، ئالىمنىڭ «ئۇھ» دېگۈدەك ھالىنى قويماپتۇ. شۇ تەرىقىدە ساق بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، قەشقەردە زىيارەت ۋە ئالىملار بىلەن زىكرى سۆھبەتلەردە بولارمەنمىكىن دەپ كەلگەن بۇ ئالىمنىڭ ئايىغى تۈگىمەس زىياپەتلەردىن ئىچى پۇشۇپ، قەشقەردىكى كاتتىلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپتۇ:
- كەمىنە قەشقەرگە كەلگەندىن بېرى ھەرقايسىلىرى پېقىرنى ناھايىتى ئىززەت-ئېكرام ۋە مول زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار. بۇ جەرياندا سىلەرگە ئوخشاش يۇرت ئاتىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، تار نەزىرىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋالدىم. كەمىنىنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى شۇكى، سانى بۇخارا بولمىش ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى پىيادە بىر ئايلىنىپ چىققۇم بار ئىدى. بىلمىدىم، بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشكە ئىمكان بېرىشەلىمىكىن؟!
كاتتىلار « ۋاي بولىدۇ!…قەشقەر سىلىدىن ئايلانسۇن!» دېيىشىپ مۇسا جارۇللاھنى باشلاپ قەشقەرنى ئايلىنىش ئۈچۈن پىيادە يول ئاپتۇ. شۇ جەرياندا ئۇلار ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بىر خالتا كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قاپتۇ. بۇ كىشى بۇ خالتا كوچىغا قاراپ قەدەم ئالغانىكەن، ھېلىقى كاتتىلار:
-ياق تەقسىر، بۇ كوچىغا زىنھار كىرمىگەيلا!-دەپ ئالدىنى توسۇپتۇ.
ئالىم ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇ كوچىغا كىرىشىنى توسقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ:
- نېمە سەۋەبتىن بۇ كوچىغا كىرمەيمىز؟-دەپ سوراپتۇ.
كاتتىلار:
- بۇ كوچىغا پاھىشىخانىلار ۋە ئەپيۈنخانىلار، شۇنىڭدەك قىمارخانىلار جايلاشقان. بۇ يەر سىلى بىزنىڭ كېلىدىغان يېرىمىز ئەمەس، شۇڭا سىلىنىڭمۇ كىرمىگەنلىرى تۈزۈك،- دېيىشىپتۇ.
ئالىم گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كاتتىلارمۇ ئامالسىز ئالىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ كوچىغا كىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئالىم قارىغۇدەك بولسا بۇ كوچا ھەقىقەتەن پاھىشىخانا، ئەپيۈنخانا، قىمارخانا بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىكەن. مىللەت ئىپپىتى بولمىش قىز-جۇۋانلار بۇ يەردە ئىتنىڭ كۈنىدە ياشاۋاتقان ئىكەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىمىنىڭ ئىچى سېرىلىپ، كۆزلىرىگە ياش كەپتۇ.
ئۇ بىر چەتتە چېھرىدىن چەكسىز خورلۇق ۋە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ، يالغان ناز قىلىپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان بىر دىلى سۇنۇق جۇۋاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.
كاتتىلار نېمە ئىش بولىدىكىن دەپ قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرسا، ئالىم ھېلىقى جۇۋاندىن سوراپتۇ:
- ئى بىچارە قىزىم، نېمە سەۋەبتىن بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز؟
مۇشۇ كەمگىچە ھېچكىمدىن مۇنچىلىك ئىللىقلىق كۆرۈپ باقمىغان بىچارە جۇۋان كۆز ياشلىرىنى ، سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ.
« … شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بۇ يەردە تېنىمنى سېتىش يولى بىلەن جان ساقلاۋاتىمەن» جۇۋان بۇقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.
يۈرىكى پۇچۇلانغان ئالىم جۇۋانغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ:
- ئى ناتىۋان قىزىم، سىز ھەر قېتىم تېنىڭىزنى ساتقاندىن كېيىن بويىڭىزنى سۇغا سالالامسىز؟- دەپ سوراپتۇ. جۇۋان:
- بەزىدە سالالايمەن، بەزىدە سالالمايمەن…-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئالىم:
- مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سىز ھەر قېتىم تېنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن چوقۇم بىر قېتىم بويىڭىزنى سۇغا سېلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئاللاھ سىزنىڭ بۇ گۇناھىڭىزنى كەچۈرىدۇ،- دەپتۇ.
ئالىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان كاتتىلار غۇلغۇلا قىلىشىپ:
- يا تەقسىر! بىر جالاپ خوتۇن زىنا قىلىپ، ئارقىدىن غۇسلى تاھارەت قىلسا ، ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلمايدۇ دەپ قايسى كىتابتا بار!؟ ئۇنداقتا ئۇنىڭ گۇناھى كىمنىڭ گەدىنىگە يۈكلىنىدۇ؟-دەپ سورىشىپتۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا.
- ئەلۋەتتە ھەرقايسىلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنى ھەقىقىي ئەركەك ھېسابلايدىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ گەدىنىگە يۈكلىنىدۇ،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئالىم.
- نېمە سەۋەبتىن بىزگە يۈكلەنگۈدەك ئۇنىڭ گۇناھى؟
- بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇملارنى بىزدەك ۋە سىلىدەك يۇرت ئاتىلىرىنىڭ، ئەركەكلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى. سىلەر ئۇلارغا جايىدا ئىگىدارچىلىق قىلالماي، مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىكىن، ئەلۋەتتە سىلەرگە يۈكلىنىدۇ…. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىپپىتىنى جايىدا ساقلىيالمايسىلەر-يۇ، ئەجەبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى «جالاپ خوتۇن» دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىبلەمسىلەر؟!… شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئىپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلا مەجبۇرىيىتى ئەمەس، سىلە بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى… بەلكىم سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك دەپ دەۋا قىلارسىلەر. ناھايىتى ئەپسۇس، سىلەرنىڭ مۇشۇ ھالىتىڭلار جالاپ خوتۇندىن قىلچە پەرق ئەتمەيدىكەن، مەن قەشقەرگە كەلگەننىڭياقى بەزمە-زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار، زىياپەتلىرىڭلارغا قارىسام، بىر-بىرىڭلاردىن مەنمەنلىك تالىشىپ، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلار، تەييارلانغان نازۇ-نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى تۆكۈۋېتىلدى. دەسلەپتە ئەل-يۇرتمۇ شۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم، لېكىن بۈگۈنكى ئۇشبۇ ھال ئىسپاتلىدىكى، ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەسكەن. خەلق نامرات، ئاچ-يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ. ئىلاجسىز ئۆلۈۋېلىشقا، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولۇۋېتىپتۇ. سىلەر بولساڭلار سېسىق كېكىرىپ يۈرۈپسىلەر، ئامبارلىرىڭلاردا نازۇ-نېمەتلەر يىيىشكە ئۈلگۈرمەي سېسىپ تۈگەۋېتىپتۇ. بۇ ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ. مانا بۇ خورلۇق ئەمەسمۇ تەقسىرلەر!؟ خوش، سىلەرنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن؟! سىلەر شۇنداق غۇرۇرسىز، ئارسىز بولغاچقا، خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە. كىمەركى ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن، شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جالاپ!

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، يازمىغا ئىنكاس يېزىشىڭىزنى كۈتمەيمەن، ئىنكاس يازغان زېھنىڭىزنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە قارىتىشىڭىزنى، ئىپپەتنى، ئەخلاقنى قوغداش كۈرىشىدە سەپداش بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن كەتتىم، كونا جايدا-ئەخلاق دوقمۇشىدا سىلەرنى ساقلايمەن، ئامان بولۇڭلار!

مەنبە: قىسمەت بلوگى
يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/enene_exlaq2.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 09:35:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا قىسمەتباي !
بىر تىنىقتا ئوقۇۋەتتىم !

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 11:05:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قىزىمغا ئىنساپ تىلەيمەن،قىزلىرىمىزغا ئىنساپ تىلەيلى.ياراتقان ئىگەم ئۇلارنى بەردى،ئىنساپمۇ ھەم بەرگەي،!

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:18:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا ئاللا   بەك  قىممىتى   يۇقۇرى  تىمىكەن بۇ

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شەيتان ساندۇقى ھەممەيلەننىڭ ئۆيىدە بار. بەزىلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە ئىككى-ئۈچتىن، يەنە بەزىلىرىمىز تاس قالىمىز ھەر بىر ئېغىز ئۆيىمىزگە بىردىن قويۇۋالغىلى، مۇشۇ 10يىلدىن بۇيان تېلېۋىزور بالىلارنى نۇرغۇن جەھەتلەردىن زەھەرلىۋەتتى. بۇرۇنلاردا بالاغەتكە يەتكەندىمۇ ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بالىلارغا ھەممىنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرسىتىپ بالىلاردىكى پەردىشەپ يوقالدى.
بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلار خىجىل بولماستىن قىزىم پالانى يىگىت بىلەن مۇھەببەتلىشىپتىكەن سىرتقا تاماق يىگىلى چىقىپ كەتتى. ئىككىسى بىر-بىرىگە شۇنداق ماس كەپتۇ، پات ئارىدا ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلماقچى دەپ پەخىرلىنىپ  بالىلارنىڭ بۇنداق شەرىئەتكە مۇخالىپ، ئەخلاققا يات ئىشلىرىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتساق بۇ بەڭۋاش قىز-يىگىتلەرنىڭ كېيىنلىكى نېمە بولماقچىدى؟
ھازىر تېلېۋىزور كۆرىدىغان يەردىن قالمىدى. بولۇپمۇ ما بىزنىڭ خوتەن تەرەپلەردە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر ئوبدان ئېلانلىرى چىقاي دېيىشىگە ئېلاننى ئۈزۈپلا دوختۇرخانىلارنىڭ تېتىقسىز بېزەڭ ئېلانلىرىنى قويۇۋالىدۇ. بۇ ئېلانلارنى بىرەرسى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپقۇ كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس، ئۆزۈڭ يالغۇز كۆرسەڭمۇ ئەتراپىڭدا باشقا بىرەرسى باردەك خۇدۇكسىرەپ قاراپ قويىسەن. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بۇ شەيتان ساندۇقىنى كۆرمەسلىك.
بەلكىم ھەممىمىز كۆڭلىمىزدە ئەتراپىمىزدىكى بۇ بىر قاتار ئىشلارنى مەن بىرلا ئادەم تۈزەپ بولالامدىم دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ھەممىمىز ئۆز ئائىلىمىزدىكىلەرگە ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلىپ ئازراق بولسىمۇ يامان ئىشلارنى تۈگەتسەك ئىشلار بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:46:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ مەزمۇننى ئۇيغۇر ئاكادىمى دىگەن مۇنبەردە كۆرگەن ھەم شۇنداق تەسرلەنگەن ئىدىم ،شۇنداقلا ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى  ئەر جىق ئەركەك ئاز بۇلۇشتەك مۇھىم مەسىلىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن ئىدىم .مەن  بىر ئاجىز ئايال بۇلۇش سۈپتىم بىلەن ئەرلەرنىڭ ئەر ئەمەس ئەركەك بۇلۇشىنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۈمۈت قىلىمەن !!!!!!!!!!!!!!ئاللاھ ئىگەم تىلەكلىرىمىزنى قۇبۇل قىلغايسەن!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:37 , Processed in 0.051241 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش