يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1735|ئىنكاس: 30

بىلدۈرگۈ: رۇفىنەگە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:05:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېكىتىمىزگە يوللانغان « رۇفىنەگە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى » تېمىسىنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەر تاپتىم. تەپسىلىي ئەھۋال ئەسلى تېمىدا دېيىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئارتۇق گەپ قىلماي نەق گەپنىلا قىلاي.
مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوماق قىزىمىز رۇفىنەنى يەتتە قىزلىرىم نامىدىن يوقلاپ كېلەيلى دېيىشتۇق. ئۈرۈمچى سىرتىدىكى تورداشلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى خالىسا تۆۋەندىكى كارتىغا ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ، 13999947029 تېلېفونىغا پالانى بانكا كارتسىىغا مۇنچە ئۇرۇۋەتتىم دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويساڭلار. بىز پۇل سالغانلارنىڭ نامىنى ئاشكارىلىماي، جەمئىي مۇنچە يۈەن يىغىلدى دەپ ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق. شۇڭا 1 يۈەن سالامسىز، 10 يۈەن سالامسىز، 100 يۈەن سالامسىز، كۆڭۈلنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق. ئۆز نامىمدىن 100 يۈەن ئاتىدىم.

يېزا ئىگىلىك بانكىسى
كارتا نومۇرى: 6228480890381926215
كارتا ئىگىسى:  پەرىدە يولۋاس   帕力旦.玉路瓦斯

سودا-سانائەت بانكىسى
كارتا نومۇرى: 6222023002003946780
كارتا ئىگىسى:  پەرىدە يولۋاس  帕热坦.跃力瓦斯

ئەسكەرتىش: مەن نەچچە كۈندىن بېرى ئارام ئالماي دېگۈدەك ئىشلەۋاتقانلىقىم سەۋەبىدىن، بۇ تېمىنى ناھايىتى جىددىيلىك ئىچىدە يوللىدىم، قالدى مەسىلىلەر ئىنكاس ۋە تېلېفون ئارقىلىق تولۇقلىنىپ ماڭغۇسى.





Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
143

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:58:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىكى » دوستلارنىڭ ئەتە شەنبە كۈندىكى ئەتتىگەنلىك بانكا ئېچىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،ئۆزىنىڭ خالىس ياردىمىنى سۇنسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.ئەتراپتىكى ساخاۋەتچى دوستلارنىڭمۇ خەۋەردار بولىشىنى سورايمەن.

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:07:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئەتە  ئاز بولسىمۇ50  يۇئەن  ياردەم  قىلاي  بەك  ئۇماق  قىزكەنتۇق  ئەمەسمۇ

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:00:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكشەنبە كۈنى ئىشلەيدىغان بولغاچقا، سىلەر بىلەن بىرگە يوقلاپ كىلەلمەيدىغان بولدۇم. ئەپۇ قىلغايسىزلەر .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
peacelife212 يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:00
يەكشەنبە كۈنى ئىشلەيدىغان بولغاچقا، سىلەر بىلەن بىرگە ...

ھېچقىسى يوق،كۆڭلىڭىز  تېگىل بولدى!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:13:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ تاپتا ئىشتىن چۈشۈپ ، باشقا مۇنبەرلەرگە يوللانغان، بۇ قىزچاققا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى يەنە بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم، قارىغاندا قىزچاقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا يەنىلا نۇرغۇن ئىقتىساد كېرەك بولىغۇدەك، شۇڭا دوستلار ھەر قايسىڭلارنىڭ ياردەم قولۇڭلارنى سۇنىشىڭلارنى، بۇ ئوماق قىزچاقنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشگە ئاز بولسىمۇ ياردەم بېرىىڭلارنى سورايمەن.
يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك ئاز بولسىمۇ، كۆپ بولسىمۇ بۇ قىزچاققا قىلغان ئازغىنە كۆڭلىمىز، تاما- تاما كۆ بولۇر!
بولسا سەرسان ئاشىق دوستمىزدەك ئىئانە سوممىسىنى ئۆزىڭىز يېزىپ ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ، مۇنبىرىمىزگە يېڭى ئەزا بولغان <بۇلۇت> دىگەن توردىشىمىز بۇ تېمىنى باشقا بىر مۇنبەردىن كۆرۈپ 2000 يۇەن ياردەم قىلغان، دىمەك ياخشى كىشىلەر ئەتتىراپىمزدا يەنىلا جىق!


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:17:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:07
مەن  ئەتە  ئاز بولسىمۇ50  يۇئەن  ياردەم  قىلاي  بەك  ئۇماق  ...

رەھمەت سىزگە ، بولسا پۇلنى سېلۋېتىپ ئۇچۇرقىلۋەتكەن بولسىڭىز، بۇنداق ئىشنىڭ ئوچۇق ئاشكارە بولغىنى ئەڭ ياخشى،دوستلار ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزغىلى بولىدۇ!

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:12:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بۇ تېمىنى ھەپتىلىك ئەڭ سوغاق تېما دەپ باھالاپ بۇ رەھىمسىز ئادەملەر ئارىسىدىن چىقىرىۋەتسەڭلار بولمامدۇ ؟ قاراپ باقسام بۇ تېما يوللانغاندىن بېرى نۇرغۇن تورداشلار كىرىپ -چىقىپ يۈرۈپتۇ بولمىسا ،يەنە بىر مۇمكىن بولمىغان داڭقان پۇتى پاراڭلارمۇ بوپتۇيۇ بىرەرسىمۇ مەن بۇ قىزغا بىرەرموچەن سېلىپ بېرەي دىمەپتۇ . تەييار ئالدىغا كەلگەن ساۋابنىمۇ ئوڭلاپ قىلالمايدىغان تاش يۈرەكلەرگە نىمە قىلىسلەر مۇراجەت قىلىپ ؟؟؟؟ ساۋاب ئىشنى ھىچكىمگە بىلدۈرمەي نامسىز ئىئانىلەر بارمىكىن دىسەم مۇنبەر مەسئۇلىمۇ كارتىغا پۇل كىرگەنلىك  خەۋىرىنى بەرمەپتۇ
مۇنبەردە 700دىن ئارتۇق ئەزا باركەن ، ھەممىسى بىر يۇەن بەرسىمۇ ئاز-تولا داۋالاش ھەققى چىقىپ قالار بولغۇيتتى ،كۈندە ئىچملىك ئىچىپ تورخانىغا كىرىپ خەجلىگەن 10سوم پۇلنى بۇ قىزغا ياردەم قىلغانغا ئاش -تاماقسىز قالماستى  ، شۇ كىچىككىنە ياردەم بىلەن شۇ كېسەل كارۋىتىدا نىمجان ھالدا  ئەجەل بىلەن تىركىشىۋاتقان ئاجىزەنىڭ ، بەش ئايلىق ۋاقتىدىن باشلاپ ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ قاتارغا قوشقان ئاتىنىڭ ئالەمچە ھاجىتىدىن چىققان بولاتتى ، سۈكۈت ئىچىدە بۇ تېمىنى كۆرۈپ كۆرمەسكە سالغان ،ئاغزىدا ئولۇغ سۆزلەپ ئەمەلىيىتىدە ھىچنىمە يوق شۇ قۇرۇق سۆلەتلىك تورداشلىرىمغا ئىچىمدە مىڭلارچە توۋا ئوقۇدۇم . مۇنبەر مەسئۇلىدىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى :بۇ رەھىمسىز مۇنبەردىن  مېھىر-شەپقەتلىك مۇراجىئەتنامىنى ئۆچۈرىۋېتىڭلار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
143

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:58:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدىنلا  ئاچچىقىم كېلىپ تۇرغىنى بىلەن ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ تۇرغان.يۇقارقى لەيلىنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ سۆزلىۋالغۇم كەلدى.
مۇشۇ رۇفىنا توغۇرلۇق تېمىنى مۇنبەرگە چاپلىغان ( گۈلدانە ) دىگەن تورداشقا كۆپ رەھمەت ئېيتىىمەن.ئەگەر چاپلىمىغان بولسا مەن باشقا مۇنبەرلەرگە كىرمەيۋاتقان بولغاچقا،پەقەتلا بىلمەي يۈرەتتىمكەن.
گۈلدانە مۇنبەرگە بۇ تېمىنى ( نىمە ئۈچۈن چاپلىدى ) ..
-- شۇ كېسەل كارۋىتىدا ئېڭراپ ياتقان باشقا ئادەم ئەمەس،بىزنىڭ قىزىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن چاپلىدى.
رەھىمسىز كېسەل رۇفىنا بىلەنلا ئەمەس،بىزنىڭ باللىرىمىزنىڭمۇ بېشىغا كېلىپ قېلىشىنى ئويلاپ قويىشىمىز ئۈچۈن چاپلىدى.
قېرىنداش،ئەلھەمدۇلىللە مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن چاپلىدى.
              ............                             ..................................                                .............................  جىق .............
تېمىنى مۇنبەردە كۆرۈپ مۇنبەر مەسۇلىغا ئۈشبۇ يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىمۇ ، نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتچى دوستلارنىڭ بارلىقىنى،يىراق-يېقىندىن مۇنبەرگە كىرىدىغان دوستلارنىڭ دەرھال يوقلاپ بېرىشقا ئەپسىز كېلىپ،شۇ قىزنى يوقلىيالمىغانلىق سەۋەپتىن خىجىل بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە.مەيلى ئاز ياكى كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مۇشۇنداق بىر مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ كۆڭلىنى يەتكۈزۈپ قويساڭلار دىگەن ئاساستا پىكىر بېرىش بىلەن...
مەرۋەرى باشچىىلىقىدىكى  ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش ئاساسىدا سۆزلىنىپ بۇ تېما ئايرىم يوللانغان ئىدى.
ئۆزۈم گەرچە پەرزەنتلىك بولمىغان بولساممۇ،كىچىك بالىغا شۇنچىلىك ئامراقلىقىمدىن بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ،كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغان ئىدى.
ئاڭلىسام باشقا مۇنبەردىكى تورداشلارمۇ مۇشۇنداق تېما يوللاش ئارقىلىق،شۇ مۇنبەردىكى بالىلارنى سەپەرۋەر قىلىش بىلەن بىرگە نەچچە كۈندە بالىلارنىڭ كارتىغا ئۇرغان نەچچە مىڭ كوي پۇلىنى بانكىدىن ئاجرىتىپ چىقىپ.شۇ قىزنىڭ دادىسىغا شۇ مۇنبەردىكى مېھرىبان تورداشلارنىڭ ئازغىنە بولسىمۇ كۆڭلى دەپ،مۇنبەرگە ۋاكالىتەن ياردەم قىپتۇ..
مەنمۇ تېخى بىزنىڭ مۇنبەردىكى توختىماي ئاچام ئورۇستى ، پۇتام تورۇستى دەپ شالۋاقلىرىنى چاچرىتىپ.ھە دىسە ھايت دەپ،ھەي دىسە ھۇيت دەپ يۈرگەن كاتتىۋاشلار كۆپ.چوقۇم بۇ قىزغا ياردەم دىگەننى ئايىماي قىلىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.كىم بىلسۇن بۇنداق بولىشىنى...
بۇ تېما جۈمە كەچتە يوللانغان بۈگۈن ( يەكشەنبە ) چۈشتىن كىيىنگىچە توردا ئاساسى جەھەتتىن ئادەم ئۈزۈلمىدى.نۇرغۇن تېمىلار ئىنكاسلارغا تولدى.ھەتتا غۇلجا چاقچاقچىسى بولۇس قىسقانىڭ تۇققانلىرى كىرىپ قالدىمۇ،نەچچە ئېغىز گەپ بىلەن بىر تېما ھاسىل قىلىۋەتكەن شۇ تۈكى يوق تېمىلىرىمۇ تورداشلارنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغاپ ئىنكاسلارغا توشۇپتۇ-يۇ.مۇشۇ تېما تورداشلارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قاپتۇ.( ھېلىمۇ قىزىل رەڭدە بوياپ قويغىنى )

بۈگۈن چۈشتىن كىيىن قىزچاقنى بىرنەچچەيلەن يوقلىدۇق.قىزچاق ياتقان كارۋاتنىڭ قېشىغا كېلىپ كۆزلىرىم قىزىرىپ كەتتى..
نىمە دىگەن جىق نەيچىلەر ئۇ.ھەممىلا يېرىدە شۇ نەيچىلەر ئۇلانغاندەكلا كۆردۈم.بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىغان ئوماق قىز يىغلىغان ۋاقتىدا يۈرۈكۈم ئېچىشتى.شۇنچە قىلىپمۇ تېلفۇنۇمغا سۈرەت ياكى سىن قالدۇرۇشقا پېتىنالمىدىم..قولۇم بارمىدى ...

تورداش ، دوستلار :
بىىزنىڭ ياردەم قىلغان شۇ پۇللىرىمىزغا ئۇ قىز يەپ-ئىچىپ قىلىدىغان ئىش يوقكەن.تاماقتىن قاپتۇ شۇ قىزىمىز.تاماق يىمىگىلى نەچچە كۈن بوپتۇ.ئېغىزدىن گەپمۇ قاپتۇ،گەپ قىلالماي بىز بىلەن سىرتقا ماڭغان دادىسىغا تارتىشىپ قىينالغان قىز يىغلىدى...
ئۇ قىزنىڭ كېسىلى ئۈچۈن يەنە پۇل لازىم تورداشلار.بىركۈنلۈك دوختۇرخانىدىكى راسخوتى 3000 يۈەئەن ئەتراپىدا ئىكەن.
يەنە كۆپ پۇل لازىم بولغۇدەك.2-3 كۈن گۆش يىمىسەك.تاكسىدا بارىدىغان يەرگە 3-4 كۈن پىيادە ياكى ئاپتوۋۇزدا بارساق.شۇ چېكىۋاتقان 10 يۈەئەنلىك تاماكىمىزنىڭ ئورنىغا بىر ھەپتە 5 يۈەئەنلىكىنى چېكىپ تۇرساق.بىرە قېتىملىق چاي-توي دىگەنلەردىن قالساق...
مانا مۇشۇنچىلىك ئىشلاردىن ۋاقتىنچە ساقلىنىپ ئۇ قىزغا ياردەم بەرسەك..بەلكىم ئوماق قىزىمىز مەڭگۈلۈك ساغلام ھاياتلىققا قايتا ئېرىشىدۇ...





Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 07:39:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش 7YIGIT نىڭ يازمىسى

ئوغۇلبالدەكلا  سۆزلەپسىلا    ئاداش    ھازىر   ۋاڭبانىڭمۇ   باھاسى  3 يۇئەنكەن    تاماكا    30   40 كۆي   ۋاڭباغىلا   كىتىدىكەن     ھەممىبىز  40   50  يۇئەندىن   ئىئانە   قىلساك   ئاشۇ   سەبى  قىزنىڭ    ھاياتى   ساقلىنىپ   قالسا  ئەزەپ ئەمەس   ،    كۇچىلاردىكى   5 ئەزەيى  ساق  تىلامچىگىمۇ   بىربىزغۇ    سەدىقە  دىگەننى      سىلەرمۇ   ئۇزەڭلارنى  ئاشۇ  سەبى   قىزنىڭ   ئاتا   ئانىسقا    سىلىشتۇرۇپ   بىقىڭلا      ئۇنداق   ئاسان   ئەمەس   بىر   ئادەمدىن   ياردەم  سۆرىماق  پەقەت   شۇ    بالام   دەپلا   مۇراجەت   قىلىدۇ   ئاتا  ئانا   

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 04:02 , Processed in 0.058658 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش