رەنجىمەيمەن
رەنجىمەيمەن تونۇشلار، ناتونۇشلاردىن،
نەزەرىڭلارغا قانداق ئىلىنسام ئىلىنغاندىمەن .
چۈشكۈن بولمايمەن تۆۋەن كۆرسەڭلا ،
كۆرسىتىمەن بىر كۈنلەردە ئەتىۋارىمنى .
رەنجىمەيمەن ئالداشلارغا ،زەربەڭلارغا،
ساپ قەلبىمنى بۇلغىمايمەن گۇمانلار سېزىپ.
نىيتىمنى ئىمكان بارچە دۇرۇس تۇتۇمەن ،
ئارتۇق كەتسە گەپلىرىڭلار ئېغىر ئالمايمەن.
رەنىجىمەيمەن ئۆچمەنلكىڭلارغا،بوزەك قىلىشلارغا،
خۇش كۆرمىسەڭلار چاپلاشمايمەن سىلەر يېنىڭغا .
ئازاپلىنىپ ئاۋارە بولمايمەن بۇنىڭدىن كېيىن ،
ئۆزۈم يالغۇز ئۇنتاي دەيمەن قىلغانلارغىلا .
رەنجىمەيمەن دوستلار،قېرنىداشلاردىن،
تەمەخورلۇقنى يۈرەكتىن ئېيتمايمەن .
سىلەرنىمۇ مېھىر-مۇھەببەتتىن كۈيلەپ،
ئازار بېرىپ ،ئاۋارە قىلمايمەن.
رەنجىمەيمەن دۇنيا، زامانلاردىن ،
سىلەر ئۈچۈن نەپسىمنى ئۆچۈردۈم .
شەخسىيەتچى مال-بىسات بايلىقلىرىمنى،
قۇچاق- قۇچاق ئېلىپ چېچىپ ئاتايمەن .
رەنجىمەيمەن ئۆزۈمدىنمۇ ھەم ،
رەنجىشلەرگە خاتىمە بەردىم مەن.
ئەپسۇسلانمايمەن بۇ قېتىم ئويلىرىمدىن،
دۇنيادا ياشىسام سىقىلماي ياشايمەن .
رەنجىمەيمەن ئاپام دادامدىن ،
چۈشەنمەستەك بولساڭلار قەلبىمنى گەر .
چارچىساڭلار جاپا كۆرۈنمەي كۆزلىرىڭلارغا.
ئۇلۇغلار ئارسىدىن دەپ سۆيەرمەن.
رەنجىمەيمەن ئۇلۇغ ئىگەمدنمۇ ھەم ،
ياراتتىڭ نېمىشقا ؟قيلاندىمغۇمەن.
سېنىڭ ئۈچۈن ھايات باشلايمەن،
مەڭگۈ ،مەڭگۈ ساڭا ھاجەتمەن.
چۈشەنسەڭلار، بىلسەڭلار مېنى،
رەنجىش ئۈچۈن ئەمەس مەن ئەمدى.
سۆيسەڭلار، بىلسەڭلار مېنى،
ئۆزەڭلاردەڭ ئويلىماڭلار بەس ئەمدى.
( يىغىق ) دەستارگۈل

سۆيگىنىڭلارنى بىلدىم مەن سۆيۈملۈكلىرىم،
قەلبىڭلارنى يېشىپ راھەت بېغىشلالمىدىم .
مەن بىر ئاجىزە ئامالىم شۇنچە .
قولۇمدىن كەلسىلا جانىم ھەم سەنگە .
بۇرۇن ئۆتكەن سەۋەنلىكلەردىن ،
گۇناھلاردىن ئۆزرە تىلەيمەن.
ئۆزگىرىدۇ ھەممە دۇنيادا ،
خۇدانىڭ بىر ئاجىز بەندىسى.
2011.5.5
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dastargul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:54