يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 693|ئىنكاس: 11

سەنسىزنىڭ تاققا-تۇققا پاراڭلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 12:35:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەنسىزنىڭ تاققا-تۇققا پاراڭلىرى




دادىڭىز سىىزنى كۆتۈرۈپ باققانمۇ؟


بۇنداق دىسەم،ھەر قانداق دادا بالىسىنى كۆتىرىدىغۇ؟ دىيىشىڭىز مۇمكىن.  ئۇنداق بولسا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى تاققا-تۇققىدا بولسۇن.
مۇنداق بىر ئىش ھېلىمۇ ئىنىق ئىسىمدە، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا  ھويلىدا تىلىۋىزور كۆرۈپ ئۇخلاپ قالسام دادام ئاستا كىلىپ مىنى ئاۋايلاپ قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قوياتتى. دادام مىنى قۇچىقىغا ئالغان ۋاقىتلاردا بەزى ۋاقىتتا قاتتىق ئۇخلاپ سەزمىسەممۇ، تولا ۋاقىتلاردا دادامنىڭ مىنى كۆتۈرگىنىنى سىزىپ قالاتتىم. شۇنداق بولسىمۇ قەستەن كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالاتتىم.  دادامنىڭ ئىللىق باغرىدىن قانغۇدەك ھۇزۇر ئالاتتىم. ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك بالا قاتارىدا كۆرەتتىم.  
چوڭ بولدۇم، مەكتەپكە كىردىم، دادامنىڭ مىنى كۆتىرىغان ۋاقىتلىرى ئاز قالدى.  ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەن ۋاقىتلىرىمدا پەقەت دادامنىڭ مىنى بۇرۇن كۆتۈرگەن ۋاقىتلىرىنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ھويلىدا ئۇخلاپ قالساممۇ دادام چوپچوڭ بولغان يىگىتنى كۆتۈرمەيدۇ-دە... ئاستا ئويغۇتۇپ ئۆيگە كىرىپ كىتىشنى ئېيتاتتى.
بۇلتۇر توپ ئويناۋېتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن ئوڭ پۇتۇم ئۇشۇقىدىن چىقىپ كەتتى.  تېڭىقچىغا باراي دىسەم چىقىپ كەتكەن جاينى بىر كۈن ئۆتمىسە تاڭغىلى بولمىغاچقا، ھۇجرامغا تەستە ئاقساپ كىرىپ يېتىۋالدىم. كەچتە دادام كىرىپ،
-ئاسمانغا پۇت ئاتما دىسەم ئۇنىمايسەن بالام، قارىغىنە بىكار پۇتۇڭنى قايرىۋاپسەن،  ئەتە تېڭىقچىنىڭ يېنىغا بېرىپ تاڭدۇرۇپ كىلەيلى. دەپ چىقىپ كەتتى.
بىر كىچە پۇتۇم ئىششىپ كۈپتەك بولۇپ كەتتى. پۇتۇمنى ئاغرىقتىن تەستە مىدىرلىتالايتتىم. ئەتىسى ئەتتىگەن دادام تاماققا چاقىرغاچ،
- پۇتۇڭنى تاڭدۇرۇپ كىلەيلى، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭالامسەن؟ دىدى.
-ماڭالايمەن، دەپ تەستە دادامنىڭ يۆلىشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىككى قەدەممۇ ئالالمىدىم. دادام،
-كىلە قۇچۇقۇمغا چىق، سىنى كۆتىرۋالاي، دىدى، مەن
-ياق دادا، بولدى ماڭالايمەن دىدىم،  دادام،
-بولدى، كىلە سىنى قۇچۇقۇمغا ئېلىۋالاي، سىنى نۇرغۇن قېتىم قۇچۇقۇمغا ئالغان مەن دەپلا مىنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ھويلىغا ئېلىپ چىقتى.
18 ياشقا كىرگەن بىر چوپچوڭ يىگىت ئۈچۈن، دادىسىنىڭ ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن مىنۇتلىرى، بەلكىم ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل مىنۇتلار بولىشى مۇمكىن. ھاياجانلانغىنىمدىن كۆزۈمدىن چىققان ئىككى تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ لەۋلىرىمگە ئېقىپ چۈشتى.
بەلكىم بۇ، دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مىنى قۇچىقىغا ئېلىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى كۆتۈرگەن، بىر ئۆينىڭ روھى تۈۋرۈكى بولغان دادىلىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن.

بوۋامنىڭ يۇمۇرلىرى



بىر كۈنى بوۋام-موماملارنى يوقلاپ چوڭ ئۆيگە باردىم. بوۋامنىڭ ھويلىسىدا  قوناق ئۇنى تارتىشقا ئىشلىتىدىغان چوڭ تۈگمەن تېشىدىن بىرسى بار ئىدى. ئۇنى بىرسىگە ساتقان ئىكەن، 5 ئادەم بىر بولۇپ ھارۋىغا شۇنداق تەستە ئالدىدە، بوۋام ئۇلارغا قاراپ،
ھەي بۇ زاماننىڭ بالىلىرى نىمانچە بوشاڭدۇ، ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇ تاشتىن ئىككى ھەسسە قېلىن تاشنى دەس كۆتۈرۈپ ھارۋىغا ئالاتتىم.  دەيدۇ..
ھى ھى ھى ھى


بوۋامنىڭ يەنە بىر يۇمۇرى



بىر كۈنى بوۋامنىڭ ئۆيىگە بارسا، بوۋام،
-بالام قويلارغا سۇ بىرىۋەتكىنە، دىدى،
مەقۇل دەپ قويلارغا سۇ بىرىۋاتسام بوۋام بىلەن مومام كەلدى، مومام،
- قارىغىنە بالام، ئاۋۇ ئىككىنى قۇزىلىغان قوي مىنىڭ، ماۋۇ قويۇممۇ ئىككىنى قوزىلىدى، بۇمۇ مىنىڭ...... مەن دىدىم،
- موما، بىر ئۆيدە تۇرۇپ ئۇ مىنىڭ، بۇ سىنىڭ دەيدىكەنسىلە، ئۇنداقتا بوۋامنىڭ قويىچۇ؟  دىسەم، بوۋام،
بالام جۈپ قوزىلىغىنى موماڭنىڭ، تاق قوزىلىغىنى مىنىڭ دەيدۇ.
ھا ھا ھا ھا ، ياشتا چوڭ ئادەملەر بەك قىزىقارلىق سۆزلەيدىكەن...


باھانە ئىزدەش



ئاكام، دادام، مەن ئۈچىمىز ھويلىغا ئىشلىتىپ  ئېشىپ قالغان توپىلارنى سىرتقا توشىۋەتمەكچى بولدۇق.
ئاكام مەندىن ئاستىراق ئىش قىلىدۇ-دە... مەن تىز-تىز توشىۋاتسام، ئاكام سۆرىلىپ بىردەم ئارام ئالىمەن دەپ ئولتادى.
دادام:  چوڭ تۇرۇپ ئۇكاڭنىڭمۇ كەينىدە قالامسە؟
ئاكام: دادا مەن يۈدىۋاتقان خالتا چوڭكەن شۇڭا........
دادام: ئۇكىسىنىڭ كەينىدە قېلىپمۇ يەنە باھانا ئىزدەيدۇ تېخى..
مەن: بولدىلا دادا.. ئاكامنىڭ يەنە ئالبىنى يىگۈسى كەپتۇ...،
ھەممەيلەن........... ھاھا ھا ھا ھا

ئۆيىمىزدە كۈندە كۈلكە-چاقچاق دىگەن تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.

كەلتۈرۈش


ھەدەمنىڭ ھامىلدار، سىزىك ۋاقىتلىرىدا ماڭا، سىزىكىم تۇتۇپ كەتتى، شاپتۇل يىگۈم كىلىۋاتىدۇ. دەپ شاپتۇل ئېلىپ كىلىشكە بۇيرىدى.  مەن،
-مىنىڭمۇ شاپتۇل يىگىم كەپ تۇرغان دىسەم، ھەدەمنىڭ يولدىشى
سەنمۇ سىزىكمۇ يا ؟ دەيدۇ... بەك چاقچاقدىدە
مەن چاندۇرماي،
-ھە ئە مەن ھازىر سىزىك، سەل تۇرۇپ ھاجەتكە چىقىمەن...
ئۈچىمىز قورساقنى تۇتۇپ بولىشىغا ھا ھا ھا ھا ھا


يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەش



ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا، مىنىڭ سول تەرەپ، ياندىكى قاتاردا ئولتۇرغان ھەبىبۇللا، ئەلى ئىسىملىك ئىككى بالا باردە .. بەك قىززىقچى..
بىر كۈنى دەرىس ۋاقتىدا  ھەبىبۇللا تېلفۇنىنى تىرت-تىرت قىلىپ سايرىتىپ ئولتادى.... مۇئەللىم بىر قانچە قېتىم قاراپ قويدى..
يەنە شۈك ئولتاماي تىرت-تىرت قىلىپ سايراتقانتى، مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى كىلىپ يېنىغا كىلىشىگىلا ھەبىبۇللا چاققانلىق بىلەن قولىدىكى يانفۇننى ئەلىگە تۇتقۇزۇپ قويدى.
مۇئەللىم كىلىپلا ئەلىنى تېلفۇن ئويناۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ،  بېشىدىكى شىلەپە بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ قويۇپ، دەرىس ۋاقتىدا جىم ئولتا!  دەپ كىتىپ قالدى..
بىچارە بىكاردىن-بىكار يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ، دەرىستىن چۈشۈپ ھەممىمىز تازا كۈلدۇق.

يەنە يازاي دىسەم تاققا-تۇققىلارمۇ خېلى بار ئىدى.... بەك جىق بوپ كەتسە زىرىكىپ قالماڭلار.... ياقتۇرساڭلار تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغان تاققا-تۇققا چىن پاراڭلىرىم يەنە ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:25:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يېزىڭ

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:35:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز دىسىلا قۇرقىدىغان  بوپ قالدىم دىسە ..............................................

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2183

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 01:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرمامدىغان سەنسىز~  بۇنداق تاققا-تۇققىنى ئۆزۈممۇ ئانچە- مۇنچە يېزىپ قويغاچ ئوقۇشقا تېخىمۇ قىزىقىمەن!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:59:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي سەنسىز، بەك كۈلدۇم جۇمۇ. ئۆيۈڭلەردە كۈلكە ئۈزۈلمەيدىكەن. تۇرمۇشقا ئۈمت بىلەن قاراپ، تۇرمۇشنى سۆيسە ھەممە نەرسە گۈزەل كۆرۈنىدۇ-ھە!

راست، سىز تېخىچە 18دىما؟ شەكلادىكى چاغدا 18 گە كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكەزگىنىڭىز ئېسىمدە، ئۇنىڭىدىن كېيىنمۇ بىر قانچە يىل ئۆتتىغۇ؟!

Rank: 2

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
12
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:08:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى 18 ياش دەپ ھېس قىلسا بولىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:04:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە سەنسىز ئىنىم دادىڭىزنى كۆتەرگۈزۈش ئۈچۈن پۇتنى سۇندۇرغان گەپما؟ نىمە جاپا دەيمەن. ئۇنىڭدىن دادىڭىزنىڭ قۇچىقىغا چىقىپلا مېنى كۆتۈرۈپ قويۇڭ دەپلا تۇرۇۋالمامسىز؟
مومىڭىزمۇ دەھشەت ئەقىللىق ئىكەن. سىز مومىڭىزنى تارتىپ قالمىغانسىز؟
سەنسىز ئىنىمنىڭ تاققا-تۇققىلىرىمۇ ئاجايىپ قىزىقارلىقكەن. ياقمامدىغان تازا ياقتى ئاخىرىنىمۇ پىخسىقلىق قىلماي يېزىۋېتەرسىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:05:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇ ئىنىم تېخى بالا دەيمەن چوڭ بولمىدى، شۇڭا ئۆزىنى 18 ياش دەپلا ئۆتىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:56:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:35 دە يوللىغان
سەنسىز دىسىلا قۇرقىدىغان  بوپ قالدىم دىسە ..............................................

مەنغۇ شۇنداق يۇۋاش ئىدىم بولمىسا. سىم چۈمۈلە چاغلىق نەرسىلەرگىمۇ ئازار بەرمەيتتىم. سىز نىمىشقا قورقۇپ كەتكەنسىز مەندىن

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:58:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Coffee بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:59 دە يوللىغان
ۋاي سەنسىز، بەك كۈلدۇم جۇمۇ. ئۆيۈڭلەردە كۈلكە ئۈزۈلمەيدىكەن. تۇرمۇشقا ئۈمت بىلەن قاراپ، تۇرمۇشنى سۆيسە ھەممە ...

ھېلىمۇ ئىسىمدە، بۇلتۇر شەھلادا تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزگەندە 18 ياشقا كىرگەن ئىدىم. ئىسىمدە قېلىشىچە مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە يېقىن يەنە بىر ھەدىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولىدىغان، ئىسمى مىھراي.... يەنە تېخى ئادالەت ھەدەمگە ئاتاپ شېئىر يازغىنىم ئىسىمدە

بۇلتۇرقى ئىش بولغاندىكىن 18 ياش دەپ يازمامدىم   19 ياش دەپ يازسام بۇيىل 20 ياشقا كىرگەن قېرى بوپ قالمامدىم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:52 , Processed in 0.050206 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش