مۇشۇ مۇنبەرگە پەيتىنى تېپىپلا كىرىمەن دېسە مەن. كىرىپلا بۇ تېمىغا ئۈلگۈرۈپتىمەن. ناخشىلار بىر-بىرىدىن ئېسىل، ئادەمگە بۇرۇننى، بۇرۇنقى كىشىلەرنى...ئەسلىتىپ دېگەندەك. يەتتە يىگىت ھەقىقەتەن ئېسىل، قۇلاققا ياقىدىغان ناخشىلارنى تېپىپ يوللايدۇ مۇنبەرگە. ئەمگەك قىلغان كىشى ھامان نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.
ناخشىلارنى بىر باشتىن ئاڭلاپ، خىيالغا، ئەسلەشكە چۈشۈپ كېتىپتىمەن. مۇرات ناسىروۋنىڭ ناخشىللىرىنى ئاڭلاپ، «زىمىستان قىشتىكى چۈش» نى ئەسلەپ قالدىم، يەنە خوتەن گۈزىلىمۇ بار، ئۇمۇ ئالامەت ئېيتقان بۇ ناخشىنى، شۇ زامانلاردا بەك مودا بولغان. شاكىرەمۇ ئادەمنى بەك مەھلىيا قىلىدۇ، ناخشىللىرى ئاندىن ياۋايى، بەدىنى بەكرەك ناخشا ئېيتىدۇ ئۇنىڭ.

دېسكو چولپىنى بولسا مېنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چولپىنىم، ھىندىستاندىن ئەمما ئۇنىڭدەك چولپاندىن يەنە بىرى چىقمىدى، يۈرەككە تەسىر قىلالمايدۇ ئۇلار. 20نەچچە يىلدىن كىيىنمۇ سۆيۈنۈش بىلەن ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمىز. مەڭگۈ قېرىمىسىكەن دەيتىم... 2003-2004-يىللىرى مەمەتئېلىنىڭ بۇ ناخشىسى بەك دەۋىر سۈرگەن، مۇھەببەتلىك چاغلارنى ئەسلەپ قالدىم
يەتتە يىگىت ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ يوللىغان بىلەن، كۆڭۈلنى بىر خىل قىلىدىكەن تازىمۇ بىر.
سىزنىڭ داۋاملىق كۆڭلىمىزدىكى ناخشىلارنى يوللاپ، بىزنى ئېسىل ناخشىلىرىڭىز بىلەن ھوزۇرلاندۇرىشڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز!