يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 351|ئىنكاس: 15
go

كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
249 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1644 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق -تاماكىغا بېرىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق ئۆزىنى داۋاملاشتۇرۇش سەۋەبىنى يوقاتقان ئىدى . ئازاپتىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى تاپقىلى بولمايتتى .
    دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ، خۇدا ئوتتۇرىغا چۈشتى، ھېسداشلىق قىلغىنى ياكى ئىچ ئاغىرىتىقىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلغىنىنى بىلگىلى بولمايتتى . «سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار ؟ » دەپ سورىدى خۇدا . «مېنى مۇھەببەت بولمىغان دۇنياغا ئاپىرىۋەت ، بۇنىڭ
بەدىلىگە مەن بىر ئۆمرۈمنى بىر ئايغا تېگىشىشكە رازى . بۇ دۇنيادا مېنىڭ يەنە ياشىشىمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىدى . » يىگىت چۈشكۈن ھالدا جاۋاپ بەردى .

«بولىدۇ .» دېدى خۇدا ئويلانغان ھالدا : « ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بىر دۇنيا بار ، مەن ساڭا پۇرسەت بەرسەم بولىدۇ». «نېمە پۇرسەت ؟» ئەگەر بۇ بىر ئاي ئىچىدە سەن قايتىپ كىلىشنى خالىساڭ ، پەقەت بىر قىزنى ئۆزۈڭگە«مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگۈزەلىسەڭلا ، سەن بۇ يەرگە قايتىپ كېلەلەيسەن. «مەن قايتىپ كىلىشنى ئويلىمايمەن . » دىدى يىگىت . ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كۆزنى يۇمۇپ ، ئەشۇ يېڭى دۇنيانى قارشى ئالدى ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇ ئەمدى ئازابلانمايدىغان ، ھەم يەنە مۇھەببەت مەۋجۈت بولمىغان گۈزەل دۇنيا ئىدى .

بۇ دۇنيا كۈلرەڭ ئىكەن. بۇ يىگىتنىڭ تۇنجى ئىنكاسى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا رەڭسىز مەنزىرە ئەكىس ئەتتى، لېكىن بۇ دەل يىگىت ئارزۇ قىلغاندىكىدەك دۇنيادۇر . ئەمدى ئازاپ بولمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن يىگىت شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ، ھەم ئاستا - ئاستا تىنىچلاندى ، تىنىچ ھالدا ئۆلۈمنى كۈتتى .

بىر كۈنى تىنىچلىق بۇزۇلدى، ئۇ بىر قىزنى كۆرۈپ قالدى، بۇ قىزنى چىراي تۇرقى  ئۇ ئىلگىرى جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ ياخشى كۆرگەن قىزغا بەكمۇ ئوخشايىتتى ، ھەتتا ئاۋازىمۇ ، مېجەز - خۇلىقلىرىدىن تارتىپ خۇددى بىر ئادەمدەكلا، ئۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى . ئۇ ئۆزىنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، مەيلى ئۆز جىسمىنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن، ئىلگىرىكى دۇنيا ياكى ھازىرقى كۈلرەڭ دۇنياسى بولسۇن ئوخشاشلا شۇنداق، ئۇ قىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇنتىيالمايدۇ. ئۇ خۇدانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن پۇرسىتىنى ئېسىگە ئالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە شۇنداق دىدى : «بەرىبىر ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىكەنمەن، شۇنداق بولغان ئىكەن ۋاز كەچمەي، ئۇ بۇرۇنقى دۇنيادا مېنى بىر قىتىم تاشلىۋەتتى، مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا ئۇنى قوغلىشىپ، ئاندىن  ئۇنى ئېلىپ كېتەي، بىز بىرلىكتە قايتىپ كىتەيلى».

شۇنىڭدىن تارتىپ يىگىت كۈندە دېگۈدەك قىزنى ئىزدەپ باردى، كۈندۈزى قىزنىڭ گۈل دۇكىنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بىر دەستە كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل سوۋغا قىلدى، كەچلىكى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسى ئاستىغا كىلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەركۈنى شۇنداق داۋاملاشتى . لېكىن قىز ئىزچىل قوشۇلماي كەلدى، بىر ئېغىز كەسكىن رەت قىلىشتىن باشقا، ئىككىلىنىپ ئويلىنىپ قېلىشمۇ بولمىدى. يىگىت چۈشىنەلمىدى، ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭغا ماس كەلمىگۈدەك ناچار ئەمەس دەپ ئويلايدۇ، يەنە كېلىپ قىزنىڭ ئوغۇل دوستى يوق، نېمىشقا ئۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ ؟ ھەتتا ئويلىشىپمۇ باقمايدۇ ؟ ئەجىبا قىزنىڭ بىرەر مەخپىي سىرى بارمۇ يە ؟

شۇنىڭ بىلەن  يىگىت ئاخىرى چىدىيالماي قىزدىن : « سىز نېمىشقا ماڭا بىر قېتىم بولسىمۇ پۇرسەت بەرمەيسىز ؟» دەپ سوراپتۇ.

«چۈنكى، بۇ يەردىكى ئەتتىرگۈلنىڭ قىزىل رەڭلىكى يوق » قىز ھىسسىياتسىزلا جاۋاپ بەردى، ئۇ چاقچاق قىلغاندەكمۇ ئەمەس ئىدى .يىگىت تېخىمۇ چۈشىنەلمىدى، كۈلرەڭ دۇنيادا پەقەت كۈلرەڭلا بار، نەدىمۇ قىزىل رەڭ بولسۇن ؟
بىراق، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش بىلەن ئەتتىرگۈلنىڭ رەڭگىنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بولسۇن ؟ ئەگەر مۇھەببەتنىڭ قىممىتىنى ئەتتىرگۈلنىڭ رەڭگى بىلەن ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا، ئۇ تەنھا ئازابلانمىغان، پۈتۈن ئۆمرىنى بىر ئاي ۋاقىتقا تىگىشىۋەتمىگەن بولاتتى. ئۇنىڭ پەقەت بىلىدىغىنى، تونۇشقاندىن تارتىپ، قىز ئۇنىڭغا قاراپ بىر قېتىممۇ كۈلۈپ باقمىدى، دائىملا توڭ چىراي يۈردى، بۇ ھالەتتە «سىزنى ياخشى كۆرىمەن » دەپ ئېغىز ئېچىشىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟ ئۇ بارغانسىرى ئەسلىدىنلا مۇھەببەت بولمىغان بۇ دۇنيانىڭ پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتتى، ئۇ ئەمدى قۇتۇلالمايدۇ، نېمىشقا ؟ بۇ يەردە ئازاپ يوق ئىدىغۇ ؟ نېمىشقا يۈرىكىنىڭ بۇنچە ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ؟ ئەجىبا ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ئالداندىمۇ؟ پۈتۈن ھاياتىنى بىر ئايلىق ئازابقا تىگىشىش زادى نېمە ئۈچۈن ؟ يىگىت ساراڭلارچە كۈلگەن ھالدا گۈل دۇكىنىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىپ قىزنى يالغۇز قالدۇرۇپ قويۇپ، قايتا ئارقىغا قارىمىدى، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، قىزنىڭ چىرايدىكى ئامالسىزلىق، ئازاپ، يىگىتنى تۇتىۋىلىشقا ئۇرۇنۇش ئارىلاشقان ئىپادىنى كۆرەلمىدى، قىز بۇلارنىڭ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ .

بۇ كۈن، بىر ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، يىگىت كارىۋات ئۈستىدە يېتىپ ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتتى. ئەشۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ قىزنى ئىككىنجىلەپ ئىزلەپ بارمىدى، ئۇنتۇپ كېتەي دېسىمۇ، ئۇنتۇپ كېتەلمىدى . قەلبىدە قىزنىڭ سىماسى گەۋدىلىنەتتى. ئامالسىزلىق، ئازاپ، بەلكى، بۇ پەقەتلا ئۇ قىزغا بولغان مۇھەببەتتۇر. لېكىن بۇلار ئەمدى مۇھىم ئەمەس، سەكراتتا ياتقان ئادەمگە نىسبەتەن بارلىق ئىشلار ئۇنچە مۇھىم ئەمەس.
ئۆينىڭ ئىشىكى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئېچىلدى . كىرگەن كىشى دەل ھېلىقى قىز ئىدى، قىزنىڭ قولىدا بىر سېۋەت قۇرۇپ قالغان كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل تۇراتتى. ئۇ بۇ گۈللەرنىڭ ئۆزى سوۋغا قىلغان ھېلىقى ئەتتىرگۈللەر ئىكەنلىكىنى بىلدى. يىگىت ئەجەپلەنگەن ھالدا ئارانلا : « نېمىشقا ؟ نېمىشقا كەلدىڭ ؟» دىيەلىدى. قىزنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، قەلبىنى يەنىلا تەسىرلىك تۇيغۇ ئەسىر ئالدى.
«ئەخمەق» قىز تۇنجى قېتىم سىلىق تەلەپپۇز بىلەن گەپ قىلدى : «سىزنىڭ ۋاقتىڭىز پەقەتلا بىر ئاي، ئەگەر بۈگۈن كەلمىسەم، سىزنى مەڭگۈ قايتا كۆرەلمەيمەندە».
«سىز كېتىڭ. مەن ھېچقانداق كىشىنىڭ تەسەللىيسىگە مۇھتاج ئەمەس» يىگىتنىڭ كۆز يېشى ئۇنىڭ ئازابىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى، ئەجىبا ئاخىرىغا بېرىپ، ئۇ يەنىلا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىگە ئېرىشەلمىدى : «مەن يولۇمنى ئۆزۈم تاللىغان».
«ئۇنداقتا، سىز پۇشايمان قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟ بۇ يەرگە كەلگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلدىڭىزمۇ ؟» دەپ سورىدى قىز.

«پۇشايمان ،  بۇ يەرگە كېلىشنى تاللىشىم ئەسلىدىنلا خاتا، مەن يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرمەي يۈرەلمىدىم، سىزنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم، ئازابلانماي يۈرەلمىدىم، ھەم سىزنى مېنى ياخشى كۆرگۈزەلمىدىم » يىگىتنىڭ ئاۋازىغا بىر خىل يىغا ئولاشقان ئىدى، لېكىن ھېچكىممۇ ھىس قىلالمايتتى، پەقەت قىزدىن باشقا. «سىز تېخى چۈشەنمىدىڭىزمۇ ؟ ناھايىتى بۇرۇنلا، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان » قىز كۈلدى، بۇ كۈلكىدە بىر خىل ئاددىيلىق ھەم بىر خىل ئازادىلىك بار ئىدى .
يىگىت ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ھالدا قارىدى، بىر ھازادىن كىيىن تۇيۇقسىزلا ئاچچىقلاپ ۋارقىرىدى «مەن ئىچ ئاغرىتىشقا مۇھتاج ئەمەس دەپ بۇرۇنلا ئېيىتقان، سەن بۇ يالغان گەپ بىلەن مېنى ئالدىمىساڭمۇ بولىدۇ».
«مەن سىزنى ئالدىغىنىم يوققۇ » دىدى قىز «تۇنجى باشلىنىشتىن تارتىپلا، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، سىز تۈنجى كۈلرەڭ ئەتتىرگۈلنى ئالغاندىن تارتىپلا». مۇمكىن ئەمەس .» يىگىت بېشىنى چايقىدى : «ئۇنداق بولىدىغان بولسا سەن نىمىشقا بالدۇر ئېيىتماي ، چوقۇم بۈگۈن ئېيتىسەن ؟ »
«چۈنكى ... »

قىز مىيقىدا كۈلدى : « مەن سىز بىلەن كۆپرەك بىللە بولاي دىگەن، ئۆزۈم  ياخشى كۆرگەن
ئادەم بىلەن ئۇزاقراق بىللە بولۇش ئۈچۈن، سىلەرنىڭ دۇنيايىڭلاردا، مېنىڭچە خاتا ئەمەستۇر ؟».
يىگىت يەنىلا بېشىنى چايقىدى، ئۇ چۈشەنمىدى، بىللە بولۇشنى ئېيتىش ئېيىتماسلىقنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇن ؟ «سىز ئىلگىرىكى تىلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ سىزگە لازىمى مۇھەببەت بولمىغان بىر دۇنيا .» قىز توختاپ قالدى، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل كۈلكىسىنى كۆرسەتتى، ئۇ يىگىتنىڭ بۇ كۈلكىگە ئىزچىل ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، بۇ قىزنىڭ يىگىتكە سوۋغا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى سوۋغىتى ئىدى : « لېكىن بۇ كۈلرەڭ دۇنياد، خۇدا بىلەن توختاملىشىۋالغاندىن باشقا ھەرقانداق ئادەم، يەنى ماڭا ئوخشاش ئادەمنىڭ، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئۇ ئۈچ سۆزلۈك بىر جۈملە گەپنىڭ مەنىسىنى ئېيىتسا، ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ».

يىگىت نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى، تېخى ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا، قىز ئاستا ھالدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى : « مەن سىزنىڭ ئۆلۈپ  كېتىشىڭىزنى خالىمايمەن، شۇڭا، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، پەقەت بۇ ئۆمرۈمدە، پەقەت مۇشۇ يەردە.» يىگىت تېزلىكتە قولىنى قىزغا سۇنۇپ ئۇنى تۇتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يىنىك بىر شامالدىن كېيىن ئۇنىڭ قولىدا قالغىنى بىر سىقىم كۈلرەڭ قۇملا بولدى خالاس. كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل بەرگىلىرى ئاستا - ئاستا لەپىلدەپ  ئۇنىڭ قولىغا چۈشتى، كۈلرەڭ قۇم ئۈستىگىمۇ چۈشتى... ...
چىڭ سىقىمداش، يىگىت ئاخىرى ئۆزىنىڭ قانچىلىك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگىنىنى بىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بېغىشىنى پىچاق بىلەن كەستى،  پەقەت قېنى ئارقىلىق ئۇ كۈلرەڭ ئەتتىرگۈلنى قىزىل رەڭدە بويىماقچى بولدى، لېكىن كۆردىكى، ئۆزىنىڭ قېنىمۇ كۈلرەڭگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى،
كۈلرەڭ قان ئاستا - ئاستا كۈلرەڭ قۇمغا سىڭىپ كىرىپ كېتىۋاتاتتى.
«سەن ئىلگىرىكى قارارىڭدىن پۇشايمان قىلدىڭمۇ ؟ » خۇدا دائىملا كېچىكىپ كىلىدۇ.
يىگىت بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ، باشتا بېشىنى لىڭشىتتى كەينىدىن يەنە بېشىنى چايقىغان ھالدا  :«ئەسلىدە، ئەڭ ئېسىل دۇنيا يەنىلا ئەسلىدىكىسى ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ يەر قانچىلىك ئازابقا تولغان بولمىسۇن، ئۇ يەردە يەنىلا ئۈمىد بار ئىكەن » دىدى . ئۇ كۈلرەڭ گۈل بەرگىگە قاراپ كۈلدى، بۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى كۈلكىسى.

«شۇنداقمۇ ؟ ئۇ سېنى ياخشى كۆرىمەن دەپ بولدى، سەن ئەمدى قايتساڭ بولىدۇ » خۇدا كۈلگەن ھالدا ئۇنىڭ قايتىشىنى تەستىقلىدى.
«ئەمدى لازىمى قالمىدى. چۈنكى، مەن بۇ يەرگە كەلگىنىمدىن، دەسلەپكى تاللىشىمدىن ئازراقمۇ پۇشايمان قىلمىدىم، ئەگەر ماڭا يەنە بىر تاللاش پۇرسىتى بېرىلسە مەن يەنىلا مۇشۇ يەرنى قايتا تاللىغان بولاتتىم .» دىدى ئۇ قولىدىكى قۇم دانچىلىرى ۋە گۈل بەرگىلىرىگە قاراپ « مىنىڭ يۈرىگىم تاشلاندۇق بولۇپ قالدى، ئەمدى قايتىپ كىتەلمەيدۇ».

يىگىت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خۇدادىن «ماڭا بىر دەستە قىزىل ئەتتىرگۈل بېرەلەمسەن ؟» دەپ سورىدى. «سەن ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ كۈلرەڭ دۇنيادا قىزىل رەڭ مەۋجۈت بولمايدۇ». «شۇنداقمۇ ؟ قارىغاندا مېنىڭ تەلىپىم ھەقىقەتەن جىق ئىكەن » يىگىت تام سائىتىگە تىكىلگەن ھالدا قاراپ، قولىدىكى قۇم دانچىلىرى ۋە گۈل بەرگىلىرىنى تېخىمۇ چىڭ سىقتى، سائەت 12 نى داڭ ئۇردى، ھەممە قايتا مەۋجۇت بولمىدى، پەقەت شامالغا ئەگىشىپ ئۇچۇپ قالغان قۇملارلا قالدى. يىراقتىن بىر ۋاراق ئەسكى قەغەز ئۇچۇپ كەلدى، بۇ شۇ كۈنلۈك گېزىت ئىدى. ھېچكىممۇ ئۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. پەقەت قايسى بىر ۋاقىتتا، تامنىڭ بۇلۇڭىدىكى قۇم دۆۋىسى ئۈستىدە، بىر تال قىزىل ئەتتىرگۈل ئۈندى، شۇنداق ئوتقاشتەك قىزىل، خۇددى قان رەڭگىگە ئوخشاش...

(قارانچۇق تەرجىمىسى)
ئۇيغۇر لىنىيىسى مەھەللىسىدىكى قارانچۇق تەرجىمىلىرى، ياقتۇرۇپ ساقلىۋالغان ئەسەر.





ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
203 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1145 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەرجىمىسى بەك ياخشى چىقىپتىكەن ، يەنە بىر قېتىم ئوقۇغىنىمدىن خوشالمەن ....

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1875 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:30
تەرجىمىسى بەك ياخشى چىقىپتىكەن ، يەنە بىر قېتىم ئوقۇغى ...

مەن خەت شەكلىنى تۈزەپ-يۇ، تەھرىرلەپ تەرلەپ پىشىپ ئولتۇرسام، ماۋۇ خېنىم ئوقۇپ، ئىنكاس يېزىپ بوپتۇيا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
203 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1145 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق بازارنىڭ ئالدىدا ماڭىمىز بىز

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1875 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:49
شۇنداق بازارنىڭ ئالدىدا ماڭىمىز بىز

بىلىمەن، ماشىنىلىق دەڭە يەنە كېلىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
203 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1145 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:52
بىلىمەن، ماشىنىلىق دەڭە يەنە كېلىپ

ماشىنا دىگىنى بىر قانچە چاقى بار شۇمۇ ؟
راكىتا بىلەن ھەپىلىشىمىز ھازىر بىز

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1875 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:54
ماشىنا دىگىنى بىر قانچە چاقى بار شۇمۇ ؟
راكىتا بىلەن ...

ئوۋۋۋۋۋۋ...ھېلىقى مېنى دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ ماڭغان يەر بىلەن تەڭ تۇرغان كۈلرەڭ، تۆت چاقلىق نەرسە راكىتامۇ، مۇبارەك بولسۇن جانىم ، يېڭىلىقلاردىن خەۋەرسىز قاپتۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
383 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 
نادىر
يازما
719 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نەئۇزىبىللا...خۇدا بىلەن پاراڭلىشالايدىغانلار باركەن...

ھاۋا تولىمۇ تۇتۇق،   چاي ئىچكەچ مۇزىكا ئاڭلاۋاتىمەن. ئىچىمدە تۈگىمەس خىياللار قوغلاشماق ئوينايدۇ....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
203 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1145 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:56
ئوۋۋۋۋۋۋ...ھېلىقى مېنى دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ م ...

ھە .....ئۇ دىگەن ماشىنا ، بۇدا ئالغىلى بارغاندا چىقىسىز راكىتاغا

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 4

توردا
52 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 
نادىر
يازما
394 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يولداشلار، تېما ئۈستىدە پىكىر يۈرگىزەيلى، قېنى ئەمسە مەن باشلىۋەتتىم، تەھلىلنى، ماڭا دەخلى قىلماڭلار، نېرى تۇتۇپ دىيىشىڭلار گېپىڭلارنى

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:53 , Processed in 0.159551 second(s), 9 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.