يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 743|ئىنكاس: 5

مۇھەببىتى ئۆلگەندىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 23:29:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببىتى ئۆلگەندىمۇ؟

     پاكىز چىراي،ئوماق، ئورۇققىنە كەلگەن بۇ بالىنىڭ كۆزلىرىمۇ سۆزلەيتىتى. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بولۇپ، كۆز چاناقلىرىم ياش، يۈرەكلىرىم غەشلىك بىلەن تولدى. يىگىرمە ئۈچ ياشلىق بۇ بالىنىڭ ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ مەلۇم شەھەردىن بولۇپ سەككىز ياش ۋاقتىدا ئاتا–ئانىسى ئاجىرىشىپ كەتكەن بولۇپ،ئون بىر ياش ۋاقتىدا ئانىسى قايتا ياتلىق بولۇپ، بۇ بالا مومىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان. مومىسى قازا قىلىشى  بىلەن بۇ بالىنڭ قىسمەتلىك كۈنلىرى باشلانغان.ئۆگەي دادىسى بالىنى ياقتۇرمىغان. ئۆز دادىسىنى ئىزدەپ بارسا ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشى، قەيسەر بولۇشى توغۇرلۇق سەپسەتە سۆزلىگەن .گۆدەك قەلبىگە بۇ ئازاپلارنى سىغدۇرالمىغان بالا ئاخىرى ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ئىككى كۈندىن كېيىن باشقا ئۈچ تۆت بالا بىلەن ئىچكىرگە ماڭغان ۋە   ئىچكىرى ئۆلكىلەردە توپتوغرا ئون يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۋېتىپتۇ......
   –ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئاساسلىق نىمە ئىش قىلىسەن؟
   – يانچۇقچى.
   –قايسى شەھەرلەرگە بېرىپ باقتىڭ؟
   –پۈتۈن يەرگە بېرىپ بولدۇم .تۈرمىدۇ ياتتىم.
   –شىنجاڭغا قايتمامسەن؟
   –قايتقۇم يوق.
   –ئاناڭنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ ئۇنى ياخشى كۆرمەمسەن؟
   –ماڭا مېھرى–مۇھەببەت توغۇرلۇق گەپ قىلماڭ.
       ۋاقىتلار ئۆتۈپتۇ. بۇ بالىمۇ جىق ئشلارنى كۆرۈپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن بۇ بالا ئىچكىردە بىر خەنزۇ بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن ئشلەپتۇ. ئۇنى ئۆز ئاكىسىدەك كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئۇ  خەنزۇ يولداشنىڭ ياردىمى بىلەن مەلۇم بىر مەخسۇس ئالىى تېخنىكۇم مەكتىۋىنى ئوڭۇشلۇق پۈتكۈزۈپ ،شىنجاڭغا قايتپ،مەمۇرلار ئىمتھانىغا تىزىملىتىپتۇ.
تېخى خىزمەتكە چىقماي ئاتا–ئانا بالىنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدا دە تالاشققا چۈشۈپتۇ.ئاخىرى بولماي سوتقا چىقماقچى بۇلۇپتۇ. ئاتا–ئانا مېھرىگە تەشنا بۇ سەبىئى يۈرەك تەسەللى تاپالماي،ئىچكىرگە قاراپ سەرگەردانلىق ھاياتىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۆتكەن يىلى ۋۇخەن شەھرىدە يانچۇقچىلىق قىلىۋېتىپ،باشقىلار تەرىپىدىن سول قولىنىڭ پەيلىرى كېسىۋېتىلىپتۇ. گەرچە داۋالاتقان بولسىمۇ سول قولى پەقەت بىر نەرسە كۆتىرەلمەيدىكەن.
بالا مەندىن سورىدى:
–ئاكا سىز ئاتا–ئانىلارنىڭ ئاجىرىشىشغا قانداق قارايسىز؟
–سەن  قانداق قارايسەن؟
–بەلكى ئاتا–ئانىلار ئاجىرىشىش ئىشىنى ئەشۇ مەلۇم ۋاقىتىكى دانا تاللاش دەيدىغاندۇ. لېكىن ئۇلار بالىلىرىنىڭ ھېسىياتىنى ئويلامدىغاندۇ؟ ياكى ئۆزىنىڭ كېيىنكى خۇشال كۈنلىرىنىلا دەپ  ئاجىرىشىدىغانمىدۇ؟ شۇڭا مەندە ھازىر ئادەملەر ئوتتۇرسىدا بولىدىغان مۇھەببەت يوق.مەن تېرىككەك، لېكىن تەڭسىز ئىشلارنى كۆرسەم چىدىيالمايمەن.مېنىڭ قىز دوستۇم تۇرسۇن ھازىر بىرەر ئاغىنەمۇ يوق.مەن ئادەمگە ئىشەنمەيمەن.شۇڭا مەن توي قىلمايمەن ،توي قىلىشتىنمۇ قورقىمەن.شۇ ئىشلارنىڭ مېنىڭ ئۈستىمدە قايتا يۈز بېرىشىدىن قورقىمەن.
  نۇغۇن گەپلەرنى قىلىۋەتىم.مەندىن باشقىسى بولسا چوقۇم يىغلايتتى.مەنمۇ لېكىن ئارانلا قالدىم.مەقسىدىم بىراۋنىڭ سەرگۈزەشتىسىىنى يېيىپ باشقىلارنى يىغلىتىش ئەمەس.مېھرى–مۇھەببەتلىك ياشايلى!

2010-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى نەنچاڭ

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
839

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 16:10:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست، بۇنداق بالىلار مېھرىبانلىققا موھتاج...

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:44:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ . مۇختەر بۇغرانىڭ <مېھىر -مۇھەببەت ئىنسانغا قانات > دىگەن شېئىرى ئېسىمگە كەلدى .

ئۇ تەرەپتە كىم بار ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:21:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى بىر يازغۇچىنىڭ ئاجراشقان ئاتا-ئانىلار ،باللىلىرىنىڭ كەلگۈسىنى دوغا تىككەن قىممارۋازغا ئوخشايدۇ دىگەن ئۈزۈندىسى ئىسىمگە كەلدى بۇ تىمىنى ئوقۇۋېتىپ ، دىمىسىمۇ بالىلارغىلا بولىدۇ ئاتا - ئانىلار ئاجراشسا .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2183

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:47:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇنداق تېمىلارنى ئوقۇسام ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ، ئەجىبا بەش قول ئوخشاشمىدۇ؟
ئەجىبا ئاجراشقانلا ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرى شۇنداق يارامسىزمىدۇ؟ ھەممىسىلا شۇنداق يامان يولغا مېڭىپ كېتەرمۇ؟ ھەممىلا ئۆگەي ئاتا، ئۆگەي ئانىلار شۇنداق رەھىمسىزمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن.
مۇشۇ ئارىمىزدىلا بار،  ئۆگەي ئانىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولۇپ ھازىر مەركەزدىكى بىر مەكتەپتە بىلىم ئېلۋاتىدۇ، بۇ ئۆگەي ئانا بۇ بالىسىغا شۇنچىلىك ئامراقكىن شۇنداق سەۋەپلەر بىلەن بالىدىن ھەپتە خەۋەر كەلمىسە يىغلايدۇ، مانا بۇ رېئال تۇرمۇشتا مەن ئاڭلىغان ھەقىقىي بىر ئىش، شۇ ئاتىمۇ مۇشۇ مۇنبەردە بار.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:06:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانا بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئېغىر-بېسىق بولۇپ ئۆتكەن تۈزۈك. ئاجرىشىپ كەتتىمۇ، ھەممە دەرد بالىغىلا بولىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:44 , Processed in 0.077091 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش