يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 984|ئىنكاس: 9

ئىت ھەققىدە پاراڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
2
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:40:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىك ياشاۋاتقان ھەر بىر جانلىق بىر ھېكمەت.بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە بايقاشقا مۇيەسسەر بولغان ھېكمەتلېرىمىز يەنە بىر ھېكمەت قەسىرىنىڭ ئىشىكىنى قېقىشقا ئۆندەپ تۇرىدىكەن.بەلكىم ھايات پائالىيىتىمىزنىڭ جەلىپكارلىقى شۇ يەردە بولىسا كېرەك.
     ئىت-ھەممىمىزگە تۇنۇش بىر ھايۋان. ئىتنى كۈزۈتۈش ۋە ئىت تۇغرىسىدا يەكۈنگە ئېرىشىشىمىزدىمۇ بەلگىلىك ئوخشاشماسلىق بار.بەزىلېرىمىز ئىت پەقەت سۈڭەك غاجايدىغان،دەرۋازا باقىدىغان،ئۆز تائىپى بىلەن چىقىشالمايدىغان خۇسوسيەتلەرگە ئىگە دەپلا چۈشىنىشىمىزمۇ مومكىن.بەزى ھەييارلېرىمىز ئىتنىڭ پىخسىك خۇسوسيىتىدىن ھالقىپ ئىتنىڭ تۈرلېرى، جىنسىي ھالەتلېرىنى تەسۋىرلەپ بېرىشىمۇ مومكىن...راستىنى ئېيتسام ئىت تۇغرىسىدا نىمە ئۈچۈن بىر نەرسە يازغۇم كەلدى.بۇنىڭ بىزگە زادى پايدىسى بارمۇ-يوق؟...بۇنىڭغا مەنمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرەلمەسلىكىم مومكىن.لىكىن بىر نەچچە قىتىملىق ئىتنى كۈزۈتۈش جەريانىدا قىسمەن نوقتىلارنى بايقاپ قالدىم.بايقىغانلېرىمنى تەبىئىي پاراڭ ھالىتىدە بايان ئىتەي.بۇنىڭدىن قىزىق پاراڭ ھېس قىلامسىز؟ھېكمەتمۇ؟ياكى ئەرزىمەس،تۇترۇقسىز گەپمۇ؟بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق.بۇ ئەلۋەتتە كونۇپكا تاختىسى ئالدىدىكى كەمىنىنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس.

    1
    ئەجدادلېرىمىزدىن بىزگە"ئىت بار ھويلىغا پەرىشتە كىرمەيدۇ"دىگەن بىر ئىبارە مىراس قالغان.شۇ سەۋەپتىن كىچىكىمدە ئاتا-ئانامنىڭ تەسىرى بىلەن ھويلىمىزدا ئىت بېقىپ باقمىغان ئىدۇق.بەزى ئەل-ئاغىنىلېرىمنىڭ سۇ ئامبارلېرىغا سۇغا چۈمۈلۈشكە بارغان ۋاقىتلېرىدا"بۆرە ئىت"لېرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەنلېرىنى كۆرسەم ئىتى بار ئاغىنىلېرىمگە ئانچە-مۇنچە ھەۋەس قىلىپمۇ قالاتتىم. ساۋادىم چىققاندىن كېيىن ئۆيۈمدىكى دەرىزە-تەكچىلەردە تىزىقلىق تۇرغان"ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلېرى"دىگەن بالىلار دۇنياسىدىن ھەر خىل چۆچەكلەردىن بەھىرلەنگىنىم ھازىرغىچە يادىمدا،شۇنداقلا بەزى چۆچەكلەرنىڭ تەمى بۇغۇزۇمدىن تاكى ھازىرغىچە كەتكىنى يوق."گۈل تاجىغا نىمە قىلدى؟"دىگەن چۆچەكتە شاھزادىنىڭ سىرنى يىشىش ئۈچۈن يىراق بىر مەملىكەتكە بېرىپ شاھ ئىتىنىڭ نەچچە قات كۆرپە ئۇستىدە ئولتۇرۇپ ئىسىل تائام يەۋاتقانلىقى،خانىش ئايالنىڭ قەپەز ئىچىدە ئىتتىن ئاشقان تائاملار بىلەن ئۇزۇقلىنۋاتقانلىقىدەك بايانلارنى ئوقۇپ بالىلىقمدا ئىتقا نىسپەتەن بىر خىل سۈيۈنۈش تۇيغۇسى پەيدا بولغان ئىدى.شۇنداقلا"ئىت ۋاپا،خۇتۇن جاپا"دىگەن ئىبارىگە"چۇقۇنۇش"دەرىجىسىگە يەتكەنمۇ ئىدىم.مانا ھازىر ياش چوڭايدى،ئەقىلمۇ ئۆستى.ھازىر بەزى ئەركەكلېرىمىز(ئەلۋەتتە مەنمۇ بار) بالىلىقىمدا مەن"سۈيۈنگەن ئىت"چىلىك بۇلالىدۇقمۇ-يوق؟"ئىت"نى ئادەملەشتۈرۈپ ۋاپادار بولغان ئىنسانغا سىموۋۇل قىلىپ باقساق،بىزنى قان-تەر بىلەن بېقىپ بىزگە ئىگە بولۋاتقان ئاتا-ئانىلېرىمىزغا قانچىلىك قەرزىمىزنى قايتۇرالدۇق؟سىرتلاردا "قاتار چاي"نى قالقان قىلغان ئايرىم ساندىكى نازاكىتىنى يۇقاتقان خۇتۇن-سىڭىللېرىمىزغا "ئىبرەت كالتىكى"نى تەككۈزەلدۇقمۇ-يوق؟...

    2
    كېيىنچە ياپۇنيەنىڭ"ئاپشاركا پۈشتىكى"دىگەن كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى ئىتقا بولغان قىزىقىشىمنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقۇرى كۈتۇردى.باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىدىكى يازلىق كانىكول ۋاقتىدا،سەھراغا-بۇۋامنىڭ يىنىغا بارغان ئىدىم.سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسى،مىۋە-چىۋىلېرىنىڭ تۈكمىلىكى،ئەلۋەك سۇلار،غۇبارسىز قەلىبگە ئىگە ئۇيغۇرلار توپىدىن شەكىللەنگەن كۈجۈم مەھەلە بالىلىق دۇنيارىمنى تەسەۋۋۇرسىز خۇشاللىققا چۈمدۇرۋەتكەن ئىدى.ئۇ ۋاقىتلاردىكى سەھرالار ھازىرقى سەھرالاردىن كۆپ پەرىق ئېتىپ تۇراتتى.ئۆيلەر كونا-قىيسىق،كىشىلەر نامرات،يوللار ئۇشۇققىچە تۇپا بولسىمۇ،شۇ ۋاقىتتىكى ئادەملەرنىڭ مەنىۋىيىتى ھازىرقى ئادەملەرنىڭكىدىن پاكىزە ئىدى(گەرچە ساددا بولسىمۇ).غەمسىز دوستلار بىلەن ئاخشىمى ئۆگزىدە يىتىپ يۇلتۇزلارغا قاراپ غۇبارسىز،ساددىلارچە مۇڭدىشىش،چىكەتكىلەرنىڭ چىرىلدىشى،پاقىلارنىڭ كورۇلدىشى،سۇچى يىگىتنىڭ مەردانە ناخشىسى،...ئەتىسى سەھەردىكى خورازلارنىڭ چىللىشى،ئىتلارنىڭ قاۋىشى،ئىشەكلەرنىڭ ھاڭراشلېرىغىچە بولغان گارمونىك بىرىكىش كىشىگە ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بولغان بىر خىل تۇيغۇ بەخىش ئىتەتتى...
ئەسلى پاراڭدىن قىيىپ كەتكەندەك قىلىمەن.نىمە ئۈچۈنكىنتاڭ،سەھرانى خىيال قىلساملا 5 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئەستىلىكلېرىم يادىمغا يىتىپ كۆزلېرىم نەملىشىپ كېتىدۇ.
بۇۋاملارنىڭ يىنىدا پۇخادىن چىققۇدەك بالىلىق پەيزىنى سۈرىۋاتقان ۋاقتىمدا سەھرادىكى مەن دىمەتلىك بىر ئاغىنەم ئىت بۇلۇپ قالاي دىگەن بىر كۈچۈكنى ماڭا بەرگەن ئىدى.بۇۋاملارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي،گاھىدا باتناپ،گاھىدا دۇمسۇيۇپ ۋە يىغلاپ دىگەندەك كۈچۈكنى ئاخىرى ئۆيدە ئىلىپ قالدۇق.كۈچۈككە خام كىسەكتىن كىچىككىنە"ئۆي"ياساپ بەردىم.كۈندە ئېتىز-ئېرىق،خامان،دالا...دىگەندەك يەرلەرگە بىللە ئاپىراتتىم...بىر ئايدىن كېيىن كۈچۈككىمۇ خېلى ئىسكەت كىرىپ،ئاۋازلېرى توملۇشۇپ قاۋاشقا باشلىدى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە خۇلۇم-خۇشنىلارنىڭ ئۆيلېرىدىكى چۈجە-مىكىيانلار تۇيۇقسىز يۇقاپ كېتىشكە باشلىدى.بىر كۈنى بىر نەچچە ئىتنى تالاشتۇرماقچى بولدۇق.دەسلىپىدە ھېچقايسىسى تالاشمىدى.ئارىمىزدا سەل چوڭ بىر بالا ئىتلارنىڭ ئالدىغا بىر پارچە ئەسكى سۈڭەك تاشلاپ بەردى.توۋا خۇدايىم،ئۈمرۈمدە نەق مەيداندا ئىتنىڭ ئۇنداق تالاشقانلىقىنى زادىلا كۆرۈپ باقماقتىمەن...بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەھەلە مەسچىتىنىڭ مەزىنى ئۆيگە كىرىپ ئىتنى دەرھال مەھەلىدىن يۇقۇتۋىتىشنى ئېيتتى.سەۋەبىنى بىلگەن بولساممۇ،ئۇنىمىغانغا قويماي بۇۋامدىن بىر مۇنچە تەنبېھ ئىششىتتىم ۋە ئىتتىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم.
مانا ھازىر ئويلانماقتىمەن.بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ نەپىس-خاھىشىنى كۆزلەپ،ئىلىم-بېرىم،ھۇقۇق-ئىمتىياز،..لېرىنى كۆزلەپ شەخسى مەنپەت-شىكەر مەنپەئەت،دىگەن ئىدىيە بۇيىچە ئۆز قەۋىمى بىلەن تالاشماقىتا.ئويلاپ قالدىم.ئەقلىنى قاغا چۇقۇلۋالغان ئايرىم كىشىلەرنىڭ مەن باققان ئىتتىن زادى نىمە پەرقى باردۇر؟

     3
     خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ بىرەر يىل بۇلاي دىگەندە،ئىدارىمىز ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يازلىق ساياھەتكە ئىلىپ باردى.قۇمۇلنىڭ"ئاقتاش"يايلىقىدا بۆك-باراقسان يېڭنە يۇپۇرماقلىق قارغايزارلىق(باركۆلنىڭ قارغىيى بىلەن ئۈرۈمچى"نەنسەن"،غۇلجا،قاناسلاردىكى قارغايلارنىڭ يۇپۇرمىقىدا،ياغىچىدا پەرىق بار،<بۇ نۇقتىنى بىئولوخىيە خادىملېرى ۋە شال تىلدىغان ياغاچچىلار تىخىمۇ ئىنىق بىلىشى مومكىن>)تا كەچ بولغۇچە تەبىئەتنىڭ بۈيۈك مەنزىرسىدىن ھۇزور سۇرۇپتىمىز.قىمىز-پاخلاننى ئاچ قالغاندەك يىيىشىپتىمىز. ساغرىلېرىمىز قىزىرىپ يېغىر بۇلۇپ كەتكۈچە ئات مىنىپ چەۋەندازلارنى دورۇشۇپتىمىز...تۇلىمۇ قىزىقى شۇكى،گۈگۈم چۈشكەن ۋاقىتتا چارۋىچىلارنىڭ"گۈمبەزسىمان"ئۈيىگە كىرىپ خەنزۇ،ئۇيغۇر،تۇڭگان كەسىپداش ئەركەكلەر يۇرتىمىزدىن ئىلىۋالغان ئىسىل ھاراقلېرىمزنى بۇلىشىغا ئىچىپتىمىز.ھاراق كۈتۈرەلمەيدىغان بىر قىسىملار كۈندۇزى مەينەت كۆرۈپ ياراتمىغان كۆرپە-ئەدىياللارنى كەچلىك ھاۋانىڭ تىزلا سۇۋۇشى بىلەن ئۈشنىلېرىگە يىپىشىپ خۇرەككە چۈشۈپ كەتتى. مەندەك جاھىل ئىچەرمەنلەر يۇمشاق پىشقان گۆشنى يىگەچ،شەيتان ئاتلىسا ئاتلىسۇن،ھاراق رومكىسى ئاتلىمىسۇن،ھاراق ئىچسەڭ مەست قىلدۇ،"شاڭجاڭ"،"شۈجى"قىلمايدۇ،دىگەن چىركىن سەپسەتىلەر بىلەن خېلى ئىچىپتىمىز.ئارىمىزدا بىرسى گوش ۋە ھاراقنى خېلىلا جىق ئىستىمال قىلىۋالغان ئىدى.سىرتقا چىقىپ قۇسۇپ،ياندۇرۇپ قىينالغانلىقىنى خىرە بىلىمەن.ئەتىسى چۈشكە يېقىن قازاق چارۋىچىنىڭ بىر مۇنچە دادلىغان،ۋايسىغان بوراندەك ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ سىرتقا چىقسام،ئاخشامقى قۇسۇقنى يەۋالغان"تۆگىدەك ئىت"نىڭ سۇنايلىنىپ ياتقانلىقى كۆزۇمگە چىلىقتى.

     ...بىز ئۆزىمىزنى ئادەم ساناپ يۇرۇپتۇق.ھاياتلىقىمىزدا كۈندە 3 ۋاق تاماق مىزانى بۇيىچە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپتىمىز.ئۈمرىمىز بۇيى يىگەن نەرسىلەرنى تىزىپ باقساق بەلكىم تاغدەك بۇلىشى ئېھتىمال.مانا شۇ يىگەن-ئىچكەنلېرىمىزنىڭ قانچىلىكى ھالال،قانچىلىكى ھارام.ۋادەرخا،ئىت چېغىدا ئادەم يىگەن-ئىچكەن نەرسىلەرنى يەپ تىن تارتالماي قاپتۇ.ئەمما ئۆزىمىزنى ئادەم چاغلىغان بىزلەر بولساق-ئادەمسىمان ئىتمۇ ياكى ئىتسىمان ئادەممۇ؟...
      ئەجدادلېرىمىزنىڭ داۋالاش رىتسىپلېرىنىڭ ئاساسى-مىزاج ئارقىلىق داۋالاش.كىسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ،دىگەن كۆز قاراش بۇيىچە يېمەك-ئېچمەكلەردىن پەرىز تۇتۇش قائىدە-رىتسىپلېرىمىزمۇ توم-توم كىتاپلېرىمىزدا تۇپا بىسىپ يىتىپتۇ.ئاشۇ تۇپىنى سۇرتىۋىتىپ ئۇدۇملارغا ۋارىسلىق قىلغۇچى بىزلەر بولساق ئىستىمالىزىم دەۋرىنىڭ سادىق ئىجراچى ۋە چۇقۇنغۇچىلېرىغا ئايلىنىپ بۇپتىمىز.مانا ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ خۇي-پەيلى،مىجەز-خاراكتىرىنى ئانچە-مۇنچە بىلىپ قالدۇق.لىكىن بىزلەر ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇپ بولغۇچە كېيىنكى ئەۋلادلېرىمىزمۇ بىزنىڭ تۈنۈگۈنكى ۋاريانتىمىزغا ئايلىنىپ كەتمىسىلا بۇلاتتىغۇ؟

     4
     نەچچە ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچىگە بىر قېرى بۇيتاق ئاغىنەمنىڭ تۇيىغا قاتنىشىش شەرپىگە مۇيەسسەر بۇلۇپ قالدىم.سۇغۇق ھاۋا،توختىماي لەپىلدەپ يىغىۋاتقان قار،ئۈرۈمچىدىكى يۇرتىمىزغا ئوخشاشمايدىغان توي قائىدىلېرى،تويدىن يىگىت ئولتۇرۇشىنىڭ قىزىيدىغانلىقى،بەش مىڭ سوملۇق يامالىق تىغىغا چىقىپ تويلۇق خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدىغانلىقى...تويدىن تاراپ سېرىك ئۈمىكىدىكى،خەلقارا چوڭ بازاردا ئۇسۇل ئويناپ پۇل تاپىدىغان ئۇسۇلچى-ناخشىچى تۇنۇشلېرىم بىلەن تاڭ ئاتقۇچە يەنە بىر ساۋاقداش ئاغىنىمىزنىڭ بىنا ئۆينى بىشىمىزغا كەيگەنلىكىگە ئوخشاش مۇزدەك تەسىراتلېرىمنى بۇ سەھىپىدە كۆپچىلىككە سۆزلەپ زېرىكتۇرگۈم يوق.ئاساسى لىنيە ئىت تۇغرىسىدا بۇلغانكەن،چوقۇم ئىتنى تۇتقا قىلىشىم كېرەك ئەلۋەتتە.
يۇرتىمىزدىن 5 ساۋاقداش ئەل-ئاغىنە خۇتۇنلېرىمىزنى سىلاپ-سىيپاپ،يالۋۇرۇپ-ئالداپ دىگەندەك ئۈرۈمچىگە تويغا باردۇق.توينىڭ ئەتىسى خۇتۇن-باللارنىڭ ئاغزىنى"ياغلاش"ئۈچۈن كوچىلارنى ئايلاندۇق.بىر ئاغىىمىزنىڭ كەپتەر خۇمۇرى كۈچلۈك،يەنە بىرسىنىڭ بېلىق بىېقىش خۇمۇرى بار،يەنە برىسى چالغۇ ئەسۋاپلارغا مايىل،مەندەك كىتاپ خالتىسى كىتاپخانە ئارلاشنى جىدەل قىلغاچ،كوچىلارنىمۇ چالا بولسىمۇ ئايلىنىپ باقتۇق.ئاخىرى كەپتەرۋاز،بىلىق خۇمار دوستلارنىڭ باشلىشى بۇيىچە"خۇالىڭ"غا باردۇق.ھەر خىل ھايۋانلارنى كۆرگەچ،پىستە ئىت،شىرباش ئىت،بارماقتەك ئىت،..ۋاي-ۋۇي،ئىتلارنىڭ تۈرلېرىنىڭ كۆپلىكىنى شۇ يەردە ئىنىق بىلىپتىمەن.ئاخىرى 30 مىليونلۇق تىببەت ئىتىنى كۆرۇپ ھەيرانلىقىم چىكىگە يەتتى.ئىت ساتقۇچى خەنزۇدىن سوراپ شۇنى بىلدىمكى،بۇنداق تىببەت ئىتىنى زاڭزۇلار(تىببەتلەر)قانچۇق كۈچۈكلىگەندىن كېيىن ھەممە كۈچۈكنى ئىلىپ بىر تاغنىڭ ئۆڭكۈرىگە بىر قۇتازنى ئۆلتۈرۈپ بىللە قاماپ قۇيىدىكەن.بىر يىلدىن كېيىن ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىنى ئاچىدىكەن.كۈچۈكلەر دەسلىپىدە قۇتازنى يەپ ھايات كەچۈردىكەن،قۇتاز تامام تۈگىگەن ۋاقىتتا بىر-بىرىگە خىرىس قىلىپ"ئۆز قېرىنداش"لېرىنى يەپ ھايات قىلىش ئۈچۈن تىرشىدىكەن.ئاخىرىدا ھايات قالغان كۈچۈكنىڭ باھاسى مىليون پۇلغا يارايدىكەن.
     بۇغۇ بىر تىببەت ئىتىنىڭ ھايات قىلىش پەلسەپەسى.لىكىن ئارىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ تۈپكى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك رەزىل ۋاستە قوللىنايلىكى ئەمەل-مەنسەپ،يۈز-ئابروي،مال-دۇنيا ئۈچۈن قېرىنداشلېرىمىزنى تالاۋاتقان كىشىلېرىمىزمۇ يوق ئەمەس.تىببەت ئىتىغۇ يەنە باشقا خۇجايىننىڭ قۇلىغا چۈشىدىكەن.بەرىبىر بۆرە بۇلالمايدىكەن.ئىت يەنىلا ئىتلىقىنى قىلدىكەن.شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى، ئىت مىجەز بەزى ئادەملەرمۇ بۇ نۇقتىنى بىلسە كاشكى...

     5
     نەچچە يىل بۇرۇن يازلىق تەتىلىمدىن پايدىلنىپ ئەل-ئاغىنىلەر بىلەن مورى ناھىيسىنىڭ بوستان دىگەن يېرىگە ئويناپ باردۇق.چارۋىچىلارنىڭ ئ.ادەم بۇيى بىلەن تەڭ كەلگۈدەك قوي ئىتلېرىنىڭ ياۋۇز قىياپىتى ئادەمنى ئىختىيارسىز شۈركەندۇرەتتى.بىر نەچچە كۈن مىھمان بولغاندىن كېيىن يەنە بىر ئاۋۇلغا بېرىپ پاخلان يەپ كەلمەكچى بولدۇق.3 ئاغىنە ئاۋۇلغا يىقىنلاشقان ۋاقىتتا كىشىنى سۈر باستۇرغۇدەك،بۆرىنىمۇ تالىۋىتىدىغان يۇغان بىر ئىت بىزگە ئىتىلپ كەلدى.ئۆزىمىزنى مۇداپىئە قىلغۇدەك ھېچنىمە بولمىغاچ،قوللېرىمىزغا يەردىن بىر نەرسىلەرنى ئالغان قىياپەتتە ئىڭىشىپ ئىتنى قورقۇتۇش ۋاستىسىنى قوللاندۇق.ئادەم بىلەن ئىت ئازراق تىركەشكەندىن كېيىن،ئارىمىزدا سەل قۇرقۇنچاق بىرسى كەينىگە قاراپ قېچىشقا باشلىدى.ئىت بىزدىن ئەگىپ ئۈتۈپ قاچقان ھەمراھىمىزغا بىردەمدىلا يىتىشۋىلىپ تالاپ كىيىملېرىنى جۈل-جۈل قىلىۋەتتى.ناۋادا ئىتنىڭ ئىگىسى چىقىپ قالمىغان بولسا ...
شۇنىڭدىن بىر ئەقىلنى ھېس قىلدىمكى،ئۇيۇشقاق ئادەملەرگە ھەر قانچە ياۋۇز ئىت بولسىمۇ كار قىلالمايدىكەن.ھەر قانچە ۋەھشى ئىتمۇ ئادەمنىڭ مىجەزىنى كۈزىتىدىكەن.ئىتنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ غەزەپ بىلەن قارشىلىق كۆرسىتەلسىلا ئىتمۇ ئادەمدىن ئەيمىندىكەن.ناۋادا قۇرقۇش پىسخىكىسىدا بۇلۇپ قالسا،ئىت تەشەببۇسكار ھالەتكە ئۈتۈپ قالدىكەن.شۇنىسى ماڭا ئايان بولدىكى،ئادەم يەنىلا ئادەم،ئىت بەرىبىر يەنىلا ئىت بۇلدىكەن.

     6
     بىر ساۋاقدىشىم مۇنداق بىر قىزىقارلىق ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى.ئاغىنەم بىر مال ئىسكىلاتىدا ئىشلەيتتى.ئىسكىلاتتا ئىككى ئىت بۇلۇپ،بىرسى تۇرقىدىن بەكمۇ ۋەھشىلىكى چىقىپ تۇردىغان،ياۋۇز ئىكەن،يەنە بىرسى يۇۋاشراق،ئادەم كۆرسىمۇ بەك قاۋاپ كەتمەيدىكەن.بىر كۈنى تاسادىپى بىر ئىتنىڭ بوينىدىكى زەنجىرى ئۈزۈلۈپ كېتىپ ئىككى ئىت تالىشىشقا باشلاپتۇ.ئىتنىڭ ۋەھشىلەشكەنلىكدىن ئاغىنەم ئىتلارنى ئاجىرتىشقا ئاجىز كەپتۇ.لىكىن كۆڭلىدە ۋەھشى ئىتنىڭ"يۇۋاش"ئىتنى خام تالاش قىلۋىتىدىغانلىقىغا چوت سوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ.لېكىن نەتىجە ئاغىنەمنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماپتۇ.ھېلىقى"يۇۋاش"ئىت ۋەھشى ئىتنىڭ"ۋايجىنىنى"چىقىرىپ تاشلاپتۇ....
     بۇ ئىككى ئىتتىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟...جەمئىيىتىمىزدە قۇرۇق داۋراڭ سىلىپ،مەيدىسىگە مۇشتلاپ ئۆزىنى نوچى ساناپ يۈرگەن كىشىلەرگىمۇ ياكى ئۆزىنى بۆزەك ئەتمەكچى بولغان شۇ"نوچى"نىڭ نۇخىلىسىنى ئىلىپ ئۆز ئابرويىنى قۇغدايدىغان مەردانە ياشايدىغان ئۈن-تىنسىز كىشىلەرگىمۇ؟...

2010-يىلى28-باھار

شەھىرى تۇرپان

Rank: 2

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
2
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:22:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋزوسىنى"'ئىت ھەققىدە پاراڭ"'دەپ ئۆزگەرتىپ قويساڭلار بوپتىكەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2145

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:57:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگەرتىپ قويدۇم!
تۆتېمنىڭ ئېسىل تېمىلىرىنى مۇنبەردە كۆرۈپ خوش بولدۇم ، گەرچە بۇنداق تېمىلارغا ئىنكاس يازغىدەك قابىليىتىم بولمىسىمۇ ئەمما قىزغىن ئوقۇرمەن بولۇشقا تەييارمەن

Rank: 2

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
2
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:34:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى ئادەم خىجىل قىلماڭ،ھەممىمىز ئىزدەنگۈچىلەردىن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2145

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:42:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
totem بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:34 دە يوللىغان
مەرۋەرى ئادەم خىجىل قىلماڭ،ھەممىمىز ئىزدەنگۈچىلەردىن.

قەتئى خىجىل بولماڭ بولمىسا ئاچچىقىم كېلىپ قالىدۇ
راست گەپ قىلدىم، تېمىلىرىڭىزنىڭ خېلى سالمىقى بار، ئادەمنى ئويغا سالىدىغان تەرەپلىرى بار ئەمما مەندە ئۇنىڭغا قارىتا كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغىدەك تىل قابىليىتى يوق، مەن شۇ مۇنبەردە ھى ھى ھى ھى دەپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:53:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر  مۇنبەردە ئىتقا خىلمۇ -خىل كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ ،ھەر خىل سىياقلارغا كىرگۈزۈپ قويغانلىغىنى كۆرۈپ <توۋا >دىگەن ئىدىم ، دەرۋەقە ئەتراپىمىزدا ئىتنى ھەم پەرزەنت ئورنىدا كۆرۈپ ئەتىۋارلاپ ئۆزى يىمىگەننى يىگۈزۈپ بېقىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس .............مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇ يەنىلا <ئىت>قۇ ؟؟؟

ئۇ تەرەپتە كىم بار ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
367

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:17:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇتېمنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇسام بىر خاسلىقنى ھېس قىلىمەن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  تېمىنى  يەنە ئوقۇپ  يەنە  خىيالغا چۆكۈپ كەتتىم...نىمىشقىكىن  يېقىندىن بۇيان  تورغا كىرسەملا ،مۇشۇ تېمىنى  ئوقۇماي چىقىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىم

Rank: 2

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
73
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:31:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىت مىجەز بەزى ئادەملەرمۇ بار

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:14:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
28-باھار دېگەن 3-ئاينىڭ 28-كۈنىما؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 19:32 , Processed in 0.052189 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش