تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كاتتا مەرىكىسى نورۇز يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا «يەتتە قىزلىرىم خانىم - قىزلار تورى» ئىشقا كىرىشتى.
نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ھەممىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىتتا، ئاياللارمۇ ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولماقتا. ئەسلىدە راھەت كۆرۈشكە، ئەرلەرنىڭ پەپىلىشىگە تېگىشلىك ئاياللىرىمىز ئائىلىسىنى – ئۆزى ھەممىدىن بۈيۈك بىلىدىغان ئائىلىسىنى دەپ، يات بىراۋلارنىڭ ئالدىدا ھىجىيىشقا مەجبۇرلانماقتا، ئاللىكىملەرنىڭ ئايىقىدا خار – زەبۇنلۇق پاتقىقىغا پاتماقتا.
بۇ مەسىلە نەدىن كېلىپ چىقتى؟ بىز ئەزەلدىن ئانىلارنى، خانىم – قىزلارنى ئەزىزلەپ كەلگەن مىللەت ئىدۇققۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ئاددىي بىر نەچچە ئېغىز سۆز بىلەن شەرھلەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
بىز چوڭقۇر ئويلاندۇق، زىممىمىزدە خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ ھەققى بار، دەپ ئويلىدۇق. ئۇلارغا مۇڭداش، سىرداش بولۇشنى ئويلىدۇق. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ھەممە ئېلېكترونغا يۈزلەنگەن بۇ دەۋردە، مۇشۇ ئاددىي مۇنبەرنى ئاياللارغا – شۇ ئەزىزلەرگە بېغىشلىدۇق.
ئەلۋەتتە، بىز بۇ مۇنبىرىمىز بىلەن خانىم – قىزلىرىمىز دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز دېمەكچى ئەمەس. خانىم – قىزلىرىمىزغا ئاز – تولا سىرداش بولالىساق، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشالىساق، بىزنىڭ مەقسىتىمىز شۇ ئىدى.
قېنى بۇياققا كېلىڭ، سىردىشايلى!
ھۆرمەت بىلەن: يەتتە قىزلىرىم تورى
2009 – يىلى 3 – ئاينىڭ 20 - كۈنى