يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 924|ئىنكاس: 8

كېپىنەكنىڭ مۇھاببىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 19:06:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېپىنەكنىڭ مۇھاببىتى
     بىر كېپىنەك ئاق ئەتىرگۈلنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ.ئاشىقلىق دەردىگە چىدىمىغان بىچارە كېپىنەك، ئاق ئەتىرگۈلگە مۇھاببىتىنى ئىزھار قىلىپتۇ.ئاق ئەتىرگۈل كېپىنەككە سەن مېنىڭ بۇ ئاپئىاق بەرگىلىرىمنى قاچان قىپقىزىل رەڭگە ئۆزگەرتكەن ۋاقتىڭدا ،مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن دەپتۇ.بىچارە كېپىنەك بۇ گەپنى ئاڭلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدى، پۈتۈن مھىرى بىلەن ئاق ئەتىرگۈلنى مەھكەم قۇچاقلاپتۇ.ئاق ئەتىرگۈلنىڭ تىكەنلىرى كېپىنەكنىڭ بەدەنلىرىگە سانجىپ كىرىپتۇ. بىچارە  كېپىنەكنىڭ قانلىرى سىرغىپ چىقپ،ئاستا–ئاستا ئاق ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىلىرىگە تامچىپ ئېقىپتۇ. ئاق ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىلىرى، كېپىنەكنىڭ قېنى بىلەن ئاستا–ئاستا قىزارىشقا باشلاپتۇ.بۇ ۋاقىتتا ئاق ئەتىرگۈل تولىمۇ تەسىرلىنىپتۇ ۋە كېپىنەكنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىپتۇ.لېكىن،ئاشىق كېپىنەك ئاق ئەتىرگۈلنى بەك چىڭ قۇچاقلىغالىقىدىن، ئاق ئەتىرگۈلنىڭ تىكەنلىرى كېپىنەكنىڭ بەدەنلىرىگە سانجىلىپ،ئاشىق كېپىنەك بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ.....



2010-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى  نەنچاڭ

Rank: 2

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:54:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەۋۋرۇغا تولىمۇ باي ئىكەنسىز قېرىندىشىم !
رەھمەت سىزگە !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئەر-ئايال كوچا ئاپتۇبۇسقا چىقىپتۇ، ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچىدە ئادەم بەكمۇ كۆپ بولغاچ ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا قىستىلشىپ تۇرۇپتۇ، ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىر نازۇك قول كېلىپ ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ، ئەرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بىر ئىللىق سېزىم ئىگىلىۋاپتۇ، ئۇ كەينىگە قارىماستىن يەنە بىر قولىدا يانچۇقىدىن ئىسىم كارتىسىنى ئېلىپ بۇ قولغا تۇتقۇزۇپتۇ، مەنزىلگە كەلگەندە ئەر-ئايال ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ يولنىڭ قارشىسىغا ئۆتمەكچى بولۇشۇپتۇ، ئۆز كونتۇرۇلىقىنى يوقاتقان بىر ماشىنا يىراقتىن ناھايتى تېز سۈرئەتتە ئۆزلىرىگە قاراپ كېلۋاتقانلىقىنى ئايال كۆرۈپ قاپتۇ، ئەر بولسا ئەتتىراپقا قاراپ نىمىلەرنىدۇر ئىزدەۋاتقان ئىكەن. ئايال بار كۈچى بىلەن ئەرنى يول ياقىسىغا ئىتتىرۋېتىپتۇ، ئەمما ماشىنا كېلىپ ئايالنى سوقۇۋېتىپتۇ ۋە شۇ يەردىلا جان ئۈزۈپتۇ، ئەر يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايالنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە كۆزى ئايالنىڭ چىڭ يۇمۇلغان قولىغا چۈشۈپتۇ، قولىنى ئېچىپ قارىسا بايامتىن ئاپتۇبۇستا بەرگەن ئىسىم كارتا تۇرغىدەك، ئەجىبا ئۇ نازۇك قول..................ئاھ خۇدا ئەر قاتتىق پۇشايمان بىلەن ئايالىنى باغرىغا تېخىمۇ چىڭ بېسىپتۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 08:37:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق ئاشىقلىقنىڭ قەدرىگە بارا -بارا يىتىۋاتىمەن. قەدىرىگە يىتىش كىرەككەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:17:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس .

ئۇ تەرەپتە كىم بار ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:29:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق جانانغا يېتىش، رەھىمسىزلىك ۋە ئەخمەقلىق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 13:02:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:29 دە يوللىغان
بۇنداق جانانغا يېتىش، رەھىمسىزلىك ۋە ئەخمەقلىق.

نىمىشقا بۇنداق قاراشتا بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بىلىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ جۇلالىق

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:39:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ئۆزگىچە ئوخشىتىش بوپتۇ ، ئەسلى كىپىنەكنى ئۈژمە كۆڭۈل يىگىتلەرگە ئۆخشىتىدىغان ، < گۈلدىن گۈلگە قۇنۇپ > دىگەن تەسۋىرلەردە ئىپادىلىنەتتى . قەلەم قۇۋىتىڭىز تېخىمۇ تاۋلانسۇن .
تەسۋىردىكى كۆرۈنۈشدەك بۇ ھاياتىمىزدا ئۇنداق ۋاپادار كىپىنەك مەۋجۇت ئەمەس . ھازىرقى كىشلىك مۇناسىۋەتتە پەقەتلا ئۆز ئارا پايدا - زىيان ، شەخسى مەنپەئەتكە ، نام - ئابرۇيغا باغلىنىپلا ئائىلە ئىناقلىقنى ساقلاپ قىلىنىۋاتىدۇ . ئەگەر قارشى تەرەپ ئۆز ئارتۇقچىلىقىدىن مەھرۇم بولسۇن . بىر تەرەپكە يۈك ياكى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن سىرىتقا تېپىپ چىقىرىلىدۇ . بۇ ئەر ۋە ئايالدا مەۋجۇت ئورتاقلىق .
شۇڭا مەيلى ئايال بولايلى ياكى ئەر بولايلى ، ساغلام بولغان سالامەتلىكىمىز ۋە جەزبىدارلىغىمىز ساقلاپ قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ سىھرى تارتىش كۈچىمىزنى يوقاتمايلى دەپ قارايمەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەرنىڭ ئىنكاسىغا:
رەھىمسىزلىك ۋە ئەخمەقلىق دېيىشىمدىكى سەۋەب:
كېپىنەك گۈلنى ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېرىشمەكچى ئىكەن، گۈل بولسا ئۇنىڭغا رەھىمسىزلەرچە تەلەپ قويۇپ، كېپىنەكنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشغا سەۋەبچى بوپتۇ.
بۇنى جاندىن كېچىپ جانانغا يېتىش دەمدۇق؟ ياق، بۇنى ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەقلىق دەيمىز.
بىرسى سېنى شۇنچەياخشى كۆرسە، ئۇ ھاياتى بەدىلىگە سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرسە شۇمۇ مۇھەببەت بولدىمۇ؟
ياخشى كۆرۈش، قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىنى قەدىرلەپ، ئۇنى جان-دىلى بىلەن سۆيۈش، بىر-بىرىنى قوغداش دىمەكتۇر.
سەن رەھىمسىز جاللات، ئۇ بولسا ئۆتەپ كەتكەن بىر كالۋا.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 04:48 , Processed in 0.053491 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش