يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1293|ئىنكاس: 36

تەكشۈرۈشنامە (مەرۋەرى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:38:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى كەمىنە مەرۋەرى مۇنبەر مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇنبەرگە ۋاقتىدا كىرمىگەنلىكىم، ئېسىل نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرمىغانلىقىم، تېمىلارغا ۋاقتىدا جانلىق ئىنكاسلارنى يازمىغانلىقىم،  كونا- يېڭى تورداشلار ۋە جاپاكەش باشقۇرغۇچىلاردىن ۋاقتى- ۋاقتىدا ھال سوراپ تۇرمىغانلىقىم سەۋەپلىك  يېقىندىن بۇيانقى مۇنبەردە يازما سانى تۆۋەنلەپ كېتىش، مۇنبەر قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىم ئۈچۈن بارلىق دوستلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن!
پېقىر يەتتە قىزلىرىم ئىشخانىسىنىڭ ھەر- قانداق جازاسىغا تەييارمەن!
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، چاقچاقنىمۇ قىلدىم، ھەقىقەتەن يېقىندىن بۇيان ئۆزۈم مۇنبەردە تازا بولالمىدىم، بۇنىڭ سەۋەبى:
بىر پەرزەنت بولۇش،  ئايال ۋە ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەڭ ئاۋال ئاتا- ئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى، يولدۇشۇمنىڭ خىزمىتىنى يېقىندىن قوللاپ ئۇنىڭغا ۋاقتىدا ئىسسىق بىر قاچا تاماق ئېتىپ ئالدىغا قويۇشنى، مېنىڭ مېھرىمگە تەشنا شۇ بالىلىرىمغا ئانىلىق بۇرچۇمنى ۋە مەسئۇليىتىمنى ئادا قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، شۇلاردىن ئېشىنغاندا مۇنبەرگە كىردىم، كىرگەن بىلەن بەزىدە چارچاپ كەتكەنلىكىمدىن، بەزىدە كەيپىمنىڭ جايىدا بولماسلىق سەۋەبىدىن تازا ياخشى تېما ئېسىل ئىنكاسلار مەندىن چىقمىدى، ئۆزۈمنى شۇنچە زورلاپ باققان بولساممۇ، ئەمما شۇنداق ياخشى تېمىلارغىمۇ كاللامدا تۈزۈك بىر ئىنكاس يوق، ئاخىرى مۇشۇ مۇنبەر مەسئۇلى دېگەن قالپىقىمنىڭ كۈچى بىلەن ئاددىي بولسىمۇ يېڭى ئەزالارنى قارشى ئېلىپ، كونا ئەزالارنىڭ قايتا كىرگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىپ دېگەندەك ئىنكاسلارنى يېزىپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن كۈنلىرىم بار.
بىر چاغلاردا مەنمۇ خېلى بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قوياتتىم، گەرچە كەسپىي يازغۇچىلاردەك پاساھەتلىك سۆزلەرنى، ئېسىل تەسۋىرلەرنى ئىشلىتىپ، پاھھھ، ئاھھھ، دەپ ھەيران قالغىدەك بىر نەرسە يازمىساممۇ،  ئەمما ھەر ھالدا، كۆڭلۈمدىكى خۇشھاللىقلارنى، خاپىلىقلارنى، ئازاپلارنى خېلى جايىدا يېزىپ قوياتتىم، ئەمما بۇ ئىلھام دىگەنمۇ كېلە دىسىلا كېلىدىغان، كېتە دېسە كېتىدىغان نەرسە ئەمەسكەن، بەزىدە تازا قازان بېشىدا ئالدىراش تاماق قىلۋاتسام كاللامغا شۇنداق ئېسىل تېمىلار، تەپەككۈرلەر كېلىۋالىدۇ، پالاق- پۇلۇق تاماقنى ئېتىپ يەپ، كومپيۇتېرنى ئاچسام بىرىمۇ يوق. شۇ سەۋەپلىكمۇ يېقىندىن بېرى مۇنبەردە تۈزەك بىرەر نەرسە يازالمىدىم، تەرجىمە دېگەنگە نۆللا بوپتىمەن ھازىر.
ئۆزۈممۇ كۆرۈپ تۇرۇۋاتمىەن، بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، ھېس قىلۋىاتىمەن، مۇنبەرنىڭ بۇرۇنقى قىزغىن كەيپىياتى ھازىر يوق، بۇنىڭدىكى سەۋەپ نۇرغۇن، بۇنىڭ ئىچىدە تىلغا ئېلىشقا بولىدىغان ئەڭ ئاددى سەۋەپلەر:
نۇرغۇن ئالىي باشقۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىلا ماڭا ئوخشاش بىر ئائلە زىممىسىگە يۈكلەنگەن، بىر-ئىككىدىن بالىسى بار، بەزىلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىمتىھان بېرىۋاتقان ھالىقىلىق ۋاقتى، بەزىلىرىنىڭ بالىلىرى كىچىك. شۇ سەۋەپلىك دېگەن ۋاقىتتا مۇنبەرگە كىرەلمەيۋاتىدۇ، مەن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلاردىن رەنجىشكە ھەققىم يوق ئەلۋەتتە، چۈنكى مۇنبەر بىر كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، پىكىرلىشىدىغان بىلىم ماكانى، بىلگەن بىلىدىغاننى سۆزلەيدىغان، بىلمەيدىغان سورايدىغان ئەركىن پىكىر مەيدانى، شۇڭلاشقا مەن بۇرۇنمۇ دېگەن، ھازىرمۇ دەيمەن: مەيلى كونا ئەزالار بولسۇن، يېڭى ئەزالاربولسۇن، مەيلى باشقۇرغۇچى بولسۇن ياكى ئاددىي ئەزا بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ خىزمەت، ئائىلىدىن ئېشىنغان ئارام ئېلىش ۋاقىتىڭىزدىن ئازغىنە ۋاقىت چىقىرىپ  مۇنبەرگە بىر كىشلىك ھەسسە قوشسىڭىز مەن رازى.
ئۇنىڭدىن باشقا تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش، مۇنبىرىمىزنىڭ يەنە بىر مەسئۇلى جۇلالىق خانىم ئوقۇش تۈپەيلى بىر مەزگىل تورغا بۇرۇنقىدەك چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇ سەۋەپلىك جۇلالىقنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدۇق. ئايقىز ھەدەمنىڭ قوشماقلىرىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئائىلىسىدىكى بەزەن ئىشلار تۈپەيلى تورغا كۆپ چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ ھەدىمىزنىڭ پىكرىگىمۇ قوشۇلدۇق، قەھۋە خانقىزنىڭ بالىسى كىچىك، خىزمەت ئورۇندىكى يۈك ئېغىر سەۋەپلىك بۇرۇنقىدەك كۆپ كىرەلمەيۋاتىدۇ، بۇنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما باشقا ئالىي باشقۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا مۇنبەرگە كىرىپ تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئەركمان، نەۋرۇزە، ئايدار، كەتمەنباي، تىنچ تۇرمۇش، تامچە........قاتارلىق تىنماي يېڭى ئىجادىي تېمىلارنى مۇنبەرگە سۇنۇۋاتقان دوستلىرىمىزغىمۇ ئايرىم رەھمىتىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز. (ئىسمى قېلىپ قالغانلارنىڭ رەنجىپ قالماسلىقىنى سورايمەن)
يەتتە يىگىتنىڭ بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسنى ئوقۇپ بۇ تېمىنى يازغۇم كەلدى، يەتتە يىگىتكە رەھمەت، سىزنىڭ مۇنبەر ئۈچۈن ئەتراپلىق ئويلاپ بەرگەن بۇ ئېسىل پىكرىڭىز مېنى ئويغاتتى.
ئەگەر راستىنلا يەتتە يىگىت ئېيتقاندەك مۇنبەردىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي كىرگۈسى كەلمەيۋاتقان دوستلار بولسا، سەۋەپ نىمە؟- مۇنبەر سەۋەپلىكمۇ، ياكى مەلۇم بىر ئەزا سەۋەپلىكمۇ؟
مېنىڭمۇ بىر ئىككى يېقى ئۆتىدىغان دوستۇم بار، بىر كۈن كۆرۈشمىسەك تېلىفۇن ئۇرۇشۇپ نەدە سەن دەيدىغان، ئىككى كۆرۈشمىسەك ئۆيلىرىمىزگە ئىزدىشىپ كېلىدىغان، ئۇ دوستلىرىم بىلەن چ چ دا كۆرۈشۈپ تۇرىمەن، باشقا مۇنبەرگە كىرىدۇ، بۇ يەرگە كىرمەيدۇ، سەۋەبى ئۇلار بۇ يەردە ئۆزلىرىنى ئەركىن ھېس قىلالمايدىكەن، ئۆزلىرى ئۇزۇندىن بېرى كىرىۋاتقان شۇ مۇنبەرگە كۆنۈپ قاپتۇ، مانا شۇنىڭدەك نۇرغۇن دوستلار باشقىلارنى تەۋسىيەسى بىلەن مۇنبەرگە كىرىدۇ، بىرەر تېما ياكى ئىنكاسنى يوللاپ قويۇپلا يوقاپ كېتىدۇ، سەۋەبى بەلكىم مېنىڭ دوستلىرىم بىلەن ئوخشاشتۇ ياكى باشقا سەۋەپ باردۇ، ياكى مۇنبىرىمىز تازا مۇكەممەل، تېمىلىرىمىز سەرخىل ئەمەستۇ....... ئىشقىلىپ نېمىلا بولسۇن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلى.
بۈگۈن تۇيۇقسىز بۇ تېمىنى يېزىشتا باشقىچە مەقسەت يوق، پەقەت مۇنبەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى توغرىلىق ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، باشقا دوستلارنىڭمۇ ئويلىغانلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!






Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:48:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇسبەت سەۋەبىدىن تورغا جىق كىرەلمىدىم. ئەمدى ھەممە ئىشلار جايىغا چۈشتى.  يەتتە قىز چۆچىكىنى باشلاشنى ئويلاۋاتىمەن.
مەن نۇرغۇن ئەسەرلىرىمنى تورغا بەرگەن. ئەمدىمۇ توردا ئەسەرلىرىمنى ئېلان قىلىشقا تىرىشىمەن. يەتتە قىز مۇنبىرىگە ئاياللار توغرىسىدا جىق نەرسىلەر يازغۇم بار. ئەمما مەن 70 كۈندەك يىغا-زارە، بىئاراملىق ئىچىدە ئۆتتۈم. يەنە بىر مەزگىل ئۆزۈمنى تەڭشىۋالسام، خىزمەت-پىزمەتنى ئوڭشىۋالسام ئاندىن يەتتە قىزدا قاينايمەن.
بۇ مېنىڭ تەكشۈرۈشنامەم.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:39:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرىگە شەخسىي نامىمدىن مۇنداق ئىككى تۈرلۈك «جازا» بېرىمەن:

(1) بىر ھەپتە سىياسىي ئۆگىنىش قىلسۇن. سىياسىي ئۆگىنىشتە «قانداق قىلغاندا ئائىلە ئىشلىرى تۈگىمەيۋاتسىمۇ، بالىلىرىنى، خوجىسىنى ۋە ئاتا-ئانىسىنى رەنجىتمەستىن، مۇنبەر ئۈچۈن كۈندە بىر سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە ۋاقىت ئاجراتقىلى بولىدۇ؟» دىگەن مەسىلە تۈپتىن ھەل قىلىنسۇن؟
(2) سىياسىي ئۆگىنىش قىلىۋاتقان مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە، مۇنبەرگە زورلاپ كىرىپ، كۈندە بىردىن تىما، بەشتىن ئىنكاس يازسۇن. تىما ۋە ئىنكاسنىڭ سۈپىتىگە ئۆزىنىڭ ئىنساپ-دىيانىتى نازارەتچىلىك قىلسۇن؟
(3) ھەر كۈنلۈك سىياسىي ئۆگىنىشتىن ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرسۇن ۋە كۈندە مۇشۇ تىمىنىڭ ئىنكاس قەۋىتىگە يوللاپ تۇرسۇن؟

بىردىنبىر ئاگاھلاندۇرۇش: سىياسىي ئۆگىنىشتىن زىرىكىشكە، تىرىكىشكە بولمايدۇ؟

«ھەيۋەم»نى تۆت ھارۋا تارتالامدۇ-قانداق؟
ھازىرغۇ بىرسى دەرتمەننىڭ، يەنە بىرسى كەتمەننىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان «باشلىق»لارنى تاپماق تەس؟

باھا سۆز

sarsan@axik  مەن قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:21:52

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 23:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ketmenbay يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:39
مەرۋەرىگە شەخسىي نامىمدىن مۇنداق ئىككى تۈرلۈك «جازا»  ...

بولىدۇ، قۇبۇل قىلدىم!
ئەتىدىن باشلاي ئەمسە

Rank: 4

توردا
208 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
724
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 23:21:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ كۆزۈمدىن  كەيپىياتىمدىن  سەل چاتاق چىقىپ  ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە كومپىيۇتىرىمنى كۆپ ئاچمىدىم خىزمىتىم كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدىلام بولسىمۇ خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىرسىنى يىتەكلەپ بولالماي يېڭى كەلگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا بەتنى شۇنداقلا ئىچىپ قويسا مىلىيىپ چاقىدىغاندىن بىر 2 سى پەيدا بولۇپ قالدىچۇ ```

شەنبە يەكشەنبە بۇ تويلارنىڭ جىقلىقى ساۋاقداشلارنىڭ

بۈگۈن بىر كۈن  كەتمەن چىپىپ  كەلدىم دېھقان بولۇپ  ئاچامنىڭ كېۋەزلىرىنىڭ ئوتلىرىنى چىپىشىپ بىرىپ قوللىرىم ئاغىرىپ   ئەتە توي `

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى  سىز كىرمىگەندىن كېيىن كىرمىدىم  دەپ تۇرۋالسام ھە   

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
141

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 00:24:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن بۇرۇن كىرگەن مۇنبەرلەرنىڭ ئىچىدە ئەينى يىللاردىكى مۇنبەرلەرنىڭ سەركىسى بولغان " شىنجاڭ لىنىيەسى " مۇنبىرى مېنىڭ مۇنبەر ئاتلىق تور پائالىيىتىنى تونۇشۇمغا،شۇنداقلا ئۈشبۇ مۇنبەردىكى نۇرغۇن كونا تورداشلىرىم بىلەن دوست بولۇشۇمغا سەۋەپ بولغان.
شۇنداقلا ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ئەسلىمىلەر.كۆپلىگەن ئىقدىدارلىق تور خۇمار دوستلارنىڭ نۇرغۇن ئېسىل يازمىللىرى پۈتۈلگەن ئىدى.
ھەممە تورداش دىگۈدەك بىر-بىرى بىلەن يېقىن ئۆتەتتى.يوللىغان ھەرقانداق تېمىغا قىزغىن بولاتتى.چاقچاقلاشقۇدەك تېما بولسا تازا كۈلىشەتتى...
ئەمدىكى گەپ " يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى " نىڭ راۋاجلىنىشى :
راۋاجلىنىشى دىسەم،مۇنبەرنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇپ قانداقتۇر بىر نۇقتا ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ،پۈتۈن تورچىلارنى يىغىش دىگەنلىك ئەمەس.مۇنبەردىكى ئەزا سانى مېنىڭچە مۇھىم ئەمەس.مۇھىمى شۇ ئەزالارنىڭ مۇنبەرگە بولغان كۆيۈمى ۋە مۇنبەرگە قوشىدىغان ھەسسىسى.مۇنبەر مەيلى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بىلىپ-يېتىشىگە مۇيەسسەر بولمىسىمۇ،ھازىرقى مۇنبەرگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان تورداشلار بىر-بىرىمىزنىڭ بىلگەن-ئەتگەنلىرىمىزنى،ئاڭلىغان-ھېس قىلغانلىرىمىزنى ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا مۇنبەرگە قوندۇرۇپ ئورتاق پىكىرلەشسەك.مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمەت-ئىززىتى كۈچىيىپ،مۇنبەرنىڭ مۇتلەق بىجىرىم بولۇشىدا شەك يوق.تېما-ئىنكاسلاردا بىر-بىرىمىزنىڭ زىتىغا تېگىپ چېقىۋالىدىغان ئىشلار بىزنىڭ مۇنبەردە يوق دەپ قارايمەن.پەقەت بەزىبىر ئىنكاسلارنى ئىككى تەرەپ تازا چۈشىنەلمىگەچكە،ئۆزىگە قوبۇل قىلالماي قىسقا مۇددەتلىك قىززىققانلىق بار..
ئۇنداق ئىشلارنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.ئادەم بار يەردە سۈركىلىش مەۋجۈت بوپ تۇرىدۇ.نۇرغۇن قوي-كالىلارنى بىر قوتانغا سولاپ قويسىمۇ بىر-بىرىگە ئۈسسۈشۈپ باقىدىغۇ.ھەممە ئىش ئۆزىمىزگە باغلىق.بۇ يەردە ھېچكىم ھېچنىم قىلالمايدۇ.ئۆزىمىزنىڭ ئەتىۋارىنى ئۆزىمىز قىلمىساق باشقا بىرى بىزنى يۆلىمەيدۇ.
دىمەك ھەممەيلەن بىرلىكتە مۇنبەرنىڭ گۈزەللىكى،ئامانلىقى ئۈچۈن ئازراق كۆيۈنۈپ قوللاپ قويساق.تاما-تاما كۆل بولار دىگەندەك ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدىكىدەك مۇنبەر بولىدۇ...

مەرۋەرىنىڭ تەكشۈرۈشنامىسىغا نىسپەتەن دەيدىغىنىم. يۇقۇرىدا ئۆزىنىڭ دىگەن بويىچە بولغاندا تەنقىت-تەربىيە بېرىش مۇمكىن ئەمەس.لېكىن مۇنبەر مەسئۇلى بولۇش سالاھىتى بويىچە ئېيتقانداق ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرنى نازارەت قىلىپ تۇرىشى كېرەك.
قالغان ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى يەنىلا ئۆزىنىڭ قولىدا.قانداق قىلغاندا ياخشى قىلغىلى بولىدۇ ئۇنىمۇ ئۆزى بىلىدۇ ...
*****
تامام : 2011\7\3 ' كەچ ' سائەت : 17 : 12





Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 00:27:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ دوستانە  پىكىرىڭىزنىمۇ قۇبۇل قىلىمەن، يەتتە يىگىت!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
141

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 00:46:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئىككى ئېغىز گېپىم قاپتۇ.كىرەلمەيۋاتقان ھەم كىرمەيۋاتقان باشقۇرغۇچى ۋە باشقا ئالاھىدە ئەزلار خېلى كۆپكەن.مەن ئالدىدا دىگەندەك ھەركىم ئۆز خاسلىقىنى ئۆزى بىلىدۇ.مۇنبەردە قايسى سەھىپىنى ياقتۇرسا شۇنۇڭغا ئۆز تېمىللىرىنى قوندۇرغاچ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىدۇ.
بىر سەھىپىگە باشقۇرغۇچى بولغانىكەن.چوقۇم باشقا تورداشلارنىڭ كۆڭلىنى ئالالىغىدەك،باشقىلارنى ھەقىقى قايىل قىلالىغىدەك تېمىلارنى يوللاپ شۇ سەھىپىگە باشقۇرغۇچى بولغۇدەك تالانتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
مەقسەت :
مۇنبەردىكى ئىككى ئەزانىڭ بۇندىن كىيىنكى قەلەملىرىنىڭ ۋاقىت چىقارغان ئاساستا توختاپ قالماسلىقى ھەمدە شۇ سەھىپىگە باش بولالايدۇ دىگەنلەرنى ئويلىغان ئاساستا مۇنبەر مەسئۇللىرىنىڭ ئويلىشىپ كۆرۈپ قارار چىقىرىشىنى سورايمەن.
مەن يەنىلا شۇ كۆڭۈل-خۇشلۇقى سەھىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسام. « كۆڭۈلدىكى سۆز » سەھىپىسىگە ھەقىقى ماس كېلىدىغان [ nawriza  بىلەن peacelife212 ] تەخەللۇستىكى ئىككى تورداشنى شۇ سەھىپىنىڭ سەركەردىسى بولسا دىگەن ئۈمۈتتە.بۇ ئىككى تورداشنىڭ تېمىللىرىنى ئۈزمەي كۆرىمەن.ھەقىقى ئىجادىيەتلىرىدىن سۆيۈنىمەن.بىرسى تەكلىپلىك ئەزا بولسىمۇ يەنىلا شۇ سەھىپىگە باش قىلىپ تەيىنلىسەك دىگەن ئۈمۈتتىمەن..
مۇنبەردە ھەرخىل باشقۇرغۇچى ۋە باشقا نامدىكى ئالاھىدە ئەزالار بىرقەدەر كۆپكەن.بىرەقۇر تەڭشەپ قويساڭلارمۇ بولغۇدەك يەرگە كەپتۇ.

Rank: 1

توردا
12 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 00:51:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە، خىزمەت ، پەرزەنت مېنىمۇ بۇ تور دۇنياسىدىن يىراقلاشتۇرماقتا . نەچچە يىللىق تورغا كىرىشتىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ،  ئۆزىمىزگە مۇھىم بولغىنىنى تاماملاپ ئېشىنچە ۋاقىتتا تورغا كىرگىنىمىز ئەۋزەلكەن. يەتتە قىزلىرىمدا ئىزلىرىم قالمىسىمۇ كۈندە  زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇمىدىم لېكىن يېڭىلىقلار  ئاز . مۇنبەر خاسلىقىدىن سەل يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك   ، يېڭى تېمىلار ئۈزۈلۈپ قېلىۋاتقاندەك ، كۆچۈرۈلمە تېمىلار كۆپەيگەندەك ھېس قىلىپ قالدىم . ھەممە مەسئۇلىيەتنى مۇنبەر مەسئۇلىغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە . مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا غوللۇق ، ئىقتىدارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ  كۈچ چىقىرىشى ، مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغىمۇ باغلىق .  قىز-ئاياللارنىڭ نەق يۈرىكىدىكى گەپلەرنى يازالماسلىقى ، مۇنبەردىكى مەزمۇنلاردىن  ئىلھام -مەدەتلەرگە ئېرىشەلمەسلىكى، تۇرمۇشتا يولۇققان  ھەر خىل بېسىملىرىنى ، ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى جۈرئەتلىك ئوتتۇرىغا قويالماسلىقىدەك ..... ئەھۋاللار  مەۋجۇتتەكلا بىلىنىدۇ ماڭا ... ( ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەندىمەن بەلكىم )
  مېنىڭمۇ  مۇنبەرگە بىر نەرسىلەرنى يازغۇم كېلىدۇ ... بالام كىچىك ، تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى، خىزمەت  بېسىمى مېنىمۇ چارچاتماقتا ...... (بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر -ھە ؟ )
   ئاھۇنىڭ شېئىرلىرىنى  ، ئايدارنىڭ تۇرمۇش ، چىنلىق پۇراپ تۇرىدىغان ھېكايىلىرىنى سېغىندۇق ( يەنە باشقىلارنىڭمۇ بار )

      

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 01:26:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندىلىك خاتىرە دىگەن تىمىدەك كۈندە بىر يوقلىما قىلڭە ئەزالارنى

باھا سۆز

sarsan@axik  بۇ مەكتەپ بولمىسا  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:26:34
بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 06:21 , Processed in 0.053930 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش