چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى
كونىلار بۇ سۆزنى ئاجايىپ توغرا دەپتىكەن.
يېقىن بىر دوستۇم بار، ئۈزى يىزىدا ئىشلەيدۇ. ئۇ كەچلىرى سائەت 7يېرىملاردا ئىشتىن كىلىدۇ... ئايالى بولسا ئادەتتە كەچ سائەت 6دا ئىشتىن چۈشۈپ كىلىپ بۇلىدۇ... دوستۇم قاچانلا كەلسە ئايالى يوق، تىلىفۇن قىلسا ئانىسىنىڭ ئۈيىدە...
بىر نەچچە يىل مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشقاندىن كىيىن يېقىندا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تۇيۇقسىز قاتتىق بۇزۇلدى... ھازىر ئاجرىشىپ كىتىش ئۇيىدا بۇلىۋاتىدۇ... ئۇنىڭ بىرلا دەيدىغان سۈزى" قورساق ئېچىپ ئاران ئۆيگە كەلسە تاماق ئىتىش تۈگۈل ئانىسىنىڭ ئۈيىگە كەتسە، ئانىسى بولغان ئايال، قىزىم، ئۆيگە كىلىۋەرمەي ئىرىڭىزگە تاماق ئىتىپ ئۆيدە ئولتۇرۇڭ " دىگەن سۆزنى نىمىشقا دىمەيدۇ"، بۇنداق ئائىلە ئەزالىرى بار ئۆي بىلەن ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزگىنىم ئۈزگەن دەيدۇ...
بۇ بىر مىسال... نەرى خاتا؟
ئۈزەمنى ئېلىپ ئېيتساممۇ، بىر نەچچە ئاي بۇرۇن قېيىنئانام يېرىم كۈنلۈك يىراق يولنى بېسىپ كەلگەن ئىدى، بىر كۈنى ئىشتىن كەلسەم قېيىنئانام ئۈزى يالغۇز ئۆيلەرنى تازىلاپ شۇنچىلىك رەتلىك قىلىۋىتىپتۇ... بۇ نىمە قىلغانلىرى ،سىلى ئىش قىلسا قانداق بۇلىدۇ دىسەم، قىزىم خىزمەت بىلەن بەك ئالدىراش بوپ كىتىپ ۋاقىت چىقمىغان ئوخشايدۇ...يۇغۇشتۇرۇپ قويدۇم...
ئۈندىمىدىم... بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ، قېيىنئاتام كىتىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتسا قېيىنئانام قازان بېشىدا نەچچە ۋاقتىن بىرى پاكىز يۇيۇلمىغان چىنە-تەخسە،...ئاشخانا ئۆينى تازلاپ ھالى قالمىدى... غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى، ئانا بولغان ئادەم قىزىنى توۋلاپ ئولتۇرغۇزۇپ، قىزىم، ئۆينى چىرايلىق ، پاكىز تۇتۇڭ، بۇ ئىشلارنى قىلىڭ، دەپ قۇلىدىن تارتىپ كۆرسىتىپ قىلغۇزغان بولسا قىزمۇ ئىزار تارتىپ قىلار بولغىيدى...
قىزىنىڭ تويدىن كىيىنكى ئۆي تۇتۇش ئەھۋالىنى كۆردى، بەلكىم يولغا چىققۇچە تەربىيە قىلار دىگەن ئۈمۈد بىلەن يەنە ئۈندىمىدىم... شۇ پىتى كەتتى....
كەتكەندىن كىيىنمۇ ھەپتە ھەپتە ئۆيلەر تازلانمىدى، ھويلىلارنى يەنە تۇپا باستى... چىرايلىق گەپلەر بىلەن تەربىيە قىلىپ باقتىم. ماقۇل دەيدىيۇ ئەتىسىدىن باشلاپ يەنە ئوخشاش... ئاخىرى قېيىنئانامغا يۈزى قېلىنلىق بىلەن تىلىفۇن قىلدىم ۋە تۇلىمۇ سىپايىلىق ۋە بىچارىلىك بىلەن ئەھۋالنى قىسقىسى دەردىمنى تۆكتۈم ھەمدە مۇمكىن بولسا قىزىغا تىلىفۇن قىلىپ تەربىيە قىلىشىنى ئۈتۈندۈم.. تەجرىبىلىك ئايال ماقۇل ، مەن تەربىيە قىلاي دەمدىكىن دىسەم " ماقۇل ، ئەمدى شۇ قىزىممۇ ئىشتىن ھېرىپ چارچاپ كەلگەندە بىرەر يېرىمدەم ئارام ئالاي دەپ ئىسىدىن چىقىرىپ قۇيىدىغان ئوخشايدۇ، ئوڭشىلىپ قالار...." دىمەسمۇ... ئەرۋاھىم 40گەز ئۇچتىكى.....
قېنى ئانا بولغان ئادەم دەمدۇ دىمەمدۇ دەپ ھەپتە كۈزەتتىم... ئايالىم بىلەن ئالاقىلاشقانلاردا ئۇ گەپنى دەپمۇ سالماپتۇ...
قاتتىق ئۈمۈدسىزلەندىم...
ئەجىبا ئانا بولغان ئادەم قىزىغا ئانىلىق بۇرچى بىلەن قانداق تەربىيەلەرنى ئىشلەشنى بىلمەمدۇ ياكى قىزىنى ئاشۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن قوغدامدۇ؟
Coffee خانىمنىڭ ئېيىتقىنىدەك ئائىلەمدە بۇنداق ئىشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى مىنى تۇلىمۇ قايغۇغا سالىدۇ ۋە ئازاپلايدۇ. خوشنام بار ئىدى، ئالدىنقى ھەپتە 17-قىتىملىق تۇيىنى ئۆتكۈزدۇق. 13يىلدا 16 خۇتۇن بىلەن ئۆي تۇتۇپ، تۇرمۇشنىڭ خۇۋلىقىنى كۆرمىگەن ئادەم ئۇ.
مۇڭدىشىپ قالغانلىرىمىزدا " خۇتۇن كىشى چوغقا ئوخشايدۇ ئۇكا، پۈۋلىمىسەڭ ئۈچىدۇ، پۈۋلىسەڭ تۇمشۇقۇڭنى كۆيدۈرىدۇ، نۇرمال ساقلايمەن دىسەڭ تۇزانغا ئايلىنىپ تۈگەيدۇ، ئىشنىڭ ياخشىسى يەنىلا چوغنى يەڭگۈشلەپ تۇرۇش" دەپ قۇيىدۇ.قارىماققا قارىشى توغرىدەك بىلىنسىمۇ ئەمما كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋالنى قۇبۇل قىلالمايدۇ. شەخسەن مەنمۇ ئاجرىشىش دىگەن بۇ ئۇقۇمنى كاللامغا ئەكىلىشنى خالىمايمەن. بىراق...
كىمنىڭ ئازاپ تارتماي، بەخىتلىك، كۈلۈپ ياشىغۇسى يوق؟ كىمنىڭ ئائىلىسىدىن رازى بۇلۇپ ياشىغۇسى يوق؟
تاللاپ تاللاپ تازغا ئۇچراش دىگەن شۇ بولسا كىرەك.