يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 56|ئىنكاس: 3
go

تېمىسىز...

Rank: 8Rank: 8

توردا
218 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
644 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

(E(_8STQ4AJ}G[NT_`K`W.jpg


   ئۇ ئايال مەسىلىنىڭ زادى نەدىن چىققانلىقىنى بىلەلمىدى. ئۇلار ئۇرۇشمايتى، سوغۇق ئۇرۇش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ باشقا ئاياللاردەك كوت-كوتمۇ ئەمەس، ئېرىمۇ باشقا ئەرلەردەك ئۆيگە قايتمايدىغان ئويۇنقېپىلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى. لېكىن بۇنداق بىر قېلىپتىكى تۇرمۇش بارغانسىرى تولىمۇ مەنىسىز تۇيۇلىۋاتاتتى. ئۇ بۇلارنى ئويلىسا ئەنسىرەپ ئولتۇرالمايلا قالاتتى.  

   بىر كۈنى ئۇ ئۆيدە قاتلىما پۇشۇرىۋاتاتتى، قىزى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا، ئاشخانىغا يۈگۈرۈپ كىردى،بىر تەرەپتىن قاتلىما يىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپىسىغا: «ئاپا،بۈگۈنكى قاتلىما ئەجەپ ئوخشاپتۇ، قاتلىمىنى بەك پەيزى قىلىسىز جۇمۇ سىز، ئۇزۇن بوپتۇ بۇنداق قاتلىما يىمىگىلى » دېدى . ئەمىلىيەتتە ئۇ  قاتلىمىنى ئۇنچە ياخشىمۇ قىلالمايتى، ئەمما قىزىنىڭ سۆزلىرى ئۇنى سۆيۈندۈرىۋەتتى:«ھا... ھا، سەن ماڭا تەسەللىي بېرىۋاتىسەن ھە» دېدى. قىزى سەكرىگىنىچە ؛«ئاپا، سىز كۈلسىڭىز بەك چىرايلىق بوپ كېتىدىكەنسىز، مۇئەللىم بىزگە كۈندە باشقىلارنى بىر ئېغىز ماختاپ بەرسە،بەخىت ۋە خوشاللىق ھەسسىلىنىپ كېلىدۇ دېگەن. قاراڭ، راستىنلا ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى» دېدى. ئۇ ئويلىنىپ قالدى، قىزىنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭغا تەسىر قىلغانىدى.  
    كەچلىكى ئېرى قايتىپ كەلدى. ئۇ يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى، قولىدىن سومكىسىنى ئېلىپ، يېرىم  كۈن ئويلىنىپ دېگەندەك، ئاران تەستە «سىز تۈنۈگۈن قاچىلاپ قويغان سېستىما بەك ياخشىكەن، كومپىيوتېرنىڭ سۈرئىتى خېلىلا تېزلىشىپ قاپتۇ» دېدى. دەپ بۇلۇپلا خۇددى خاتا گەپ قىلىپ سالغاندەك، ئۇنىڭغا قەستەن يېقىنچىلىق قىلىۋاتقاندەك ئۇنىڭ يۇزلىرى ئوت ئېلىپ كەتتى، لېكىن ئۇ ئويلىمىغان يەردىن كۈلۈپ تۇرۇپ «بۇگۇن نېمە تاماق ئەتتىڭىز؟ ئەجەپ مىزىلىك پۇراپ كېتىپتۇغۇ؟» دېدى.
   ئۇ كۇنى كەچتە تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئېرى بۇزۇلۇپ قالغان مۇنچىنى ئوڭشىدى، ئۇ بولسا بىر تەرەپتىن ئېرىگە ئامبۇر،سىم قاتارلىق لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەتتى، قىزى بىر تەرەپتىن دادىسىغا: «دادا،سەن بەك يامان جۇمۇ، ھەممە ئىشنى قىلالايسەن...»دەپ ماختايتى. ئۇ مەغرۇر كۈلگىنىچە ئىشىنى داۋاملاشتۇراتتى.

    ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا،ئېرى ئىشقا كېتىپ بولغانىدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېرى تەييارلاپ قويغان تۇخۇم ۋە شىفەننى كۆردى، ئۇ ناشتا قىلغاچ ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولدى. شۇندىن بېرى ئۇ ئېرىنى ئايىماي ماختايدىغان بولدى. دوسىتلار ئارا،تۇققانلار ئارا،ئەلۋاتتە كۆپىنچە ئۇنىڭ يۈزىدىلا ماختايدىغان بولدى.«سىز كومپىيوتېردا خەتنى بەك تېز يازىدىغان بولۇپ كېتىپسىز جۇمۇ، پالانى ئىشنى مۇنداق قىلىپ بەك ياخشى قىلدىڭىز، كۆزىڭىز بەك ئۆتكۇر ھە، چېچىڭىزنى بۇنداق ياساتسىڭىز بەك قالتىس بوپ كېتىدىكەنسىز. تالاغا چىقماڭ، قىزلار كەينىڭىزگە كىرىۋالسا مەن قانداق قىلىمەن......»دېگەندەك سۆزلەر ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى.

   ئېرى روشەن ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى، تۇيۇقسىز ئۇنى ئالغىلى باراتتى، ئۇنى كىنو كۆرگىلى ئاپىراتتى، خېلى يوللارنى ېسىپ ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئاشخانىلارغا ئاپىرىپ تاماق يىگۈزۈپ كىلەتتى. يەنە تېخى ئۇ خېلىدىن بېرى ياخشى كۆرگەن قول تېلىغوننىمۇ ئېلىپ بەردى. دوستلىرى ئۆيگە مېھمان بۇلۇپ كەلسە، ئېرىمۇ ئۇنى ماختايتى. «ئۇ تاماقنى بەك ئوخشىتىدۇ، خوتۇنۇم بەك چاققان،بەك پاكىز،ئۆينى گۈلدەك قىلىۋىتىدۇ..» دېگەندەك.
    شۇنداق قىلىپ ئۇلار يېڭى توي قىلغان چاغلارغا قايتىپ كەلدى. كۈنلەرنى شىرىن ئاي ئۆتكۈزگەندەك ئۆتكۈزەتتى. ئېرى ئۇنىڭ كۈندىن-كۈنگە گۈزەللىشىپ يېقىملىق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇمۇ ئېرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈيۈمچان، جەزبىدار بۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.باشقىلار ئۇنىڭدىن بەخىتىلىك تۇرمۇشۇڭلارنىڭ مەخپىيىتى نېمە دەپ سورىغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «سۆيگىنىڭىزنى ماختاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ» دەپ جاۋاپ بېرەتتى.



مەنبە: تەرجىمە


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:33  



بايرام كېلەي دەۋاتىدۇ، خۇدا بۇيرىسا دوستلار بىلەن كۆرۈشىمىز!

Rank: 1

توردا
23 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 
نادىر
يازما
19 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 08:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى،مەنمۇ سىناپ باقاي!

Never Make Somebody Your Everything, cause when they're gone, you've got nothi

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
193 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1078 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەكەللۇپ بىلەن ياشاشنى ئۆگىنەيمۇ ئەمدى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
218 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
644 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 08:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:34
تەكەللۇپ بىلەن ياشاشنى ئۆگىنەيمۇ ئەمدى

شۇنى دەڭە جېنىم، بىردىنلا ئۆزگىرەپ قالساق ھە.

بايرام كېلەي دەۋاتىدۇ، خۇدا بۇيرىسا دوستلار بىلەن كۆرۈشىمىز!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:50 , Processed in 0.038996 second(s), 9 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.