يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1307|ئىنكاس: 10

ئاياللار ئۆزى تاپىدىغان كېسەللەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:24:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ئاياللار كېسەلنى ئۆزى تاپىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەھۋاللاردىن ئەندىشە قىلىش بىلەن بىللە، ئىلمىي تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مودا قوغلاش بەدىلىگە ساغلاملىقنى قۇربان قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئورۇقلايمەن دەپ تاپقان كېسەل: ئورۇقلاش يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قىزىق پاراڭ بوپ قالدى، ئەمما ئورۇقلاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن بىئارام بولغان، ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۋاتقانلار ئاز ئەمەس. ئالاقىدار تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئورۇقلاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغاندا، ھەيز توختاش، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، چاچ چۈشۈش، نېرۋا خارەكتىرلىك ئىشتىھاسىزلىق، ئەسەبىيلىشىش، ئاشقازان ساڭگىلاش، جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

لىپتىك تاقاشتىن تاپقان كېسەللەر: لېپتىكنى مۇۋاپىق تاقىسا، كۆكرەكنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەدەن گۈزەللىكىگە پايدىلىق ئىكەن، ئەمما، لېپتىكنى بەك ئۇزاق ۋاقىت تاقىسا، بولۇپمۇ ئۇخلايدىغان چاغدا ئېلىۋەتمىسە، كۆكرەك لىمفاسىنىڭ ئايلىنىشى، قان ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، كۆكرەك كېسەللىكى، ھەتتا كۆكرەك راكىغا گىرىپتار بولۇش پۈرسىتىنى كۆپەيتىدىكەن.

سۈرتۈشتىن تاپقان كېسەل: كۆپلىگەن ئاياللار ئادەتتىكى تازلىق قەغىزىدە چىنە- قاچا، مېۋە- چېۋە ياكى يۈزىنى سۈرتىدۇ، بۇ تازلىققا رىئايە قىلمىغانلىق. چۈنكى كۆپلىگەن تازلىق قەغەزلىرى ئۈزۈل- كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغاچقا، ئۇنىڭدا نۇرغۇن باكتېرىيىلەر ساقلىنىدۇ. ئۇنى ھەرگىز دېزىنفېكسىيە قىلىنغان قول(ياغلىق) سۈرتۈش قەغىزى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر تازلىق قەغىزىدە دائىم يۈزىڭىزنى سۈرتسىڭىز، يۈزىڭىزگە دانىخورەك چىقىشى مۆمكىن.

چېكىشتىن تاپقان كېسەل: بەزى ئاياللار تاماكا چەكسە ئورۇقلايدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ، ئەمەليەتتە، تاماكا چەككەندە ئورۇقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىگە كېسەل تېپىۋېلىشى، ھەتتا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى كۆپەيتىۋېتىشى مۆمكىن.

ئىچىشتىن تاپقان كېسەل: ئىسپىرتنىڭ بەدەندىكى ماينى كۆيدۈرۈش رولى بولغاچقا، بەزى ئاياللار ھاراق ئىچىش ئارقىلىق ماينى چۈشۈرۈپ ئورۇقلاشقا ئۇرىنىدۇ، ئەمما ھاراق ئاشقازان سۇيۇقلىقىنىڭ كۆپ مىقتاردا ئاجىرىلىپ  چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، تەركىبىدە شېكىرى، مېيى يۇقۇرى يىمەكلىكلەر كۆپ يىيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېمىز ئاياللار تېخىمۇ سەمىرىيدۇ.

مەنبە: قىز ئاياللارغا 200 مەسلىھەت نامىلىق كىتاپ

نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مۇنبەرگە ۋاقتىدا كىرەلمىگەنلىكىمنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ بۇ كىتاپتىن، كۈنىگە بىر مەسلىھەت يوللايمەن، گۇناھىمدىن كەچكەيسىلەر!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەمنىڭ بۇ روھىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كۆزلىرىمدىن ياشلار مانا مۇنداق قۇيۇلدى!
ئىشقىلىپ ئورۇقلايمەن دەپ دورا يەپ ئالدى روھى كېسەل، كەينى ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بولغانلاردىن بىر نەچچىسى مېنىڭ يېقىن دوستلىرىم ئىدى، توغرا ئۇسۇلدا يىمەكلىكتىن كونتۇرۇل قىلىش، كۆپ ھەركەت قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلىسا بۇ باشقا، دورا يەپ ئورۇقلىغاننىڭ ئاقىۋېتى زادىلا ياخشى ئەمەس.

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 11:12:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:مەنغۇ ئۆزەمنى سمىزلەر قاتاردا دەپ ئويلايمەن ، ئۇرۇقلاشنى ئويلاپمۇ باقمغان .لىكىن قانداق قىلىپ ئۆتتە تاش پەيدا بولغننى بىلمەيلا قالدىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 11:29:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىچقايسى يوق تۇرۇپمۇ ئاغرەپلا يۈرۈيمەن دىسە

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
116 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:55:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇقلايمەن دەپ ئۆزىگە كېسەل تېپىۋالغان خانىم قىزلىرىمىز ھەقىقەتەن كۆپ .
بىر خوشنام بولىدىغان ،ئۆزى ئوتتۇرا ياشلارغا كىرىپ قالغان چوكان .دېمىسمۇ خېلىلا سەمىرىۋالغان ئىدى .يېقىندىن بۇيان بەك تېز ئورۇقلاشقا باشلىدۇ .«بەك تېز ئورۇقلاپ كېتىۋاتىسىز ،بۇ بىرەر كېسەللىكنىڭ ئالامىتىمۇ ،دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن »دېسەم ، «راست ئورۇقلاپتىمەنمۇ ؟ ۋاي مەن ئورۇقلاش دورىسى يەۋاتىمەن ،ئۈنۈمى بەك تېز كۆرۈلىدىكەن» دەپ خوشال جاۋاب بەردى .راست ئۈنۈمى تېز بولىدىكەن دەپ قالدىم ،كېيىن قارىسام دوختۇرخانىدا يۈرۈيدۇ ،ئەمدى نېمە بولدى ؟ دېسەم ،ماڭالمايۋاتىمەن ،تەكشۈرۈتسەم تېز ئورۇقلاپ كېتىپ  سۆڭەڭ شالاڭلىشىپ كېتىپتۇ ،تىزىمنىڭ لىپەك كاردىن چىققىلىۋېتىپتۇ ،لىپەك ئالماشتۇرمىسام بولمايدىكەن دەيدۇ ،مانا ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىپ قويدۇق ،كېسىلىگە شىپا تېپىپ تېنچ -ئامان قايتىپ كېلەر .
شۇڭا ئورۇقلايمەن دەپ ئېلان قىلغان دورىلارنى قارىغۇلارچە يەۋەرمەسلىك كېرەك ،تەبىئىلىككە نېمە يېتىدۇ دەيسىلەر . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazinin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:56  


كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
8
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:47:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇقلايمەن دەپ قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىق كېرەك . مەن بۇرۇن بەك ئورۇقتىم . داشۆگە بېرىپ سەمرىپ كەتتىم . ئۈرۈمچى مىنى سەمرىتتى .داشۆنى پۈتتۈرۈپ يۇرتۇمغا كىلىپ 1،2 يىلغىچە بۇرۇنقى ئەكسىمگە كەلدىم . ھازىر شۇنداق نورمال . ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا ئورۇقلايمەن دەپ خېلى ئاۋارە بولغانتىم . ھىچقانداق دورا يىمىدىم . لېكىن مىۋە چىۋىلەرنى جىق يىدىم . ياپۇنلۇقلارنى دوراپ ئاچچىقسۇ بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئىلمان قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇپمۇ ئورۇقلىيالمىدىم . نىمە ئورۇقلىتىدۇ دىسە شۇنى يەپ باقتىم . قىسقىسى ئورۇقلىيالمىدىم . ئەڭ ياخشىسى تەبىئى ئورۇقلاشمىكىن دەيمەن . يەنى يىمەك ئىچمەكنى تەڭشەش ......

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 19:16:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەنىم بولسا مەن بۇ غەملەردىن خالى ئىكەنمەن،چۇنكى مىنىڭ بوي تۇرقىم خىلى نورمال،标准 كەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:57:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزاققىچە كىرمىگەنلىك گۇناھىنى يۇيماي بولمايدۇ! يۇيۇش ئۇسۇلى تېما يوللاش!
ھەي قىز-چوكانلار، ئورۇقلايمەن، دەپ ئاۋارە بولماڭلار، بىز ئەرلەر سېمىز بولساڭلارمۇ ياخشى كۆرۈۋېرىمىز! مانداق يېگەن-ئىچكەندەك تۇرۇڭلار!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:16:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سىمىزلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىمەن دەپ ئويلايمەن ، ھەر قىتىم بازارغا چىقىپ كىيىم ئالماقچى بولغاندىلا ئۇرۇقلايمەن دەپ قاتتىق ئىرادە قىلىپ كىلىمەن ،لىكىنزە ھەر قىتىم شۇنداق دەپ ئويىلىغان ۋاقتتىلا ئىشتاھىم شۇنداق ئىچىلىپ كىتىدۇ دە ،بەرگەن ۋەدەمنى ئۇنتۇپ كىتىمەن ، شۇنىڭ بىلەن ئىسل نازۇ-نىمەتلەرنى ھوزۇر بىلەن يەپ كىتىمەن ...شۇڭا مەن ئۇرۇقلاپ بولالمايۋاتىمەن ھەي ھەي ھەي

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
9
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى 15:02:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سېمىزلەر قاتارىغا كىرىمەن بىراق ئورۇقلاشنى ئويلاپ باقمىدىم، مېنڭچە مۇشۇ تۇرقۇممۇ خېلى ئوماق . تېمىڭىزغا رەھمەت!!!!!!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 02:55 , Processed in 0.058712 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش