يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 506|ئىنكاس: 15

ياردەم قىلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:31:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن تورلاردا ھەر تۈرلۈك خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بازاردىن بالىلارغا بىر نەرسە ئېلىپ بېرىشتىن قورقۇدىغان بوپ قالدى ئادەم، شۇڭا بۇ قېتىم ھېيتلىق پېشرۇقلارنى ئۆزۈم بىر سىناپ باقاي دېگەن ئاۋال ساڭزا سېلىش ئۇسۇلنى ، ئاندىن باقالى ياساش ئۇسلىنى تەپسىلىي بىر دەپ بەرگەن بولساڭلار، سىلەردىن تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم، ئەزىزلىرىم!2 w" C/ W% j5 J, p; E  f

Rank: 8Rank: 8

توردا
549 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
836

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:39:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساڭزا سېلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەچ ماڭا بىر تەخسە ساڭزا ئىۋەتسەڭلا خوش بوپ كىتەتتىم.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:02:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەشكەن لەغمەن ئېتىپ كۆرگەنمۇ ؟ ھە، لەغمەننى ئېشىپ سۇغا تاشلىماي بىر قازان قايناۋاتقان مايغىلا تاشلايسىز-دە، ساغىرىپ پىشقاندا سۈزۈۋالىسىز، مانا بۇ لەغمەن قېقى، يەنى تۇڭگانىيچە ساڭزا، بولىدۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:03  2 I$ R, X& g7 R+ r

. h; z2 a$ d( z' }7 \$ @& q1 v

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 01:08:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەغمەن قېقى...  ئالامەت گەپ بولدى ماۋۇ... قىزلار كىلىپ چۈشەندۈرۈڭلار بۇنى...ساڭزا سېلىپ باققانمۇ يا قىزلار؟ قازانغا جىق ماي قۇيىسىز، قاينايدۇ، سىز لەغمەن ئەشكەندەك ئىشىسىز، لىكىن لەغمەندىن توم بولىدۇ، ئۇنى ئىككى ياغاچقا ئىككى تەرەپتىن ئىلىپ مايغا چىلايسىز، ئاندىن بولدى دىگەن گەپ. ياغاچ ئۇزۇنراق بولسۇن، ئېزىپ تېزىپ چوكىدا قىلىپ سالماڭ، بولمىسا قولىڭىزمۇ لەغمەن قېقى بولۇپ كىتىدۇ...ساڭزىنى شۇنداق ئىتىدۇ، لىكىن باققالى قاندا بولاكى...

سەرسان روھ ھەرگىز باش ئەگمەيدۇ!

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
393

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:54:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار نەدە قالدى ؟  ئەرلەر سۆزلەپ كىتىپتىغۇ

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:56:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساڭزا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلىرىدىن بىرى بۇلۇپ خۇرۇچى ئادەتتە ئاق ئۇن ،سۇ يېغى ياكى ئەبجەش ياغ ،پىياز ،كاۋاۋىچىن ۋە مۇۋاپىق مىقتاردىكى تۇزدىن ئىبارەت .ساڭزا سېلىش _خېمىز تەييارلاشتىن تارتىپ ئۇنى پىشۇرۇپ لىگەنگە ئالغۇچە بولغان جەريان يۇقىرى ماھارەت ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان مۇرەككەپ جەرياندۇر .) C6 w  {7 Z0 e, A
ساڭزا سېلىش ئۇسۇلى :ئالدى بىلەن پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋاۋىچىن بىلەن قۇشۇپ قاينىتىپ قۇيۇق چاي رەڭگىگە كىرگەندە پىياز بىلەن كاۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ سۈيىنى سوۋىتىمىز.سوۋىتىلغان كاۋاۋىچىن سۈيىگە مۇۋاپىق مىقتاردا تۇز ،داغلاپ سوۋىتىلغان ياغنى قۇيۇپ ئۇن سېلىپ قاتتىقراق قىلىپ خىمېر يۇغۇرىمىز .خىېمىرنى يۇغۇرۇپ پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن چوڭراق زۇۋۇلا ئۈزۈپ ئازراق ياغلاپ تىزىپ تىندۇرىمىز .زۇۋۇلا تىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوتتىرىسىن چوڭراق تۆشۈك ئېچىپ ھالقىسىمان پىلتە ئېتىپ ئۇنى ئىشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ئىككى تال ئۇزۇنراق چوكىغا ئىلىپ قازاندىكى مايدا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆرۈپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىمىز .پىياز ۋە كاۋاۋىچىن قۇشۇپ قايناتقان سۇ ساڭزىنى چىچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ ،ساڭزا چىچەكلەپ سەل سارغايغاندا سۈزىۋېلىنىپ ئىسسق ۋاختىدا ھەر قېتىم پىشقان بىر زۇۋۇللۇق ساڭزىنى بىر بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ خۇددى يۇمىلاق سەللىگە ئوخشاش ئۈستىمۇ ئۈسىت ئوراپ ،پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان گۈل غۇنچىگەئوخشاش تىزىلىدۇ .5 E3 b% j1 L0 `6 M
ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش زۆرۈر.ناۋادا ئوت كۈچى تۈۋەن بۇلۇپ قالسا ساڭزا چىچەكلىمەي لەڭمەندەك سىدام بۇلۇپ قالىدۇ ،ھەددىدىن زىيادە قىزىق بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ ،شۇڭا يېڭى ئۈگەنچىلەر چۇقۇم ئاۋال ساڭزا خېمىرىدىن بىر ئىككى قۇيماق سېلىپ ياغنىڭ تىمپۇراتۇرىسىنى بىلىش كېرەك ،قۇيماق چىچەكلەپ تەكشى پىشسا ئاندىن ساڭزا پىشۇرىشنى باشلاش كېرەك . قېنى سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ .: i! y! c5 A9 O4 @9 G4 Y1 m/ s
ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاختىم بۇلۇپ كېتىپتۇ ،باققالى پىشۇرۇش جەريانىنى كېيىن يازاي .

بەخىت - قەلبىڭدە ،يېنىڭدا ،كەلگۈسىگە سىڭدۈر

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1173

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:51:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باققالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مۇشۇ ئىسسىقتىمۇ زادى...+ c+ F% D( N) R+ X
ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ھەر تەتىلدە ئاپام بىلەن كېچىلەپ پىشۇراتتۇق. ئۇ چاغلاردا قەھۋە بەك قىممەتتى. نەفىسە ھەدىمىز پىشۇرۇش جەريانىنى سۆزلەپ بېرىدىكەن، كىرمەي قالسا مەن سۆزلەرمەن قېنى.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:02 , h9 s4 @( ~* d8 d" [% F
ئەشكەن لەغمەن ئېتىپ كۆرگەنمۇ ؟ ھە، لەغمەننى ئېشىپ سۇغا ...

8 ^; ?" o* _) G( t
. F% r) w/ i5 P; hبۇ گەپچە2-3 كىلو سېرىق ئاش ئېلىپ ياساپ ياساپلا ساڭزا قىلىۋالسام بولامدۇ نىمە بۇيىل بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:08  0 t4 l" Y/ P0 s

5 L' l& i/ q9 @. ~

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:31:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقالى
5 a* M4 V8 e, y& Hباقالىنىڭ خۇرۇچى :ئاق ئۇن ،تۇخۇم ،ياڭاق ،قەھۋە ،ئېرىتكەن قوي يېغى ،قۇرۇق ئۈزۈم ،ھەسەل ،ئەبجەش ياغ ،ئاق شىكەر ،سۈت قاتارلىقلار .
2 O2 I6 Q. `$ F: d7 f  _% Sپىشۇرۇش ئۇسۇلى :1.قوي يېغى بىلەن سۇدانى مۇجۇپ ،ئالقاندا ئىشقىلاپ كۆپۈك ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ كۆپتۈرىمىز ،ئاندىن ھەسەل شىكەر ،قەھۋە ،سۈتنى قۇيۇپ شىكەر ئېرىگۈچە قوچۇپ ،ئۇنىڭغا قۇناقتەك توغرالغان ياڭاق مېغىزىنى ،كىشمىش ئۈزۈمنى ،ئۇننى سېلىپ قوچۇپ قۇيۇق شىرنە تەييارلايمىز .
( [9 |: ]$ E6 A$ O+ h$ y 2. دۇخوپكىنى قىزىتىپ لېسنى ياغلاپ تەييارلانغان شىرنىسىنى لېسقا قۇيۇپ دۇخۇپكىغا سېلىپ ئوتتۇرا ئوتتا كۆپتۈرىمىز .باقالى قېتىشقاندىن كېيىن سۇس ئوتتا يېرىم سائەت پىشۇرىمىز .(پىشقان پىشمىغىنىنى بىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا سەرەڭگىنى سانجىپ كۈرىمىز ،سەرەڭگىگە چاپلاشمىسا پىشقان بۇلىدۇ .)
9 ?5 C0 k4 P3 kپىشقان باقالىنى سوۋۇتۇپ سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا مۇۋاپىق قېلىنلىقتا توغراپ تەخسىگە ئالىمىز .
4 b( N; H! y. _* kقىز ئاياللىرىمىز چۇقۇم سىناپ پىشۇرۇپ بېقىڭ ،سىزنىڭ پىشۇرغىنىڭىز چۇقۇم بازارنىڭكىدىن كۆپ يىيىشلىك ھەم تەملىك بۇلىدۇ .

بەخىت - قەلبىڭدە ،يېنىڭدا ،كەلگۈسىگە سىڭدۈر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:48:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ،تىببىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ھەدەم ئىككىمىزنىڭ ئىچىگە پىشرۇق پىشۇرۇش ھەۋىسى چۈشۈپ زادىلا بىر پۈرسەت تاپالماي يۈرگەندە قۇربان ھېيت كېلىپ قالدى، ئاپامنىڭ بازارغا سودىلىققا كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئىشنى باشلىۋەتتۇق.5 U6 C" B, p8 K2 r) E6 m4 a: r
مەن نەلەردىدۇر كۆرۋالغان رېستىپىم بويىچە باقالىيغا مەسئۇل بولدۇم، ھەدەم شېكەر پىرەنىك بىلەن بال پىرەنىككە مەسئۇل بولدى، ئۇففففففففف~~ خېمىر دېگەننى ئايىماي يۇغۇرۋاپتىكەنمىز، تاكى كەچ سائەت يەتتىگىچە ئاپامدىن يەتكۈچە تىلنى ئاڭلاپ ئاران دېگەندە پىشۇرۇپ بولدۇق،ئويلاپ باقسام شۇ چاغدا باقاللىغا قەھۋە بىلەن شاكىلاتنى جىق سېلىۋەتكەنلىكتىنمۇ ياكى كۆيدۈرۋەتتۇقمۇ قاپ-قارىلا بوپ قاپتىكەن، ئەمما تەمىدە چاتاق يوق ئاۋۇ شاكىلاتنى مەن ئۆزۈم ئىچىمدىن توقۇپ چىقىرىپلا قوشۇۋەتكەن ئىدىم.+ [; E, e8 c# L: E0 T
ئويلاپ باقسام ھازىر ئۇنچىلىق قىزغىنلىق يوق،بولسا ئىدى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 05:20 , Processed in 0.047452 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش