يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى باش بەت بالىلار مائارىپى ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئ ...
ئىگىسى: Qismet
go

ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدا (1)

Rank: 8Rank: 8

توردا
63 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
140 

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇنداق، كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدە بارماقلىرى جانلىق، ئەمەلىيەتچىل ئوينايدىغان قىسمەتداشلارنىڭ ئىچىگە تىنىپ يۈرمەي ئاۋازىنى قويۇپ بىرىپ جارسىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەخلاق چىڭ تۇتۇلسا قانۇنسىزلىق ئازىيىدۇ، «جەمئىيەتنى ئەخلاق، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» بۇ گەپ پەقەت شۇئارلا بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى ئەڭ چوڭ زەھەر تېلۋىزور بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق زەھەرلىنىشتىن ساقلاش ئۈچۈن تەربىيەنى چىڭ تۇتۇش كىرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jewlaniy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:31  


Rank: 1

توردا
1 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 
نادىر
يازما
2 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تولىمۇ ياخشى تىما ئىكەن . جەمئىيىتىمىزدىكى مەسىلىلەر  بولۇپمۇ ئۆز مىللىتىمىز دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلار  ئۆتكۈر تىل ئارقىلىق بايان قىلىنىپتۇ . رەھمەت سىزگە قىسمەت ئەپەندى . بۇنداق ياخشى تىمىلارنى داۋاملىق ئەۋەتىپ ، تورداشلىرىمىزغا  سۇنۇشىڭىزنى ، شۇنداقلا كەڭ تورداشلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى  تولۇق تونۇپ يىتىشىنى  ئۇمىد قىلىمەن . توردىكى بۇ ئىشلارنى تۈزىتىشكە بىر ئۇزۇن جەريان كىتىدۇ،ئەمما ئۆز پەرزەنتىڭىزگە بولغان تەربىيىنى بۈگۈندىن ھەتتا ھازىردىن باشلىسىڭىز بولىدۇ . پەرزەنتىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويىشىڭىز كىرەك بولۇپمۇ سەۋەنلىك ھاسىل بولغاندا. كىچىككىنە سەۋەنلىك چوڭ خاتالىققا ئايلانغاندا سىز ئاللىقاچان كىچىكىسىز . پەرزەنتىڭىز بەلكىم سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەربىيىڭىزدىن ئاغرىنىشى مۇمكىن . تىمىدىن سەل چەتنەپ قالدىممۇ قانداق ؟  ئاخىرىدا قىسمەت ئەپەندى   تىمىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
249 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1644 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 22:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر ئائىلىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى قايسى يۆنىلىشنى بويلاپ ماڭسا بالىمۇ شۇ تەرەپلەردە بەكرەك يېتىلىپ ماڭىدۇ.
ئاتا-ئانا تېلېۋىزورغا ئامراق بولسا شۇ ئائىلىدىكى بالىلارمۇ تەبىئىيلا كىچىكىدىن تېلېۋىزورغا بېرىلىدىغان چوڭ بولىدۇ.
ئۆيىمىزدە تېلېۋىزور بولمىغاچ بالىلىرىم تېتىقسىز ئېلانلاردىنمۇ بىخەۋەر.
كومپيۇتېردا تېلېۋىزور كارتىسى بار شۇنىمۇ كۆرمەيمىز، بالىلىرىمنىڭ كىنو كۆرگىسى كەلسە كومپيۇتېرغا كارتونلارنى قاچىلاپ بېرىمەن شۇنى كۆرىدۇ. مېنىڭچە بالىلارنى تېلېۋىزوردىكى تېتىقسىز كۆرۈنۈشلەردىن ۋە توردىكى قالايمىقان نەرسىلەردىن چەكلەشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى مۇشۇمىكىن دەپ ئويلايمەن. بالىلار كورتون كۆرسە ئۆزىگە لايىق بىلىمگە ۋە تەپەككۇر قابىلىيىتىگە ئېرىشىدۇ.
ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى قوشنىمىزنىڭ 14 ياشلارغا كىرگەن بىر ئوغلى بار. قايسى كۈنى يەنە بىر قوشنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ تويىدا پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئوغلىڭىز سەمەتنى ھېچ كۆرمەيمەنغۇ يەنە يوقاپ كەتتىمۇ دېسەم؟ بىچارە ئانا يىغلاپ تاشلىدى.
نېمىسىنى سورايسىز؟ ھېيتقا ئىككى كۈن قالغاندا ئۆيگە كىرىپتىكەن دادىسىغا چىرايلىق گەپ قىلىپ يۈرۈپ بىر يۈرۈش ھېيتلىق كىيىم ئېلىپ بەردىم. ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنە يوق نەلەردە يۈرۈيدىغاندۇ؟ مەن مۇشۇ بالىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقىلى 4 يىل بولاي دېدى. مۇشۇ كومپيۇتېر تور دەيدىغان نەرسە نەدىن چىققان بولغىيدى دەپ شۇنى ياسىغان ئادەمنى نەچچە قارغىۋەتتىم. دېگىنىچە كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.
بۇ بالا 11 ياشلارغا كىرگەندە تورخانىدا ئويۇن ئوينايدىغان بالىلار بىلەن ئارلىشىپ قاپتۇ شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ بالىمۇ تورخانىدىن بېرى كېلەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ھازىرمۇ تورخانىدا يېتىپ قوپۇدىكەن. نېمە يەپ؟ نېمە كىيىدىغىنىنى ئاتا-ئانىسىمۇ بىلمەيدىكەن. بالىنىڭ ئانىسىنىڭ دېيىشىچە بۇ بالىنى دادىسى تورخانىدىن ئەكىلىپ ھەتتا پۇتلىرىغا زەنجىر سېلىپ قويۇپمۇ بېقىپتۇ بىراق بۇمۇ كار قىلماپتۇ. بىرەر مەزگىل بارمىغاندەك قىلىدىكەنۇ يەنە شۇ يەرگە كىرىۋالىدىكەن. دادا ئاخىر چىدىيالماي كىچىكىدىن جاپاسىنى تارتىپ چوڭ قىلىپ قويدۇم قالغىنىغا ئۆزىنىڭ شورى دەپ تاشلاپ قويۇپتۇ.
تورنىڭ خۇمارى، زەھەر خۇمارىنى بېسىپ چۈشەمدىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:05 , Processed in 0.074950 second(s), 6 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.