ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر!
مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزاسى Ayturan نىڭ «مۇنبەر مەسئۇلىغا بىر پارچە خەت» نامىدىكى يازمىسىنى كۆردۇق. بۇ يازمىغا تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىشنى لايىق تاپتۇق.
1. باشقۇرغۇچى ۋە تېما تەستىقلاش مەسىلىسى
بىز مۇنبىرىمىز قۇرۇلۇش بىلەنلا باشقۇرغۇچى تەيىنلەشنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق. مۇنبىرىمىز مەلۇم جەرياننى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، قايسى ئەزانىڭ مۇنبىرىمىزگە باشقۇرغۇچى بولسا بولىدىغانلىقى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم بولۇپ قالىدۇ. باشقۇرغۇچىنى بىز تەيىنلىگەندىن ۋاقتى كەلگەندە ، مۇنبەر ئەزالىرى ئۆزى سايلىغىنى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھەم شۇ ۋاقىتتا تېما تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويساق مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ قارىدۇق.
2. مۇنبەر قائىدە – تۈزۈمى مەسىلىسى
مۇنبىرىمىزدە سەھىپىلەر تەسىس قىلىندى. ئەلۋەتتە ئەزالىرىمىزنى شۇ سەھىپىگە ماس يازمىلارنى يوللىيالايدۇ، دەپ قارىدۇق.
پات ئارىدا مۇنبەر ئىشلىتىش قوللانمىسى، مۇنبەر قائىدە – تۈزۈملىرى، مۇنبەر ئەزالىرى سايلاپ چىققان مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ.
3. مۇنبەرنىڭ سۈرئەت مەسىلىسى
بۇ مەسىلە پات ئارىدا ھەل قىلىنىدۇ.
4. ...
باشقا ئەھۋاللار مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىغىچە ئايرىم – ئايرىم تېما سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. ئاڭغىچە پىكىر – تەلەپلەرگە، مەسلىھەتلەرگە ئېھتىياجلىقمىز، رەھمەت.
ھۆرمەت بىلەن: يەتتە قىزلىرىم تورى
2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى