يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 499|ئىنكاس: 12

باشقىلارغا تەسەللىي بېرىشمۇ گۈزەل ئەخلاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
10
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


يېقىندا كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا باردىم، لېفىتتا ئادەم كۆپ ئىدى. شۇ ئەسنادا ئىككى ئايالنىڭ سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:
- سىلى قەيەردىن؟
- پوسكامدىن.
- ئەرلىرىنى نىمىشقا كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا دوختۇرخانىغا ئەكەلدىلە؟
- ئۇنىڭغا ئىلگىرىلا ئېيتقان، بىراق ساقىيىپ قالىمەن، دەپ ئۇنىمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىمىز قىسقا كېلىپ قالدى...
- چۈشەندىم، دوختۇرخانىدا داۋالانماي، ئۈجمە سايىسىدە چىۋىن قورۇپ، ئەزرائىلنى كۈتۈپ ياتقۇسى بار ئىكەندە -دە، ئەرلىرىنىڭ! - دېدى ئەھۋال سورىغان ئايال قاقاقلاپ كۈلۈپ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ لىفىتتىكىلەر ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ قاراشتى. ئېرىنى داۋالاتقىلى كەلگەن ئايالنىڭ چىرايى ئۆڭدى، بىراق لام-جىم دېمىدى، كۆڭلۈم غەشلىككە تولدى.
ئەسلىدە ھەر ئىككى ئايال كېسەلگە قارىغۇچى بولۇپ، ئوخشاشلا تەسەللىي ۋە ياردەمگە مۇھتاج ئىدى. ھېلىقى ئايال: «كۆڭۈللىرىنى توق تۇتسىلا، ئەرلىرىنىڭ كېسىلى شىپا تېپىپ قالار» دېيىشنىڭ ئورنىغا كۈلگىنى نېمىسى؟ شۇنداق دەپ قويسا، كۆڭلى پەرىشان ئايال تەسەللى تاپماسمىدى؟ بەلكىم ئۇ ئايالنىڭ راستىنلا ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچاردۇ ياكى باشقا سەۋەبى باردۇ، بىزدە: «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى» دېگەن ماقال بار، شۇڭا ئېسىل ئەخلاقىمىزنى نۇرلاندۇرايلى، باشقىلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە قۇلىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى، ياردەم قىلالمىساقمۇ، كۆپرەك تەسەللى بېرەيلى، ئۇلارنىڭ زىدە كۆڭلىگە ئازار بەرمەيلى!



Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا....تازىمۇ بىر تەربىيە كۆرمىگەن خوتۇنكىنا، مەن بولسام:
سىلىنىڭ ئەرلىرى قىلىدىغانغا ئىش يوق دوختۇرخانىغا كىرىپ قالمىغان بولغۇيتتى دەيتتىم تازا

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
102
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 19:25:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق زۇۋانى سۇغۇق ئادەملەر ئەتراپىمدا بەك جىق جۇمۇ...بىر تۇغقىنىمىز ئاشقازان راكى بولۇپ ئاشقازىنىنى كېسىۋىتىپ، ئۈچەي بىلەن قىزىلئۆڭگەچنى ئۇلاپلا قويۇپتۇ، لېكىن بۇۋايغا ئۇختۇرماپتۇ. بىرسى كىرىپ ‹‹ سېنىڭ ئاشقازىنىڭنى كىسىپ ئېلىۋىتىپتۇ دەيدۇغۇ›› دەپتىكەن. شۇنداق ياخشى بوپ قالغان ئادەم ئىككى ھەپتىگە قالماي تۈگەپ كەتتى. بۇمۇ ساپا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ئوخشايدۇ.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاش قازنى  بولمىسا   قانداق  ياشايدۇ  ئادەم   

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:23:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:11
ئاش قازنى  بولمىسا   قانداق  ياشايدۇ  ئادەم

قانداق ياشايتتى، تاماقنى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم يەيدۇ، بەدەندە ساقلىنىش ۋاقىتى ناھايتى قىسقا بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئادەملەر بەك ئورۇق بولىدۇ.

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:33:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماق  قانداق   ھەزىم  بۇلىدۇ   

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:53:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:33
تاماق  قانداق   ھەزىم  بۇلىدۇ

ھەزىم بولمىايلا بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ قورسىقى توختىماي ئېچىپ تۇرىدۇ، توختىماي يەپ تۇرىدۇ...ھەم شۇ سەۋەپلىك بۇنداق كىشىلەر يىرىك تاماق يىيەلمەيدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەر بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

باھا سۆز

sarsan@axik  ئۇقتۇم  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 00:36:17

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:37:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- چۈشەندىم، دوختۇرخانىدا داۋالانماي، ئۈجمە سايىسىدە چىۋىن قورۇپ، ئەزرائىلنى كۈتۈپ ياتقۇسى بار ئىكەندە -دە، ئەرلىرىنىڭ! - دېدى ئەھۋال سورىغان ئايال قاقاقلاپ كۈلۈپ.
كۆرۈشۈپ قويىدىغان ئايالكەن ماۋۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى 04:41:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇم ئىغىز خوتون  ئاغزىغا تەتۈر شاپلاق بىلەن بىرنى  قويماي

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 06:59 , Processed in 0.048267 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش