ئەمدى مەن بۇ تېمىغا بىر، ئىككى جۈملە سۆز قوشمىسام بولمىغىدەك، جۇشىلىق سالاھىتىم بىلەن پۇقرالارنىڭ كەينىدە قالسام بولماس يولداشلار

.
كەمىنە دىلەيسەم ئۇشبۇ مۇنبەرنى بىلگەندىن تارتىپ باشقا مۇنبەرلەرگە بەكلا ئاز كىردىم، كىرمەيدىغان بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى مۇنبەرنىڭ ئىسمىدىنلا بىزنىڭ دۇنيارىمىز، خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ئىللىق ماكانى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، شۇڭا كىرمەسلىككە باھانەم يوق.
يەنە بىر جەھەتتىن مۇنبەردىكى قىزغىنلىق، كىچىك پېئىللىق، مەيلى مەسئۇللار بولسۇن، مەيلى باشقۇرغۇچىلار بولسۇن ۋە مەيلى ئادەتتىكى ئەزالار بولسۇن، كىرگەن ئەزالارنى تولىمۇ قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىگە تارتىدۇ، بەزى بىر مۇنبەرلەرگە كىرسىڭىز مەسئۇللار تۇرماق ئادەتتىكى بىر سەھىپە باشقۇرغۇچىلىرىمۇ‹ خۇش كەپسىز› دەپ قويمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا مۇنبەردىكى يۇمۇرىستىك ئىنكاسلار، نادىر تېمىلار قاتارىغا تىزىلغان ئاشۇ ئېسىل يازمىلارنى بىر ئوقۇغان ئادەم بۇ يەرگە يىپسىز باغلىنىپ قالىدۇ.
ئەمدى يەتتە يىگىتنىڭ مەلۇم بىر تېمىدىكى ئىنكاسى ۋە مەرۋەرىنىڭ بۇ تەكشۈرۈشنامىسىدىن نىمىنى چۈشىنىۋالىمىز؟
ئەڭ ئاۋال مەيلى ئەزا بولسۇن، مەيلى مەسئۇل بولسۇن ئۇلاردا مەسئۇليەت تۇيغۇسى بار ئىكەن، شۇنداق بىر مەۋھۇم دۇنيادىمۇ يەنە مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىشنى ئۇنۇتماپتۇ، دەپ چۈشىنىپ بۇلارغا تەشەككۈرلەر ئېيتماي تۇرالمايمىز ئەلۋەتتە.
ئەمدى يەتتە يىگىت ئىنكاسلىرىدا ئېيتقاندەك مۇنبەر گەرچە بەك ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۋاتقان مۇنبەرلەردىن بولمىسىمۇ، شۇنى ئېتتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز، ئۇ بولسىمۇ، يەتتە قىزلىرىم ھازىرقى بىردىن- بىر خانىم- قىزلار تور بېتى، شۇڭا يۇقۇردا دىگىنىمدەك بۇ بىزنىڭ دۇنيارىمىز، بىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز، ئىللىق ماكننى ۋەيران قىلىشمۇ بىزنىڭ ئىشىمىز، گۈللەندۈرۈشمۇ بىزنىڭ ئىشمىز!
يەتتە يىگىت ئېيتقاندەك سىزگە تېما يوللاش، ھەممىلا تېمىغا ئىنكاس يېزىش شەرت ئەمەسقۇ؟ مەنمۇ تۇنجى قېتىم كىرگەندە ئۆزۈمنىڭ كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئاددى بولسىمۇ تېما سۈپىتىدە يوللاپ، دوستلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما يېقىندىن بۇيان مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن مۇنبەرنى زىيارەت قىلدىم، ئەمما ئىنكاس تېما يازالمىدىم.
ئەمدى مەرۋەرىنىڭ بۇ تېمىسىغا كەلسەك، مەرۋەرى بولسۇن، ياكى ئىنكاس يازغنا باشقا خانىم- قىزلار بولسۇن مەن ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىردىنلا ئائىلىسىنى سۆيىدىغان، مېھرىبان ئانا، ۋاپادار ئايال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. سەۋەپ:
ئۇلار تورغا ئاتا- ئانىسىنى، ئېرىنى، بالا- چاقىلىرىنى، خىزمىتىنى دەپ كىرەلمەپتۇ، توغرا قىپتۇ، شەخسەن مەن قوللايمەن، چۈنكى تور ئۈچۈن ئاتا- ئانىڭىزنى يوقلاپ تۇرمىسىڭىز ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار يېنىڭىزدىن كەتكەندە توردىن ئۇلارنى چۈشۈرەلمەيسىز، ئېرىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پىيالە ئىسسىق تاماق قويماي تورغا چىقىپ ئولتۇرسىڭىز، ئىسسىق تاماق قويىدىغانلاردىن بىرى چىقىپ، بۇ بەختلىك ئائىلىڭىز ۋەيران بولغاندا ئۇنى توردىن ئىزدەپ تاپالمايسىز، ئالدى بىلەن كۆز ئالدىڭىزدىكى بەختنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىڭ!
پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن ياخشى ئانا بولۇڭ، ئەگەر سىز ئەتىدىن كەچكىچە تورنىڭ ئالدىدىن قوپماي ئولتۇرۇپ، بالىلىرىڭىزنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىقى، نىمە يەۋەتقانلىقى بىلەن كارىڭىز بولمىسا كېيىنچە بالىڭىز يامان يولغا مېڭىپ قالغاندا ياخشى بالىنى توردىن تاپقىلى بولمايدۇ، ئىشقىلىپ مەرۋەرىنىڭ خىزمەت ۋە ئائىلىڭىزدىن ئېشىنغاندا، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىڭىزدا كىرىپ تۇرسىڭىز مەن رازى، دېگەن بۇ سۆزى ماڭا بەك ياقتى، مەن قوللايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزلىكىمدىن كۈنىگە بىر يېڭى تېما ۋە ياخشى تېمىلارغا ئىنكاس يېزىشقا ئۆز- ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم، مانا مۇشۇنداق شارائىتى تولۇق، پاكىز، ئادەمگە ھەر جەھەتتىن بىلىم بېرىدىغان بۇ مۇنبەرگە كىرمەي، بۇ مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ چىقارماي نەگە كىرەي.
مەرۋەرى سىز راست ئېيتىپسىز سىزنىڭ دوستلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئېسىل ئىكەن، ئۇلار سىزنىڭ بىر تېمىڭىز بىلەنلا ئەتتىراپىڭىزدا ھازىر بوپتۇ، سىز راستىنلا تەلەيلىك ئىكەنسىز، سىزگە تەكلىپىم سىز بۇ مۇنبەرنى ئاچقان ئىكەنسىز، ئاخىرىغىچە بەل قويۋەتمەڭ، ھەتتا ئۆزىڭىز يالغۇز بىر ئادەم قالغان تەقدىردىمۇ بەل قويۋەتمەڭ، سىز چوقۇم ئۇتۇپ چىقىسىز.
سايە: سىزنىڭ ئاشۇ ئۆزگىچە دۇنيارىڭىزدىكى، ئۆزگىچە نەرسىلەر كىشىنى بەك مەپتۇن قىلىدۇ، مەرۋەرى بىلەن قىسمەتنىڭ سىزگە بولغان ئىشەچىنى يەردە قويماي، شۇ ماكانىڭىزغا قايتىپ كەلسىڭىز، قىزىق- قىزىق گەپلىرىڭىز بىلەن قايتىدىن بىرنىڭ ئارىمىزغا قايتىپ كەلسىڭىز، مۇنبەر سۈرئىتى ئاستىلاپ قالغانتى كىرىمىدىم دېگەن يوق باھانىڭىزنى تۇرپاننىڭ قۇمىغا كۆمىۋېتىڭچۇ

، بىر يىل تور تاقىلىپ ئېچىلغاندىن بۇياقنى تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشى، تور بەتلەرنىڭ تۇرۇپلا ئېچىلماي قېلىشلىرىنى خېلى توغرا چۈشىنىدىغان بولۇپ قالدۇققۇ، ئەجىبا يەتتە قىزلىرىمىزنىڭ قىسقىغىنە بىر مەزگىللىك قىيىنچىلىقى تۈپەيلى سىلەر تېزىپ كەتسەڭلار بولماس دەيمەن

.
خۇلاسە: گەپلىرىم ئىگىز پەس چىقىپ قالغان بولسىمۇ تۈزۈتۈپ ئوقۇپ قۇبۇل قىلغايسىلەر، ئىشقىلىپ مەرۋەرى بۇنچىلىك مەسئۇليەت بىلەن قارىغان ئىكەن بىز قىممەتلىك ۋاقتىمىزدىن ئازراق ئاجىرتىپ، ئازراق كۈچ قوشۇپ قويايلى! يەتتە قىزلىرىمنىڭ گۈللىرى مەڭگۈ پورەلىسۇن!