يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 930|ئىنكاس: 18

سىزمۇ كىچىك ئىت باقتىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 19:03:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزمۇ كىچىك ئىت باقتىڭىزمۇ؟
  
    جەمىيەتنىڭ تەرەقىقى قىلىشى،كىشىلەر تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ،نۇرغۇن  ئائىلىلەردە  كىچىك ئىت بېقىش دولقۇنى پەيدا بولدى.دېمىسمۇ بىزدە بۇرۇندىنلا يېزا–قىشلاقلاردا ئىت باقىدىغان ئادەت بار ئىدى.بىزدە تېخى ‹‹ئىت ۋاپا،خوتۇن جاپا ››دەپمۇ گەپ بار.ئۆزەمنڭ تەجىرىبىلىرىمگە ئاساسەن،ئىتنى ياخشى كۆرۈدىغان،ئىت بېقىۋىتقان ۋە باقماقچى بولغان تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ،  توۋەندىكى ئەسەرنى يېزىپ چىقتىم.
ئىت باققاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1.قانداق ئىتىنى سېتىۋىلىش كېرەك ۋە ئىت  سېتىۋلاغاندا  دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
ئىتنىڭ تەقى–تۇرقى     ئىت  سېتىۋلاغاندا،  ئىتنىڭ تەقى–تۇرقىغا دىققەت قىلش،ئىتىنى كۈزۈتۈش ئاندىن تالاش كېرەك.
    (1)ئادەتتە  ئاۋال ئىتنىڭ روھى كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ،ئىنتىلىشچان،شوخ بولۇشىغا دىققەت قىلش كېرەك. تۆت پۇتى ساق(چوقۇم سىلاپ بېقىش)،بەدىنىدە يارا–جارھەت بولماسلىقى،بارماقلىرىنىڭ ئارىسى،قۇلىقىنىڭ ئىچى،قولتۇقى،جىنىسى ئەزا ئەتراپى،  چىشى،تىلى قاتارلىق جايلاردا چوقۇم يارا ئاغزى ۋە زەخملەنمىگەن بولۇشى كېرەك.
(2) ئىتنىڭ تۈكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.ئادەتتە  نورمال  ئىتنىڭ تۈكلىرى پارقىراق ۋە تولىمۇ سىلىق كېلىدۇ.
(3)  ئىتنىڭ ئاۋازىغا دىققەت قىلىش لازىم.بەزى ئىتلار قاۋىيالمايدىغان گاچا كېلىدۇ. ئىتنىڭ كۆزىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.گەرچە ئىت رەڭ قارىغۇسى بولسمۇ،قارىغۇ ئىتنى تالىۋىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
(4) كېيىنكى كۇنلەردە ئىتنى ياخشى كۆندۈرۈش ،گەپ ئاڭلىشى ئۈچۈن ئىت تاللىغاندا چوقۇم ئىتنىڭ ئىنتىلىشچانلىقىغا  ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.سىناش ئۇسولى:ئادەتتە توپ ،ئويۇنچۇق،يېمەكلىك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىتنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئىىنكاسى تېز،ھەركىتى چاققان ،يۈگۈرشكە ئامىراق،ماسلىنىشچانلىقى يوقىرى ئىتنى تاللايمىز.
2.ئىتنى كۆندۈرۈش
(1)ئىسىم قويۇش      قويغان ئىسىم چوقۇم  ئىتنى كۆندەرگەندە ئىشلىتىدىغان سۆزلەر بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ قالمسلىقى لازىم.  
(2)ئادەتتىكى  كۆندۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ، دەسلەپكى قەدەمدە چوقۇم  ئىتنىڭ ئىسىمنى داۋاملىق  توۋلاش كېرەك.مۇشۇنداق قىلغاندا،ئىت بىلەن ئادەم ئوتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،ئىتنىڭ ئادەمگە بولغان بېقىنىدارچىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ.
(3)ئىتقا ئولتۇرۇش ھەركىتىنى مەشق قىلدۇرۇش     ئارغامچىنى  ئىتنىڭ بوينىغا ياخشى باغلاپ بولغاندىن كېيىن،ئوڭ قولىمىز بىلەن  ئارغامچىنى ئۈستىگە تارتىش بىلەن تەڭلا سول  قولىمىز بىلەن ئىتنىڭ كاسسا تەرپى يەنى كەينى ئىككى پۇتىنىڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئومۇرتقا سۆڭىكنى ئاستا پەسكە باسىمىز.ئىككى،ئۈچ قېتىملىق تەكرار مەشقتىن كېيىن ئىتتا ئىنكاس پەيدا بولۇپ بۇ ھەركەتنى ئاسانلا قوبۇل قىلىدۇ.  چوقۇم ئوڭ قول بىلەن سول قول  ھەركەتنىڭ بىردەكلىكىگە،تەڭ ئېلىشىپ بېرلىشىغا دىققەت قىلىش لازىم.
4 .مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش
  مەشق تۈگىگەندىن كېيىن  چوقۇم ئىتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ مۇكاپاتلاش كېرەك.مۇكاپاتلاشنىڭ ئۇسولىرى ئادەتتە  ئىتنىڭ ئىسىمنى توۋلاپ تۇرۇپ،باش،بويۇن،كۆكىرەك قىسمىنى سىلاپ بېرىش ۋە سىلىق ئەركىلىتىپ ئۇرۇش.يەنە يېمەكلىك بىلەن مۇكاپاتلاش ئۇسولىمۇ بار.ئەگەر ئىت قالايمىقان نەرسىلەرنى تىشلەش،  ئارغامچىنى چىلەش ئەكۋالى بولسا،ئوڭ قولىمىز بىلەن ئاغزىغا بىرەر ئىككى قېتىم ئۇرساقلا بولىدۇ.دىققەت:چوقۇم ئوڭ قولدا  جازالاش،سول  قولدا مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.ھەرگىز ئارلاشتۇرۋېتىشكە بولمايدۇ.
5.تازلىق
(1)ئىتنىڭ ئۇۋۇسى،ئىت ئىشلتىدىغان تاماق قاچىلىرىنى،ئويۇنچۇقلارنى داۋاملىق ھالدا ،پات پات دىزىنفكسىيە قىلىپ تۇرۇش كېرەك ۋە دىزىنفكسىيە قىلىپ بولىغاندىن كېيىن نەچچە سائەت ئاپتاپقا سېلىش كېرەك.
(2) ھاۋا تېمپىراتورىسىغا قاراپ ،پات پات ئىتنى يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك.ئىتنى يۇغاندا،پاراشۇك،چاچ سوپۇنى،قاتتىق سوپۇن، دىزىنفكسىيە سۇيۇقلىقى بىلەن يۇيۇشقا بولمايدۇ.
(3)ئادەم ئىت بىلەن بولغان ھەركەت تۈگىگەندىن كېيىن،قولنى،تىرناق ئاستىنى  سوپۇندا تەپسىلى يۇيۇش كېرەك.مەشق جەريانىدا كىيگەن كىيىملەرنى چوقۇم قايناق سۇدا يۇيۇش لازىم.

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:14:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىككىمدىن تارتىپلا ئىدىيەمگە << ئىت باققان ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ >> دېگەن سۆز بەك سىڭىپ كەتكەچكىمۇ بىلمىدىم ئىت ،مۇشۇك دىگەنلەردىن شۇنچىلىك قورقۇمەن .
لېكىن ئىتنى ياخشى كۆرۈدىغان،ئىت بېقىۋىتقان ۋە باقماقچى بولغان تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، قىممىتى يۇقىرى ئىكەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ مۇشۇ ئىت- مۆشۈك دىگەن بىلەن زادى خوشۇم يوق!
بۇرۇنقىلار  مۆشۈكنى قازىناقتىكى چاشقاننى يوقۇتۇشقا باقاتتىكەن، ئىتنى ئوغرى-يالغاندىن ساقلىنىش ئۈچۈن باقاتتىكەن، ھازىرچۇ، بىنا ئۆيدە يا، ھازىر  چاشقان بولمىسا  پەقەت ئۆزلىرىگە ئەرمەك قىلىپ بېقىۋالىدىكەن، چوڭ يوللاردا قۇچاقلاپ، سۆيۈپ يالاپ مېڭىپ كەتسە ئادەمنىڭ ھۆ بوغۇسىنى كەلتۈرۈپ....

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 08:33:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولدىشىم بىر مۈشۈك ئەكەپتىكەن، قورقۇپ ھېچ ھالىم قالماي، ئەتىسىلا بارار جايىغا ئىۋەتىۋەتتىم. بەك قورقىمەن موشۇ ئىت-مۈشۈك دىگەنلەردىن....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:01:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىسەم بولاركىنە ؟؟؟

  مەھەللىمىزدە بىر ئىت باقىدىغانلار ناھايىتىمۇ كۆپ ، باشقىلارنى ئاز دەپ بىزدىن ئىت باقىدىغانلارغىمۇ ھەيران قالىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىمەن ،چۈنكى بىر كۈنى خوشنىلارنىڭ قىزى :

-----ھەي ئەمدى بولدى قىلىڭ ، قوسىغىڭىز تويغاندۇ ؟ يۈرۈڭ توڭلاپ كېتىسىز  ، ئەمدى ئۆيگە كېرىپ كېتەيلى .....ھەي گەپ ئاڭلاڭ دەيمەن ----دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا تېخىمۇ ھەيرانلىق ھىس قىلغان ئىدىم ،چۈنكى ئۇ قىز  باتۇر ئىسىملىك بىر ئىتقا سۆزلەۋاتاتتى .

ئۇ تەرەپتە كىم بار ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىت-مۈشۈككە قەۋەتلا ئۆچ.
ما تەرەققىي قىلغان شەھەرلەدە خانىملار بىردىن كۈچۈكنى كۆتۈرۈۋېلىش مودىمىكىن دەيمەن، خۇددى بالىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندەك قۇچاقلاپ مېڭىشلىرىنى كۆرسە ئادەمنىڭ كۈلگىسى كېلىپ كېتىدىكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:38:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىچىكىمدە ئۆيىمىزدە تايغان، بۆرە ئىتى بولىدىغان، بەكلا ئامراقتىم، ئەمما ماۋۇ كۈنلەردە ئادەمنىڭ قەي قىلغۇسىنى كەلتۈرۈدىغان بەك-بەك سەت ئىتلار ئاۋۇپ كەتتى، دۇنيادا بىرىنچى بىزار نەرسەم دەل مۇشۇ سەت، يىرگىنىچلىك ئىت بولۇپ قالدى. مۈشۈككە مەن بەكلا ئامراق!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 13:04:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك چېغىمدا يېزىدىكى قورۇرىمىزدا بىر ئىتىمىز بولىدىغان بىر كۈنلەردە <مەھەللە>دىكىلەر ئۇنىڭ گۆشىنى يىگۈسى كېلىپ قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى تازا مەزە قىلىپ يەپتۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 13:07:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۈشۈك كىرەكمۇ ئەركمەن ئاكا، بىزنىڭ مەھەللىدە يېڭى تۇغۇلغان ئاپئاق ئاسلانلار بار.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 14:35:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمجان مۈشۈك ئەمەستۇ-ھە؟ساچقان تۇتالمىسا گۆش بېرىپ باققان بىلەنمۇ گۆشكە كۆنىۋېلىپ ساچقان تۇتالماي قالمىسۇن دەيمىنا ئايدارخانقىز؟

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 08:20 , Processed in 0.048731 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش