يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 912|ئىنكاس: 6

ھىجران فرانسوۋا : ئانام ئېيتقان بەش يالغان ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 14:36:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانچە-مۇنچە ئەقىل كىرگەن چاغلىرىم بولسا كېرەك، بىر كۈنى كېچىدە ئانامنىڭ كىچىك ئۇكام سىيىپ ھۆل قىلىۋەتكەن ئورۇندا ئۆزى يېتىپ ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئۇكامنى ياتقۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ ئۇيقۇچىلىقتا ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-- ئانا، ئۇكام چىللە قىلىۋەتكەن بۇ ئورۇندا قانداق ياتىسەم!
-- ئويغىنىپ كېتىپسەن-دە بالام، ئۇخلاۋەرگەن، مەن بۇ ئورۇندا ياتسام بەك ئوبدان ئۇخلايمەن. مانا بۇ مەن ئەقلىمنى بىلگەندا ئانام ماڭئا ئېيتقان تۇنجى يالغان ئىدى.
يەنىلا شۇ قەھەتچىلىك زامانلار بولمامدۇ، خېلىلا چوڭ بولۇپ قالغان چاغلىرىم بولسىمۇ ئاچ قورساقتا ئۇككىللىرىم زاغرا نان تالىشىپ يۈرىدىغان يىللار ئىدى. بىر كۈنى تۇغقانلارنىڭ بىرىدە بىر نەچچە دانە ئاق نان كۆتۈرۈپ ئۆيىمىزگە پەتىگە كەلدى. شۇ چاغدىكى خۇشاللىقنى دەيمەن، ئاكا-ئىنە ھەممىمىز ئاق ناننى كۆرۈپ قەۋتلا خۇشال بولۇپ كەتتۇق، ئاپام ناننى ھەر بىرىمىزگە تەقسىم قىلىپ بەرغىچە نەپسىمنىڭ قانچىلىك تاقىلداپ كەتكىنىنى دېمەيلا قوياي، ئاخىرىدا قارىسام ئاپامغا ئاق نان يەتمەپتۇ.
-- ئۆزەڭگىچۇ ئانا، دەپ سورىدىم ئانامدىن بالىلارنىڭ چوڭى بولغىنىم ئۈچۈن.
-- غەم قىلما بالام، سىلەر يىسەڭلەر ماڭئا تېگىل بولىدۇ. بۇ ئانامنىڭ ئىككىنچى قېتىم يالغان ئېيتىشى ئىدى.
بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ قارىسام، ئانام جىن چىراغنى يېقىۋېلىپ بىر نەرسىلەرنى ياماپ ئولتۇرۇپتۇ.
-- ئانا ئۇيقۇڭ كەلمىدىمۇ؟-- دېدىم مەن چالا ئۇيقۇدا.
-- ياق بالام، ئۇيقۇم پەقەتلا كەلماۋاتىدۇ. بۇ ئانام ئېيتقان ئۈچىنچى يالغان ئىدى.
كېيىنكى كۈنلەردە ھال كۈنىمىز خېلىلا ياخشى بوپ قالدى، مەنمۇ چوپ-چوڭلا بولۇپ يوغان شەھەرلنىڭ بىرىدە ئۆزۈمنىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىدىغان بولدۇم.
-- ئانا سېنى شەھەرگە ئەكىلۋالايمۇ؟
-- ياق بالام، سەھرادا توپىغا مىلىنىپ يۈرگەن ئادەم شەھەرگە كۆنەلمەيدىكەنمەن. بۇ ئانامنىڭ تۆتىنچى قېتىم يالغان ئېيتىشى ئىدى.
كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئانام ئاغرىپ يېتىپ قالدى. بىر تۇغقان قېرىنداشلار ھە-ھۇ دېيىشىپ ئانامنى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇردۇق. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانام دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىدىغاننىڭ جېدىلىنى قىلىپ تۇرۇۋالدى.
ئانام دوختۇرخانىدا ياتقىنى بىلەن يېنىمىزدىن چىقىۋاتقان دوختۇر پۇلىدىن بىئارام بولۇۋاتقىنى ئېنىق ئىدى.
-- ئانا خاتىرجەم داۋالانغىن، كېسىلىڭ تولۇق ساقايغاندا دوختۇردىن چىقساڭمۇ كېچىكمەيسەن.
-- ۋاي-ۋۇي بالام، جاننى خۇدا ئالىدۇ، ھازىر ھېچ-قانداق كېسىلىم يوق، شۇنداق ياخشى تۇرۇۋاتىمەنغۇ! چىقىپ كېتەي! بۇ ئانام ئېيتقان 5-يالغان ئىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئەزرايىل ئانامنىڭ ئاجىز تېنىغا چاڭ سالدى.
-- ئانا، رازى بولغىن ئانا...
-- ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەردىن مىڭ مەرتىۋە رازى، مەن بەك چارچاپ كەتتىم، ئەمدى ئارام ئالاي. بۇ قېتىم ئانام يالغان ئېيتمىغان ئىدى.
ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتتى. يول ماڭسان قەدەملىرىمنى ئېغىر يۆتكەيدىغان بولدۇم. بۈگۈن بىر كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يول بويىدىكى چىملىقتا ئويناپ يۈرگەن بالىلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇلارنىڭ شوخ كۈلكە- چاخچاخلىرىدىن چىققان ئاۋاز... توۋا دەيمەن، بۇ ئاجايىپ ئاۋاز شۇ قەدەر سېھىرلىك، شۇ قەدەر تونۇش، شۇ قەدەر يىراقتا... بۇ ئانامنىڭ ئاۋازىمىدۇ، ياق! ياق! ئۇنداق ئەمەس! ئانام بەكلا يىراققا كەتتى...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 19:27:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنۇ سەككىز يالغان نىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار.....

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 20:13:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا رازىلىقى بالىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 01:39:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى قېتىم ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى بېسۋالالماي يىغلاپ تاشلىغان ئىدىم، بۈگۈنمۇ ئوقۇپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم.

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:05:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ مۇنۇ شىئېرى يادىمغا كېلىۋاتىدۇ .
ياشايمەن دۇنيادا سېنى دەپ ئانا،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟
يۈرىمەن بىرسىنىڭ غېمىڭدە مانا،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟

ئانامنىڭ دىگەنتىم تاپقان پۇلۇمنى،
ئانامنىڭ دىگەنتىم كىيگەن تونۇمنى.
ئانامنىڭ دىگەنتىم تۇتقان يۇلۇمنى،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟
.............................

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:07:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:10:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا بالا ئۈچۈن ھەممىنى قىلالايدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:48 , Processed in 0.070606 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش