يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 815|ئىنكاس: 5

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:22:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (ئۆتكۈر - ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى) 1923 - يىل 7 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قېلىپ، دادىسىنىڭ دوستى، مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان.
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940 - يىللىرى شېئىرىيەت ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «تاڭ شاماللىرى»، « ياخشى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس»،«ئۆمۈر مەنزىللىرى»،«يۈرەك مۇڭلىرى» قاتارلىق شېئىرلىرى؛«ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق داستانلىرى «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىنى بار.      
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1995 - يىل 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھايات ۋاقتىدا تەتقىقاتچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر  ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئىدى.

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:50:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى


(1) ئابابەكرى تۇيغۇن.
(2) ئابابەكرى توختى ئۇيغۇن.
(3) ئابدۇرىشىت ئىلى.
(4) ئابدۇرىشىت سۇلايمان.
(5) ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر.
(6) ئابدۇرىھىم ئابدۇللا.
(7) ئابدۇرىھىم توختى.
(8) ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر
(9) ئابدۇرىھىم ئىسمايىل
(10) ئابدۇسالام توختى.
(11) ئابدۇسەمەد خىلىل.
(12) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن.
(13) ئابدۇقادىر جالالىدىن.
(14) ئابدۇكىرىم خوجا.
(15) ئابدۇكىرىم مەخسۇت
(16) ئابدۇكىرىم ھاشىم.
(17) ئابدۇلباسىت ئابدۇراھمان.
(18) ئابدۇللا تالىپ.
(19) ئابدۇللا سۇۋۇت.
(20) ئابدۇللا سۇلايمان.
(21) ئابدۇللا ھاپىز.
(22) ئابدۇللا ياقۇپ.
(23) ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي
(24) ئابدۇلئەھەد ئىسمايىل.
(25) ئابدۇۋەلى خەلپەت.
(26) ئابلەت ئابدۇللا.
(27) ئابلىز نازىرى.
(28) ئابلىز ھوشۇر.
(29) ئابلىز ئۆمەر.
(30) ئابلىكىم خېۋىر.
(31) ئابلىكىم روزى.
(32) ئابلىكىم ھەسەن.
(33) ئابلىمىت سادىق.
(34) ئابلىمىت قۇربان ساباھى
(35) ئابلىمىت ھاجى.
(36) ئابلىز ئوسمان.
(37) ئادىل تۇنىياز.
(38) ئارسلان.
(39) ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم.
(40) ئەبەيدۇللا ئىبراھىم.
(41) ئەسقەر ياسىن
(42) ئەخمەتجان تۇرۇپ.
(43) ئەھمەد زىيائىي
(44) ئەخمەتجان ئوسمان.
(45) ئەرشىدىن تاتلىق.
(46) ئەركىن ئىبراھىم.
(47) ئەزىزوپ قاسىم.
(48) ئەلقەم ئەختەم.
(49) ئەنۋەر ئابدۇرىھىم.
(50) باتۇر روزى
(51) بەگمەت يۈسۈپ.
(52) بوغدا ئابدۇللا.
(53) پەتتارجان مۇھەممىدى.
(54) پەرھات ئىلياس.
(55) پەرھات تۇرسۇن
(56) پولات ھىۋۇزۇللا.
(57) تاجىدىن قادىرى.
(58) تاھىر تالىپ.
(59) تاھىر ھامۇت
(60) توختاش بەكرى.
(61) توختى سابىر.
(62) تۇردى سامساق.
(63) تۇرسۇن زېرىدىن.
(64) تۇرسۇن قۇربان.
(65) تۇرسۇن نىياز.
(66) تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم.
(67) تۇرسۇنمۇھەممەد پەخرىدىن
(68) تۇرسۇنمۇھەممەد ئىمىن.
(69) تۇرغان شاۋۇدۇن.
(70) تۇرغۇن ئالماس.
(71) تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز.
(72) تىيىپجان ئىلىيوپ.
(73) تۆمۈر داۋامەت.
(74) جاپپار ئەمەت.
(75) جېلىلى.
(76) جېلىل خىلىل.
(77) رەھمىتۇللا جارى.
(78) رەخىم قاسىم.
(79) روزى سايىت.
(80) زاھىر ئابدۇراخمان.
(81) زەينىدىن سالىيوپ.
(82) زۇنۇن قادىرى.
(83) سادىن سادىرى.
(84) سەلەي قاسىم.
(85) سەيپىدىن ئەزىزى.
(86) غەنىزات غەييۇرانى.
(87) غوجامۇھەممەد مۇھەممەد.
(88) غولام ئەبەيدۇللا.
(89) قاسىم سىدىق.
(90) قاسىمجان قەمبىرى.
(91) قەييۇم سوپى.
(92) قۇربان ئەمەت.
(93) قۇربان بارات.
(94) قۇربان ئىمىن.
(95) كىرىمجان سۇلايمان.
(96) كىۋىر نىياز.
(97) كۆرەش ھۈسەيىن.
(98) لۇتپۇللا مۇتەللىپ.
(99) مەھمۇد زەيىدى.
(100) مەھمۇد مۇھەممەد.
(101) مەھمۇدجان ئىسلام.
(102) مامۇت زايىت.
(103) مەمىتىمىن بارى.
(104) مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىق
(105) مۇھەممەدئىمىن يۈسۈپ.
(106) مۇھەممەد خىۋىر
(107) مۇھەممەد شاۋۇدۇن.
(108) مۇختەر مەخسۇت.
(109) مۇھەممەد رەھىم.
(110) مۇھەممەد روزى.
(111) مۇھەممەد ئىمىن.
(112) مۇھەممەدجان راشىدىن.
(113) مۇھەممەدجان سادىق.
(114) مۇھەممەدروزى يارقىن.
(115) مۇھەممەدسىدىق تۆمۈرى.
(116) مۇھەممەدئىمىن توختىنىياز سۈزۈك.
(117) مۇھەممەدئىمىن قۇربانى ئىشقى.
(118) مۇھەممەدئەلى زۇنۇن تەشنائىي.
(119) مۆمىن سەپىرى.
(120) مويدىن سايىت.
(121) نەسرۇللا ئابلەت.
(122) نەيىم يۈسۈپ.
(123) نۇرمۇھەممەد بۇساقوپ.
(124) نىمشىھىت.
(125) ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن.
(126) ھاجى مىرزاھىد كىرىمى.
(127) ھاجى ھامۇت مەھمۇدى.
(128) ھەسەن تىلىۋالدى.
(129) ھوشۇر ئىبراھىم.
(130) ئوسمانجان ساۋۇت.
(131) ئوسمانجان زاھىر
(132) ئۇچقۇنجان ئۆمەر.
(133) ئۆمەر سايىت جەۋلانىي.
(134) ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن.
(135) ئۆمەرجان سىدىق.
(136) ۋاھىتجان غوپۇر.
(137) ئىبراھىم تۇردى.
(138) ئىبراھىم قۇربان.
(139) ئىلغارجان سادىق.
(140) ئىليا بەختىيا
(141) ئىمىر ھۈسەيىن قازى.
(142) ئىمىن ئەھمىدى.
(143) ئىمىن تۇرسۇن.
(144) ياسىن ھاجى خۇدابەردى.
(145) ياسىن مۇخپۇل.
(146) ياسىن ئىمىن.
(147) ياسىن ئىسمايىل
(148) ياسىن زىلال.
(149) يالقۇن ئەزىرى.
(150) يالقۇنجان ئىسلام.

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايقىزغا تەشەككۈر :

  
تاماكا بايان


توسما يار مېنى، چېكەي بىر نەپەس،

ئۆرگۈلدى پەلەك، تاماكا بايان.

ئەمەستى چېكىش ماڭا بىر ھەۋەس،

كۆيىدۇ يۈرەك تاماكا بايان.



يانار تاغ ئىچى بولغاچقا يالقۇن،

دائم ئۈستىدىن كەتمەيدۇ تۈتۈن.

ھەر يان قالمىغىن چىقسا ئاغزىمدىن،

كۆكۈچ چەمبىرەك، تاماكا بايان.



بىلىمەن دىلدار، يۇتىمەن زەھەر،

تېگەر ھەر سائەت يۈرەككە نەشتەر.

ۋە لېكىن شۇنى ئستەيدۇ كۆڭۈل،

ئەمەسمەن گۆدەك، تاماكا بايان.



سارغايدى دېمە رەڭگىمنى جانان،

نىكوتىن ئەمەس مېنى سارغايتقان.

بېغىمنى كەچ كۈز بورىنى باسسا،

سولمامدۇ چېچەك، تاماكا بايان.



قاچانكى باقسام غەمكىن يۈزۈڭگە،

ئاچچىق ياشلىرىم تولۇر كۆزۈمگە.

ئەلەمنى باسىمىش دەيدۇ،

شۇ كۆكۈچ تۈتەك، تاماكا بايان،



توسما مېنى يار، چېكەي بىر نەپەس،

چەكمەي دېسەممۇ، بۇ مەيلىم ئەمەس.

مەيلى ئەمەسمۇ شۇ زەھەر بىلەن،

سەگىسە يۈرەك، تاماكا بايان.

مەنبە: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 17:04:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكىنى نېمىشقا شۇنچىلىك چېكىمەنكى دېسەم ئەسلى بۇنىڭدا بايان دالالىتى باركەن ئەمەسمۇ ؟

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:45:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 17:04 دە يوللىغان
تاماكىنى نېمىشقا شۇنچىلىك چېكىمەنكى دېسەم ئەسلى بۇنىڭدا بايان دالالىتى باركەن ئەمەسمۇ ؟

قېرىغاندا بولسىمۇ بۇ سېسىق ئىسنى تاشلىۋېتىڭ. ئۆپكىڭىز يەنە لازىم بولىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەكمەي دىسەم ، مەيلىم ئەمەس دەۋاتمامدۇ ؟

ئۇ تەرەپتە كىم بار ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:46 , Processed in 0.044838 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش