يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1292|ئىنكاس: 15

چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
723 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 21:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى


    تۈنۈگۈن بىر دەم خەۋەر كۆرەي دەپ تور ئارىلاپ، جۇڭگو ئاخبارات تورىدىن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم:

    http://www.chinanews.com/gj/2011/06-02/3086913.shtml

    خەۋەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-ئىيۇن تېلېگراممىسى: فرانسىيە «پارىژلىقلار گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لورا بىلەن مايا ئەمدىلا 6-يىللىققا چىققان قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار بولۇپ، ئۇلار ھەددىدىن زىيادە قىسقا پادىچىلار يوپكىسى ۋە بەدەن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تار ئىشتان كىيگەنلىكى ئۈچۈن، مەكتەپ ئۇلارنى ئاممىۋىي سورۇن-مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ جازالىغان.
    مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسىدە، ئوقۇغۇچىلار ئۆز لايىقىدا كىيىنىشى، جۈملىدىن ئەۋرەت (隐私部位 ئەۋرەت دەپ ئېلىندى) ئورۇنلارنى يېپىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق، قوشكېزەكلەرنىڭ ئانىسى بۇ ئىشقا «ئەپسۇسلاندى»، ئۇ «بالىلارنىڭ كىيىمىدە چاتاق يوق، كۆينەكنى باشقا نەرسىلەر بىلەن باغلاپ چۈشىنىشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ قاراپ، مەكتەپ مۇدىرى ۋە نازارەت تارماقلىرىغا خەت يازدى.
    ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ ئىشنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەيلىكا ئىسىملىك قىز ئوقۇغۇچى «ئوقۇغۇچىلار مانداقراق كۆينەك كىيسە ئايال نازارەتچىلەر ئۇلارنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ، ئەمما نازارەتچىلەر ئۆزى ھەررەڭ-سەررەڭ كىيىملەرنى كىيىدۇ» دېدى. يەنە بىر قىز «مەكتەپ ھەممە ئىشقا چات كېرىدۇ، قىزلارنىڭ قېنىق گىرىم قىلىشىغا، كۆتبەل ئىشتان (低腰裤) كىيىشىگە، ھەتتا ئوغۇللارنىڭ كالتە ئىشتىنىنىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشىغىمۇ ئارىلىشىدۇ» دەپ ئاغرىندى.
    مەكتەپ بۇنى ئۆسمۈرلەرنىڭ بالدۇر يېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نارەسىدە قىزلارنى قوغداش ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئائىلە باشلىقلىرى «مەكتەپ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتتى» دەپ ئېتىراز بىلدۈردى.
    ئالدىنقى مەزگىللەردىكى خەۋەرلەردە بەزى ئىپلاسلارنىڭ قىزلىرىنى ساتقانلىقى، شۇ ئارقىلىق سەبىيلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خورلىنىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. ئەمدى بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، ئىچىمنى تىڭشاپ تۇرۇپ كەتتىم…
    شۇنداق، خەۋەر مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. لېكىن، كاللامغا كىرىۋالغان ئىزتىراپلىق سوئاللار مېنى ھازىرغىچە قىيناپ كەلدى:
    نېمىشقا بەزى ئانىلار بۇ سالاھىيەتتە خاراكتېرلىنىپ قالىدۇ؟ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئەدەپ-ئەخلاق بابىدىن دەرس بېرىش ۋەزىپىسى بار ئىدىغۇ؟
    ئانا دېگەن ئۇلۇغ نام نېمىشقا دەپسەندە قىلىنىدۇ؟
    كەلگۈسىدىكى ئانىلار بولمىش قىزلار نېمىدەپ ئانا بولۇش سالاھىيىتى يوقلاردىن تۆرىلىپ قالىدۇ ؟
    كەلگۈسىدىكى ئانا-ئايال تاللاشتا ئەرلەر كۆزىنى تېخىمۇ يوغان ئېچىپ تاللاش كېرەكمۇ قانداق؟
    قارىغاندا «چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى» دېگەن گەپ راست ئوخشىمامدۇ؟
    ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى خالمۇرات ماناپنىڭ مۇنداق بىر ئېغىز گېپى بار:
    «كىندىكى ئوچۇق قىزنىڭ چوقۇم مەيدىسى ئوچۇق ئانىسى بار»، گەرچە بۇ سۆزنى سەل قوپال ئېيتىلدى دېگەندىمۇ، قېنى قايسى كىشى خاتا دېيەلەيدۇ؟
    دۇنيا ئىپپەت دەپ يىغلاۋاتىدۇ، دۇنيا ئەدەپ، ئەخلاق نەگە كەتتى دەپ ئازابلىق چۇقان سېلىۋاتىدۇ…
    جاھان سورىغان ئەزىمەتلەرنى، ياۋ يۈرىكىگە ئىپپەت خەنجىرىنى سانجىغان پەرىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟
    ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟ كەمىنە قىسمەت سىلەرنى ئەخلاق دوقمۇشىدا ساقلاۋاتىدۇ…
    ھېچكىم مەن بار دېمەيدىغۇ؟ ئەجەبا جاھاندا ئۇلۇغ ئانىلار قالمىغان بولسا-ھە؟!

    مەنبە: قىسمەت بلوگى
    يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/qizni_buzgahn_anisi.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 07:59:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىسى بەك ياقشىكەن     مەزمۇنى  ئادەمنى  ئويغا   سالدكەن  

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 1

توردا
4 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 12:00:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئودېگەن  ئەر كېن   دۆلەت   دوستۇم؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىرانسىيەنىڭ  خرستيان دۇنياسىدا ئامېرىكىدىنمۇ ئەركىن ئىكەنلىكىنى ھىجران فىرانسوۋا ئېيتقان ئىدى!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:27:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىز بار قىسمەت ئەپەندىم.
روزىبەك نىڭ دىگىنىدەك ئۇ دىگەن ئەركىن دۆلەت، ئەمما بىز كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىزنى ئۇنداق ئەركىن قويىۋەتمەيمىز. ئەلۋەتتە كالتەك تەربىيىس ئارقىلىق ئەمەس! ئەدەب-ئەخلاق شىرنىسى بىلەن يۇمران كۆچەتلەرنى سۇغۇرۇپ، ئەدەب-ئەخلاقلىق، شەرمىي-ھايالىق، ھەرقانداق ئىش يۇز بەرگەندىمۇ تىك دەسسەپ تۇرالىغۇدەك جەڭگىۋار قىلىپ تەيبىيەلەيمىز، ئەلۋەتتە ئاللا نىسىپ قىلسا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:28  


Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
223
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:40:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجىتىمائى ئەخلاق بۇزۇلسا ،تەبىيلا كىيىم -كېچەك مەدىنيىتىمۇ خاراپلىشدۇ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى 09:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى  ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن بۇ ئىش يادىمغا كەچتى .
قوشماقلارنىڭ خەتنە توي كۈنى نەچچە سائەت گىرىم قىلغۇزۇپ ئاران دىگەندە رىستۇراننىڭ ئالدىغا كېلىشىم بىلەن بالىلار بىلەن ئويناپ يۇرگەن قوشماقنىڭ كىچىگى يىغلىغان پېتى  ئويناپ يۇرگەن كىچىك يەل توپنى يۈزۈمگىلا قارىتىپ ئاتماسمۇ تاس قالغان ئىدىم قاپاقتىن ئايرىلىپ قالغىلى ، سىزنى ئاپا دىمەيمەن جىنلار كېيىدىغان كىيىملەرنى كېيىۋاپسىز جىنلاردەك بولۇپ قاپسىز دەپ يىغلاپ ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى .......

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كېچىكىپ كۆرۈدۈم دىگەندىن كۆرە، نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم دىسەم بولىدۇ، چۈنكى مۇشۇ بالىلار بايرىمىدىلا كىچىك قىزىمغا يېڭى قىسقا كۆينەكتىن بىرنى ئېلىپ كىيگۈزۈپ ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتكەن تۇرسام، گەرچە ئۆزۈم ھەدىدىن ئارتۇق قىسقا كىيىم ۋە ئوچۇق كىيىم كىيمىگەن بىلەن قىزلىرىمغا كەلگەندە تازا ئىتىبار قىلماپتىمەن، مۇشۇ تاپتا يۈزلىرىم قىزاردى، خۇددى تېمىدىكى نازارەتكە خەت يازغان ئانىلارنىڭ قاتارىدا ئۆزۈمنى باردەك ھېس قىلىپ كەتتىم.
قىسمەت، دەل شۇ ئەخلاق دوقمۇشىدا بىزنى يەنى مېنى، قىزلىرىڭىزنى ساقلاڭ، بىز مەڭگۈ سىز بىلەن بىرگە!


Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىسە ھېلىقى كىچىك 2-3 ياشلىق قىزلارغا ئوماق ئابايى كىيگۈزۈش توغرىمۇ ؟

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:41:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش leyli نىڭ يازمىسى

ئەرەپلەردە  شۇنداقكەنغۇ    سىزمۇ  كەيسىڭىز  بۇلىدۇ   

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 06:37 , Processed in 0.058436 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش