دوستۇمغا خەت
كەلدىم بۈگۈن گۇگۇم پەيتىدە،
بىر دوستۇمنىڭ ھوجۇرسىغا مەن.
مۇبارەكلەپ سالدى داستىخان،
قۇيۇپ توغاچ،سامسا،كەنپىت،قەن.
پاراڭ بىلەن يىدۇق مەزەدىن،
رۇسلاپ قۇيۇپ ئىشتەي دىگەننى.
ئىشقا چۇشۇپ بىزنىڭ كېكىرتەك،
ئاشقازانغا سالدى يىگەننى.
شۇ ئەسنادا دوستۇم سۆز ئالدى،
(چاينىغاننى يۇتۇپ غۇرتتىدە)
ياخشى بولدى،ئالە سامسىدىن،
بۈگۈن ئۆزەڭ كەپسەن پەيتىدە.
خەت يېزىپتۇ يىراقتىكى دوست،
كۆرۇپ باقە ،مانا بۇ خېتى.
ئۇزۇن بولدى خەتمۇ يازمىغان،
يوقاپ كەتكەن ئۆزى شۇ پېتى.
ئالە،بۇلە چايدىن قوينىغىنە،
قېنى دوستۇم ئالغاچ ئۆلتۇرە.
تۇگەپ قاپتۇ چاينىڭ تاتلىغى،
پىيالەڭنى قەنگە تولدۇرە.
سۆزلەپ كەتتى ئاغزىغا تەگمەي،
ئاجايىپ ھە قىزىق ئۆزى ئۇ.
ئۇنىڭ گېپى جىق بولغان بىلەن،
پۈچەك ئەمەس ھەر بىر سۆزىمۇ.
چايدىن ئىچىپ،كەنپىت شورىغاچ،
باشتىن ئاياق ئوقۇدۇم خەتنى.
ئالتىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى،
تولدۇرۇپسىز ھە ئىككى بەتنى.
ئوقۇپ چىقتىم لېكىن قەلبىمدە،
ئۇيۇپ قالدى ئىككى جۇملە سۆز.
زامان ياخشى،كېلەچەك بىزنىڭ،
بۇ سادادىن چاقناپ كەتتى كۆز.
دۇرۇست دەيسىز دوستۇم خېتىڭدە،
دەر ھەقىقەت كېلەچەك بىزنىڭ.
يېڭىلىقنى سۆيگەن كۈيلىگەن،
ئۆم-ئۇيۇشچان بىز ئوغۇل-قىزنىڭ.
چېھرىڭىزنى كۆرمىگەن،ئەمما،
كۆرۇپ ئالدىم ئەشۇ بىر سۆزدىن.
قەلبىڭىزنى شۇنداق جەڭگىۋار،
سۆيۇپ قالدىم ئەشۇ بىر سۆزدىن.
شۇنداق بولغان بىلەن پىكرىڭىز،
تېخنىكىڭىز ئىكەن ئاجىزراق.
توت مىسرانى كۆرۇپ ئول خەتتىن،
ئۆزەم ئويلاپ قالدىم ئەشۇنداق.
ھە،مېنىڭچە مىللىتى سۆزنىڭ،
قاپىيەسى بولماس سالايلى.
شىېر يازساق سۆزنىڭ كانىدىن،
توق قاپىيە قېزىپ ئالايلى.
شۇندا بولار ئالغا باسقىلى،
پىشانىدىن تۆكسەك ئۈنچە تەر.
ئەگەر شىېر شۇنداق بولمىسا،
يارقىن پىكىر بىكارغا كېتەر.
سۆزلەپ كەتتىم قۇرۇقتىن قۇرۇق،
كەچۇرگەيسىز دوستۇم ھەم مىنى.
شۇ دەم سىزنى كۆرۇش ئىستىگى،
ياش دىلىمدا قوزغىدى ئىسيان.
ئۆزەم بولسام سىز بىلەن تەڭ تۇش،
ئون سەككىزگە كىردىم بۇ يىلى.
ئېتىم بولسا سىزگە بەك تۇنۇش،
يامان ئەمەس ھەممدە ئىستىلى.
ئېيتىپ بېقىڭ يارامدىم سىزگە،
بولارمىكىن مىنى دوست تۇتقىلى.
شۇ دەم دوستۇم دىدى،ئالغىنە،
قوساق تويماي بولماس ئۇتقىلى.
ئالدىم دىدىم ئالدىم مەن يەنە،
ماكاشلىتىپ چاينىدىم ناننى.
بىر قېتىمدا يازدىم مەن بۇنى،
يازالمىدىم،بىراق ئوبداننى.
خاتىمە
قەلەم ئاجىز شۇنداقلا يازدىم.
بۇلۇپ قالدى بىر بوغۇم ئارتۇق.
1982-يىلى 6-ئينىڭ 23-كۇنى ئۈرۈمچى