يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 3

ساۋاپلىق ئىشنىڭ خىسلىتى تولا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 23:35:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاپلىق ئىشنىڭ خىسلىتى تولا
بىر كۈنى ئۈچ ئادەم تاغدا كېلىۋىتىپ،بىر ئۆڭكۈرگە قاپسېلىپ قاپتۇ.بۇ ئۈچسى قانچە قىلىپمۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى مىدىرلىتالماپتۇ.ئۇنى قىلىپتۇ، بۇنىمۇ قىلىپتۇ. ئۇنى دەپتۇ، بۇنىمۇ دەپتۇ. ئاھ ئۇرۇپ ئىلتىجلار قىلىپتۇ.لېكىن،تاش پەقەتلا مىدىرلىتالماپتۇ.ئاخىرى، بۇ ئۈچ ئادەم ھاياتىدا قىلىپ ئەتكەن ساۋاپلىق ئىشلىرىنى بايان قىلىشقا باشلاپتۇ.ئېگىز بويلۇق، قەددى قامەتلىك ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئالدى بىلەن گەپ باشلاپتۇ:
       ‹‹  بىر كۈنى سارىيىمغا   يۇرت ماكانى،ئاتا–ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر مۇساپىر كېلىپ قالدى ۋە ئىش ھەققى ئۈچۈن  بىر كۈرە قوناقلا ئالىدغانلىقىنى ئېيتى.ماقۇل ئېيتىپ بۇ مۇساپىرنى ئېلىپ قالدىم.ئۇنى ئۆز بالامدك كۆرۈپ،بېشىنى سىلاپ ئۆتتۈم.مول–ھوسۇل ئالغاندا بۇ مۇساپىر ،نېسىۋىسىنىمۇ ئالماي تۇيۇقسز كېتىپ قاپتۇ. لېكىن،مەن بۇمۇساپىرنىڭ نېسىۋىسىنى يېۋالمىدىم....ئەتىياز كەلسە تېرىپ،كۈز كەلسە يىغىپ ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ئايرىپ يىغىپ كەلدىم.ئەينى چاغدىكى  بىر كۈرە ھازىر مىڭ  كۈرە بولدى.ئۇ قاچان كەلگۈچە ،ئۇنىڭغا ئاتاپ ساقلاپ تۇرىمەن.›› دەپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇرشى بىلەن ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى ئازىراق ئېچىلىپتۇ.
     پاكار،دوغىلاق كەلگەن ئىككىنچى ئادەم گەپ باشلاپتۇ:
    ‹‹ مەندە پۇل دۇنيا مول ئىدى. لېكىن،مەن ئويۇن–ئىشىرەت،سىرتلاردا ئايالىمغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈردۇم.بىر كۈنى قىزىم ئانام كېسەلدە بولالماي قالدى دەپ مېنى ،ئۇيۇن تاماشا قىلىۋاتقان جايىمغا ئىزلەپ كەپتۇ.ئۆيگە كەلسەم بىچارە ئايالىم ئاخىرىقى تىنىقلىرى بىلەن مەندىن خاپا ئەمەسلىكىنى،مېنى چىن دىلىدىن سۆيۈگەنلىكى ئۈچۈن ،مېنڭ پۈتۈن ئشلىرىمنى كۆڭلىگە سىغدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. بىر كۈنى ئىشىك ئالدىدا قىلغان ئشلىرىمغا تۆۋە ئېيتىپ ئولتۇرسام،بىر جۇۋان كېلىپ قاش ئاتقىلى تۇردى، مەن ئۇنى ئاستا توۋلاپ نەسھىەت قىلدىم،قولىغا پۇل بېرىپ دۇرۇس ئىش قىلشنى ئېيتىم.جۇۋان كۆزىگە ياش ئېلىپ مەن بىلەن خوشلاشتى.ئاڭلىسام،ئۇ ھازىر ھالال ئىش قىلىپ بېيىپتۇ.تېخى توي قىلىپ بالىلىق بولۇپتۇ...››دەپ  گېپىنى ئاخىرلاشتۇرشى بىلەن ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى يەنە ئازىراق ئېچىلىپتۇ.
   غەمگە پېتىپ ئولتۇرغان ئۈچىنچى كىشى گەپ باشلاپتۇ:
        ‹‹  ئاتا–ئانام، مېنىڭ تاجۇ–تەختىم.مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئۇلۇغلۇرۇم.مەن ئۇلارنى چەكسز ھۆرمەتلەيمەن....بىر كۈنى  ئاتا–ئانام سۈت ئىچكۈسى بارلىقىنى ئېيتى.مەن قىشقۇرۇن سوغۇغتا تالاي يولارنى بېسىپ سۈتنى ئېلىپ كەلدىم، سۈتنى ئىستىپ بولغىچە ئاتا–ئانام ئۇخلاپ قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن مەن   ئاتا–ئانامنىڭ يېنىدا ئۇلار ئويغانغىچە سۈتنى تۇتۇپ ساقلاپ تۇردۇم.ئارىلىقتا بالىلىرىم بىزمۇ ئىچىمىز دېۋىدى،ئاۋال چوڭلار ئىچسۇن،ئۇلاردىن ئاشقىنىنى سىلەر ئىچىڭلەر دەپ بەزلەپ ، ئاتا–ئانامنىڭ يېنىدا تاڭ ئاتقۇچە سۈتنى ئېلىپ  ئۇلارنى ساقلىدىم ....›› دەپ  گېپىنى ئاخىرلاشتۇرشى بىلەن ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى پۈتۈنلەي ئېچىلىپتۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
839

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 16:09:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست، مەنمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن يامانلىقنىڭ يامانلىق بولۇپ قايتىدىغانلىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلىق قىلساڭ ھامان ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىسەن.
كامىران بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىۋەتىسىڭىز بوپتىكەن.
بۇ ۋەقەلىكنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە ئىبرەت قىلىپ سۆزلەپ بەرگەن ھەدىستە بار. ۋەقەلىكىدە ئازراق ئۆزگىرىش بوپتۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:38:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى  ماڭا ئاكام  سۆزلەپ  بەرگەنىدى ..................................

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:48 , Processed in 0.057066 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش