يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 755 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1061|ئىنكاس: 18

مۇنبەر تەرەققىياتىغا تەكلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
87
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 14:16:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتتە قىز ۋە يەتتە قىزنىڭ پاسىبانلىرى بولمىش يەتتە يىگىت ئوبدان تۇرۇپسىلەر!
مەن بۇ مۇنبەرنى بۇلتۇر تور تاقىلىشتىن بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم زىيارەت قىلغان، ئوبدان تېما ئىنكاسلاردىن ھوزۇرلانغان ئىدىم. تۈنۈگۈن تاساددىبىي پۇرسەتتە قايتا تېپىۋالدىم. مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، بىر نەچچە تەكلىپ بەرسەم، شاكىلىنى ئېلىۋىتىپ مېغىزىنى قۇبۇل قىلارسىلەر.
1. مۇنبەردە باشقۇرغۇچى كۆپ، ئەزا ئازكەن. بۇ مەسلە ئويلىشىپ كۆرۈلسە.
2. كوزۇر تېما يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. كوزۇر تېما مۇنبەرنىڭ جېنى ئىدى.
3. ئىجادى تېما ئازراقكەن. قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئەزالارنى جەلىپ قىلىش زۆرۈردەك.
4. كۈلكە-چاقچاق سەل كۆپ بولۇپ كەتكەندەك تۇرىدۇ، مۇنبەر نامىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرى، ئاياللىرى ھەققىدىكى نەپ تېگىدىغان مۇنازىرە كۆپەيتىلسە.

مىنىڭ مۇنبەرگە كۆڭۈل سۆزۈم مۇشۇنچىلىك، قالغانلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يازىمەن.


باشقۇرغۇچىدىن تەكلىپ: ئىملاغا كۆپرەك  دىققەت قىلارسىز

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:13:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3. ئىجادى تېما ئازراقكەن. قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئەزالارنى جەلىپ قىلىش زۆرۈردەك
مېنىڭچە  جىقى ئىجادى  تېما،يا مەن  ئىجادى تېمىنى چۈشەنمەي قالدىمۇ  نىمە؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 01:13:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنسان ئەپەندىم!
سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى كېچىكىپ كۆرگەنلىكىمدىن ئالدىڭىزدا ئۆزۈرلىكمەن، كەچۈرۈڭ!
ئەمدى مەن يېڭى بىر مۇنبەر مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭ پىكىرىلىرىڭىزگە قارىتا ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسام.
1- مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلارغا كەلسەك كۆپۈنچىسى سىز بۇلتۇر كىرگەن يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنىڭ ئىقتىدارلىق باشقۇرغۇچىلىرى،  يېڭىدىن كىرگەن بىر نەچچە دوستلىرىمىز بۇرۇنقى <<ساقلىق مۇنبىرى>> ۋە <<لىنىيە مۇنبىرى>>دە ئۆزلىرىنىڭ خاس پىكىرلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالار ۋە شۇ چاغدىكى قابىل باشقۇرغۇچىلار، شۇ سەۋەپلىك بىز ئۇلارنىڭ ئاشۇ خاسلىقلىرى ئارقىلىق يەتتە قىزلىرىمنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك ھەسسە قوشالايدۇ دەپ قاراپ ئۇلارغىمۇ بۇ ئەمەلنى بېرىشنى لايىق تاپتۇق.


2- كوزۇر تېما دىگەندە سىزنىڭ نىمىنى كۆزدە تۇتۋاتقانلىقىڭىزنى مەن چۈشەنمىدىم، ئەمما ئونۋېرسال تور بېكەت بولغان بۇ مۇنبەردىكى تېمىلارنى ھازىرقى تور شارائىتىدا بەكمۇ ناچار دەپ كەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى تور يېڭىدىن ئېچىلدى،ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئىشنىمەن بۇ تور بەت ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئارىسىدىكى بىردىن- بىر خانىم قىزلار تورى بولۇپ قالىدۇ.
3- ئىجادى تېمىغا كەلسەك، ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرۇپسىز ناھايتى ئاز مۇشۇنداق ئەزا بىلەن مۇنبەردە ھەپتىسىگە بىر بولمىسىمۇ ئىككى ھەپتىدە بىر دىگۈدەك ئىجادىي تېما مەيدانغا كېلۋاتىدۇ، قولىدىن ئىش كېلىدىغان تورداشلارنى جەلىپ قىلىش ئىشىغا كەلسەك، كونا مۇنبەر مەسئۇلى ھازىرقى تېخنىك ئىشلىرىغا مەسئۇل قىسمەت ئەپەندىم بىلەن مەسلىھەتلەشتۇق، پات -ئارىدا بەلكىم بىر قېتىملىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشىمىز مۆمكىن، كونكىرت ئىشلارنى ۋاقتى كەلگەندە مۇنبەردە ئىلان قىلىمىز.
4- ھەممىمىزگە مەلۇم بۇلتۇر تور تاقىلىشتىن بۇرۇن مەيلى قانداقلا مۇنبەرگە كىرمەڭ، كىشىلەر تولىمۇ ئەركىن-ئازادە پىكلىرلىشەلەيتتى، بەزىدە تېمىدىن ئىنكاس بازا تېپىپ كېتەتتى دىگەندەك، ئەمدى نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىپ ھەتتا تورلار تاقىلىپ،يەنە  قايتىدىن ئېچۋېتىلگەن بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭچە بىزگە زۆرۈرى يەنىلا خاتىرجەملىك، بىخىەتەرلىك دەپ ئويلايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇنبەردىكى 70%-80%ئەزالار ئالدى 7-8يىللىق، كەينى 4-5 يىللىق قەدىناس تورداشلار، ئۇرۇق-تۇغقان ، قېرىنداشلاردەك مېھرى بار دوستلار شۇ سەۋەپلىك مۇنبەردە مۇنازىرىگە چەكلىمە قويۇشنى خالىمىدۇق، چۈنكى دوستلار قانچە ئەركىن بولسا پىكىرمۇ شۇنچە ئەركىن بولىدۇ.
ئەمدى مۇنبەرنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئەلۋەتتە سىزدەك دوستلىرىمىزنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى، مۇشۇنداق ياخشى پىكىر -تەلەپلەرنى بېرىشى ئارقىسىدا بولىدۇ ئەلۋەتتە، بىز مۇنبەر قۇرغۇچىلار سىزلەرگە ياخشى سورۇننى ھازىرلاپ بېرىمىز ، بۇ سورۇندا قانداق ئويناش سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز، پەقەت دۆلەتنىڭ قائىدە-قانۇنىغا خىلاپ بولمىغان ھەر- قانداق پىكىرلىرىڭلار بولسا بىز قارشى ئالىمىز ۋە قوللايمىز!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان نىڭ يەتتە قىزلىرىم ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت.
يەتتە قىزلىرىم كەمچىللىكلەردىن خالىي ئەمەس، دوستلارنىڭ تەكلىپ بېرىشىگە موھتاج.
ھەممەيلەن ھەمكارلىشىپ يەتتە قىزنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرايلى!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
149 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 19:24:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ پىكىرى كۆپرەك بولسا مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىقتۇر.
يەتتە قىز مۇنبىرى ئىسمىغا خاس ھالدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر تارىخى كارتىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلاردا نىكاھ، ئۇيغۇرلاردا ساغلاملىق، ئۇيغۇرلاردا پىسخىكا ۋە ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈش كېرەك.
مۇنبەرنىڭ تېمىلىرىغا كەلسەك، قابىل باشقۇرغۇچىلار بىلەن پىكىرلىشىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپ ۋە يىتەكلەپ، تېمىلارنىڭ ئىجادىيىتى مۇنبىرىمىزدىن بولىدىغان ياخشى نەتىجىلەر چوقۇم ھاسىل بولىدۇ. مۇنبەر قايتىدىن ئېچىلغىلى ئەمدى بىر ئايدىن ئاشتى. مۇنبەردە ئەزالار ئاز بولسىمۇ ئەمما مۇنبەرنىڭ شۇنداق مۇنبەردىكى بىر قانچە نادىر تېمىنىڭ چېكىلىش، ئىنكاس قېتىم سانى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.
مۇنبەردىكى يەنە بىر ياخشى ئەھۋال تورداشلار تولىمۇ ئۆم، رىئال تۇرمۇشتىكى قەدىناس دوستلاردەكلا. بىر مۇنبەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى نادىر تېمىدىن بەكرەك، مۇنبەرداشلارنىڭ ئىتپاقلىق، ھەمكارلىق، ئۆگىنىش روھى دەپ قارايمەن.
يۇقارقى تورداشنىڭ تەكلىپ پىكىرى تولىمۇ ۋاقتىدا بولغان دەپ قارايمەن. مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى مۇشۇنداق ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرگە قارىتا كۆپرەك قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ باشقۇرغۇچىلىقلا رولىنى ئەمەس، يىتەكچىلىك رولىنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئىجادكارلىقىنى قوزغاپ مۇنبەرگە خاس بولغان نادىر ئىجادىي ئەسەرلەر ھەمدە مەزمۇنلۇق تەرجىمە ئەسەرلەرنىمۇ رويادقا كەلتۇرۈشى كېرەك.
تورداشلار ئويلىغانلىرىنى ئەركىن بايان قىلىپ، مۇنبەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە تەرەققىياتقا ماس كىلىدىغان تەكلىپلەر بولسا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئېھتىرام بىلەن : سايە.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1176

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:44:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئائىلىلىرى، ئاياللىرى ھەققىدىكى نەپ تېگىدىغان مۇنازىرە كۆپەيتىلسە.

مەن بۇ پىكىرنى قوللايمەن!

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
87
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 16:50:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار باش قۇشۇپ بىر پىكىرگە كەلسەڭلار بىز ئەزالار ھە-ھۇ دىيىشەتتۇق.
ماڭا نىمە خىزمەت بار باشقۇرغۇچىلار؟ مەن قىلغاچ تۇراي.
نىمە قىلالايسەن دىمەي، مۇنداق قىل دىسەڭلارلا بولدى. ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلمەيمەن، باشقا ئىشلار ھەرھالدا قولۇمدىن كېلىدۇ.

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 17:32:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Insan بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 16:50 دە يوللىغان
باشقۇرغۇچىلار باش قۇشۇپ بىر پىكىرگە كەلسەڭلار بىز ئەزالار ھە-ھۇ دىيىشەتتۇق.
ماڭا نىمە خىزمەت بار باشقۇرغۇچى ...

ئىنساننىڭ ئاكتىپچانلىق بىلەن خىزمەت تەلەپ قىلغىنىغا كۆپ رەھمەت.يەتتە قىزلىرىم تورى سىزدەك ئەزالىرىمىزنى قەدىرلەيدۇ.
باشقۇرغۇچىلار بىر مەسلىھەتلىشىپ سىزگە جاۋابىنى بەرسەك بولارمۇ؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
87
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 17:40:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدۇ، جاۋابىڭلارنى كۈتەي.
ئەسكەرتىش: ئېزىپ-تېزىپ باشقۇرغۇچى بول دىمەڭلار. باشقۇرغۇچى بولماي تۇرۇپ قىلىدىغان ئىش بولسا قىلاي.

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 18:01:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Insan بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 17:40 دە يوللىغان
بۇلىدۇ، جاۋابىڭلارنى كۈتەي.
ئەسكەرتىش: ئېزىپ-تېزىپ باشقۇرغۇچى بول دىمەڭلار. باشقۇرغۇچى بولماي تۇرۇپ قىلىدىغ ...

سىز ئۆزىڭىز مۇنبەردە باشقۇرغۇچى جىق دەۋاتسىڭىز، بىز يەنە باشقۇرغۇچى بولۇڭ دىمەيمىز.
باشقۇرغۇچى بولمايمۇ قىلىدىغان ئىشلار چىقىدۇ.
يەتتە قىزلىرىم تورىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدا جىق ئويلار بار. ھەممەيلەن بىرلىشىپ شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:58 , Processed in 0.085857 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش