يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 672|ئىنكاس: 6

تۇخۇمدىكى ھەقىقەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:50:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇخۇمدىكى ھەقىقەت


باغ سەيلىسى قىزىغان مەزگىلدە بىرنەچچىمىز يىراق سەھرادىكى يىراق تۇققىنىمىزنىڭ ئۈيىدە مىھمان بولدۇق،تاماق تەييار بولغىچە مىھماندۇست تۇققىنىمىز بىر تەخسە پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئېلىپ چىقىپ دەستۇرخانغا قويدى.
بىز تۇخۇمغا ئېغىز تىگىپ تۇرۇپلا بىر دۇستىمىزنىڭ جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتقانلىقىنى كۈرۈپ ھەيران قالدۇق،شۇنچە زورلىساقمۇ تۇخۇمغا قاراپ بارغانسىرى مۇڭلانماقتا ئىدى. . .
تاماق يېيىلىپ قايتىش يۇلىدا بايامقى ئىش سەۋەبى مىنى ئۇنۇڭدىن سۇراشقا مەجبۇر قىلدى، ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتىۋىتىپ تۇۋەندىكى ئىشلارنى سۈزلەپ بەردى:
يالغۇز ئوغۇل بۇلغاچقىمىكىن سەل شۇخ چۇڭ بۇلۇپ جاھاننىڭ رەپدارىنى چۈشەنگەن چېغىمدا قىز چۇكانلارنى كولدۇرلىتىپ ئويناشنى ئاجايىپ خۇشاللىق ئىش دەپ بىلەتتىم ، شۇ سەۋەپ ئارلاشقان قىزلارمۇ كۆپ ئىدى،يىگىتلىكتىن توي قىلىش يېشىغا قەدەم قويغاندا ئۆيدىكىلەرنىڭ زورى بىلەن مەلىمىزدىكى ئەڭ چىرايلىق قىزغا ئۆيلىنىپ ھاياتنىڭ تاتلىق مىنىۇتلىرىنى ئۆتكۈزىشكە باشلىدىم ، ئەپسۇس كۈنۈپ كەتكەن ئەسكى خۇيۇمنى يەنىلا تاشلىيالمىدىم،باشقا قىز چوكانلارنى كۆرسەم شامدەك ئىرىپ كىتەتتىم ، بۇ ئىشلىرىم مەلىمىزگە تېزلا يېيىلىپ كەتتى ، بۇ ئىشلار رەھمەتلىك قېينى ئاپامنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكەن چېغى بىر كۈنى ھەممىمىزنى مىھمانغا چاقىردى،دەستۇرخانغا ئولتۇرغان ۋاقىتتا رەڭگا -رەڭ بۇيالغان بىر تەخسە تۇخۇمنى ئەلدىمغا قويدى.
تۇخۇملار شۇنداق چىرايلىق رەڭلەردە بۇيالغان بۇلۇپ ھەرقانداق ئادەمنىڭ نەپسىنى تاقىلدىتاتتى،قېينى ئاپام ماڭا بىر تەرەپتىن چاي تۇتسا بىر تەرەپتىن تۇخۇمغا زورلايىتتى ، بىرنەچچە تۇخۇم يىيلىپ بولغاندا تۇيۇقسىز ئاغزىم ئىتتىكلىك قىلىپ سۇراپ ساپتىمەن ، بۇ سۇئالنىڭ مىنىڭ ھاياتىمنى ئۈزگەرتىۋىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن:
-ئاپا نىمىشقا بۇ تۇخۇملارنى ھەر خىل رەڭدە بۇياپ قويدىلا؟ ئاۋارە بولمىسىلىمۇ بۇلاتتىغۇ؟
-بالام سىلى يىگەن تۇخۇملارنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولغان بىلەن ھەممىسىنىڭ ئىچىدىكى ھەممە قىسىملىرى ھەتتا تەمىمۇ ئوپمۇ -ئوخشاش ، قىز -ئاياللار خۇددى سىلى يىگەن تۇخۇمغا ئوخشايدۇ،مەيلى قانچىلىك كۆزنى چاقناتسۇن ھەممىسىنىڭ تەبىئىتى ئوخشاش ،سىلىگە ۋاپادار ئايال بۇلۇپ ئۆز بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلسىلا شۇ كۇپايە. . .
چوڭ ئۆيدىن قانداق چىققانلىقىم ئىسىمدە يوق، ئەمما قېينى ئاپامنىڭ دىگەن سۈزى يىلدىن بېرى ھەر ۋاقىت ئىسىمدە ، رەھمىتى بىرنەچچە يىلدىن كىيىن ئو دۇنياغا كىتىپ قالدى، ماڭا ئەڭ ئاددى لىكىن ۋەزنى ئالەمچە ئېغىر بىر ھەقىقەتنى يەنى بايام سۈزلىگەن تۇخۇمدىكى ھەقىقەتنى قالدۇرۇپ كەتتى ، شۇندىن بېرى مىنىڭ ئادەمدەك ياشىغان كۈنۈم قايتىدىن باشلاندى،ئەزەلدىن سىرىتقا قاراپ باقمىدىم،قۇرساق تۇق،كۆڭىل خوش ، ئالتۇندەك ئوغۇللىرىم بار ، قايسى كۈنى ئەيدىز ھەققىدە خەۋەر تارقىلىپتى مىنىڭ خىيالىمغا كەلمىدى ، چۈنكى مەن تۇخۇمدىكى ھەقىقەتنى ئوبدان بىلىمەن،بۇ ھەقىقەتنى باشقىلارمۇ بىلسىدى، مەندەك يۇرەكلىك ياشىغان بۇلاتتى، بولسا باشقىلارمۇ بىلسۇن ، ئەمما مەندەك تۇخۇم يىيەلمەس بۇلۇپ قالمىسۇن، تۇخۇم پايدىلىق نەرسە ،ئۇزۇقلۇق تەركىۋى يۇقۇرى لىكىن قانداق ئىشكى مەن تۇخۇمنى ھازىرغىچە يىيىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن، ئوغۇللۇرۇم كە يەتكەندە تۇخۇمدىكى ھەقىقەتنى ئولارغا سۆزلەپ بىرىمەن ، ھەقىقەت نۇرلۇق بۇلۇدۇ دەيدىكەن ، بۇ نۇرنىڭ ئولارنىڭ دىلىنى يۇرۇتىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
مەنبە : گۈزىنە تورى


بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:15:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىللىق ئانىكەن، ۋاقىراپ- جاقىراپ ئۆزىنى ئۇپىراتماستىنلا ناھايتى ئېسىل بىر تەرەپ قىپتۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:49:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىم ! ئوخشاش شۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:15:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەقىللىقكەن  

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ دە ئەمەليەتتە ئوخشاش ، شۇنى ھېس قىلالىدىغاندىن كېيىن ئۇ ئەرمۇ بەكلا يامان ئەرلەردىن ئەمەسكەنمۇ دەيمەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى 09:22:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ھەقىقەتنى ئوقۇغانمەن.
داۋىنىچ رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەندە ئۇستازى ئۇنى تۇخۇم سىزىشقا بۇيرۇغان، ئۇ باشتا بىر يۇمىلاقنى سىزىپلا بولدى قىلغان، لېكىن ئۇستازى ھەر بىر تۇخۇمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېپىپ چىققۇچە سىزغىن دەپ بۇيرۇغاندا ئۇ تۇخۇمنى كۆرسە ھۆ بولغۇدەك سىزىپ ئاخىرى دۇنيادا ئۇخشاش تۇخۇمنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلغان. شۇندىن كېيىن داۋىنىچ رەسمىي رەسىم سىزىشقا كىرىشكەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:34:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگەرگىنى ئۇنىڭ ئەڭ زور ئۇتۇقى بوپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:41 , Processed in 0.049638 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش